چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى تۈنۈگۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy 17 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 4

ئوغۇزى:تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرمۇش، ئادەم ۋە ئۆلۈم

نىجات يۈسۈپ ئوغۇزى


ئەگەر «ياخشى يېيىش-ئىچىش، ياخشى كىيىش، ياخشى ئويناشلا - تۇرمۇش» دېيىلسە، ئۇنداقتا چوڭ ئۇقۇشماسلىق بولغان بولىدۇ.
تۇرمۇش - ئويغانغانلارنىڭ كۈرەش مەيدانى، شۇنداقلا غەلىبە مېۋىسىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ سەيلىگاھى. ئەكسىچە تۇرمۇش بىخۇدلارنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىگاھى. تۇرمۇش - سەمىمىي ئادەملەرنىڭ دوستى، ساختىپەزلەرگە جازا مەيدانى. تۇرمۇش - تۇز سېلىنمىغان بىر قاچا شورپا؛ تۇزسىز ئىچسەڭ بەتتام، تۇزنى كۆپ سېلىۋەتسەڭ قىرتاق، تۇز سېلىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا بولغان ئەھۋالدا ئۇنى قانداق ئىچىش پۈتۈنلەي ئۆزۈڭگە باغلىق.
تۇرمۇش - تاپقىلى بولمايدىغان تېپىشماق، تۇرمۇش ھەققىدە تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەنلىگەن جاۋابى بولىدۇ. تۇرمۇش - يەشكىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە، مەيلى سەن ئۇنى قانداق ھېسابلا، ھەممىسى ئەجىر-مېھنەتتىن ئىبارەت. تۇرمۇشنىڭ ئادىللىقى شۇ يەردىكى، مەيلى كەمبەغەل ياكى باي بولسۇن، ھەممىسىنىڭلا غەم-قايغۇسى بولىدۇ. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشنى سانسىزلىغان كىچىك قايغۇلاردىن تىزىلغان تەسۋى دەيمىز. تۇرمۇشنىڭ ئاداۋەتخورلۇقى شۇ يەردىكى، سەن ئۇنى ئالدىساڭ، ئۇ سەندىن ھېساب ئالماي قالمايدۇ. ئادەم تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىدۇ، تۇرمۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئادەمنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئادەمنىڭ بىچارە يېرى شۇكى، ئۇ تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەن چاغدا، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولىدۇ؛ ئادەم قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتا تۇرمۇش ئەكسىچە ئۆز لەززىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. ئازاب-ئوقۇبەت ئادەمگە تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرىدۇ. ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ھەمىشە ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ باشقىلارغا ۋە تۇرمۇشقا لايىقلىشىدۇ. شەخسىيەتچى كىشىلەر دائىم باشقىلاردىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ياشلار ئۆزى خالىغانچە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم كونا قائىدىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىدۇ؛ ياشانغانلار رىتىملىق ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغمايدىغان ئىشلار دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەرلەر تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەنگەچكە، كۆپىنچە بىپەرۋا كېلىدۇ؛ ئاياللار تۇرمۇشنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرىغىمۇ سەل قارىمايدۇ، شۇڭا كۆپىنچە ھاللاردا زىل، ئەستايىدىل كېلىدۇ.
بىكارچىلىق ئىنتايىن زېرىكىشلىك ھايات؛ ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماسلىق قىلچە ئەھمىيىتى بولمىغان ھاياتتۇر؛ ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماي ئۆتكەن تۇرمۇش پالەچ بولغان ھاياتتۇر؛ تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتكۈزگەن تۇرمۇش ئىلاجىسىزلىققا تولغان ھاياتتۇر.
تۈمەنلىگەن ئادەمنىڭ تۈمەن خىل ياشاش ئۇسۇلى بولىدۇ. ھاياتقا، تۇرمۇشقا بولغان ساداقىتىمۇ ئوخشاشمايدۇ. شۇڭا ھەممە ئادەمنى بىر خىل ئۇسۇلدا ياشاشقا مەجبۇرلىماسلىق لازىم، بولمىسا تۇرمۇش خىرەلىشىپ قالىدۇ. زىيادە سەمىمىيلىك بىلەن، مېھرىبانلىق بىلەن باشقىلارغا قانداق ياشاش توغرىسىدا سۆزلەۋەرمەسلىك كېرەك. ھەربىر تۇرمۇش ئۆلچىمى بىر كونا كىيىمگە ئوخشايدۇ، ئۆزىگە دەل كەلگەن بىلەن باشقىلارغا دەل كېلىشى ناتايىن. ھاياتنى سۆيۈش بىلەن چوقۇم تۇرمۇشنى سۆيۈش كېرەك، تۇرمۇشنى سۆيگەندىلا، ئاندىن ھاياتنى سۆيگىلى بولىدۇ.
بىز بۇ دۇنياغا كەلگەندە ھەربىرىمىزنىڭ دۈمبىسىدە بىردىن سېۋەت بولىدۇ. ھەربىر قەدەم ماڭغاندا بۇ دۇنيادىن بىر نەرسىنى تېرىۋالىمىز، شۇڭا دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىمىز. تۇرمۇش ئەتىگەندىن كۈن ئولتۇرغانغا قەدەر مانا مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىدۇ.

ئۆلۈم بولسا ھەقىقەتەنمۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئىش. ئۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش ھەربىر ئادەمنىڭ ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسىگە باغلىق. ئەبەدىيلىك قانۇنىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. ھايات، چۈشكە ئوخشاش ئىزسىزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. مەيلى بەگ بولسۇن، مەيلى قۇل بولسۇن، كەلمەسكە كېتىدۇ. بۇ دۇنيا بىۋاپا، ئاخىر ھەممىمىز كېتىمىز. نەچچە مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرسەكمۇ، ھېچ ۋاپا كۆرمەي ئاخىر سەپەر يولىنى كۈتىمىز.
ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس يۈسۈپ خاس ھاجىپ شۇنداق دېگەن: «كەمبەغەلمۇ ئۆلىدۇ، شۇنىڭدەك بايمۇ ئۆلىدۇ، ئىككى ماتا بىلەن قارا يەر قېتىغا كىرىپ كېتىدۇ؛ كەمبەغەل ئۆلسە جاپا-مۇشەققەتتىن قۇتۇلىدۇ، باي ئۆلسە مال-دۇنيالىرى قالىدۇ، ۋابالى بىللە كېتىدۇ. ئادەم بالىسى كارۋانغا ئوخشايدۇ، كارۋان قونالغۇدا ئۇزۇن تۇرالماس… دۇنيا بىر قونالغۇ، گۆرۈڭ بىر قونالغۇدۇر، بۇ قونالغۇدىن قوزغالساڭ، ئۇ دۇنيا ئاخىرقى قونالغۇ بولىدۇ».
ھەربىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا، تۇغۇلۇشنىڭ ئۆزى ياشاشقا مەجبۇر قىلىنغانلىق. مەن ياشاشتىكى مەقسىتىمنى ھەقىقەتكە، ھۆرلۈك، ئەركىنلىككە خىزمەت قىلىش، دەپ قارايمەن. مانا بۇ مېنىڭ ئېتىقادىم. ھاياتنى قىزغىن سۆيگەنلەرگە ئۆلۈم ئانچە مۈشكۈل تۇيۇلمايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. ھەرقانچە قورقساقمۇ، چايكوۋىسكىي ئېيتقاندەك: «ئەجەل دېگەن بۇ بايقۇش مەلۇم بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن توقمىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ بېشىمىزغا سالىدۇ».
ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن پەيلاسوپلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆلۈمگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەر خىل بولغان. ئۇلارنىڭ ئۆلۈمىمۇ ھەر خىل بولغان: ھېمىڭۋايدەك ئۇلۇغ يازغۇچى «ئۆلۈم - ئەڭ گۈزەل جىمجىتلىق» دەپ ئۆلۈمنى مەدھىيىلىگەن ھەم ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان. مەشھۇر سەنئەتكار چايكوۋىسكىي گۆرىستاننى «ئىپلاس ئۆڭكۈر» دەپ باقىي ئالەمگە كېتىشتىن دەككە-دۈككىدە بولغان. 20-ئەسىردىكى مەشھۇر پەيلاسوپ بېتران روسېل 98 يېشىدا «مەن بۇ دۇنيادىن بىزار بولۇپ ئايرىلدىم» دەپ ئۆلۈمنى «قۇتۇلۇش يولى» دەپ چۈشەنگەن. ئۇلۇغ ئالىم ئېينىشتىيىن ئۆزىنىڭ ھەرقانداق مەسىلىگە ئاددىي، ماس، مۇۋاپىق جاۋاب تېپىشتەك تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئۆلۈم مەسىلىسى توغرىسىدا مۇنداق يازغان: «راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدا، پەقەت مۇشۇ نۇقتىدىلا ھەممە ئادەم باراۋەر. بەزى سىياسەتچىلەر قانداقتۇر: ھەممە ئادەم بابباراۋەر يارالغان، دەيدۇ. مىليونېر بايلار بىلەن كوچىدىكى قەلەندەرلەر ئوتتۇرىسىدا نەدىمۇ باراۋەرلىك بولسۇن !باي ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن نامرات نېگىرلارنىڭ بالىلىرى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا باراۋەر ئەمەس. ئۇلار خۇدا ئالدىدىمۇ باراۋەر ئەمەس. پەقەت ئەزرائىل ئالدىدىلا ھەممەيلەن بابباراۋەر».
راست، ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. ئۆلۈم ئەڭ ئاخىرقى قۇتۇلۇش، مەڭگۈلۈك ئەركىنلىك. ئۆلۈم ۋۇجۇدىمىزدىكى بارلىق كىشەنلەرنى پاچاقلايدۇ. ئۆلۈكنىڭ ئازاب چەككەنلىكىنى كىم كۆرۈپتۇ !پەقەت ئۆلۈك ۋە تۇغۇلمىغان بوۋاقلا ئەتىكى بەختسىزلىك ۋە ئاپەتتىن قورقمايدۇ. لېكىن ئادەملەر ئۆلۈمدىن ئومۇميۈزلۈك قورقىدۇ، بۇنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. پەقەت شەخسىي ھايات ئاخىرلاشقاندىلا، ئاندىن تۈرلەر ھاياتىنىڭ داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. تەبىئەت نېمىدېگەن ئەپچىل، نېمىدېگەن مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان-ھە!؟

(ئاپتور: شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتىدىن پېنسىيىگە چىققان مۇھەررىر)
جوڭگو مىللەتلىرى ژورنىلى2004.2- سانىدىن

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-1-23 02:52:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈمنىڭ خەۋىرى كەلدى ، قېچىڭلار باغۇ بوستانغا  ، قېچىپ قۇتۇلغىنى بولماس ، زىيارەت قىل گۆرۈستاندا ،  دىگەن سۆز ئېسىمگە كېلىپ قالدى .......
ۋاقتى: 2015-1-23 10:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەرسايى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 12:07  

     ” بىز دۇنياغا كەلگەندە ھەر- بىرىمىزنىڭ دۈمبىسىدە بىردىن سۆۋەت بولىدۇ، بىز ھەر- بىر قەدەم ماڭغاندا بۇ دۇنيادىن بىر نەرسە ېرىۋالىمىز .»  شۇنداق!  بىز بۇ دۇنياغا  ئاپىرىدە بولغاندا ، «نەپسى» دىن ئىبارەت بۇ  ئۆلگىچە تولدۇرغىلى بولمايدىغان «چوراڭ سۆۋەت » نى ،ئانىمىز قورسىغىدىن ئۆشنىمىزگە يۈدىگەنچە بىللە ئىلىپ چۈشىمىز. ئانا كۆكسىگە چاپلىشىپ ئانا ئەمچىگىنى «شوتەكلىتىپ» ئىمىشنى باشلىغاندىن تارتىپ بۇ «مەڭگۈ تولماس» سىۋەتكە  ھايات يولىدا ئۇچىرىغان ئۆزىمىزگە « كىرەكلىك » بولغان نەرسىلەرنى تېرىشكە باشلايمىز . تېرېمىز! تېرېمىز! .بىر ئومۇر تەرمەتېرىش بىلەن ئۆتىمىز. ھىچ توختاپ قالمايمىز.ئەگەرتوختاپ قالغىلى تەمشەلسەك، ئۆشنىمىزدىكى  بۇ « چوراڭ سۆۋەت»  بىزگە تېخىمۇ ئېغىرلىق سىلىپ ،بىزنى يەرگە چاپلىۋىتىشكە ئۇرىنىدۇ. شۇڭلاشقا بىز توختاپ قالماي داۋاملىق تېرىيمىز. ياراتقان ئىگەم ئىمان ئىتىقاتلىق ياراتقان « تەرگۈچى» بولساق ،يولدا ئۇچىرىغان نەرسىلەرنىڭ ھالال- ھارىمىنى ئايرىپ ،ھالالنى تېرىپ ھارامدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىمىز ، ئەگەر  ئىمان ئىتىقادى سۇسلاشقان. ئىتىقادى يوقالغان،ئاللاھ گۇمراھلىققا بەنت قىلىۋەتكەن « تەرگۈچى» بولساق، ھالال- ھارامنى ئايرىماي تېرىيمىز.  ۋە باشقىلار تېرىېۋىلىشقا تېگىشلىكلىرىنىمۇ ئاچۆكۆزلۈك، نائىنساپلىق ،قىزغانجۇقلۇق، تويمىغۇرلۇق بىلەن ئەسەبىلەرچە تېرىيمىز. بۇ « تولماس سۆۋەت» لىرىمىزگە پەقەت ئاللاھ نىڭ بۇيرىغى بىلەن  ئەزرائىل «ئامانەت » نى ئېلىشقا كەلگەندىلا ئاندىن «تېرىش » تىن توختايمىز .  ھاياتنىڭ خۇلاسىسى ئەنە شۇ چاغدا ئاللاھ تەرىپىدىن چىقىرىلىپ ، ،«سۆۋەت» تىكى «تەرمە» لەرنىڭ  جازا مۇكاپاتى « نەقلەشتۈرۈلۈپ» ،مەڭگۈلۈك شاتلىق. ۋە مەڭگۈلۈك ئازاپنىڭ  تەمىنى تېتىشقا مۇيەسسەر بولىمىز .  ھايات ۋە ئۆلۈم ئوتتۇرسىدىكى  تۇرمۇش مانا شۇنىڭدىن ئىبارەت .  ھايات دىمەك «نەپسى» دىمەك .تۇرمۇش  دىمەك پەقەت « نەپسى« نى قانائەت تاپتۇرۇش دىمەك ،ئۆلۇم بۇ ئىككىسىنى «مەڭگۈلۈك » ئارام ئالدۇرىدىغان قارارگاھتۇر .

                                              نەپسىدىن بولماي خالاس  ئادەم ئەمەس،
                                              نەپسىدىن بولماق خىالاس ئاسان ئەمەس.
ۋاقتى: 2015-1-23 15:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغۇچىغا رەخمەت. ياخشى يىزىلغان ماقالە ئىكەن. داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز.      
ۋاقتى: 2015-1-23 22:40:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ،  ئۇستازلارنىڭ  ئەجىرلىرىگە كۆپ رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-29 17:45 , Processed in 0.646911 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش