چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 2159|ئىنكاس: 1

غازى: بىر شېئىر ۋە باھا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، گۇما دىيارى مۇنبىرىدىكى دوستلار. 2013-يىلى مۇھەممەد كامال خۇشخۇي ئاكام بىلەن جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدا "تارىم سەپىرى"دە بىللە يۈرگەندە بۇ مۇنبەرنىڭ نامىنى ئاڭلىغان . بىراق، ئۇستاز شائىرنىڭ بۇ يەرگە كىرىشىمگە بولغان تەۋسىيەسىگە ئاۋاز قوشۇش ئىمكانىم بولماي كەلدى. بۇ قېتىم بۇ مۇنبەردە "ئۆگەنچىلەرگە يېزىقچىلىقتىن دەرىس" دېگەن تېمىنى كۆرۈپ، ھەر قايسىڭلارغا بۇلتۇر يەنى 2014-يىلى ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىجاد قىلغان شېئىرىم ۋە ئۇنىڭغا يېزىلغان ماقالىنى بۇ يەرگە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
-كامالىي ئىھتىرام بىلەن: قاسىمجان ئوسمان غازى.


كۆزىتىلىۋاتقان سېرىق قۇشقاچ

قاسىمجان ئوسمان غازى
1

تۆت تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كۆيۈك تاغدا
سۈزۈك مىس رەڭگىدە ئېچىلغان بىر چۈش
مېڭىشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن بۆدۈنىنىڭ ھېكايىسدە
پىلدىرلاپ تۇرغىنى سۇ تۆگمىنىنىڭ ئاۋازى ئەمەس
سېرىق قۇشقاچنىڭ  يۇمران پەيلىرى تاش ئۈستىدە
2
ئۇنىڭ ۋىچىرلاشلىرى مېنى ئويغا سالغاندا
مەن سەھەر ئاۋازىنى كۆككە ئاسقاندا
مەندە ئىككى ئوي بولغان
بىرى مېنى شۇ ئويغا مەپتۇن قىلغاندەك
3
لەپپىدە پەيدا بولغان ئىدى ئۇ
مېنى تونۇپ قالغاندا
قېچىپ، ئۇچۇپ كېتىشكە بۇيرۇلغاندەك
4
قار ياغدى، ئىزلىرى قالدى
باھار كەتسە ئۇمۇ كېتەتتى
قىش كەلسە ئۇ يەنە كېلەتتى
پەسىللەر ئالماشقاندەك
ئۇنىڭ كۆزلىرى ھامان ياناتتى

بەلكىم، ئۇمۇ مېنى كۈزىتىۋاتقان پەيتلەر ئۇ
كۆزلىرىمدە ئوينىسا ئۇسسۇل
غەپلەت يا ئۇيقۇ
5
قار، تاش ھەمدە قۇياشمۇ
شامال ياكى يامغۇرمۇ
تۆت تاغنىڭ تەسكەي تەرىپىدە
مۇجەسسەمدۇر بىرلا سايىگە
پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازى مەۋھۇم تېخىچە
6
بىلىشىم كېرەك ئىدى
بىر نۆۋەتلا زادى بىر نۆۋەت
بىلمىگۈچى ئىكەنلىكىمنىڭ جەندىسىنى
چۆرىۋېتىشنى بايقاشنىڭ پەنجىرىسىگە
يارەب، بىر قۇشقاچنىمۇ دەرت قىلىپ
سالىدىكەن بەندىسىگە
7
ئاۋۇ پەنجىرىدە ئېرىمەكتە قار
مەيىن باقار شۇ سېرىق قۇشقاچ
قارا قۇشقاچ، ئالا قۇشقاچ، بالا قۇشقاچ
ئۆتۈپ كەتتىم، تاغلار لېۋىدىن
كۆرۈنگىنى شۇ بىرلا بولغاچ
8
ئۇ ھېكايسىنى سۆزلىگەندە
تېخى جىمجىت بىر خىيال ئىكەنلىكىمنى
تېخىچە ئۆزىنى ئىزدەپ
مېنى ياكى بىراۋنى ئەسلىمىگەنلىكىنى
ئۆزىنىڭمۇ ئاپپاق قاردەك يۇمرانلىقىنى
تېخىچە ئۆزىنىڭ تولدۇرۇلمىغان كۆلدەك ئوچۇقلىقىنى
ئېيتىۋاتقىنىدا، بىلگەن ئىدى
مېنىڭ ئۇنى ئاستا- ئاستا كۆككە قويۇۋېتىپ
قەپىزىمدە يۇمشاق سىلاۋاتقانلىقىمنى
8
ئەينى جىملىق ھەمدە سۈكۈتزار
بۇزۇلدى ئۇنىڭ چۈشلىرى
كېچىنىڭ گۈزەل ئاھاڭى
باشلاندى شۇندىن
سېرىق قۇشقاچنىڭ چەكسىز ئازابىدا؛
قۇش يىغلىمايدۇ- دېيىشىدۇ
يىغلىسىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ – دېيىشىدۇ
بىلەمسەن؟
ئۆلۈم شۇ يەردىن ۋىسالىغا قاراپ سەپەر قىلىدۇ
10
ئۇچۇپ - ئۇچۇپ كەتمىگەن قۇشتۇر
نۇرغۇن ئاۋاز، كىشنىگەن ئاتلار
قۇرۇپ- قۇرۇپ كۆيگەن دېڭىزدۇر
ساھىلىدا قالغان ئارمانلار
11
سېرىق قۇشقاچ بولۇپ سايراپ، ۋاي
چىمەننىڭ يولىغا ئا يەنە مەن قاراپ،
قارا كۆزۈم بەسىر بولدى، دادەي
چىمەننىڭ يولىغا يەنە مەن قاراپ...
-خەلق ناخشىسى «مىراجىخان» دىن
بىر ئانا قۇشقاچنىڭ ئىزتىرابى ئۇ
بىر بالا قۇشقاچقا بولۇپ زار
قارا، قارا سېرىق قۇشقىچىم
ئەلمىساقتىن دۇنيا شۇنچە تار...
12
ئارمانلاردىن ئۆتۈۋاتقان پەرۋاز
قايرىغاندا قاناتلىرىنى
چۆچۈپ كېتەر قالغان تۇمانلار
كېلىۋاتقىنى قانداق قۇش ئۇ؟
دېگەن سۈكۈتتە
13
تارام – تارام كېچە چاچلىرى
گۇگۇمدىن ئۆتكەن چاغلىرى
14
بۇ ئۇچۇشلىرىڭ چۈش بولمىسا
مەن سېنى راستىنلا كۈتكەن بولسام
يۈرمەس ئىدىم سۆزلەپ ئۆزۈمگە
يۈرمەس ئىدىم جار سېلىپ يەنە
راستىنلا سېنى كۈرىۋاتقىنى مەن بولسام
15
راستىنلا مەستانە بولسام ئۇچۇشلىرىڭغا
يۈرمەس ئىدىم قەپەس ياساش ئىستەكلىرىدە
راستىنلا ...
16
ئېسىپ قويدۇم يۈرۈكۈمگە ئۇنى
سېنى كېلىپ كىرسۇن دەپ
ئېسىپ قويدۇم يۈرۈكۈمنى ھەم
سېنى كېلىپ چوقۇپ قويسۇن دەپ
بۇلۇتنى قۇچاقلاپ كەلگەن
قاناتلىرىڭ نەم.
17
دەرەخ، ئاسمان، يىلتىزسىز سايە
قاراڭغۇ تاغلاردا ئاچ قالغان ئۆڭكۈر
گۈرۈلدەۋاتقان ئاخىرقى دەريا
ئىڭرىغان ئاۋازلار، يېرىلغان لەۋلەر
قۇياش چىقىشنى كۈتىدۇ قايتا
بىراق، ئەي سېرىق قۇشقاچ،
پەقەت سەنلا كەلمەيسەن قايتا
كېلەر ھامان سېنىڭ سىياقىڭ
ئۇچۇپ – ئۇچۇپ ئۆرلەپ ئاسمانغا
18
ياندىن قاراپ تۇرغۇچى ئازراق قىيسايغان
كۆزلىرىدە نۇرغۇن يۇلتۇزلار
نۇرغۇن يەنە نۇرغۇن چېكىتلەر
ئارىسىدا پەقەتلا سېنىڭ
ۋىچىرلىغان ئاۋازىڭ يۈرەر
19
سېنىڭ تەنھا يولۇچىلىقىڭ
ئەسلىتىدۇ سەن تەۋە بولغان
قەدىمدىنمۇ قەدىم بىر توپنى
يا قۇرىماي ياكى يوقالماي
قايناپ تۇرغان يوچۇن بۇلاقنى
20
تاغدىن ھالقىپ كەلگىنىڭدە ئاھ
تۇرار سېنى كۈتۈپ باياۋان
ئوتتۇرىسىدا ياتار بىر سايە
كېسىك بوينىغا قەپەس ئېسىلغان
* *  *
بىر تامچىمۇ سۇ يوق ئىچكۈدەك
تاللىشىڭ بار پەقەت ئىككى ئوي:
باشتا بىرى ماڭا ئاتالغان
قالغان بىرى ساڭا سېتىلغان.
بىرىگە كىرىسەن
بىرىگە قونىسەن- دە
ئاھ، قەبرىسىز قالىسەن يەنە...
21
چۈشتىن كېيىن ھەممىسى تۇمان
ياغماقتا كۆز ياش
ياغىدۇ يەنە.
سۇنۇۋاتقان توغراق شېخىغا
قوندى ئاستا بىر سېرىق قۇشقاچ...
2014-7-15


سىمۋوللاشقان ئىماگ دۇنياسىغا سەپەر
(«كۆزىتىلىۋاتقان سېرىق قۇشقاچ» ناملىق شېئىرغا دەسلەپكى قەدەم)

سىدىقجان غۇپۇر

   شائىر بۇ شېئىرىدا رايونىمىزنىڭ يىراق جىگدىلىك يېزىلىرىدا، يېشىل يايلاق، تاغلىق ۋادىلىرىدا بىزگە گاھ توپى بىلەن گاھى يىگانىلىقى بىلەن ئۇچراپ تۇرىدىغان سېرىق قۇشقاچنى سىمۋول خارەكتىرلىك ئىماگ ئورنىدا ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى سىمۋول سەكرەتمىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئوخشىمىغان شېئىرىي مۇھىتتا، ئوخشىمىغان كۈزىتىش نىشانى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇ كەمگىچە باشقا ئۇيغۇر شائىرلىرى «قارا قۇشقاچ»، «قۇشقىچىم» دىگەندەك شېئىرلارنى تۈپتۈز يېزىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ شېئىردا «سېرىق قۇشقاچ» ئالاھىدە شارائىتتا ئالاھىدە دىتالغا ئايلىنىدۇ. «سېرىق»- ئوچۇق، ئوت رەڭ بولۇپ، بارلىق رەڭلەر ئىچىدە ئوخشىمىغان سوبېكىتتا ئوخشىمىغان مەنەلەرگە تەققاسلىنىدۇ. سۆيگۈگە نىسبەتەن سېرىق رەڭ – ھىجران (ئايرىلىش)قا، شەرىقچە مىستىك تەپەككۇردا ئۇ يەنە جەڭگاھتىكى غەلىبە قازانغۇچىلارنىڭ شەرەب قۇچقانلىقىنىڭ بەلگۈسى بولسا، رېئال كۈزىتىلگەندە ئادەمنى ئەڭ مەھلىيا قىلىدىغان گۈللەرنىڭ رەڭگى ياكى تەكلىماكاندىكى ئۇيغۇر روھىنىڭ سىمۋولى بولغان توغراقلارنىڭ ئالتۇن رەڭگىنى كۆز ئالدىمىزغا يايىدۇ. قىسقىسى، بىر خىل مەۋجۇتلۇق (شەيئى)نى  ھەرخىل نۇقتىدا تۇرۇپ كۈزەتسەك، ھەممىمىز ھەرخىل كۆرۈشىمىز مۈمكىنچىلىكى بۇ شېئىردىكى بايانچىنىڭ خاھىشىدا تاللىۋېلىنغان «سېرىق قۇشقاچ» ئۆزگىچە بەدىئىي تەسەۋۋۇر نۇقتىلىرىدا جانلاندۇرۇلغان. شۇ سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ شېئىرلىرىنى يېزىپ بولۇپلا يادقا ئالالمايدىغانلىقى ۋە چۈشەندۈرۈشنى ياقلاپ كەتمەيدىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ شېئىرىيەتكە تەنقىدى پوزىتسىيەسى بىلەن كەسكىن پەرقلىق كېلىۋاتقان شائىرىمىزنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنى بىزنىڭمۇ ئۆز خاھشىمىز بويىچە شېئىرنى تونۇش ۋە ئوقۇش تەجىربىمىز بويىچە قايتا ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنۇش جەريانىمىزدا، «سېرىق قۇشقاچ» ھەققىدە چوڭقۇر ئېستېتىك كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلغان بۇ شېئىر كۆپ قاتلاملىق چۈشەندۈرۈشلەرگە ئورۇن ھازىرلاش بىلەن بىرگە كەلگۈسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىدا ھاياتى كۈچى تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن.

1

تۆت تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كۆيۈك تاغدا
سۈزۈك مىس رەڭگىدە ئېچىلغان بىر چۈش
مېڭىشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن بۆدۈنىنىڭ ھېكايىسدە
پىلدىرلاپ تۇرغىنى سۇ تۆگمىنىنىڭ ئاۋازى ئەمەس
سېرىق قۇشقاچنىڭ  يۇمران پەيلىرى تاش ئۈستىدە
   شېئىرنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە، كۆزەتكۈچىنىڭ ئورنى ئېنىق بولمىغان مول تەسەۋۋۇر دۇنياسىدا يەتتە قات ئەمەس، بەلكى تۆت قات تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە ماكانلاشقان بەشىنچى تاغ - كۆيۈكتاغنىڭ چۈشىدە تۇغۇلغان خىلۋەت قۇشى بۆدۈنە ۋە زامانىۋى تەرەققىيات تەرىپىدىن ئىستىمال ئىھتىياجىدىن قالغان سۇ تۆگمىنىنىڭ يۈرىكى بولغان تاش ئۈستىدىكى بىر تال پەي ئارقىلىق تېخىچە ئاتالمايۋاتقان  سېرىق قۇشقاچنىڭ كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان ماكانىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىمىز. بۇ يەردىكى رېئال نامايەن بولغىنى كۆيۈكتاغ بىلەن شۇ سېرىق قۇشقاچلا بولۇپ، قالغىنى تەسەۋۋۇر (تىل) دا بار، ئەمەلىيەتتە يوق بولۇپ، سېرىق قۇشقاچنىڭ تاش ئۈستىدىكى بىر تال پېيىلا كىشىگە ھاياتلىق ئىزناسىدىن ئۈمىد ۋە ئۇنى ئىزدەش ئىستىكى ئاتا قىلغۇچى بەدىئىي ئىماگقا ئايلانغان. بۇ شائىرنىڭ بار دېسە يوق، يوق دېسە بار بولىدىغان ئوبېيىكتتىكى دۇنيانىڭ مەنىسىزلىكىگە بولغان سەنئەتلىك ئىزدىنىش روھىغا بىرلىشىپ كېتىش جەريانىدۇر.
2

ئۇنىڭ ۋىچىرلاشلىرى مېنى ئويغا سالغاندا
مەن سەھەر ئاۋازىنى كۆككە ئاسقاندا
مەندە ئىككى ئوي بولغان
بىرى مېنى شۇ ئويغا مەپتۇن قىلغاندەك
   شېئىرنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە، سېرىق قۇشقاچنىڭ ئىسمى يوشۇرۇن كەلگەن بولىشىغا قارىماي، ئۇنىڭ ۋىچىرلىشدىن تاڭغا ئويغانغان سەھەرلىك ئاۋازنى كۆككە ئاسالايدىغان بىر سېھرىگەر «مەن» (بەلكىم شائىر ياكى ئەمەس) مەيدانغا چىقىپ «ئىككى ئوي» غا تۇتقۇن بولىۋاتقانلىقىنى بېشارەتلەيدۇ.
   
3
لەپپىدە پەيدا بولغان ئىدى ئۇ
مېنى تونۇپ قالغاندا
قېچىپ، ئۇچۇپ كېتىشكە بۇيرۇلغاندەك
   ئۈچىنچى بۆلەكتە، بايانچىغا «لەپپىدە» كۆرۈنمەكچى بولۇپ قېچىۋاتقىنى «ئوي»مۇ ياكى «سېرىق قۇشقاچ»مۇ؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىككىسىلا قاچماقچى، قالماقچى بولغان سېرىق قۇشقاچنىڭ سېماسى تەسەۋۋۇرىمىزغا ئەڭ يېقىن تۇرىدۇ-دە، قوشۇلۇشتىن بۇرۇنقى تەلپۈنۈش ۋە بىرلىشىشكە بولغان قىزغىن تەشنالىق بېرىكىپ، سېرىق قۇشقاچ ئادەملەشتۈرىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. دەل مۇشۇ يېرىدە بىز ئوي ۋە كۆزەتكۈچىنىڭ ئارلىقىغا ئۇچۇپ كىرىۋاتقان سېرىق قۇشقاچ- ھەممىسى مەلۇم بەدىئىي كارتىنا ئىچىدە پەيدا بولۇپ، سەنئەتلىك ئوي بىلەن تەبىئەتنىڭ زىچ بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. بەدىئىي سەنئەت ئەلمىساق (تەبىئەت) ئالدىدا ھېچقانداق قىممەتكە ئىگە بولمىسىمۇ، ئېنىقكى ئۇ رېئال ئويچىغا بىغۇبار ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. ئوينىڭ قۇدرىتىمۇ دەل مۇشۇ بولسا كېرەك.
   
4
قار ياغدى، ئىزلىرى قالدى
باھار كەتسە ئۇمۇ كېتەتتى
قىش كەلسە ئۇ يەنە كېلەتتى
پەسىللەر ئالماشقاندەك
ئۇنىڭ كۆزلىرى ھامان ياناتتى

بەلكىم، ئۇمۇ مېنى كۈزىتىۋاتقان پەيتلەر ئۇ
كۆزلىرىمدە ئوينىسا ئۇسسۇل
غەپلەت يا ئۇيقۇ
   تۆتىنچى بۆلەكتە، سېرىق قۇشقاچ يەنىلا ناتىۋان قۇش سۈپىتىدە زاھىر بولۇپ، شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى تۇتقىلى بولمايدىغان پەسىللەردە گاھ بار، گاھ يوق ھالەتتە پەقەت ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئاداققى ئاتەش نۇرىلا ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ ۋە بىر – بىرىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغانلىقى سۆزلىنىش ئارقىلىق، ئۇيقۇ بىلەن بىھۇشلۇق ئارىسىدىكى «چۈش»كە ئشارەتلەيدۇ. چۈش دائىم رېئاللىقنىڭ ئۆتمۈشى ياكى كەلگۈسىنى ئاشكارىلىغۇچى بولۇپ، «ھازىر» نىڭ زامان تۈسىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشىغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك ئىزتىراپلىرىنى شەرمىسار قىلىدۇ ۋە ئەينى ئاڭنىڭ يوشۇرۇن قاتلىمىنى قېزىپ، چۈشكە بولغان سىرلىق چۈشەنچىلەرنىڭ تىرەنلىكىگە تارتىدۇ. بۇ يەردە بىز شائىر دائىم چۈش ئىچىدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭدىكى دۇنياسىنى قايتا قۇرۇشقا يۈرۈش قىلغۇچى سالاھىيەتكە ئەڭ مۇناسىپ ئادەم دېيىشكە مەجبۇرمىز.

5
قار، تاش ھەمدە قۇياشمۇ
شامال ياكى يامغۇرمۇ
تۆت تاغنىڭ تەسكەي تەرىپىدە
مۇجەسسەمدۇر بىرلا سايىگە
پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازى مەۋھۇم تېخىچە
   بەشىنچى بۆلەكتە، تەسەۋۋۇر شائىرنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قېچىپ چىقىپ قارنى قارغا، تاشنى تاشقا، شامالنى شامالغا، يامغۇرنىمۇ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بىزنى قايمۇقتۇرىدۇ. بىراق، ئۇلارنى غەيىب بىر سايە ئاستىغا جەملەپ، چەكسىز سۈكۈتتە تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ- دە، كۆزەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنغان ھالدا سېرىق قۇشقاچنىڭ مەۋھۇم ئاۋازىنى ئاڭلاشقا چاقىرىدۇ. بۇ يەردە ئاددى مەنزىرە مۇھىتىدىكى كۆرۈنۈش چەمبىرىكى بىرلەشمە ئىجتىمايلىقنى ھاسىل قىلىپ، شېئرىي مۇھىتتىكى يوشۇرۇن يۈكسەكلىككە سىمۋول قىلىنغان سېرىق قۇشقاچنىڭ ئاۋازىغا قۇشۇلۇش بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىنىۋاتقان ئىجتىمائىيلىقنىڭ مۇستەقىل بىر گەۋدىگە ئايلىنىش ئىھتىماللىقىنى بەرپا قىلىدۇ.

6
بىلىشىم كېرەك ئىدى
بىر نۆۋەتلا زادى بىر نۆۋەت
بىلمىگۈچى ئىكەنلىكىمنىڭ جەندىسىنى
چۆرىۋېتىشنى بايقاشنىڭ پەنجىرىسىگە
يارەب، بىر قۇشقاچنىمۇ دەرت قىلىپ
سالىدىكەن بەندىسىگە
   ئالتىنچى بۆلەك تېخىمۇ سىرلىق رەۋىشتە سۆزلىنىۋاتقاندا، كۆزەتكۈچى بىردىنلا ئۆزىنىڭ ھېچنېمىنى بىلمىگۈچى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا جاكارلايدۇ ۋە ئاسىيلىققا يۈرۈش قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى يوشۇرۇن ئىزھار قىلىش ئارقىلىق، ئادەم، تەبىئەت ۋە قۇشلارنىڭ ئىلاھى ئىشىق دۇنياسىدا ئۆزئارا بىر- بىرى بىلەن زەنجىرسىمان ھاياتلىق توپى ھاسىل قىلىپ ياشاشقا مەجبۇرلىنىشىنىڭ لەززىتىنى سەنئەتكارغا خاس تىل ۋە شەكىلگە قويۇپ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بەدىئىي ئويلىنىشنى روياپقا چىقارغان.

7
ئاۋۇ پەنجىرىدە ئېرىمەكتە قار
مەيىن باقار شۇ سېرىق قۇشقاچ
قارا قۇشقاچ، ئالا قۇشقاچ، بالا قۇشقاچ
ئۆتۈپ كەتتىم، تاغلار لېۋىدىن
كۆرۈنگىنى شۇ بىرلا بولغاچ
   يەتتىنچى بۆلەكتە، كۆزەتكۈچى بۇرۇن كۆرگەن بارلىق رەڭلەرنى ئىنكار قىلىپ، شۇ سېرىق قۇشقاچتىن باشقىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى دەھشەتلىك روھى سىلكىنىشنىڭ مەركىزىگە قويىدۇ ھەم «تاغنىڭ لىۋى»دىن ئىبارەت ئىماگ ئارقىلىق مۇدھىش رېئاللىق ۋە بوران-چاپقۇنلۇق مۇھىتتىن غۇۋا كۆرۈنىۋاتقان سېرىق قۇشقاچنىڭ ئوبرازى ئاجايىپ سېھىرى كۈچكە ئىگە قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ  قاراڭغۇلۇققا تولغان ئۆتمۈشىدىن قول ئۈزگەن ئاۋازى بىلەن پۈتكۈل تىڭشىغۇچىلارنى سەرسانلىققا تولغان روھىي چۆللۈكتىن بىللە چىقىپ كېتىشكە دەۋەت قىلغان.

8
ئۇ ھېكايسىنى سۆزلىگەندە
تېخى جىمجىت بىر خىيال ئىكەنلىكىمنى
تېخىچە ئۆزىنى ئىزدەپ
مېنى ياكى بىراۋنى ئەسلىمىگەنلىكىنى
ئۆزىنىڭمۇ ئاپپاق قاردەك يۇمرانلىقىنى
تېخىچە ئۆزىنىڭ تولدۇرۇلمىغان كۆلدەك ئوچۇقلىقىنى
ئېيتىۋاتقىنىدا، بىلگەن ئىدى
مېنىڭ ئۇنى ئاستا- ئاستا كۆككە قويۇۋېتىپ
قەپىزىمدە يۇمشاق سىلاۋاتقانلىقىمنى
   سەككىزىنچى بۆلەكتىكى قىزغىن كەيپىياتتىن تۇيغۇمىزنىڭ قانچىلىك زەرەتلەنگەنگەنلىكىنى دېمەيلا قويايلى. ئەمما، بىرى يەنە بىرىدىن ھەددىدىن ئاشقان پاكلىق تەلەپ قىلىۋاتقۇچىلارنىڭ قەلبىدە پەيدا بولىۋاتقان «قەپەس»دىن ئىبارەت ئىماگنىڭ ساداسىنى ئاڭلايمىز، يەنى: مەيلى بۇ يەردە شائىر نېمىنى ئويلاپ يازغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر سۆزلىنىۋاتقان سوبېيكىت «ئىشقىي مۇھەببەت» ئۈستىدە بولىۋاتقان، شېئىردىكى كۈزەتكۈچى ئەر، «سېرىق قۇشقاچ»نى ئاياللاشقان سىيما دەپ قارىساق ۋە ياكى ئىككسىنىڭ جىنىسي پەرقىنى ئورۇندا ئالماشتۇرۇپ قارىساقمۇ، بىرىنى بىرى ئىگەللىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى مۇھەببەتكە زوراۋانلىق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئىگەللىۋالماقچى بولغىنى مۇھەببەتنىڭ ئەركىگە تاجاۋۇز قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىگەللىۋالغۇچى داۋاملىق ئاچكۆزلىشىپ، بىرنى ئىگەللەپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىرنىمۇ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپنى مۇھاسىرىگە ئېلىشتىن ئويالمايدۇ. بۇ يەردىكى ئاشىق سوبېيكتنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە رام قىلىپ بولغانلىقىنى، ئەمما «قەپەس – ئىگىلىۋېلىش» قاپقىنى قۇرىۋاتقانلىقىنى « مېنىڭ ئۇنى ئاستا- ئاستا كۆككە قويۇۋېتىپ/قەپىزىمدە يۇمشاق سىلاۋاتقانلىقىمنى» دېيىش ئۇسۇلى بىلەن سىلىقداپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىشارە ئارقىلىق شائىر بىزگە ماددىيلىق، مەرتىۋە، قۇرۇق سۆلەت زىيادە ئۈستۈن ئورۇنغا چىقىۋالغىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىمىزدە، كىشلەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئاۋۇندۇرۇشقا سەل قاراۋاتقانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىققا ئازراق رومانتېكىلىق تۈس ھەدىيە قىلىش داۋامىدا ھېكايىلەردىكى «خىيالىي پەرۋاز»دىن كۆرە رېئاللىقتىكى «سېرىق قۇشقاچ»نى روھىي دۇنيايىمىزدىكى «قەپەس» (بوشلۇق) دە ئەركىن نەپەس ئالغۇزۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.
9

ئەينى جىملىق ھەمدە سۈكۈتزار
بۇزۇلدى ئۇنىڭ چۈشلىرى
كېچىنىڭ گۈزەل ئاھاڭى
باشلاندى شۇندىن
سېرىق قۇشقاچنىڭ چەكسىز ئازابىدا؛
قۇش يىغلىمايدۇ- دېيىشىدۇ
يىغلىسىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ – دېيىشىدۇ
بىلەمسەن؟
ئۆلۈم شۇ يەردىن ۋىسالىغا قاراپ سەپەر قىلىدۇ
   توققۇزىنچى بۆلەكتە، شائىر قىياستىن ھالقىغان شېرىن مۇھەببەتنىڭ ئىچىدە پارلاپ تۇرىدىغان ئازابنى كۆزەتكۈچىنىڭ تىلىدا بىزگە قەيت قىلىدۇ. «قۇش يىغلىمايدۇ، يىغلىسا ئۆلۈپ كېتىدۇ» دېگەن مېتافۇر ئارقىلىق بەدىئىي تەسەۋۋۇرنىڭ ئىنسان ئىدىيەسى ئۈچۈن «ئۆلۈم»نى چوڭقۇر تۇيۇپ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىش ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق تەييارلاپ بېرەلەيدىغانلىقى بىلەن بىرگە يەنە، «بۇزۇلغان سۈكۈتزارلىق» قا تولغان ھاياتلىق ئۈچۈنمۇ ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى روھىي ئوزۇقلۇق ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغان.
10
ئۇچۇپ-ئۇچۇپ كەتمىگەن قۇشتۇر
نۇرغۇن ئاۋاز، كىشنىگەن ئاتلار
قۇرۇپ-قۇرۇپ كۆيگەن دېڭىزدۇر
ساھىلىدا قالغان ئارمانلار
   ئونىنچى بۆلەكتە، سىمۋۇللاشقان ئىماگلىق سېرىق قۇشقاچنىڭ ئۇچۇشلىرى، كىشنىگەن ئاتلار، كۆيگەن دېڭىزلار ۋە ئارمانلار سەنئەتلىك تەسەۋۋۇرغا يىغىلىپ، «سېرىق قۇشقاچنىڭ ئۇچۇشى» ئەركىنلىكنىڭ سىمۋولى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ بەدىئىي پائالىيەتچانلىقى «ئارمان»غا سوڭداشقان بارلىق قاتلاملارغىچە قانات قاقىدۇ.

11
سېرىق قۇشقاچ بولۇپ سايراپ، ۋاي
چىمەننىڭ يولىغا ئا يەنە مەن قاراپ،
قارا كۆزۈم بەسىر بولدى، دادەي
چىمەننىڭ يولىغا يەنە مەن قاراپ...
-خەلق ناخشىسى «مىراجىخان» دىن
بىر ئانا قۇشقاچنىڭ ئىزتىرابى ئۇ
بىر بالا قۇشقاچقا بولۇپ زار
قارا، قارا سېرىق قۇشقىچىم
ئەلمىساقتىن دۇنيا شۇنچە تار...


-شېئىرنىڭ ئون بىرىنچى بۆلىكىدە، كۆزەتكۈچى بىراقلا شائىرغا ئالمىشىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ خەلق ناخشىسى «مىراجىخان»دىن ئارىيە ئېلىپ، كىلاسسىك شېئىرىيەتتىن يىلتىزلىنىۋاتقان شېئىرىي مۇھىتتا، شائىر «سېرىق قۇشقاچ بولۇپ سايراپ» تۇرغان بىر ئانىنىڭ ئۆز قىزىنى ساقلاپ زارلىنىۋاتقان قىسقا ۋاقەلەىكنى ئەسلىتىش ئارقىلىق، ئۆزى كۆزىتىۋاتقان «سېرىق قۇشقاچ» ھەققىدىكى بارلىق ئېيتىلمىلىرىنىڭ مەنبەسىنى فولكلۇرغا تاقايدۇ. بۇنى بىز شائىر شېئىرىىيىتىنىڭ جۈملىدىن يېڭىچە سەنئەتنىڭ ئەسلى جەۋھىرى يەنىلا كىلاسسىكلىشىشقا قاراپ ماڭغاندىلا، ھەر زاماندا  ئۆزىنىڭ ئەبەدىيلىك سەنئەت يىلتىزىغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئىشارەتلىگەنلىكىدىن دەپ قارايمىز. يەنىلا بۇ ئارىيەدىن بالقىۋاتقان «ئانا ۋە بالا»- ئەجداد ۋە ئەۋلادنىڭ زارىدىن كۆرە، كېيىنكى ئىجادىي كۇبلىتتا شائىر يەنە كۆزەتكۈچى (بايانچى)غا ئورۇن بېرىپ، شائىرنىڭ ئازابىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقىنى مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان «ئازاب- ئوقۇبەت» ۋە ئىككىلەمچى زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان «چەكسىز تار دۇنيا»لىقىغا بولغان كەمسىتىشتەك مونۇلۇگ شىۋىرلايدۇ.

12

ئارمانلاردىن ئۆتۈۋاتقان پەرۋاز
قايرىغاندا قاناتلىرىنى
چۆچۈپ كېتەر قالغان تۇمانلار
كېلىۋاتقىنى قانداق قۇش ئۇ؟
دېگەن سۈكۈتتە

-شېئىرنىڭ ئۇن ئىككىنچى بۆلىكىدە، ئارمانغا قاراپ پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشنىڭ «قانداق قۇش ئۇ؟» دەپ دېرەكلىنىشى بىزنى شېئىرنىڭ ئەڭ گۈزەل چىرايىدىن بىرى - سۇئال قويۇش ئىكەنلىكىنى بەدىئىيلىك نۇقتىسىدىن تەھقىقلىشىمىز بىلەن بىرگە، قەلبىدە نە ئارمان، نە سۇئال يوق پېتى ئاتالمىش رېئاللىقتا مېڭىپ يۈرگەن كىشلەرنىڭ بۇ خىل بىنۇرماللىقتىن قايتىشقا جۈرئەت قىلىشىغا چاقىرىق قىلىدۇ. بۇ خىل كىشىلەر سۇئالغا دۇچ     كەلگەن ھامان ئۆزىنىڭ جۈرئەتسىزلىكىدىن ئىختىىيارسىز قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا يەنىلا بىر لەھزە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت «سۈكۈت ئاتا» قىلالايدىغىنى پەقەت تارقاۋاتقان ئاىىرقى تۇماننى نامايىش قىلىۋاتقان كىچىككىنە شېئىرىي مۇھىت بولىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى «قۇتۇلۇش ئىستىكى» نى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى بولمىش  سەنئەتكە بۇراشنىڭ ئۈنۈمى- پەرۋاز قىلىۋاتقان بەدىئىي تەسەۋۋۇردىكى سېرىق قۇشقاچنىڭ داۋاملىق كۆزىتىلىشىدىكى چەكسىزلىكتە- دىگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرىدۇ. شېئىرنىڭ ئىدىيۋىلكتىن ئايرىلىشى سۈكۈت قىلىپ بولمايدىغان يوقۇتۇشتۇر.
13

تارام – تارام كېچە چاچلىرى
گۇگۇمدىن ئۆتكەن چاغلىرى
- شېئىرنىڭ ئون ئۈچىنچى بۆلىكىدە، كۈزىتىلىۋاتقان سېرىق قۇشقاچ ئالاھىدە بىر مۇھىتقا قاراپ شۇڭغۇۋاتقان شېئىرىي ئېڭىمزىنى غىدىقلاپ، قاراڭغۇ دۇنيانىڭ رەھىمسىز تەرىپىنمۇ نەزەرىمىزگە ئىلىندۇرۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك- تۈمەن قىسمەتلەرگە يۈزلىنىش ھالىتىدىكى ياشامنىڭ پەقەت، قەلبتىلا يورۇقلۇققا قاراپ يۈز ئېچىشىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.
14

بۇ ئۇچۇشلىرىڭ چۈش بولمىسا
مەن سېنى راستىنلا كۈتكەن بولسام
يۈرمەس ئىدىم سۆزلەپ ئۆزۈمگە
يۈرمەس ئىدىم جار سېلىپ يەنە
راستىنلا سېنى كۈرىۋاتقىنى مەن بولسام
- ئون تۆتىنچى بۆلىكىدە، كۆزەتكۈچى ئۆزىنىڭ كۆرىۋاتقانلىرىنىڭ رېئاللىق ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ ۋە چۈش، كۈتۈش، ئۆز- ئۆزىگە سۆزلەيدىغان ھالىتىنى بىزگە تاشلاپ، ئۆزىنىڭمۇ مەلۇم كۆزەتكۈچىگە مۇھتاج بولىۋاتقانلىقىدەك غەلىتە پىسخىكىنى ئايان قىلىدۇ- دە، بىر ئۆرۈلۈپلا سېرىق قۇشقاچنى كۆرىۋاتقىنى ئۆزى ئىكەنلىكنى ئىھتىماللىق نۇقتىسىغا قويۇپ، ئۇنى باشقا كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ يوشۇرۇن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇن پىچىرلايدۇ. بەدىئىي تەسەۋۋۇردىن بالقىۋاتقان ئۆزگىچە خىيال بىردىنلا گۇمانغا ئورۇن بوشىتىدۇ. سەنئەتنىڭ كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىشىدىكى ئەڭ تۈپكى ئالاھىدىلىكى ئۇ كىشلەرنى دائىم ھەممىدىن گۇمانلىنىشقا چاقىرىشى بولۇپ، رېئاللىقنىڭ پۈتكەن تۇرغىنى گۇمان بىلەن تولغانلىقىدەك ئېچىنىشلىق قىسمەتنىڭ بۇسۇغىسىدا تېڭىرقىتىشتۇر.
15

راستىنلا مەستانە بولسام ئۇچۇشلىرىڭغا
يۈرمەس ئىدىم قەپەس ياساش ئىستەكلىرىدە
راستىنلا ...
ئون بەشىنچى بۆلىكىدە، ئۆزىنىلا سۆزلەۋاتقان كۆزەتكۈچى گۇمانلار بوسۇغىسىدا تېڭىرقاۋاتقانلىقىنى بىردىنلا ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەستانە ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ،  كۆزىتىلگۈچىگە «قەپەس» ياساش ئىستىكىدىن يانمايۋاتقانلىقىنى ئازاب ئىچىدە شىۋىرلايدۇ. ئىنكارچىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تۇيغۇن ئېڭىنىڭ سىلكىنىشى بولۇپ، يوشۇرۇن سىمۋوللارنى ئىزدەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەسەۋۋۇرىدا «قەپەس»لا ئەمەس، ھەر قانداق نەرسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئەكىسئەتتۈرىدۇ. ئىنكارچىلىق خاھىشىدىن ئايرىلغان ھەرقانداق ئويچى يېڭىلىقنىڭ ئىختىراچىسى بولالمايلا قالماي، باشقىلار ياساپ بولغان قورغاندا مەھبۇسقا ئايلىنىدۇ. دېمەك، ئەركىن قۇشلار قەپەسگە قىزىققاندەك، ئەركىن ئويچى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدا قۇرۇپ چىقىۋاتقان سىمۋول ئارقىلىق ئۆزىنى مەبۇدلاشتۇرىدۇ- دە، ئۆزىنىڭ سەنئەتلىك ھاياتىغا خاتىمە بېرىدۇ. ۋەھالەنكى،  بۇ خىل ئېچىنىشلىق ئەھۋال دائىم تەكرارلىنىدۇ.
16

ئېسىپ قويدۇم يۈرۈكۈمگە ئۇنى
سېنى كېلىپ كىرسۇن دەپ
ئېسىپ قويدۇم يۈرۈكۈمنى ھەم
سېنى كېلىپ چوقۇپ قويسۇن دەپ
بۇلۇتنى قۇچاقلاپ كەلگەن
قاناتلىرىڭ نەم.
ئون ئالتىنچى بۆلىكىدە، شېئىرىي مۇھىتىمىزدىكى كۆزەتكۈچى بىزنىڭ كۆزەتكۈچىلىكىمىزنىمۇ پايخان قىلىپ ئىلگۈرگەن بولۇپ، تىل مۇھىتىدىكى سېھرىگەرنىڭ يەنىلا ئىچكى بايانچى شائىر ئىكەنلىكىنى ئەس ئامبىرىمىزغا چىراق قىلىپ ئېسىپ قويىدۇ ھەمدە بىز بايىدىن بېرى تۇتقىلى، ئاتىغىلى بولىۋاتقان تەبىئىي ئىماگ- قەپەس ۋە سېرىق قۇشقاچنى يوشۇرۇن ئاتاش بىلەن بىرگە يەنە، بىزنىڭ ئىماگنىڭ ئىككى تۈرى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئوقۇرمەن بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. شېئىرلاردىكى ئىماگنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۇنى تەبىئىي ئىماگ ۋە ئابىستراكت ئىماگ (ئابىستراكت ئىماگ ھەققىدە ئاخىردىراق شەرھىي بېرىلىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. تەبىئىي ئىماگ – ئادەتتە ئوبيېكتىپ مەۋجۇت (مەزكۇر شېئىردىكى «قەپەس»، «سېرىق قۇشقاچ»...لار) نەرسىلەرنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، شائىرلارنىڭ ماددى نەرسىلەرگە مەلۇم خىل كۈچلۈك (لەھزە ئىچىدە) ھېس- تۇيغۇدا بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. تەبئىي ئىماگلارنىڭ قوللىنىلىشى شائىرنى تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە سۆزلىگۈچىنىڭ شېئىرىي مۇھىت يارىتىشىنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. دېمەك، شائىر بۇ بۆلەكتە، ئۇچۇۋاتقان سېرىق قۇشقاچقا ئىشارىلەنگەن روھىي قەپەسنىڭ ئاللىبۇرۇن تەبىئىي ھالدا تەييار بولغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتۈش ئارقىلىق، سېرىق قۇشقاچنىڭ جاپالىق ئېرىشىش جەرياندىكى مەنىۋى سەپىرىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇپ بەرگەن.

17

دەرەخ، ئاسمان، يىلتىزسىز سايە
قاراڭغۇ تاغلاردا ئاچ قالغان ئۆڭكۈر
گۈرۈلدەۋاتقان ئاخىرقى دەريا
ئىڭرىغان ئاۋازلار، يېرىلغان لەۋلەر
قۇياش چىقىشنى كۈتىدۇ قايتا
بىراق، ئەي سېرىق قۇشقاچ،
پەقەت سەنلا كەلمەيسەن قايتا
كېلەر ھامان سېنىڭ سىياقىڭ
ئۇچۇپ – ئۇچۇپ ئۆرلەپ ئاسمانغا
-شېئىرنىڭ ئون يەتتىنچى بۆلىكىدە، بىز بايا دەپ ئۆتكەن « تەبئىي ئىماگلارنىڭ قوللىنىلىشى شائىرنى تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە سۆزلىگۈچىنىڭ شېئىرىي مۇھىت يارىتىشىنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.» دېگىنىمىزدەك شائىر ئۆزى باشتىن ئاخىر ئىزچىللىق بىلەن كۆزتىۋاتقان مۇھىتنى «دەرەخ، ئاسمان، يىلتىزسىز سايە/قاراڭغۇ تاغلاردا ئاچ قالغان ئۆڭكۈر/گۈرۈلدەۋاتقان ئاخىرقى دەريا/ئىڭرىغان ئاۋازلار، يېرىلغان لەۋلەر...» دە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك تەسەۋۋۇر ئاسمىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق «سېرىق قۇشقاچ» كەلمىسە، بۇ ئاسماننىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ-دە، بىر پۈتۈن ئازاپ ۋە شېرىن گۈزەللىكىنىڭ ھامان زەنجىرسىمان ھاياتلىقتەك بىرى يەنە بىرىسىز كەمكۈتىسىز دۇنيا بولالمايدىغانلىقىدەك ئاچچىق قىسمەتتىن ئۇچۇر بېرىدۇ.


18

ياندىن قاراپ تۇرغۇچى ئازراق قىيسايغان
كۆزلىرىدە نۇرغۇن يۇلتۇزلار
نۇرغۇن يەنە نۇرغۇن چېكىتلەر
ئارىسىدا پەقەتلا سېنىڭ
ۋىچىرلىغان ئاۋازىڭ يۈرەر
-شېئىرنىڭ ئون سەككىزىنچى بۆلىكىدە، ئەتىگەندىن كەچكىچە كۆزەتكۈچى بولىۋاتقان ئويچىنىڭ قاتتىق چارچىغاندىكى قىيسايغان قىياپىتى ئۇنى ئۆزىدىن قۇراقداپ، ياندىن قاراپ تۇرغۇچىغا ئۆزگەرتىشى «يۇلتۇزنىڭ چېكىتكە ئايلىنىشى» بىلەن تەڭلا، ھەر بىر شەيئىينىڭ ئۆزلىكىدىن ھالقىغان  تۈندىن قۇتۇلۇشىغا پەقەت ساماۋى ئىماگلارنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتتىكى غەيب ئاۋازغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى كۈتۈش ئارقىلىق زىددىيەتكە تولغان بۇ دۇنيادا ھەقىقىي  نىجادلىققا يېتەلىشىدەك كۆپ خىل ئىھتىماللىق تەۋسىيە قىلىنغان، دېيىش مۇمكىن.

19

سېنىڭ تەنھا يولۇچىلىقىڭ-
ئەسلىتىدۇ سەن تەۋە بولغان
قەدىمدىنمۇ قەدىم بىر توپنى
يا قۇرىماي ياكى يوقالماي
قايناپ تۇرغان يوچۇن بۇلاقنى.

- ئون تۇققۇزىنچى بۆلەكتە، شائىر ئەتراپىدىكى بارلىقلاردىن مۇستەسنا بولۇپ، يىگانە ئاۋازى بىلەن سىمۋوللاشقان ئىماگ- سېرىق قۇشقاچنىڭ ئوتۇپىيىسىنى تاپشۇرىدۇ. بۇ يەردە بىز تەپەككۇرىمىزنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە مۇھتاج بولىمىز. تەپەككۇرىمىزنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەۋاتقان بايانچى بىزنى ئىنسانىيەتنىڭ يىراق ئۆتمۈشىدىن كۆرە، سېرىق قۇشقاچنىڭ تەبىئى ماكانى بىلەن شائىرنىڭ رايون تەۋەلىكىدىكى مىللىي بىرلىكنى كۆزدىن كەچۈرىشىمىزگە يېتەكلەيدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز ئەجدا ۋە ئەۋلادنىڭ قەلبىدىكى ئەبەدىي ئۇنتۇلماي كېلىۋاتقان مۇھەببەتلىك «مەنىۋى بۇلاق»نىڭ «سېرىق قۇشقاچ» نىڭ ھايات بىلەن ئۆلۈم، ئۇدۇم بىلەن ئۈمىد ئارىسىدىكى مەڭگۈلۈك ئەلچىلىكى توغرىسىدا  ئۇزاق ئويلىنىشقا مەجبۇر بولىمىز.

20

تاغدىن ھالقىپ كەلگىنىڭدە ئاھ،
تۇرار سېنى كۈتۈپ باياۋان
ئوتتۇرىسىدا ياتار بىر سايە
كېسىك بوينىغا قەپەس ئېسىلغان
* *  *
بىر تامچىمۇ سۇ يوق ئىچكۈدەك
تاللىشىڭ بار پەقەت ئىككى ئوي:
باشتا بىرى ماڭا ئاتالغان
قالغان بىرى ساڭا سېتىلغان.
بىرىگە كىرىسەن
بىرىگە قونىسەن- دە
ئاھ، قەبرىسىز قالىسەن يەنە...
- يىگىرمىنچى بۆلىكىدە، شائىر (كۆزەتكۈچى) بىردىنلا بىز ئەڭ باشتا ئېيتقان بەشىنچى تاغدىن ھالقىپ « تاش ئۈستىدىكى بىر تال پەي ئارقىلىق تېخىچە ئاتالمايۋاتقان  سېرىق قۇشقاچنىڭ كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان ماكانىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىمىز». بۇ ئويغا تۇتقۇن بولغىنىمىزدا، پۈتكۈل  ۋۇجۇدىمىز لەرزىگە كېلىدۇ. بۇ لەرزىدە ئىنسانىيەت، ھەرقانداق بىر قۇش ۋە تاغ- دەريا، زېمىننىڭ ئۆزلىرىگە پۈتۈلگەن ئەسلىگە قايتىش- يەنى، پۈتۈلگەن تەقدىرىدىكى يوقلۇق باياۋانىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىزدە، شائىردىن بەكرەك چوڭقۇر ئىزتىرابقا، ئويغا، ھەسرەت – نادامەتكە، بىز ھەر دەقىقە ئۇنتۇماسلىقتىن باش تارتقان ئەمما ھېچقاچان قۇتۇلالمايدىغان ئاخىرقى تەقدىرىمىز ھەققىدە ئەنسىز سۈكۈتكە چۆكۈپ كېتىمىز. دېمەك، سەن بىر ئۆمۈر بىرىگە قەپەس ياسايسەن، باشقا بىرى ساڭا ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتەر سىرتماق تەييارلاۋاتقان بولىدۇ. بۇ يەردىكى گىگانىتلىق  ھەقىقەتەنمۇ « ئوتتۇرىسىدا ياتار بىر سايە/كېسىك بوينىغا قەپەس ئېسىلغان» ھالەتكە مەھكۇم بولغان.

21

چۈشتىن كېيىن ھەممىسى تۇمان
ياغماقتا كۆز ياش
ياغىدۇ يەنە.
سۇنۇۋاتقان توغراق شېخىغا
قوندى ئاستا بىر سېرىق قۇشقاچ...
-«كۆزىتىلىۋاتقان سېرى قۇشقاچ» ناملىق بۇ شېئىرنىڭ ئاخىرىدا بېرىلگەن بۇ بۆلەكتە بىز يەنىلا يۇقارقى ئويلاردىن قايتىپ چىقىپ، رېئاللىقىمىزدىكى ماكانىمىز ۋە ھاياتىمىزنىڭ چۈشتىن كېيىنىگە نەزەر سالىمىز. رېئاللىق مانا مۇشۇنداق رەھىمسىز ئەمما سېرىق قۇشقاچ قۇياش نۇرىغا پۈركەنگەن توغراقنىڭ سۇنۇق شېخىغا بولغان چوڭقۇر مېھېرى بىلەن قونغىنىچە، خۇددى تۈمەنلىگەن قاتتىق قىسمەتلەر ئالدىدا باش ئەگمەي، يەنىلا قوشۇلغان تەقدىر بىلەن پەرۋازغا ئىنتىلىۋاتقان ئاداققى كۆرۈنۈشنى كىشىلەر قەلبىگە سىزىۋاتقان سەنئەتكارلاغا خاس سۈپەت بىلەن ھاياتلىققا ئۈمىدۋارلىقىنى ئايان قىلىدۇ.  شۇنداق، ھەر قېتىم يامغۇردەك ياغىدىغان كۆز يېشىمىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق خۇشال سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش، خۇشال كۈتۈش ۋە ئايرىلىش (يوقۇتۇپ قويۇش)، شۇنداقلا، ھەممىنى گۈزەل ۋۇجۇدتا جەم قىلىش  چارىسى ئۈستىدە ئويلاشقا تۇتۇنغىنىمىزدا، شېئىردا بىزگە ئەڭ يېقىن تۇرۇپ سۆزلەنگەن بارلىق تەبىئىي ئىماگلار ئەڭ ئاخىرىدا كونكرېتلىقنىڭ كېڭەيتىلىپ (بىرنىڭ ئىككىگە بۆلۈنىشىدەك) ئابىستراكتلاشتۇرۇلۇشى – «سۇنىۋاتقان توغراق شېخىغا/ قوندى ئاستا بىر سېرىق قۇشقاچ» دېيىلمىسى ئارقىلىق ئابىستراكت ئىماگ (16-بۆلەكنىڭ تەھلىل قىسمىغا قارالسۇن) دۇنياسىغا چۆككىنىمىزدە، سىمۋوللاشقان ئىماگىمىزنىڭ كونكرېتلىقىغا ئېرىشىمىز. يەنى، شائىرلار تەبىئىي ئىماگ ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدەك تۇتقىلى، كۆرگىلى بولىدىغان كونكرېت دۇنيانى ياراتسا، ئابىستراكت ئىماگ ئارقىلىق شائىرنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى، لوگىكىلىق تەپەككۇرىنى مۇئەييەن سىمۋول ئارقىلىق قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ، تەسۋىرلىنىۋاتقان ماددىنىڭ ماددىيلىقىغا قارىغاندا ئۇنىڭ شائىر قەلبىدىكى مەنىۋى قاتلاملىرىنى بەكرەك ئېچىپ بېرىدۇ. شائىر ئابىستراكت ئىماگ ئارقىلىق دۇنيانى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئىماگلارنىڭ يەنە شېئىرنىڭ بۇ بۆلىكىدىكى تەكلىماكاندا ئۆسىدىغان توغراق ۋە مۇشۇ يەرلىك سېرىق قۇشقاچ قونغان (سۇنىۋاتقان) شاخ ۋە قۇملۇق باياۋان كۆرۈنۈشلىرىگە ئوخشاش مىللىي خاسلىقىمۇ بولىدۇ. دېمەك، تەبىئىي ئىماگلارنى لەھزە ئىچىدە  كۆرسەتكىلى، ئابىستراكت ئىماگنى تىل ئىمكانىيىتىدە سۆزلىگىلى بولۇشتەك ئىزگۈ پەيتتە شۇ خىل ئوبيېكىتنى ھەم كۆرسىتىش ھەم بىرلا ۋاقىتتا ئۇنى سۆزلەش ئۇسۇلى بىلەن سىمۋول دەرىجىىسىگە كۆتۈرۈش  ئەلۋەتتە سىمۋول مۇنارى بەرپا قىلىۋاتقان شائىرنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ۋە ئىمتىيازىدۇر.
   
سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىغاندا، يۇقۇرىدا بۇ شېئىرىنىڭ سىمۋوللاشقان ئىماگلىرى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمما، ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ ئېستېتىك ئىھتىياجى بۇ خىل شېئىرلاردىكى ئىماگ، سىمۋول، سىمۋوللاشقان ئىماگ ۋە باشقا تەرەپلەردىن باشقا يەنە، تىلنىڭ مەخپىيىتى بولغان ((syntax سىنتاكىس (جۈملە قۇراشتۇرۇش)  نۇقتىسىدىن ۋە ياكى ئەدەبىي ئەسەرلەر، بولۇپمۇ شېئىرلار  سەنئەت ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىل رامكىسى دائىرىسىدە ئېتېتىكىلىق ئېلمىنىتلارغا ھەمدە ئېستېتىكىلىق خاسلىققا ئىگە بولۇشتەك خاسلىقى بىلەن ئەسەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان بەدىئىي ئوبرازلار ئاساسىدا يېڭىچە تەھلىل ئۇسۇللىرىنى مۇئەييەن شەكىل ۋە تىل مۇھىتىدىلا ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن ئىماگ ۋە باشقا كۆزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ قايتىدىن ئىجادىي ئوقۇپ چىقالىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ئىجادىي پائالىيەت شائىرنىڭ ئىزچىل ئىجادچانلىقىغا ئىجابىي تۈرتكە بولۇشى ھەمدە تېخىمۇ يېڭىچە ئەندىزىلەر بىلەن مەيدانغا كېلىشىنى تەقەززا قىلسا ئەجەب ئەمەس.
2014-7-23
مەنبە: 2014-يىللىق "تەڭرىتاغ' ژورنىلى 5-سان.



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئاپتورنىڭ يېڭى تېمىلىرى
ۋاقتى: 2015-1-25 20:47:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىمجاننىڭ ئېسىل سوۋغىلار بىلەن مۇنبىرىمىزگە كەلگەن قۇتلۇق قەدىمىگە مەرھابا! مۇشۇنداق نادىر ئەسەرلەر ئۈزۈلمىگەي.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:37 , Processed in 0.962666 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش