ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
جۇڭيى دورىلىرىنى توڭلاتقۇدا ساقلىمىغان تۈزۈك-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

جۇڭيى دورىلىرىنى توڭلاتقۇدا ساقلىمىغان تۈزۈك

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 822   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 27-02-2016
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

 جۇڭيى دورىلىرىنى توڭلاتقۇدا ساقلىمىغان تۈزۈك

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى
يېقىندا تېۋىپلار مۇنداق دېيىشتى: جۇڭيى دورىلىرىنى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى جۇڭيى دورىلىرى توڭلاتقۇدا ئۇزاق ساقلانسا دورىغا ھەرخىل مىكروبلار قوشۇلىدۇ، يەنە نەم تارتىپ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دورىنىڭ ئۈنۈمى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا بەدەنگە ئەكىس تەسىر بېرىپ بەدەننىڭ زەھەرلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ.
تىۋىپلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: نومى گۈرۈچنى سۇس ئوتتا سارغايغىچە قورۇپ سوۋۇغاندىن كېيىن جۇڭيى دورىسى بىلەن بىللە ئەينەك بوتۇلكا ياكى ئاغزى كىچىك ساپال كومزەككە سېلىپ ئاغزىنى ھىم ئېتىپ، سالقىن ھەم ھاۋا ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇپ ساقلاش جۇڭيى دورىلىرىنى ساقلاشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇل بىلەن جۇڭيى دورىلىرىنى ئۇزاق ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ.
تېۋىپلار ئەسكەرتىپ مۇنداق دېيىشتى: گەرچە قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرمۇ جۇڭيى دورىلىرى قامۇسىدا بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى توڭلاتقۇدا ساقلاشقا بولىدۇ؛ قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەردە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار، بۇ ئاسانلا ئوكسىدلىنىپ ئېچىپ قالىدۇ، شۇڭا ئېغىزى ئېچىلغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ئورنغا سېلىپ ساقلىغان ياخشى.
 

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم