چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى تۈنۈگۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy 17 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 756|ئىنكاس: 1

«ئون ئۈچ قەدەم»رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    مويەننىڭ «ئون ئۈچ قەدەم» رومانىنى ئوقۇشتىن تەسىرات
    ئەكرەم ئابدۇمىجىت

   يېقىندا مەن 2012-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەنىڭ 1988- يىلى يېزىپ تاماملىغان 2000-يىلى قايتا تۈزەتكەن «ئون ئۈچ قەدەم» ناملىق رومانىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىپ ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت تالانتىغا، بەددىي ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ۋە تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۈزۈتۈش ماھارىتىگە لال بولدۇم . ئاددىي بىر ئوقۇرمەنلىك سالاھىيىتىم  بىلەن ياسىن سېيىت ئەپەندى تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق باش نەشىرىياتى بىلەن قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى بىرلىشىپ نەشىر قىلغان  ئۇيغۇرچە نەشىر نۇسخىسىغا ئاساسەن بۇ روماننى ئوقۇشتىن ھاسىل بولغان يۈزەكى تەسىراتىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باققۇم كەلدى. بۇ تەسىراتىم  قانداقتۇر رومان مەزمۇنى ھەققىدىكى ئەتراپلىق تەھلىل بولماستىن پەقەت روماندا ئىشلىتىلگەن ئوخشىتىشلار، سۈپەتلەشلەر، سان-سېپىرلار، ماقال- تەمسىللەر، ھېكمەتلىك سۆزلەر، تارىخي شەخىسلەر ۋە تۈرلۈك  تۇرمۇش سۆزلىرى  شۇنداقلا روماننىڭ قۇرۇلما ئالاھىيدىلىكى ھەققىدە يۈزەكى مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئۇ ھەققىدە قىسقىچە قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىشتىن ئىبارەت. ئاپتۇر ئۆزىمۇ «روماننىڭ ۋەقەلىكى ئاسانلا كونىراپ كېتىدۇ. ئەمما ھامارەت مەڭگۈ تۇرىدۇ» دېگىنىدەك ئۇنىڭ بۇ روماننى يېزىشتىكى ماھارىتى ھەققىدە ئانچە- مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ باقتىم. بۇنداق مۇلاھىزە  قىلىشنىڭ قانچىلىك زورۇريىتى بار بۇنىسى ماڭا نامەلۈم. شۇنداقلا بۇ روماندا  بار بولغان مەن تۆۋەندە ئوتتۇرغا قويغان ئارتۇقچىلىقلارنى باشقا بىر ئەسەردە قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلماقچىمۇ ئەمەسمەن. ئەمما  ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى رومان ئىجادىيىتىدە مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتى بولسا بۇ تىرىشچانلىقلىرىم بىكارغا كەتمىگەن بولاتتى. ( بۇ يەردە ئەلۋەتتە تەرجىماننىڭ جاپالىق ئىجادىي ئەمگىكىنى چەتكە قاقمايمەن. ئەمما يەنىلا ئۇنى ئەسلى رومان ئاپتۇرىنىڭ بەددىي تالانتى دەپ قاراپ تەھلىل قىلىشقا توغرا كەلدى)
1.روماندىكى پىرسۇناژلار
رومان ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەقەلىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقى، پىرسۇناژلىرىنىڭ خاسلىقى ۋە كۆپلىكى، ئىجتىمائى ۋە تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرلىرىنىڭ ئىنچىكە ۋە تىپىكلىكى بىلەن باشقا ژانىرلاردىن روشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. روماندا بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان پىرسۇناژنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىيدىلىكلىرىنى ئۇ ياشىغان دەۋر خاسلىقى، خۇلقى-مىجەزى، تەربىيىلىنىش ئەھۋالى، ئائىلە تۇرمۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلاپ قىسقا سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بېرىش يازغۇچىدىن ئاجايىپ زور بەددىي تالانىت تەلەپ قىلىدۇ. گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، مويەن «ئون ئۇچ قەدەم» ناملىق بۇ رومانىدا ئىلگىرى -ئاخىرى بولۇپ خاراكتىر خۇسۇسيەتلىرى بىر-بىرىدىن تۈپتىن پەرىق قىلىدىغان 150چە پىرسۇناژنى تىلغا ئالغان. بۇ يەردىكى تىلغا ئېلىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى نامىنى ئاتاپ قويۇش ياكى ئىھتىياج تۇپەيلىدىن قىستۇرۇپ قويۇش ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلاملىرىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىنتايىن  روشەن خاسلىققا ئىگە پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ. (تارىخىي شەخىسلەرنى ئايرىم ئىستاتىسكا قىلغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىدى) بۇ پىرسۇناژلارنى  رومان باش تېمىسىدا ئوينىغان رولى، رومان ۋەقەلىكىدە تۇتقان ئورنى، رومانغا قاتنىشىش چاستۇتىسى جەھەتلەردىن ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى، ئاساسلىق  پىرسۇناژلار:  روماندا باشتىن-ئاخىر تىلغا ئېلىنغان، ئاپتۇر پۈتۈن زېھنى كۈچىنى سەرىپ قىلىپ تەسۋىرلىگەن ئاساسلىق پىرسۇناژلاردىن جەمى بەش نەپەر  بولۇپ بۇلار: «گۈزەل دۇنيا» نىڭ ئالاھىدە ھۆسۈن تۈزۈگۈچىسى لى يۈچەن، شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى «قەپەستىكى بايان قىلغۇچى» جاڭ چىچيۇ، شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى فاڭ فۇگۇي، شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى توشقان گۆشى كونسېرۋا زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى تۇ شاۋيىڭ ۋە ۋاڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىر ئالاھىىدىلىكىنى تەپسىلى تەھلىل قىلىش بۇ ماقالىنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۆۋەندە بۇ پىرسۇناژلار ھەققىدە قىسقىچە تۇنۈشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
1) «گۈزەل دۇنيا» نىڭ ئالاھىدە ھۆسۈن تۈزۈگۈچىسى لى يۈچەن
لى يۈچەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا  ئانىسىنىڭ ئاشنىسى بولغان ۋاڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ئىپپەت نۇمۇسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇشنى تاشلاپ دەپنە ئىدارىسىدا مىيىتلەرنىڭ  ھۆسنىنى تۈزەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ۋاڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . كېيىنچە ئايالى دۆلەتنىڭ مال- مۇلكىنى قوغداش يولىدا ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن جۇڭۋېي بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ. جۇڭۋېي بىلەن بىر قېتىم بىللە بولغاندا ئۇ، «قىز ئەمەسكەن» دەپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشتىن يالتىيىدۇ. ئىككى تەرەپتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان لى يۈچەن ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالماقچىمۇ بولىدۇ. ئەمما يەنىلا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. ئاخىرى ئانىسىنىڭ ئىنچىكە پىلانلىشى بىلەن جاڭ چىچيغا ياتلىق قىلىنىدۇ. ئۇ ياتلىق بولغاندىن كېيىنمۇ شەھۋانىلقتىن ئىبارەت يامان ئادىتىنى تاشلىمايدۇ. جىنسىي تەلىۋىنى تولۇق قاندۇرالمايۋاتقان ئېرىنى خارلايدۇ. نامرات تۇرمۇشىدىن زارلىنىدۇ. بىر خىل مۇرەككەپ روھىي ھېسيات ئىچىدە ياشايدۇ. جىنىسىي تەلىۋى كۈچلۈك بولغاچقا ھەرقانداق ئادەم بىلەن ئىمكان بولسىلا بىللە بولۇشتىن يانمايدۇ. ئۇ يەنە «يىرتقۇش ھايۋانلارنى باشقۇرغۇچى» بىلەن تونۈشۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەرەپتىن كۆڭۈل ئاچسا بىر تەرەپتىن ھۆسۈن تۈزەش جەريانىدا چىقىرۋىتىلگەن مىيىت گۆشلىرى بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ ئوزۇقى بولغان  توخۇ. توشقان، كالا ، چوشقا گۆشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ سودا قىلىدۇ . ئۆزىنىڭ ئالدىغا ھۆسىن تۈزەتكىلى ئېلىپ كېلىنىگەن ھەمدە  تۇيۇقسىز تىرىلىپ قالغان خوشنىسى ھەمدە ئېرىنىڭ خىزمەتدىشى فاڭ فۇگۇينىڭ چىرايىنى ئۆزىنىڭ يولدىشىنىڭ چىرايىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى دەرس ئۆتۈشكە، يولدىشىنى تىجارەت قىلىشقا سالىدۇ. ئاخىرى ئۇ ئۆزى قۇرۇپ چىققان ھۆسۈن ئالماشتۇرۇش تراگىدىيىسىنىڭ ئاقىۋىتىدىن نېمە قىلارنى بىلەلمەي خامۇش ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەسەردە  لى يۈچەننىڭ ئاخىرقى تەقدىرى ھەققىدە ئېنىق بىرنېمە دېمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆكۈنۈشلۈك تەقدىرىدىن سۇس بېشارەت بەرگەن.
2) شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى جاڭ چىچيۇ
جاڭ چىچيۇ  ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپكە فىزىكا ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلىشىدۇ. تاساددىبىي  «گۈزەل دۇنيا» نىڭ ئالاھىدە ھۆسۈن تۈزىگۈچىسى لى يۈچەن بىلەن تونۇشۇپ  ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە بىرگە بولۇپ قالىدۇ.  لى يۈچەننىڭ ئانىسىنىڭ تاكتىكا ئىشلىتىشى ۋە «قىزىم بىلەن توي قىلمىساڭ مەكتەپ تەشكىلىڭگە چاقىمەن» دەپ ھەيۋە قىلىشى بىلەن  لى يۈچەن بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئىككى بالىلىق بولىدۇ. ئۇ تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىزلىشىدۇ. ئايالىنىڭ يول كۆرسىتىشىدە ئايالى بەرگەن 100 يۈئەن پۇل بىلەن تاماكا سودىسى قىلماقچى بولىدۇ  ئەپسۇس، پۇل تېپىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن نۇرغۇن قېتىم ساقچىغا تۇتۇلۇپ يەنە تېخى بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچىرايدۇ . بىر قېتىم قاتتىق يامغۇر ۋە ئاچارچىلىق تۈپەيلىدىن ھالىدىن كېتىپ ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغاندا باشقىلار تەرىپىىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان بولسىمۇ يەنە ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ سوراققا تارتىلىپ...كۆرمىگەن كۈننى كۆرىدۇ. ئۆزىنىڭ دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلغانلىقىدىن قاتتىق پۈشايمان قىلىدۇ. ئاچارچىلىق، ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ ناھەق جازالىشى ۋە بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىشى ھەم ئايالىنىڭ ئېلىپ كەلگەن روھى بېسىملىرى ئۇنى ئاخىرى ئەقلىدىن ئازدۇرىدۇ. ئۇ كىشىلىك جەمئيەتتىن بېزار بولغان ھالدا  ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەزگە كىرىۋىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە تاماق ئورنىدا بور يەيدىغان ھالغا كېلىپ قالىدۇ .
3) شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى فاڭ فۇگۇي
ئۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا روسلارنىڭ قېنىدىن بولغان ئارغۇن قىز تۇ شاۋيىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ياشلىق  ۋە مۇھەببەتنىڭ كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا چېقىلىپ قويىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. ئەر-ئايال ئىككىسى دەسلەپتە بىر مەكتەپتە  ئىشلەيدۇ. ئىككى بالىلىق بولىدۇ. ئۇ بىر قېتىم سىنىپتا ئوقۇغۇچىلارغا  ئاتۇم بومبىسىنىڭ پارتلىشى ھەققىدىكى تەجىربىنى كۆرسىتىۋاتقاندا ھوشۇدىن كېتىدۇ ۋە يۈرىكى توختاپ قالىدۇ. ئۇنى شۇ كۈنىلا مەكتەپ تەشكىلى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى «ئۆلدى» دەپ قاراپ دەپنە ئىدارىسىنىڭ «ھۆسۈن تۈزەش» ئورنىغا ئاپىرىدۇ. شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈندە ئۆلۈپ كەتكەن ۋاڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ ھۆسنىنى تۈزەش ئىشى زۆرۈر دەپ قارىلىپ ئۇنىڭ جەسىتى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇلىدۇ. فاڭ فۇگۇي كېچىدە  تىرىلىپ قالىدۇ. فاڭ فۇگۇي  «ھۆسۈن تۈزەش» ئورنىدىن قېچىپ چىقىپ ئۆيىگە كېلىدۇ. ئەپسۇس، ئايالى ۋە بالىلىرى ئۇنىڭ «روھى كەلدى» دەپ بىلىپ ئۇنى ئۆيگە كىرگۈزمەيدۇ. ئاخىرى ئۇ خوشنىسى جاڭ چىچيۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە مەجبۇرى بولىدۇ. جاڭ چىچيۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى -«گۈزەل دۇنيا» نىڭ ئالاھىدە ھۆسۈن تۈزۈگۈچىسى لى يۈچەن فاڭ فۇگۇينىڭ تىرىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قانداق قىلىش ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدۇ، ئاخىرى فاڭ فۇگۇينىڭ چىرايىنى جاڭ چىچيۇنىڭ چىرايىغا ئۆزگەرتىپ ئۇنى جاڭ چىچيۇنىڭ ئورنىدا دەرس ئۆتۈشكە سالىدۇ. ئۇ دەسلەپتە بۇ ئىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ ئەمما ئايالى ، بالىلىرى ، مەكتەپ تەشكىلى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى ھەر خىل قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا چىدىغۇسىز تەڭقىسىلچىلىقتا ياشايدۇ. ئۆزىنىڭ فاڭ فۇگۇي ئىكەنلىكىگە  ئايالى ۋە بالىلىرىنى پەقەتلا ئىشەندۇرەلمەيدۇ. ئاخىرى ئۇ سىنىپ ئىچىدە ئېسىلىپ ئۆلىۋىلىش يولى بىلەن  بۇ خىل بۇرۇقتۇما ئىچىدىكى ئازاپلىق تۇرمۇشتىن بىراقلا قۇتۇلىدۇ.
4) شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى توشقان گۆشى كونسېرۋا زاۋۇتىنىڭ خىزمەتچىسى ئارغۇن قىز تۇ شاۋيىڭ
ئۇ ئىلگىرى ئالى مەكتەپتە روس تىلى ئۆگەنگەن، فاڭ فۇگۇي بىلەن تۇنۇشۇپ  ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ ۋە ئىككىسى بىر مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ . ئىلگىرى ئۇ   شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە روس تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولىدۇ ، كېيىن جۇڭگۇ-سوۋېت مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندا روس تىلى ئوقۇتۇشى توختىتىلىپ ئۇنى، «چەتئەلگە باغلانغان» دېگەن ناملار بىلەن ئوقۇتقۇچۇلۇق خىزمىتىدىن  بوشۇتۇپ  مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى توشقان گۆشى كونسېرۋا زاۋۇتىغا ئىشچىلىققا ئاپىرىپ قويىدۇ. يولدىشى ئۆلگەندىن (ئەمىليەتتە شۇ مەزگىلدە ئۆلمىگەن) كېيىن تۈرلۈك بېسىم ۋە خورلۇقلارغا چىدىماي ئاخىرى ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
5) ۋاڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى
ئازاتلىق ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئازاتلىقتىن كېيىن مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋە مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى قاتارلىق مەمۇرى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ  دەسلىۋىدە  ئۇ «مومدىن پۈتكەن ساھىپجامال»  بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلىدۇ ، كېيىن ئۇنىڭ قىزى لى يۈچەنگە كۆزى چۈشۈپ ئۇنىمۇ  ئۆزىگە قارىتۋالىدۇ . خىزمىتى ئۆسۈپ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولىدۇ يەنە يالغاندىن لى يۈچەننىڭ تاغىسى قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. ئۇ ھەددىدىن زىيادە سەمىرىپ كەتكەنلىكتىن كېسەل بولۇپ قالىدۇ ۋە  شەھەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى يېڭى قىياپىتىنىڭ مودېلىنى تۇنۇشتۇرۋاتقاندا تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئاپتۇر يۇقارقى بەش نەپەر پىرسۇناژنى تەسۋرلىگەندە گەپ-سۆزى، ئىش- ھەرىكىتى، ئوي خىيالى قاتارلىق بىر-بىرىدىن پەرىقلىندىغان تۈپ خۇسۇسيەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ۋەقەلىككە بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەمما بىرەر قېتىممۇ ئۇلارنىڭ خاراكتىرىنى ئۆزى ئوتتۇرغا چىقىپ ۋەقە-ھادىسىسىز ھالدا مەجبۇرى تېڭىپ قويغان ئەمەس. بىر –بىردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان  ئۆزگىچە خاراكتىر ئادەتتىكى ئىشلاردىن تارتىپ چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرگىچە، خىيالدىن تارتىپ ھەرىكەتلىرىگىچە، رىئاللىققتىن تارتىپ چۈشلىرىگىچە ئىپادىلىنىپ تۇرغان. ئاپتۇر  بايان ئامىلى قانچىكى مۇرەككەپ، ۋەقەلىك جەريانى قانچىكى تەرتىپسىزلەشتۈرۈلگەن بولسىمۇ پىرسۇناژلارنىڭ خاس ئالاھىيدىلىكىنى ھامان دىققەت مەركىزىگە  قويغان. ئاپتۇرنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر بىرىدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان ھەم مۇرەككەپ ھايات كەچۈرمىشلىرىگە ئىگە پىرسۇناژلارنى ئەنسىز يىللارنىڭ، ئۆزگۈرۈشچان دەۋرنىڭ نەق مەركىزىگە قويۇپ تەسۋرلەپ بېرىشى ئۇنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى بەددىي تالانتىنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە.
ئىككىنچى، يانداش پىرسۇناژلار: روماندا نۇقتىلىق تەسۋىرلەنمىگەن، ئەمما ھالقىلىق پەيىتلەردە غىل-پال ئۇچراپ تۇرىدىغان، ئاساسىي پىرسۇناژلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان پىرسۇناژلاردىن 27 پىرسۇناژ بولۇپ بۇلاردىن «مومدىن پۈتكەن ساھىپجامال» ، ھايۋانات باغچىسىدىكى خادىملار تەرىپىدىن «قېرى مايمۇن» دەپ ئاتالغان « ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرگۈچى» ،  فاڭ فۇگۇينىڭ ئوغلى فاڭ لۇڭ، قىزى فاڭ فۇ، جاڭ چىچيۇنىڭ ئىككى ئوغلى داچيۇ، شاۋچىيۇ، 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى مىڭ ئاقساقال، ياش ئوقۇتقۇچى شاۋگۇ، قوش گېزەك ئوقۇتقۇچىلار، ما مۇدىر، تاماكا ساتقۇچى ئايال غۇجىدار، دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا قوربان بولغان ئايال قەھرىمان ۋە ئۇنىڭ جۇڭۋېي يولدىشى، دەپنە ئىدارىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، گېزىت مۇخبىرى، ۋاڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئايالى، ئوغلى، قىزى، ئوقۇشنى تاشلاپ ئاشخانا ئېچىپ ئانچە-مۇنچە پۇل تاپقان ماخۇڭشىڭ، توشقان گۆشى كونسېرۋا زاۋۇتىنىڭ ياش سېخ مۇدىرى، توشقان گۆشى كونسېرۋا زاۋۇتىنىڭ ئايال سىياسى كومىسسارى، توشقان گۆشى كونسېرۋا زاۋۇتىنىڭ ئايال ئىشچىسى ليۇ جىنخۇا، قاساپ ۋە ئۇنىڭ قىزى، ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى  يولۋاسنىڭ تېرىسىنى شۇلىۋالغان تې شېڭ، ئورمانلىقتىكى چىشى مايمۇن بىلەن يولدىن ئاداشقان ئەردىن بولغان «ئەلىيۇل ئەلا بالا» قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ.  بۇ خىل پىرسۇناژلارنىڭ ئومۇمىي رومان ۋەقەلىگىدە تۇتقان ئورنى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خاس ئوبرازىنى يارىتىشتا ئاپتۇر يەنىلا  بىر قەدەر چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىغان. بۇلار ئۆزىگە خاس خۇسۇسيەتلىرى بىلەن رومان باش قەھرىمانلىرىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ يارقىنلاشتۈرۈش ۋە ئاپتۇرنىڭ مۇددىئاسىنى گەۋدىلەندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بىز بۇلارنى پەقەت روماندىكى كۆپرەك تەسۋىرلەنگەن پىرسۇناژلاردىن پەرىقلەندۇرۇش ئۈچۈنلا «يانداش پىرسۇناژ» دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولساقمۇ، ئەمما  ھەر بىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىيدىلىكلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەردە  ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ. ئاپتۇر «مومدىن پۈتكەن ساھىپجامال»نىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا پەقەت باشقىلارنىڭ ئۇ ھەققىدىكى ئوي خىيالىنى يېزىش  بىلەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى ياندىن بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ پىرسۇناژ تىلى يوق دېيەرلىك. ئەمما ئۇنىڭ خاراكتىرى باشتىن- ئاخىر ئىزچىل ھالدا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلغان. روماندىكى «ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرگۈچى»مۇ  ناھايىتى  قىسقا دىيالۇگقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ ئۇنىڭ خاراكتىرى ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى،  لى يۈچەننىڭ خىيالى  ۋە يولۋاس ئۆلگەندىن كېيىنكى بېنورمال ھالىتى ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.   روماننىڭ ئاخىرىدا كىتابخانلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان  قاسساپ ۋە ئۇنىڭ قىزى ھەققىدىكى ۋەقە-ھادىسىلەرمۇ ئانچە كۆپ يېزىلمىغان، لېكىن يەنىلا ئوقۇرمەن ئۇلار ھەققىدە مۈكەممەل تونۇشقا ئىگە بولالايدۇ. 8-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى مىڭ ئاقساقالنىڭ مەسىلىلەرگە سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، كونىلىققا مايىل، بېشىدىن كۆپ ئىسسىق- سوغۇقلار ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن ۋەزىيەتكە ئالدىراپ باھا بەرمەيدىغان خاراكتىرى ئۇنىڭ بىرقانچە ئېغىز سۆزى ئارقىلىقلا يۇرىتىلغان. ئەگەر بىز بۇ تۈردىكى پىرسۇناژلارنى بىرمۇ بىر تەھلىل قىلساق ھەر بىرىنىڭ خاراكتىرىنى يارىتىشتا يەنە كۆپلىگەن ئارتۇقچىلىقلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايمىز. مەن بۇ يەردە تەپسىلى توختالمىدىم.
ئۈچۈنچى ئۆتكۈنچى پىرسۇناژلار: روماندا غىل-پال تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان پىرسۇژلارمۇ 120دىن ئاشىدۇ . بۇلاردىن  ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىسى، خەلق ساقچىسى، مۇخبىر، ئامانلىق قوغدۇغۇچى، دوكتۇر، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، باشلانغۇچ مەكتەپ رەھبەرلىرى، بانكا خادىمى، كاتىپ، ئادەتتىكى زاۋۇت ئىشچىسى، شوپۇر، سودا- سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرغۇچى، تازلىق ئىشچىسى، كېچىلىك چارلاش ساقچىسى، ئىشىك باقار، قاسساپ، تۆمۈرچى، ياماقچى، بېلىقچى،  ئاشپەز، تاماكا ساتقۇچى، چەتئەللىك سودىگەر، راھىپ، يانچۇقچى، ئوغرى- قاراقچى، بېكارچى قاتارلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر نورمال جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر توپى بولۇپ ئاپتۇر بۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغان ئەڭ ئىنچىكە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ ئىخچام دىيالۇگ، قىسقا كۆرۈنۈشلەر بىلەن روشەن پەرىقلەندۇرۇپ بەرگەن.
2.روماندىكى ئوخشىتىشلار
روماندا ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 600دىن ئارتۇق ئوخشىتىش ئىشلىتىلگەن بولۇپ بۇ ئوخشىتىشلارنى شەكىل ۋە  ئوخشىغۇچى بىلەن ئوخشالغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا ئىنتايىن كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. مەن تۆۋەندە موھىم دەپ قارىغان بىرقانچە مەسىلىلەرنى روماندىن ئېلىنغان مىساللار ئارقىلىق ئىزاھلاش قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
شەكىل جەھەتتىن:
1)يەككە ئوخشىتىش- ئاپتۇر روماندا پىرسۇناژ ۋە شەيئى ھادىسىلەرنىڭ خاس خۇسۇسيەتلىرىنى( ئاۋاز ۋە ھەرىكەت، خۇلۇق ۋە تۇرۇق قاتارلىق خاس خۇسۇسيەتلىرىنى) ئوبرازلىق، جانلىق ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن كۆپرەك بىر شەيئى ھادىسىنى يەنە بىر شەيئى ھادىسىگە ئاددىي ھالدا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل ئوخشىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان. مەسىلەن: «تۈلكىنىڭ ھۇۋلىشى ئاياللارنىڭ يىغىسىغا ئوخشايىتى»، «پاخپايغان سارغۇچ چاچلىرى تۈلكىنىڭ قۇيرىقىغا ئوخشايىتى»، «كۈچۈكلەرنىڭ ئاق، قارا تېرىلىرى تاۋاردەك يالتىرايىتى»، «ئاۋازى خۇددى دولقۇندەك كىچىككىنە ئۆيگە يوپۇرلۇپ كىردى»... قاتارلىقلار. بۇنى ئادەتتە بىز ئوخشىتىشنىڭ ئەنئەنىۋى تۈرلىرى بويىچە ئىنىق ئوخشىتىش دېسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئوخشىتىشلاردا ئوخشالغۇچى، ئوخشىغۇچى ۋە ئوخشىتىش قوشۇمچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ تەڭ مەۋجۇت بولغان.
2)ئۇلاپ ئوخشىتىش-ئاپتۇر روماندا مەلۈم شەيئى-ھادىسىنىڭ ۋە پىرسۇناژلارنىڭ بىرقانچە تەرەپلەرنى باشقا بىر شەيئى ھادىسىنىڭ ۋە پىرسۇناژلارنىڭ بىرقانچە تەرەپلەرگە بىرلا ۋاقىتتا ئۇلاپ ئوخشىتىش ئۇسۇلىنىمۇ قوللانغان. مەسىلەن: «تەڭرى ئالاھىيدە ماتېرىيالدىن ياسالغان قاتتىقلىقتا بېرىليانىتقا، يۇمشاقلىقتا سۇيۇق لايغا، ئەۋرىشىملىكتە رىزىنكىگە ئوخشايىتتى»، «بۇرنىدا ئاق داكا، چاڭچىلە ئېيتىدىغان قىزىقچىغا ئوخشايىتتى. راكقا ئوخشاش ئىگىلىپ تۇراتتى. دىڭ تۇرۇپ كەتكەن چاچلىرى ھاڭۋاقتى خورازنىڭ تاجىسىغا ئوخشاش كۆرۈمسىز ئىدى»،«چاشقانلار خۇددى ئادەملەردەك ئۆرە تۇردى، تەمتىلەپ ماڭغان بالىدەك ماڭدى»، « پىل چىشىدەك قاتتىق، بىرىليانىتتەك جۇلالىق گۈل بەرىكلىرى چوغدەك تاۋلىنىپ تۇراتتى»، «جىڭ تېشىغا ئوخشاش بىر جۈپ كۆكسى، يېلىنجاپ كۆيۈۋاتقان ئىككى پارچە كۆمۈرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى». .. قاتارلىقلار.
3) پاراللىل ئوخشىتىش- بىر شەيئى-ھادىسە ۋە مەلۈم بىر ھەرىكەتنى بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق شەيئى-ھادىسە ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق تەڭ دەرىجىدە ئوخشىتىش: «ساياھەت سومكاڭمۇ سەن بىلەن تەڭ ئاقار يۈلتۇزدەك ،  قۇيرۇقىنى پۇلاڭلاتقان ئەجدىھاردەك قولۇڭدا پۇلاڭلاپ تۇرىدۇ»، «قەغەزدىكى خەتلەر تاماكىنىڭ ئىسىدەك، تۆمۈر قەپەس ياساشقا ئىشلىتىدىغان سىمدەك قىڭغىر-سىڭغىر ئىدى»، «بۇ خۇددى لاي ھەيكەلتاراشنىڭ ئۇستىلىدە، چوشقا گوشى قاسساپنىڭ ئەمبىلىدە تۇرغاندەك بىر ئىش»، «خىڭ،خىڭ،خىڭ، ئاقىل ئادەمنىڭ سوغۇق كۈلكە ئاۋازىغا، قاپقاق گازى قويۇپ بەرگەن چاغدىكى ئاۋازغا ئوخشايىتتى»، «كۈندۈزى دەسسىلىپ يېتىپ كەتكەن سۈنئىي تالالىق گىلەمنىڭ كەچتە قايتىدىن ئەسلىگە كەلگەن تۈكلىرى كىرپىنىڭ تۈكىگە، ياپيېشىل يۇمشاق چۆپكە، ئۆلۈپ تىرىلگەن موخقا ئوخشايىتتى»، «مەكتەپ مۇدىرى دېڭىز قىسقۇچپاقىسىنىڭ پۇتىغا ھەم يۇغان پولات ئامبۇرغا ئوخشاپ كېتىدىغان توم ۋە كۈچلۈك بېگىز بارمىقى ۋە باشمالتاق بارمىقى بىلەن فىزىكا مۇئەللىمىنىڭ مىدىرلاپ تۇرغان قوۋۇزىنى تاتىلىدى»، «كوڭچىيۇ ھەزرەت لالما ئىتتەك، توردىن چۇشۇپ قالغام بىلىقتەك ئالاقزادە بولۇپ بەدەر تىكىۋەتكەنمىش»... قاتارلىقلار.
4) تەكرار ئوخشىتىش- ئاپتۇر روماندا ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ خاس خۇسۇسيەتلىرىنى ۋە بەزى شەيئى ھادىسىلەرنىڭ شەكلى، تۇرقىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىدا تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەش ئۈچۈن بەزى ئوخشىتىشلارنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلىغان. ئەسەر باش قەھرىمانى  «گۈزەل دۇنيا» نىڭ ئالاھىدە ھۆسۈن تۈزۈگۈچىسى لى يۈچەننىڭ تاشقى قىياپىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان « مايسىدەك بۇرتى» دېگەن ئوخشىتىش ئەسەردە 10 نەچچە قېتىم تەكرارلانغان. بۇ ئوخشىتىش بىزنى ئەسەر باش قەھرىمانىنىڭ موھىم ئالاھىيدىلىكىنى ھەر دائىم ئېسىمىزگە سېلىپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قاسساپنىڭ پىچىقىنى گەردىلەندۇرۇپ بېرىشتە كۆپرەك «كالىنىڭ قۇلىقى شەكىللىك ئۇچلۇق پىچاق» دېگەن ئوخشىتىشنى بىرقانچە قېتىم تەكرار قوللانغان.
ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچى مۇناسىۋىتى جەھەتتىن:
1) مەلۈم بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسيەت ھالەتلىرىنى باشقا بىر ئادەمنىڭ خۇسۇسيەت - ھالەتلىرىگە  ئوخشىتىش:«ياشانغان ئادەم خۇددى كەپسىز بالىدەك يەردە دومىلاپ كەتتى»، «سەن ئۆزەڭنى ئانىسىنى ئىمىپ تۇرۇپ ئۇيقۇغا كەتكەن بەخىتلىك بۇۋاقتەك ھېس قىلدىڭ»، « ھېلىقى ئەرنىڭمۇ بېشىدا چاچ يوق بولۇپ دەرۋاقە تاقىرباش راھىپقا ئوخشاپ كېتەتتى»، « ئۇنىڭ لەۋلىرى تەجىرىبىلىك قاراقچىنىڭ لەۋلىرىگە ئوخشايىتتى»، « ئۇ ئۆزىنى خۇددى قەھرىماننىڭ ئايالدەك تۇتۇشى كېرەك ئىدى»، «ھاۋا قاتتىق ئىسسىق بىر كۈنى چۈشتە، ئۇ خۇددى قارام يىگىتتەك تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرماي»... قاتارلىقلار.
2)ھايۋاننى ئادەمگە ئوخشىتىش:« قۇشقاچلار دېرىزىگە ئۇرۇلغاندا باشلىرىدىكى چاچلىرى چۈشۈپ خۇددى تاقىر باش بوۋايلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى»، «كەپتەر چوڭلۇقىدىكى بىر قۇشقاچ خۇددى ئەمدىلا ئايىقى چىققان ئوغۇل بالىدەك دەڭدەڭشىپ بىر پۈتى بىلەن دىكىلداپ سەن تەرەپكە مېڭىپ كەلمەكتە»...قاتارلىقلار
3)ئادەمنىڭ تۇرقىنى شۇنداقلا مەلۈم ھەرىكەت -خۇسۇسيەت ۋە مەلۈم ئەزالىرىنى ھايۋاننىڭ ياكى نەرسىلەرنىڭ تۇرقىغا ياكى مەلۈم ھەرىكەت -خۇسۇسيەت ۋە مەلۈم ئەزالىرىغا ئوخشىتىش: « سەن يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ قېرى بۇركۈتكە ئوخشايسەن»، « قېيىنئاناڭنىڭ كۆزلىرى چوڭقۇر سۇدا ياشايدىغان مەلۈم تىپتىكى بىلىقنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش يومىلاق ئىدى»، «ئىككى پۇتى سۇنى كۆرۈپ خۇددى ئىككى تال سوم بېلىقتەك يايراپ كەتتى»، « ئۇ ئۆلۈك ئىتتەك تۈگۈلۈۋالدى»، « ئۇ توساتتىن ئولجىسىغا ئېتىلغان يىرتقۇچ يولۋاستەك ئېتىلدى»، «ئۇ گويا قاپقارا قۇشقا ئوخشاش ماۋۇ دەرەخلىتىن ئاۋۇ دەرەخلىككە ئۆتەتتى»، «ئۇنىڭ تۇرقى رېشاتكىنىڭ ئىچىدىكى ھايۋانلارنىڭ تۇرقىغا ئوخشاپ كېتەتتى»، « مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئايالى ئورۇقلاپ تاياقتەك بولۇپ قالغان ئىدى»، «ھېلىقى ئادەم تىزلىنىپ چۆمۈچتەك بېشىنى ئىگىز كۆتەردى»، «ئۇ ئاچ كۆز چوشقا كۈچۈكىگە ئوخشايىتتى»، «شەھەر باشلىقىنىڭ ئاغزى رومبا شەكلىگە كىرىپ قالدى»، «قەپەستىكى توغرىسىغا قويۇلغان قونداقتا تازقارادەك ئولتۇردى»، «تۇشاۋيىڭنىڭ كۆزلىرى بوخەي دېڭىزىنىڭ سۈيىگە ئوخشاش كۈلرەڭ ئىدى»، «ئۇنىڭ سىدام ئۇچلۇق بېشى دۇم كۆمتۇرۇلگەن پاقىراق قاپاققا ئوخشايىتتى»، «بىر توپ ئوقۇتقۇچىلار ئۇ ئاپىرىدە قىلغان بىر توپ ئۇششاق مايمۇنلارغا ئوخشايىتتى»... قاتارلىقلار.
4) جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرنى شۇنداقلا  تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئۆزىدىن باشقا جانلىق ۋە جانسىز نەرسىلەرگە ياكى تەبىئەت ھادىسلىرىگە  ئوخشىتىش:  «مايمۇنلار تېغىدا بۇتقا ئوخشايدىغان ئالامەت يۇغان بىر تاش بار ئىدى»، «كەچكى شەپەق يېنىپ تۇرغان مەشئەلگە ئوخشايىتتى»، « فۇتۇ ئاپاراتىنىڭ كۆزى سىلەرگە مىقتەك قادالدى»، «مەڭزىدىكى ياش ئاي نۇرىدا مەرۋايىتتەك چاقنايىتتى»، «كېچىدە كېتىۋاتقان ماشىنىلار ئاسماندىن چۈشكەن يۇغان يۇلتۇزلاردەك ئاسمان-پەلەك ئىگىز بىنالارنىڭ ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى»، «ئەينەك پارچىلىرى خۇددى ھەرىنىڭ ئۆتكۈر چىشىدەك كۆرۈنەتتى»... قاتارلىقلار.
5)مەلۈم بىر شەيئىنىڭ رەڭگىنى يەنە بىر شەيئىنىڭ رەڭگىگە ئوخشىتىش: «گۈلنىڭ رەڭگى قەھۋە رەڭگىگە ئوخشايىتتى»...قاتارلىقلار.
6)ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ شەكلى، ھەرىكىتى ۋە خۇسسۇيىتىنى ئىلاھىي ئوبرازلارغا ئوخشىتىش:« شۇ كۈنى سىز قارا-چىپار كىيىپ ئەرۋاھتەك ئاي نۇرىدا ئولتۇردىڭىز»، «ئەسلمىلەرىڭ كېيىنكى بابلىرى خۇددى جىنلارنىڭ سايىسىدەك يېڭىۋاشتىن پەيدا بولدى»، «ئۇ گويا ئاسماندىن چۈشكەن ئەرۋاھتەك پەيدا بولدى»، «ئۇ ئۆزىنى بۇلۇتلار ئۇستىدە يۈرگەن پەرىزاتتەك سەزدى»، «بور تۇتقان قوللىرى ئىبلىسنىڭ قولىدەك ئالا-چىپار بولۇپ كەتتى»...قاتارلىقلار.
دېمەك ئاپتۇر بۇ رومانىدا ئوخشىتىشنىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ ئوخشىتىشلارنىڭ يېڭى ھەم ئۆزگىچە، ئوبرازلىق ھەم قىزىقارلىق بولۇشىغا ئالاھىيدە كۈچ چىقارغان. ئوخشىتىشتا مەلۈم بىر شەيئىنىڭ مەلۈم بىر تەرەپتىكى ئالاھىيدىلىكىنى يەنە بىر شەيئىنىڭ مەلۈم تەرەپتىكى  ئالاھيدىلىكىگە ئوخشىتىشىتىن ئىبارەت تۈپ قائىدىدىن چەتنىمىگەن ھالدا ئەمىلىي تۈرلۇشتىن ئېلىنغان ،  نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىدىن ھاسىل بولغان، پىرسۇناژلار ئومۇمىي خاراكتىرى بىلەن ۋەقەلىك تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان ئوخشىتىشلارغا كۆپرەك باش قاتۇرغان. بۇ ئارقىلىق روماننىڭ بەددىي ئالاھىيدىلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.
3. روماندىكى سۈپەتلەشلەر
بۇ روماندا ئىشلىتىلگەن بەددىي ماھارەتلەرنىڭ بىرى دەل سۈپەتلەشلەرنىڭ موللىقىدا كۆرۈلىدۇ. سۈپەتلەش ئومۇمەن سۈپەت سۆزلىرىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ، شەيئى ھادىسىلەرنىڭ سۈپىتىنى، تەمىنى، خۇسۇسيىتىنى بىلدۇرىدىغان سۆلەر سۈپەت سۆزلىرى بولۇپ بولار ئىسىتلىستىكىدا سۈپەتلەشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئالدىنقى شەرت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. روماندا رەڭنى بىلدۇرىدىغان سۈپەتلەر بىلەن تەم ۋە پۇراقنى بىلدۇرىدىغان سۈپەتلەر بىر قەدەر كۆپ قوللىنىلغان. مەن تۆۋەندە بۇ ھەققىدە قىسقىچە ئىستاتىسكا ماتېرىيالىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈمەن.
رەڭنى بىلدۇرىدىغان سۈپەتلەر
ئاپتۇر 900 دىن ئارتۇق ئورۇندا رەڭنى بىلدۇرىدىغان سۆز ئىشلەتكەن بولۇپ ئاساسلىق رەڭ سۆزلىرىدىن ئاق، قارا، قىزىل، كۆك، سىرىق، يېشىل، تاغىل، ئالا-چىپار، قوڭۇر، قارامتۇل قاتارلىقلار؛ ئوخشاتما رەڭ سۆزلىرىدىن  زىغىر رەڭ، مېغىز رەڭ، ماش رەڭ،  بوز رەڭ، كۈل رەڭ، نىلۇپەر رەڭ، قەھۋە رەڭ، بەدرەڭ، ئالما چېچىكى رەڭ، ئانارگۈل رەڭ، مايسا رەڭ، گۆش رەڭ، پور رەڭ، شاپتۇل چېچىكى رەڭ، چاي رەڭ  قاتارلىقلار بار.
رەڭ سۆزلىرىنىڭ تەكرارلىنىش قېتىم سانىدىن ئېيىتقاندا قىزىل ۋە ئۇنىڭ دەرىجىلىرى بولغان قىپقىزىل، قىزىلراق، سۇس قىزىل، توق قىزىل، قىزغۇچ قاتارلىق رەڭ سۆزلىرى ئەڭ كۆپ تەكرارلانغان. قىزىل سۆزىنىڭ بۇنچە كۆپ ئىشلىتىلىشىدىكى بىر سەۋەپ ئاپتۇرنىڭ رومان ئارقا كۆرنۈش قىلغان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ۋە ئۇنىڭ ئالدى كەينىدىكى مەزگىللەردە جەمئىيىتىمىزدە «قىزىل» سۆزى بىلەن باغلانغان  نام- ئاتالغۇلارنىڭ ھەدىددىن زىيادە كۆپ بولغانلىقىنى گەۋدىلەندۇرۇش دەپ قاراشقا بولىدۇ. «قىزىل تېلېفۇن»، «قېزىل ئىدىش»، «قىزىل يۇلتۇز تونىلى» دېگەندەك سۆزلەر ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتاپلاردىمۇ «قىزىل» بىلەن ئاتىلىدىغان ئوقۇملارمۇ خىلى كۆپ كۆرۈلگەن. «قىزىل قوياش»، «قىزىل يۇلتۇز»، «قىزىل ناخشا»، «قىزىل يۈرەك»، «قىزىل يىپ»، «قىزىل يول»، «قىزىل چىراق»، «قىزىل بايراقدار» دېگەندەك. ئېسىمدە قېلىشچە شۇ چاغلاردىكى تىل-ئەدەبىيات كىتابىمىزنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك قىسمىدىمۇ«باش تېما- خۇددى بىر تال قىزىل يىپقا ئوخشاش پۈتۈن ئەسەرنى باشلاپ تۇرىدۇ» دېگەن بىر قائىدە بار ئىدى. ئاپتۇر بۇ رومانىدا قىزىل سۆزىنىڭ شۇ چاغلاردىكى ئىشلىتىلنىشى ھەققىدە ئەمىليەتنى چىقىش قىلغان ھالدا مۇنداق بىر قىستۇرمىنى كىرگۈزگەن: روماننىڭ 187-بېتىدە فېزىكا ئىمتىھان سوئالىدىن بىر مىسال نەقىل ئالغان بولۇپ ئۇنىڭدا «...بىر تال قىزىل ئارقان كۆپ بولغاندا 2000گېرام جىسىمى كۆتۈرەلەيدۇ...قىزىل ئارقاننىڭ بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرۇش سۈپىتى...قىزىل ئارقاننىڭ ئاي شارىدا... ». مانا بۇ «قىزىل» سۆزىنىڭ ئەينى يىللاردىكى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلىتىلىنىشىنىڭ بىر دەلىلى.
روماندا سېرىق، قارا، ئاق قاتارلىق رەڭ سۆزلىرىمۇ خېلى كۆپ قوللىنىلغان بولۇپ  بۇلار تەبىئىي موھىت تەسۋىرى، ئىچكى ھېسيات تەسۋىرى، كۈندۈلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ھەرىكەت-ھالەتلەر ۋە كۆرۈش سەزگۈسى قاتارلىق تەرەپلەرگە باغلىنىپ كەتكەن.
4.روماندىكى تەم-پۇراق ناملىرى
روماندا 200دىن ئارتۇق تەم-پۇراق نامىنى تىلغا ئالغان. بۇلارنى ئاساسىي تەم-پۇراق، ئوخشاتما تەم-پۇراق، سىمېۋۇللۇق تەم-پۇراق، غەيرى تەم-پۇراقلار بويىچە تۆت تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
1)ئاساسىي تەم- پۇراقلار: ئاچچىق، تاتلىق، چۈچۈمەل، قىرتاق، سېسىق، ئىللىق، خۇشبۇي، بەتبۇي...قاتارلىقلار.
2)  ئوخشاتما تەم-پۇراقلار: ھەسەلنىڭ تەمى، چاينىڭ تەمى ، تاۋۇزنىڭ ھېدى، چۆپنىڭ پۇرىقى، گۈلنىڭ پۇرىقى، بېنزىن پۇرىقى، تەر بۇرىقى، سۇيدۇكنىڭ پۇرىقى، يامغۇرنىڭ ھېدى، دورىنىڭ ھېدى، قان ھېدى، تېرەك ھېدى، ئەركەك موزاينىڭ ھېدى، ئۆلۈكنىڭ ھېدى، چوشقىنىڭ چوڭ ئۇچىيىنىڭ پۇرىقى... قاتارلىقلار.
3)  سىمېۋۇللۇق تەم-پۇراقلار: مۇھەببەتنىڭ ھىدى، سوۋېت شىيۇجىڭجۇيىچىلىرىنىڭ پۇرىقى، ئۇلۇغ رۇس تىلىنىڭ ھېدى، چار پادىشاھنىڭ پۇرىقى، مەپتۇنكارانە پۇراق... قاتارلىقلار.
4) ئۆزگىچە تەم-پۇراقلار:  ئالتۇننىڭ پۇرىقى، رەڭلىك پۇراق، يېڭى پۇراق،...قاتارلىقلار.
روماننىڭ جانلىق، ئوبرازلىق، تۇرمۇشلۇق، رىئاللىققا باغلىنىشلىق بولىشىدا ھەر بىر رەڭ ۋە تەم-پۇراق سۆزلىرى ئىنتايىن موھىم رول ئوينىغان.  
5.روماندىكى ھېكمەتلىك سۆزلەر
مەن بۇ روماننى ئوقۇش جەريانىدا ئۆزۈم ھېكمەتلىك سۆزلەر  دەپ قارىغان تۆۋەندىكى سۆزلەرنى رەتلەپ چىقتىم. (جەمى 35 پارچە)
«ئېرى تەرىپىدىن جىسمانىي ئىستىكى قاندۇرۇمىغان ئايال سەۋدايى بولۇپ قالىدۇ»(39-بەت)، «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇتەپەككۈرنىڭ كەيپىياتى ئۆزگىرىدۇ. رەڭ توختىماي ئۆزگىرىش ياساپ نىشاندىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ» (40-بەت)، «ئاياللارنىڭ بىر خىلى ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە بەكرەك جەلىپكار بولۇپ كېتىدۇ. خۇددى ئېسىل چايدەك دەسلەپ ئىچكەندە ئاچچىق ھەم قىرتاق بولۇپ ئىچكەن ئادەمنىڭ تىلى ۋە ئېغىزىنى نەس باسىدۇ. ئاخىرغىچە ئىچكەندە ئاندىن ئۇنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى بىلەن شېرىن تەمىنى تېتىغىلى بولىدۇ»(41-بەت)، «جەمئىيەتتە سەنئەت بولمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن غەلىتە ھادىسە بولمىسا بولمايدۇ. سەنئەت بولمسىمۇ غەلىتە ھادىسىلەر ئوخشاشلا پەيدا بولىۋېرىدۇ»(46-بەت)، «ياشلىق مەزگىل سىرلىق ھەم ئازاپلىق، دەككە-دۈككە ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدىغان مەزگىل، شەپە چىقارماي يېتىپ كېلىدۇ»(47-بەت)، «ۋاقىت ئۇزارسا ئازاپمۇ ئازاپ بولماي قالىدۇ» (47-بەت)، «ئوخشىتىشنىڭ ھەممىسى ئارتۇقچە، ئەمما ئوخشىتىش بولمىسا دۇنيانى ئەكىس-ئەتتۇرگىلى بولمايدۇ» (53-بەت)، «مۇھەببەت ئالدىدا ئىدراك توغرۇلۇق گەپ قىلىش ئورۇنسىز ئىش»(59-بەت)، «ئاغزىدىن چىققان گەپنى ئورۇنلاش-ئورۇنلىماسلىق دوست-يارەننى سىنايدىغان جانلىق ئۆلچەم»(60-بەت)، «مۇھەببەت ئادەمنى رەھىمسىز قىلىۋىتىدۇ»(61-بەت)، «ھەرقانداق بىر دەريا ئىنسانلارنىڭ كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلايدىغان موھىم يولى»(63-بەت)، «تويلۇق كارۋاتتا ئۆلگەن كېلىنچەك ئەڭ بەخىتلىك» (67-بەت)، «قاتتىقلىقى بىلەن ئاجىزلىقىنى بوي سۇندۇرغان ماددا مەڭگۈ ئۆچمەس تەسىرات پەيدا قىلىدۇ»(74-بەت)، «مەۋجۇت بولغانكەن مۇۋاپىق بولىدۇ»(88-بەت)، «ئازراق ئىنسانپەرۋەرلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تېخىمۇ چوڭ ئىنسانپەرۋەرلىككە ئېرىشكىلى بولىدۇ»(90-بەت)، «بىر ئادەمنىڭ ئەما بولۇشقا مەجبۇرلىنىشى گاچا بولۇشقا مەجبۇرلانغاندىن ئون ھەسسە تەس»(92-بەت)، «ياشاش ئاسان ئەمەس، ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئوخشاش» (98-بەت)، «تۇرمۇشتا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن پىلان – تەدبىرلەر پات-پات ئۈزۈل-كېسىل قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ»(109-بەت)، «بەخىت مەڭگۈلۈك بولمايدۇ»(111-بەت) «ھاماقەت ھېسياتلىنىپ كەتسە يولۋاستىن قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كېتىدۇ» (116-بەت)، « ئادەم بەزىدە بەزى ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارىنى كونتۇرۇل قىلالمايدۇ»،(118-بەت) «شان-شەرەپ بەزىدە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك دورا. رەقىپلەرگە تاقابۇل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ئۇنى بولىشىغا ماختاش»(143-بەت)، «تىرىكلەر ئۆلۈكلەرنىڭ جەسىتىنى دەسسەپ يۇقىرى ئۆرلەيدۇ»(152-بەت)، «ئېرىنىڭ قەلبىدىكى سەنەمنىڭ روخسارى ۋە تۇرقىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ روخسارى ۋە تۇرقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان خوتۇن، شەك-شۈبھىسىزكى سىغىنىشقا ئەرزىيدۇ»،(201-بەت) «بارچە شاتلىق ۋە خوشاللىق ئۆزىگە قانغا تويۇنغان ياكى يېرىم تويۇنغان جانلىقنى ھەمرا قىلىدۇ»(209-بەت)، «ئېسىل تائام يېيىش خۇددى تەڭرىگە تاۋاپ قىلىشقا ئوخشايدۇ» (234-بەت)، «ئېسىل شاراپ ئىچكەندىن كېيىن ئىسپىرىتنىڭ زەھەرلىشىگە بەرداشلىق بېرىشكە تەييار تۇرماي بولمايدۇ»(266-بەت)، «پۇل رەزىل نەرسە لېكىن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشىغىلى بولمايدۇ»(274-بەت)، «ئادەم ھايات ۋاقتىدا مەيلى قانداق ئورۇندا بولسۇن ئۆلگەندىن كېيىن جەسىتىدىن كېلىدىغان پۇراق ئوخشاش»(279-بەت)، «مۇھەببەتتىكى ئېچىنىش چېكىگە يەتكەندە تەن مۇھەببەتكە ئاسىيلىق قىلىپ ھۇزۇر سۇرۇشكە ئىنتىلىدۇ»(337-بەت)، «غەلىتە ماسلىقتىن گۈزەللىك ، قىزغىن مۇنازىرىدىن قايىل قىلارلىق كۈچ ھاسىل بولىدۇ»(346-بەت)، «ئوتلۇق يىللاردىلا ئوتلۇق مۇھەببەت پەيدا بولىدۇ»(356-بەت)، «ئەر –ئايال ئوتتۇرسىدىكى ھېسيات ئۆرگۈرۈشىنى ئېنىق ئىچىپ بەرمەكچى بولغان ھەرقانداق ئەدىپ ئەخمەق»(369-بەت)، «يامغۇر سۇنىڭ تۈۋرۈكى، سۇنىڭ ئېقىمى، سۇنىڭ ئۆز ئانىسى»(446-بەت)، « باشقىلارنىڭ ھەسەت قىلىشىمۇ بىر تۈرلۈك بەخىت» (460-بەت)
ئاپتۇرنىڭ بۇ ھېكمەتلىرىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ تەبىئەت، جەمئىيەت، پەلسەپە، پەزىلەت، ئىچىكى ھېسيات، سىياسەت، تارىخ، كۈندۈلۈك تۇرمۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. بەلكىم بۇ يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان ھاسىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۆزى كۈزەتكەن مەسىلىلەر بويىچە چىقارغان ئىلىمىي خۇلاسىلىرىنىڭ يەكۈنىدۇر ۋە ياكى باشقىلارنىڭ بۇ ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر. قانداقلا بولمىسۇن بۇ ھېكمەتلەر روماننىڭ بەددىي سەۋيىسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش  بىلەن مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۈرۈش رولىنى ئوينىغان.
6.روماندىكى نەقىللىك ھېكايە ۋە رىۋايەتلەر
روماندا قەدىمقى رىۋايەتلەر ۋە ئىبرەتلىك ھېكايىلەردىن جەمى ئالتە پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇلار:
1)قولى ئۈزۈلگەن ئانا مايمۇن رىۋايىتى- ئىنسان بىلەن ھايۋان ئوتتۇرسىدىكى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى مەزمۇن قىلىنغان بولسىمۇ ئەمىلىيەتتە  ۋاپادارلىق بىلەن ۋاپاسىزلىق، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان. بۇ رىۋايەت جانلىقلارغا خاس بولغان تەبىئىي ئىھتىياج بىلەن ئىنسان پىسخىكىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. مايمۇننىڭ بالىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مۇڭلۇق نالىسى، ئۇنىڭ ئورمانلىقتىكى ئېچىنىشلىق ئۆلۈمى، ئىنسانلار ئارىسىدا ياشاپ چوڭ بولغان مايمۇن ئوغلىنىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ كېلىپ ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئېچىنىپ ئۆزىنى ئولتۇرۋالغانلىقتىن ئىبارەت تراگىدىيىسى ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مېھرى-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتى بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىنى سېلىشتۇرما قىلىش رولىغا ئىگە.
2)قارلىق كېيىم ئىچىگە قىزىل كۆينەك كىيگەن ئايال ھېكايىسى.
.3)ئېرىنىڭ قەبرىسىنى يەلپۈۋاتقان ئايال رىۋايىتى.
4)ياش راھىپ ۋە ئايال رىۋايىتى- قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رومان باش قەھرىمانلىرىدىن بىرى بولغان تۇشاۋيىڭنىڭ نورمال جىنسىي تەلىۋى بىلەن ئەخلاقىي مىزانلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قانداق قىلارىنى بىلەلمەي قالغان مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھېسياتىنى گەۋدىلەندۇرۇش رولىنى ئوينىغان.
5)ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىلگۈچى قىز ھېكايىسى-ئاپتۇر  بۇ نەقىللىك ھېكايە ئارقىلىق روماننىڭ سېھرى تۇسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ ئوقۇرمەنلەردە رىئاللىق بىلەن خىيالنىڭ، ھازىر، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىنىڭ بىر بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن يېقىن مۇناسىۋىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن.
6)بىر پۈتى بىلەن ماڭغان قۇشقاچ ھېكايىسى-بۇ روماندىكى ئىنتايىن موھىم بىر نەقىل بولۇپ« 13 قەدەم »دېگەن ماۋزۇمۇ مۇشۇ نەقىللىك ھېكايىدىن كەلگەن. 12 قەدەمنىڭ بەخىت سائادەتكە، 13-قەدەمنىڭ بالايى-ئاپەتكە تەبىقلىنىشى بىر خىل رىۋايەت تۇسىنى ئالغان بولسىمۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدىكى ئارتۇقچە خۇشاللىقنىڭ ئارقىسىدىكى يۇشۇرۇن ئاپەتنى سىمۇۋۇل ئاساسىدا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ رىۋايەتلەر رومان ئاساسىي قەھرىمانلىرىنىڭ خاراكتىر ئالاھىيدىلىكىنى ۋاستىلىق گەۋدىلەندرۇرۇش بىلەن بىللە روماننىڭ سېھرىلىق خۇسسۇيىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولى بولغان.
7.روماندىكى سىياسى سۆز-ئاتالغۇلار
ئاپتۇر رومان ۋەقەلىكى يۈز بەرگەن دەۋرنى چىقىش قىلغان ھالدا خېلىلا كۆپ سىياسى سۆز-ئاتالغۇلارنى ناھايىتى ماس ۋە تەبىئىي ھالدا قىستۈرۈشنىمۇ ئۇنتىمىغان. بۇ سىياسى سۆز-ئاتالغۇلار روماننىڭ دەۋرى ئالاھىيدىلىكىنى يان تەرەپتىن نامايەن قىلىش رولىنى ئوينىغان. مەن بۇ سۆز- ئاتالغۇلارنى تۆۋەندىكىدەك ئىستاتىسكا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسقىچە ئىزاھلاشنىمۇ قوشۇمچە قىلدىم.(جەمى 21پارچە)
1)«ھەممىڭلارنى بىراقلا ‹ئوڭچى› قىلىۋىتىش كېرەك» (16-بەت)- 1958-يىللىرىدىن باشلاپ پارتىيىمىزنىڭ باش لۇشىيەندە سولچىللىق خاتالىقى يۈز بەردى. نۇرغۇنلىغان زىيالىلار، ئوقۇتقۇچىلار ھەم سىياسى تەركىۋى يۇقىرى بولغان كىشىلەر «سوتسىيالىزىمغا قارشى تۇرغان، پۇرۇلتارىيەت دېكتاتۇرسىغا قارشى تۇرغان، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان» دەپ قارىلىپ «ئوڭچى» دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلگەن. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن«سىياسەت ئەمىلىلەشتۈرۈش» خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىپ نۇرغۇنلىرىنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
2)«بارلىق مەۋجۇداد قۇياشقا تايىنىدۇ، دېڭىزدا پاراخوت رولچىغا تايىنىدۇ» (29-بەت) –بۇ بىر ناخشا تېكىستى بولۇپ 1966-يىلى رەئىس ماۋزىدۇڭ «قىزىل قوغدىغۇچىلار»نى 8-قېتىم قوبۇل قىلغاندا ئىيتىلغان. بۇنىڭدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ۋە ماۋزىدۇڭ مەدھىيەلەنگەن. بۇ ناخشىدا شەخسىگە چوقۇنۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئىپادىلەنگەن.
3)«شەرق قىزاردى» (30-بەت)-مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر قىلىپ 1937-يىلى شىمالىي شەنشىگە يېتىپ بارغاندا شىمالىي شەنشى دېھقانلىرى ماۋ زىدۇڭنى مەدھىلەپ ئېيىتقان ناخشا.
4)« يۈگۈڭنىڭ تاغنى يۆتكەيدىغان روھى» (41-بەت)-بۇ 1945-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى  پارتىيە مەركىزى كومىتېتى يەنئەندە 7-قورۇلتىيىنى ئاچقاندا رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ قۇرۇلتاي يېپىش نوتىقىدا سۆزلەنگەن سۆزى بولۇپ «لىزى» ناملىق كىتابتىن ئېلىنغان. رىۋايەتتە تەيخاڭشەن-ۋاڭ ۋۇشەن دېگەن ئىككى تاغ ئەتراپى تۈزلەڭلىكلەرنى توسۇۋالغان ئىكەن. شىمالىي تاغلىق يۇگۇڭ دېگەن كىشى مۇشۇ تاغنى تۈزلىۋىتىپ ئۇدۇل خەن دەرياسىغا بېرىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تاش چېپىپ توپىنى يۆتكەپتۇ. ئاخىرى بۇ ئىشنى كۆرگەن خەلقمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپتۇ. بۇنىڭدىن تەىسرلەنگەن خۇدا ئىككى ئوغلىنى ئەۋەتىپ تاغلارنى تۈزلىتىۋىپتۇ. رەئىس ماۋزىدۇڭ ئەينى چاغلاردا يەنئەندە ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرغاندا كىشىلەردە يۇگۈڭچە روھ بولۇشنى تەلەپ قىلغان.
5)«ئۈچ چوڭ ئىنقىلابى ئەمىلىيەت»(54-بەت)- سىياسى كۈرەش، ئىشلەپچىقىرىش كۈرۈشى ۋە ئىلىمىي تەجىرىبىدىن ئىبارەت. بۇ ئەينى يىللىرىدا زىيالى ياشلارنىڭ بىر تۈرلۈك ھەرىكەت نىشانى قىلىنغان.
6)«8-مارت قىزىل بايراقدارى»- مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەسىس قىلغان مەملىكىتىمىزدىكى سوتسىيالىستىك قۇرلۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئاياللارغا بېرىلدىغان ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتنىڭ نامى.
7)«دەرۋەقە، سېسىق توققۇزىنچى ئۆلگىلى خېلى بولدى.» (100-بەت) - «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلانغان مەزگىللەردە ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىلار« سېسىق توققۇزىنچى»دەپ ھاقارەتلەنگەن. بۇ نام ئەسلى فرانسىيىدىن كىرگەن بولۇپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكىلەرنى «سېسىق توققۇز» دەپ ھاقارەتلىگەن.
8)«تۆت كىشلىك گۇرۇھ» (104-بەت)- جاڭ چىڭ، جىياڭ چىڭچىياۋ، ياۋىن يۈەن، ۋاڭ خۇڭ ۋىن قاتارلىقلار بولۇپ بۇلار 1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا پارتىيە مەركىزى كومىتېتىدا ئۆز ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا قارشى چىققانلار. بۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بىيرۇسىنىڭ ئەزاسى، بىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. بۇلار كېيىنكى ۋاقىتتا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تۆت كىشلىك گورۇھ» دەپ ئاتالغان.1976-يىلى بىر يولدىلا قولغا ئېلىنغان.
9)«  سوۋېت شىيۇجىڭچىلىرى» (117-بەت) ــــ 1956-يىلى ۋىنگىرىيەدىكى بۇداپىشىت ۋەقەسىدىن كېيىن خۇرۇشۇف سوۋېت كومپارىتيىسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا بەرگەن مەخپى دوكلاتىدا ئىستالىننى ئىنكار قىلىىپ، ماركىسزىمغا تۈزۈتۈش كىرگۈزىدۇ. بۇ ئىش تۇپەيلىدىن «خەلق گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «پۇرلۇتارىيەت دېكتاتۇرىسىنىڭ تارىخىي تەجىربىلىرى توغرىسىدا» ناملىق ماقالىدا ئۇلارنى «سوۋېت شىيۇجىڭچىلىرى» دەپ ئاتىغان.
10)«خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى»(143-بەت)- بۇ يولداش ماۋزىدۇڭنىڭ 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى يولداش جاڭ سىدىغا تەزىيە بىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن ماتەم مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نوتۇق.
11) «بېتيۇننى خاتىرلەيمىز»(143-بەت)- بۇ يولداش ماۋزىدۇڭ يازغان ماقالىلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدا ماۋزىدۇڭ كانادا كومپارتىيىسىنىڭ ئەزاسى دوختۇر بېتيۇننىڭ جۇڭگۇ ئازاتلىق ئۇرۇشى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا قۇربان بولغانلىقتىن ئىبارەت ئىنتىرناتسۇنالىزىملىق روھىنى مەددىھلىگەن.
12)«سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش» (153-بەت)
يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن تاكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»غىچە بولغان دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان بارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە  قۇرلۇشنى كۆرسىتىدۇ.
13)«ماۋجۇشى ئەسەرلىرى»(155-بەت)-رەئىس ماۋزىدوڭنىڭ ئەينى يىللىرى يازغان ماقاللىرىدىن تەركىپ تاپقان توپلام.
14)«لىي فىڭچە ياش» (155-بەت)- 1960-يىللاردا  يولداش ماۋزىدۇڭ ئازاتلىق ئارمىيە جەڭچىسى لىي فىڭنىڭ ئىش –ئىزلىرىغا باھا بېرىپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قويغان.  
15)«كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باشتۇرىدۇ، مەغرۇرلۇق كىشىنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ» (155-بەت)-بۇ يولداش ماۋزىدۇڭنىڭ  1944-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى يازغان «ئۆگىنىش ۋە ۋەزىيەت» دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىنغان.
16) «قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش»(190-بەت)-
بۇ يولداش ماۋزىدۇڭنىڭ 1944-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى يولداش جاڭ سىدىغا تەزىيە بىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن ماتەم مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نوتۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى بىر جۈملە.
17)«جىنباۋ ئارىلى ۋەقەسى» (293-بەت)-
1969-يىلى 3-ئايدىكى  شەرقى شىمال ئوسسورى دەريا ئارىلىدىكى جۇڭگۇ- سوۋېت ئارال توقۇنۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
18) «مەدەنيەت ئىنقىلابى» (295-بەت)-
1966-يىلدىن 1976-يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان بىر خىل سىياسى ھەرىكەت بولۇپ بۇ ئىنقىلاب جۇڭگۇ جەمئىيىتىنى ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردىن كۆپ ئارقىدا قالدۇرغان. نۇرغۇنلىغان بېگۇناھ ئاممىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە ناھەق جازالىنىشىغا سەۋەپ بولغان. جۇڭگۇ خەلقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەن.
19)«مەنىۋى مەدەنيەت قۇرلۇشى»(376-بەت)-
پارتىيە 12-نۆۋەتلىك 6-ئومۇمىي يىغىنىدا  ئوتتۇرغا قويۇلغان مەنىۋى مەدەنىيىلىك قۇرلۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
20)«چوڭ دەم ئېلىش» (419-بەت)-
مەركەز 1993-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتىنى ئىلگىرىكى 48 سائەتتىن  44 سائەتكە تەڭشەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەملىكەت بويىچە بىر شەنبىدە دەم ئېلىپ، يەنە بىر شەنبىدە ئىشلەيدىغان توزۇمنى چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتە بەش كۈن، يەنە بىر ھەپتە ئالتە  كۈن خىزمەت قىلىش يولغا قويۇلغان. شۇ چاغدا  پۈتۈن كۈن دەم ئالىدىغان شەنبىنى «چوڭ دەم ئېلىش» دەپ ئاتىغان. بۇ تۈزۈم 1995-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈن قوش دەم ئېلىشقا ئۆزگەرتىلگەن.
21)«خەلق ئۈچۈن ئۆلۈش تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، ئەكسىيەتچىلەر ۋە فاشىستلار ئۈچۈن ئۆلۈش ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز» (519-بەت)-
قەدىمقى زاماندا جۇڭگۇدا ئۆتكەن سىماچىيەن «ئادەم ھامان ئۆلىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇ قەدىرلىك، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرت پېيىدىن قەدىرسىز بولىدۇ» دېگەن، ماۋزىدۇڭ ئەينى يىللىرى بۇ سۆزنى يۇقارقىدەك ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلغان.
8.روماندىكى سان-سېپىرلار
بىز روماننى ئوقۇش جەريانىدا ئاپتۇرنىڭ كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق، ئىگىزلىك، يانتۇلۇق، قېلىنلىق، قاتتىقلىق قاتارلىق ئۆلچەم بىرلىكلىرى ۋە پۇل، ۋاقىت  بىرلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەر بىر شەيئى-ھادىسلەر ھەققىدە تولۇمۇ ئىنچىكە ۋە ئىنىق مەلۇمات بەرگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. روماندا جەمى  200دىن كۆپرەك ئورۇندا ئېنىق سان -سېپىر ئالغان. بۇلار ساناق سان، مۆلچەر سان، دەرىجە سان، كەسىر سان، ئۆملۈك سان  تۈرلىرى بويىچە ئېلىنغان. بۇ ئاپتۇرنىڭ ھەر بىر شەيئى ھادىسە ھەققىدىكى ئىنچىكە كۆزىتىشىنىڭ يەنە بىر دەلىلى. تۆۋەندە سان-سېپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك مىساللار تاللاپ ئېلىندى.
ئۇزۇنلۇق بىرلىكى: 50 مېتېر ئارلىققىچە ھەرىكەت قىلىش، بەش مېتىر يىراق يەردىكى تاختايدا ئولتۇرۇپ قالدى.
پۇل بىرلىكى: بىر قېپى 4مو 7پۇڭلۇق ئەرزان تاماكا، 10مىڭ يۈۋەنلىك ئائىلە، مۇئاشىم 62يۈۋەن 2 مو، يېڭى تاسما بېلىقنىڭ بىر جىڭى ئاران ئۇچ مو ئىدى.
ئېغىرلىق بىرلىكى: كېپەك 100جىڭ، 200گرام جىسىم.
قېلىنلىق بىرلىكى: ئارىسىنى ئۈچ مىللىمېتىرلىق بىر قەۋەت كارتون قەغەز ئايرىپ تۇراتتى.
ۋاقىت بىرلىكى: 60-يىللارنىڭ باشلىرى، سائەت 9دا باشلاندى، ئۇ ھەر كۈنى 14سائەت خىزمەت قىلاتتى.
بۇلۇڭ بىرلىكى: كەينىگە 160گىرادۇس ئايلىناتتى، سىز بوشلۇقتا 180گىرادوس ئايلاندىڭىز، 45گىرادۇسلۇق بۇلۇڭ چىقىرىپ تامنى كۆرسىتىپ تۇراتتى.
نىسبەت بىرلىكى: ئالى مەكتەپ ئىمتىھامىدا ئۆرلەش نىسبىتىنى %4كۆتۈرۈۋەتتى، چاشقان مومدىن پۈتكەن سايىپجامالنىڭ قۇلىقىنىڭ %50قىسمىنى  غاجىلاپ بولغان.
ئىگىزلىك بىرلىكى: يەردىن 20سانتىمېتىر بوشلۇقتا ئىككى پارچە بولدى، خىزمەت سۇپىسىنىڭ ئىگىزلىكى 100سانتىمېتىر، ئۇنىڭ ئېغىزى بىلەن كۆزۈڭنىڭ ئارىلىقىنىڭ 102ساتىمېتىر كېلىدىغانلىقى ھەققىدە يەكۈن چىقاردىڭ، ئۇنىڭ بويى 1مېتىر 80سانتىمېتىر.
كەڭلىك بىرلىكى: كەڭلىكى 100سانتىمېتىر.
ساناق سان : 10مىليۇن شەھەر ئاھالىسى، 50 خەتلىك تېخنىكىلىق چۈشەندۇرۇش، 100دانە ئاق كەپتەرگە ئوخشاش.
دەرىجە سان: 8-ئوتتۇرا مەكتەپ، 13-نومۇرلۇق قورۇ.
مولچەر سان: مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئامما، 7-8-ياشلاردىكى بالا.
كەسىر سان: ئاي شارى\1.
يۇقارقىلاردىن باشقا ئاپتۇر يەنە تەبىئىي پەن ئۇقۇملىرىغا دائىر تىك تۆت بۇلۇڭ، رومبا، ئېلىپپىس، چەمبەر، ئۈچ بۇلۇڭ، ئېغىرلىق كۈچ، ئېنىرىتسىيە، مۇزلىتىش دەرىجىسى، M=m2c دېگەندەك ئۇقۇملارنىمۇ ئىشلەتكەن. بۇلار روماندىكى پىرسۇناژ، ۋەقە-ھادىسە ۋە تۈرمۈش بۇيۇملىرىنىڭ شەكلىنى، ھالىتىنى، مىقدارىنى ۋە باشقا ئالاھىيدىلىكلىرىنى كىتابخانلارغا ئىنىق ۋە چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ ئىپادىلەپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ.
9.روماندا تىلغا ئېلىنغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، قورال-ياراق ناملىرى
روماندا ئاپتۇر ھايۋانات، ئۇچار –قانات، گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخ، قورال- ياراقلارنىڭ نامىنى خېلى كۆپ تىلغا ئالغان بولۇپ بۇلارمۇ روماننىڭ تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن دەۋر ئالاھىيدىلىكىنى يارقىن يورۇتۇپ بېرىش بېرىشتە ئۇچۇرلۇق رولىنى ئوينىغان.بولۇپمۇ ئاپتور بۇ جەھەتتە  تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۈزىتشىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى يارتىشقا تىرىشقان.چۈنكى ھەر تەرەپتىن ئىنچىكە، تەپسىلى كۈزۈتۈش بولغاندىلا شەيئى –ھادىىسىلەرنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى كىتابخانلار ئالدىدا روشەن، ھەم ئەينەن  نامايەن قىلغىلى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە مويەننىڭ تالانتىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئاپتۇر  كەسلەنچۈك، چېكەتكە، يىڭناغۇچ، قۇمچاق، ياچىۋەك، ھەسەل ھەرىسى، قۇشقاچ، كىركەك قۇرۇت، سازاڭ، چايان، قاغا، چۈمۈلە، تىمساق،ئات،  ياۋا ئات، تاشپاقا، قىسقۇچ پاقا، سوم بىلىق تاپان بىلىق، كۆكتارغاق، سەدەپ قۈلۈلىسى، شەپەرەڭ، چوشقا، تازقارا، ياۋا ئېشەك، كالا، كېپىنەك، يولۋاس، پاقا، مۆشۈك ئېيىق، قارلىغاچ، توشقان، راك، توخۇ، تۆگە، يىلان، تۇرنا، ئالتۇن بېلىق، كىرپە، قۇمچاق، موزاي، شىر، يىلپىز، بۆرە، قوي، مۆشۈك، چۈمۈلە، ئىت، تاغىل ئات، زىراپە، مايمۇن، بۇغا، ئاققۇ قاتارلىق ھەر خىل ھايۋانات، ئۇچار-قۇش، بېلىق تۈرلىرىنى قەلەمگە ئېلىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەبىئەتنىڭ ئەركىللىرىگە بولغان تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقچى ۋە يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بىر قىسىم ھايۋانات ۋە ئۇچار  قۇشلارنى ئەسكە سالماقچى بولغان  .
قورال تىپلىرىدىن: «69»تىپلىق ساقچى تاپانچىسى، ئۇرۇش ئايرۇپىلانى، شىرانپېل  ئاتىدىغان زەمبىرەك، مىنامىنۇت، گىراناتۇرمىنۇت، ئېغىر تىپلىق پىلىمۇت، چېخلارنىڭ پىلىمۇتىغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان يىنىك پىلىمۇت، روسلارنىڭ گۈلدار ئاپتۇماتى، ئامرىكىدا ياسالغان تام مىلتىق، سەنيا چوڭ قاپلىق مىلتىقى، فەنياڭدا ياسالغان كونىچە مىلتىق، 8-ئارمىيىدىكى توقۇمىچى ئاياللار ئوڭكۈردىكى قورال زاۋۇتىدا ياسىغان قارا مىلتىق، گېرمانىيەدە ياسالغان چوڭ ئەينەكلىك قوتا شەكىللىك مىلتىق، ياپۇنيەنىڭ قۇتا شەكىللىك «ۋاڭبا» مىلتىقى، ياپۇنيەنىڭ شەكلى توخۇ پاچىقىغا ئوخشايدىغان مىلتىقى، ئەنگىلىيەدە ياسالغان سېپى پىل چىشىدىن قىلىنغان ئايالچە كىچىك تاپانچا قاتارلىق ئۇرۇش قوراللىرىنىڭ روماندا تىلغا ئېلىنىشى بىر تەرەپتىن ئەسەرنىڭ ئېھتياجى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن كىشلەرگە نامەلۈم بولغان ، مەلۈم دەۋىرلەدە ئىشلىتىلگەن قۇراللار توغىرسىدا ئوقۇرمەنلەرنى بەلگىلىك ساۋاتقا ئىگە قىلىش ئارزۇيىنى ئاساس قىلغان .
دەل-دەرەخ، ئوت-چۆپ، مېۋە-چېۋە، گۈل-گىياھ، كۆكتات، زىرائەت تۈرلىرىدىن: ياۋا نەشپۈت، تاغ ئۈزۈمى، چۈچۈمەل چىلان، سېرىق بانان، شال، بۇغداي، گۈل، چۆپ، يىسىۋېلەك، قۇمۇش يىلتىزى، تاۋۇز، توخۇمەك دەرەخ، سۆگەت، شىۋاق، موخ، ئاق تېرەك، ئادەمگىياھ، پادوپ دەرىخى، كۈنجۈت، ماش، نىلۇپەر گۈلى، ئانارگۈل، جۇخارگۈل، كەترەڭ گۈلى...قاتارلىقلار.
ئاپتۇرنىڭ بۇنچە كۆپ نام ئاتالغۇلارنى تەپسىلى تىلغا ئېلىشىمۇ روماننىڭ ھەر جەھەتتىن كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىشنى مەخسەت قىلغانلىقىدىن بولغان. بۇ ئاپتۇرنىڭ تۇرمۇشنى ئىنچىكە كۈزىتشىنىڭ يەنە بىر نامايەندىسى. ھەر تەرەپتىن ئىنچىكە، تەپسىلى كۈزۈتۈش بولغاندىلا شەيئى –ھادىىسىلەرنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى كىتابخانلار ئالدىدا روشەن نامايەن قىلغىلى بولىدۇ.
10.روماندىكى تارىخىي شەخىسلەر
روماندا ئاپتۇر ئالىم-ئۆلىما، خان-پادىشاھ، سىياسى ئەرباپ، يازغۇچى-شائىر، ئىنقىلابى قەھرىمان، نەمۇنىچى شەخىس قاتارلىق تارىخىي شەخىسلەرنىڭ نام ئەمىلى ۋە ئىش ئىزلىرىنىمۇ زورۇر تېپىلغاندا قىستۇرما قىلغان. بۇلار: ماركىسىزىملىق پەلسەپەنىڭ ئاساسچىسىلىرىدىن ماركىس بىلەن ئىنگلىس، مەشھۇر ئالىم نىيۇتون، كىيۇرى خانىم، ياڭ جىڭيۇي، لى چىڭداۋ، كوممۇنىزىم جەڭچىسى شىياڭ شۇ، جۇڭگۇ قەدىمقى زامان پەيلەسۇپى كوڭزى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رەئىس ماۋزىدۇڭ، ياخشى ئىش ۋە ياخشى ھەرىكەت قىلغۇچىلارنىڭ ئۈلگۈسى لىي فىڭ، شەرقى خەن سۇلالىسى دەرۋىدە ئۆتكەن قانۇن ئارقىلىق ئەلنى ئىدارە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ساۋ ساۋ، ساۋ ساۋنىڭ سادىق ئوزۇق-تۈلۈك ئەمەلدارى ۋاڭ فۇ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋزۇ خانى لى شىمىن، ئامرىكا مۇخبىرى ئىدگار سىنۇ، دۆلەتنىڭ مال-مۈلكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا كۆكرەك كېرىپ چىققان كوممونىزم جەڭچىسى جىياڭ شۆجىن، فىزىكا ئالىمى ئېينىشتېيىن، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەرىپكە سەپەر قىلىپ نوم ئەكەلگەن تاڭ سىڭ، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمقى زامان مەشھۇر تارىخچىسى سىماچىيەن، سوۋېت ھاكىميىتىنى قۇرغۇچى ۋ.ئى لېنىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالى رەھبىرى ئىستالىن قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئاپتۇر بۇ خىل شەخىسلەرنى تىلغا ئالغاندا قانداقتۇر زورمۇ-زور قىستۇرۇش ئەمەس، بەلكى زورۇر تېپىلغاندا رومان ۋەقەلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ كىرگۈزگەن. باشلىنىشتىلا ماركىسنىڭ «بىزگە تىرىكلەرلا ئەمەس بەلكى ئۆلۈكلەرمۇ ئازاپ سېلىۋاتىدۇ. تىرىكلەر ئۆلۈكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى» دېگەن سۆزنى نەقىل ئېلىش ئارقىلىقلا روماننىڭ ۋەقەلىكىگە يول ئاچقان. «ماركىسمۇ تەڭرى ئەمەس» دەپ گەپ باشلايدۇ قەپەستىكى بايان قىلغۇچى. دېمەك، ماركسنىڭ يۇقارقى سۆزى ھەققىدىكى قىسقىچە مۇلاھىزە بىلەن رومان ۋەقەلىكى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ھەر بىر تارىخىي شەخىس ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىيدىلىكى ۋە تارىختىكى رولىنى چىقىش قىلغان ھالدا  ۋەقەلىك تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدا، مۇئەييەن ئارقا كۆرنۈش سەۋەبىدە، مۇئەييەن پىرسۇناژلار تىلىدىن بېرىلىدۇ.  
11.كىتابلاردىن نەقىل ئېلىنغان بەددىي ئوبرازلار
ئاپتۇر ئۆزى ئوقۇغان كىتابلىرى، كۆرگەن كىنۇلىرى ۋە ھېكايىلەردىكى بەددىي ئوبرازلارنىمۇ ئۆز رومانىدا مۇۋاپىق مىقداردا قىستۇرما قىلغان. بۇلاردىن «ۋۇئېرلاڭ»ناملىق كىتاپتىكى ۋۇسۇڭ، «سۇ بويىدا» دىكى لى كۇي،  پەنجىلەن، «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانىدىن پاۋېل، بولشىۋىك جوھراي، تۇنىيە، «غەرپكە ساياھەت» تىكى جۇباجى، «ئاننا كارىننا» رومانىدىن ئاننا كارىننا قاتارلىقلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.  بۇ خىل نەقىل قىلىنغان بەددىي ئوبرازلار ئاساسەن مەزكۈر روماندىكى قەھرىمانلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى، خاراكتىرىنى ئوبرازلىق گەۋدىلەندۇرۇش ئۈچۈن ئوخشىتىش  رولىدا كەلگەن.
12.روماندىكى ماقال-تەمسىللەر
روماندا ئۇيغۇر تىلىغا ماسلاشتۇرۇلغان ماقال-تەمسىللەر، خەنزۇ خەلق ماقال- تەمسىللىرىنىڭ ئەينەن تەرجىمىسى ۋە ھەر ئىككى مىللەتكە ئورتاق بولغان ماقال-تەمسىللەر بولۇپ جەمى 54پارچە ماقال-تەمسىل  كىرگۈزۈلگەن. بۇلار:
«راست گەپ قىلساڭ بالاغا قالىسەن»، «راست گەپ دېمەككە ئاسان، ئاڭلىماققا تەس»، «تونىنى سالدۇرۇپ، مالخىيىنى ئېلىۋېتىش». «قۇرسىقىڭنىڭ ئاغرىشى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورۇقما»، «تۇغۇلماي تۇرۇپلا ئۆلۈمنى ئويلاش»، «ساپ ئالتۇن ئوتتا كۆيمەيدۇ»، «قېرى كالا يۇمران چۆپكە ئامراق»، «قارنىڭ گۈزەللىكىنى يازدا بىلىسەن»، «ھەسەل ھەرىسى ئۆلگەن بىلەن كۆنىكى ساق قالىدۇ»، «كۆزۈڭنى پاقىرىتىپ تۇرۇپ ئالتۇن يالىتىلغان تاشنى بىلمەيسەن، مەرۋايىتنى لاي دەپ بىلىسەن»، « بوران چىقىپ يامغۇر ياغسا، ئادەم جاپا تارتىپ، ئازاپ چېكىدۇ»، «ئەجىر قىلسا لوم تۆمۈرنىمۇ يىڭنىدەك قىلىۋەتكىلى بولىدۇ»، « يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى خوشنا ياخشى، يېقىندىكى خوشنىدىن ئار تام خوشنا ياخشى»، «ئەپۇ قىلىش توغرا كەلسە ئەپۇ قىلىۋىتىش»، «كىشىگە ئاسانلىق تىلىگىنىڭ ئۆزەڭگە ئاسانلىق تىلىگىنىڭ»، «ياخشى گەپ بىلەن كۆڭۈل ئىللىپ قالار، يامان گەپ بىلەن دىل ئازار يەپ قالار»، «ئالدىدا كەلگەن تاماقنى ئالدىدا يەيدۇ، كەينىدە كەلگەن كەينىدە يەيدۇ»، «ئادەم ئۆلسە يولۋاستەك، يولۋاس ئۆلسە قويدەك بولۇپ كىتىدۇ»، «ياردەم قىلساڭ ئاخىرغىچە قىل، ئاپىرىپ قويساڭ ئۆيىگىچە ئاپىرىپ قوي»، «سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سېلىش»، «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاش»، « خام ئۈزۈلگەن مېۋە تاتلىق بولماس»، «تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولماس»، « ئۆيدىن ئايرىلغان بالىلاردىن ئانىسى غەم يەيدۇ»، «بېلىق بىلەن ئېيىق تاپىنى بىر بىرىگە قوشۇلماپتۇ»، «ھەرقانچە جاپا تارتساڭمۇ يەنىلا ئۆز يۇرتىڭ ياخشى»، «ئوغۇل كۆرۈمسىز ئانىسىدىن، ئىت نامرات ئىگىسىدىن چانمايدۇ»، « ئەسكى بولسىمۇ ئۆزۈمگە ياخشى»، «بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئوبدانراق ئويلانسا، ئىشنىڭ ئاخىرى خەيرلىك بولۇر»، «دۇفۇ تەييار بولسا ئاچىقىپ ساتىسەن، بالىلىق بولساڭ ئەلۋەتتە باقىسەن؛ ئۆيگە كىرگەن يېڭى كېلىن قېيىنئاتا ۋە قېيىنئانىدىن كۆرىدۇ؛ لەگلەك تەييار بولسا ئۇچۇرىسەن»، «بىر بولسا ئامەت بىر بولسا ئاپەت،ئاپەت بولسا قېچىپ كېتەلمەيسەن»  «كۆزنىڭ قارچۇقىغا ئۇششۈك يارىسى چىقماس» «قاسراق شامالنى كۆرسە قېتىۋالىدۇ» «دوستۇڭنىڭ ئايالىغا چېقىلما»، «كېپىنەك مىجەزلىك ئادەم بولما»، «كۆڭۈلنى ئىككىگە بۆلمە»، «ئاتقان ئوق قايتىپ كەلمەس»، «سەككىز ئەۋىليا دېڭىزدىن ئۆتكەندە ھەرقايسىسى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپتۇ»، «كونىنى بۇزمىغىچە يېڭىنى تىكلىگىلى بولمايدۇ»، «ئېشەك ئورۇق بولسىمۇ تۈكى تىك تۇرىدۇ. نامراتنىڭ گېپى ئاقمايدۇ. باينىڭ ئوسرىقىمۇ تۇخۇم سېرىقىدەك پۇراقلىق، ئاۋازى شاتۇتىنىڭ ئاۋازىدەك»، «ئورۇق تۆگىنىڭ ئۆلۈكىمۇ ئاتتىن چوڭ»، «كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق»، « ياخشى ئاتقا ئىككى ئىگەر ياراشماس، ياخشى ئايال قايتا ياتلىق بولماس»،«ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋى قىلىش»، «رەقىبلەر بىر-بىرىنى كۆرگەندە كۆزلىرى ئادەتتىن تاشقىرى قىزىرىپ كىتىدۇ»، «جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس»، «پۇلى بارنىڭ يۈزى يورۇق پۇلى يوقنىڭ يۈزى چورۇق»، «ئۆگەنگەن غەزەلنىمۇ ئەپلەشتۇرۇپ ئېيتالماسلىق»، « توخۇ ئۆز يولىدا ماڭىدۇ، ئىتمۇ ئۆزيولىدا ماڭىدۇ»، «ئېشىكى ئۆلۈۋاتسا قوڭى غىجەك تارتىپتۇ»، «دوستۇڭنىڭ خوتۇنىغا چېقىلما»، « چۈشتە ئالتۇن ياتىدۇ»، «بىر تال تاماكا بىر گۆش مانتىسىنىڭ ئورنىنى باسىدۇ»، «سېۋەت كۆتۈرگەن ئادەمنى ئىت چىشلەيدۇ، پۇلى بار ئادەم ھۆرمەت تاپىدۇ»، «ئەقىللىق ئادەم باش كېتىشتىن ئەمەس، ھاقارەتلىنىشتىن قورقىدۇ»، «ئالىجاناپ گېپىدىن يانماس»، «قاچىسىدىكى تاماقنى يەۋىتىپ قاچىنىڭ سىرتىغا قارايدۇ»، «قۇيرىقىنى كۆتەرگەن قۇش ئۇچۇپ نەگە بارىدىغانلىقىنى بىلىدۇ» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ماقال-تەمسىللەرنىڭ مەزمۇنى روماندىكى مۇھىت تەسۋىرى، پىرسۇناژ خاراكتىرى، ئىدىيىۋى-ھېسيات قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلغان. كۆپىنچىسى ئەر-ئاياللىق  مۇناسىۋەتتىكى ۋاپادارلىق، سەمىمىيەتلىك، راسچىللىق، كەڭ قۇرساقلىق قاتارلىق مەزمۇنلار بىلەن خاراكتىرلەنگەن.
13.روماندىكى تەكرارى سۆز-جۈملىلەر
روماندا تەبىئىي موھىت تەسۋىرنى گەرۋىلەندۇرىدىغان «تاڭ ئالدىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ پەيىت..» دېگەن جۈملە ئالتە قېتىم تەكرارلانغان. شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى فاڭ فۇگۇينىڭ دەپنە ئىدارىسىدىن قايتىپ كېلىپ ئۆز ئائىلىسىگە كىرىش مۇمكىن بولمىغاندا  خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە كىرىشكە مەجبۇر بولغان چاغ دەل «تاڭ ئالدىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ پەيىت..» ئىدى. نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلەرگە سەۋەپ بولغان بۇ پەيت ئەسەردىكى بىر پۈتۈن ۋەقەلىكنىڭ  ئۈزۈلگەن ۋە كىرىشتۈرۈۋېتىلگەن قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئەسلى ۋەقەلىككە قايتىش ۋە غول لېنىيەنى ئەسكەرتىش، تەرتىپ ئۆزگەرتىۋىتىلگەن ۋەقەلىكنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى گەردىلەندۇرۇش رولىنى ئوينىغان.
«ئەمچەك توپچىسى ئوتتۇرا بارماق بىلەن نامسىز بارماق ئارلىقىدىن كۆتۈرلۈپ چىقىۋاتقان...» دېگەن بۇ ھەرىكەت تەسۋىرىمۇ ئەسەردە تۆت قېتىم تەكرارلانغان. «گۈزەل دۇنيا» نىڭ ئالاھىدە ھۆسۈن تۈزۈگۈچىسى لى يۈچەننىڭ بالىلىق قەلبىدە ئۆچمەس خاتېرە بولۇپ ئورۇنلىشىپ قالغان بۇ كۆرۈنۈش ھەر قېتىم ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كەلگەندە ئۇنى قاتتىق بېئارام قىلىدۇ. بۇ تەسۋىر كىتابخانلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا  ئانا بىلەن قىزى ۋە ئۇلارنىڭ ئاشنىسى ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ ھېسيات مۇناسىۋىتىنى زورۇر تېپىلغاندا غىل-پال ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
«ئاتۇم بومبىسى پارتلىغان چاغدا پولات تۆمۈر پارغا، قۇملۇقتىكى قۇم ئەينەككە ئايلىنىپ كەتكەن» بۇ جۈملە ئەسەردە  ئىككى قېتىم تەكرارلانغان بولۇپ بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن فاڭ مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدىكى روھي ھالىتىنى ئىپادىلەپ بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇرۇش زوررۇيىتى تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەن پەن-تىخىنىكىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كەلگەن زور تەشۋىشلىرى ئىنتايىن ئىخچام گەۋدۇلەندۈرگەن.
گەرچە يۇقارقىدەك بىرقانچە  سۆز-جۈملىلەر روماندا بىرقانچە قېتىم تەكرارلانغان بولسىمۇ، بىز ئۇنى زادىلا تەكرارلىق ھېس قىلمايمىز.
14. روماننىڭ بايان ئالاھىيدىلىكى  ۋە قۇرۇلما ئۆزگىچىلىكى
ئىلگىرىكى ئەدەبىيات نەزىرىيىلىرىدە ئىپىك ئەسەرلەر 1-شەخىس تىلى(«مەن») ۋە 3-شەخىس تىلى(«ئۇ») بويىچە يېزىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان ھەم شۇ خىل بايان تىلى بويىچە يىزىلغان ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇپ كەلگەن ئىدۇق. كېيىنچە ئۇيغۇر پرۇزىچىلىقىدا  2-شەخىس بايان(«سەن») تىلىدىمۇ بەزى ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلدى. تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇك «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق رومانىدا 1-شەخس تىلىنى بىرلا پىرسۇناژغا يۈكلەيدىغان بايان ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ ھەر بىر باپتا بايانچىنى يۆتكەپ، ھەر بىر پىرسۇناژنىڭ «ئۆز ئۆزىنى بايان قىلىدىغان» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۇيغۇر كىتابخانلىرى ئارىسىدا «مۇنداق بايان ئۇسۇلىمۇ بولىدىكەنغۇ » دېگەن قاراشنى تىكلىدى. مويەن بۇ رومانى ئارقىلىق ئەدەبىي ئەسەردە بايانچى تىلىنى ئارلاشتۈرۈپ قوللىنىشنىڭمۇ تامامەن مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپاتلىدى. تۆۋەندىكى مىساللاردىن بۇ ئۇسۇلنى تولۇق ھېس قىلالايمىز.
«فىزىكا مۇئەللىمى چوڭقۇر ھاڭ ئالدىدا تۇراتتى. پۈتلىرىنىڭ تىترىشى بېسىلمايۋاتاتتى.(3-شەخىس تىلى بويچە بايان قىلىش) غۇجايىن ئايال مەن ئۈچۈن كۆڭلىكىنى كۆتەردى. چىرايلىق ھەم سىلىق پۈتلىرىنى كۆردۈم.(1-شەخىس تىلى بويىچە بايان قىلىش)» (326-بەت)
«ئۆيدىكى مۇزىكا فىزىكا مۇئەللىمىنىڭ كاللىسىدا يەنە ياڭراشقا باشلىدى. ئۇ سومكسىنى كۆتۈرۈپ ئادەملەر زىچ توپلاشقان يەرگە ئۆزىنى ئاتاتتى. بىر توپ ئادەم ‹تارقىلىپ كېتىڭلار› دەپ ئىگىز-پەس ۋاقىرايىتتى. (3-شەخىس تىلى بويچە بايان قىلىش) سەن قاچمىدىڭ. زەنجىرلەنگەن ئىتتەك غەزەپلەنگەن ھالدا كىشىلەرگە ئېتىلدىڭ. بىراق شۇئان سەنتۇرلۇپ كەتتىڭ.(2-شەخىس تىلى بويىچە بايان قىلىش)»(342-بەت)
روماننىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ بولۇپ ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۈرلۈشى ئىنچىكە ۋە تېخىنىكىلىق ئۆلچەمدە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۇ خىل ئورۇنلاشتۈرۈشنى تۆۋەندىكىدەك قىياس قىلىشقا بولىدۇ. يازغۇچى ئالدى بىلەن ھەر بىر پېرسۇناژلارغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ۋەقەلىك جەريانىنى تۈز لېنىيە بويىچە يېزىپ، ئاندىن چوڭ ۋەقەلىكنى ھەر بىر قىسقا ۋەقەلىكلەر بويىچە  ئايرىم ئايرىم كېسىپ ئېلىپ بارلىق كېسىلگەن قىسملارنى مۇدىرنېزىمنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى بولغان «دادانىزىم شېئىرىيەت ئېقىمى» ئۇسۇل بويىچە تەرتىپسىز ئارلاشتۈرۈپ ئاندىن ۋەقەلىك ئىزچىللىقىنى ۋە لوگىيكىلىق باغلىنىشنى قوغلىشىپ كەتمەي قايسىسى ئۇدۇل كەلسە شۇنى قايتىدىن قۇراشتۇرغان. مۇئەييەن بىر ۋەقە تۈگىمەي تۇرۇپ يەنە بىر ۋەقەنىڭ مەلۈم بىر قىسىمى باشقا ۋەقەلىكنىڭ ئىچىگە قىستۈرۈلغان. ھەممىلا ۋەقەلىكنى تەڭ ئېلىپ مېڭىش، بىر ۋەقەلىك خۇلاسىسىنى يەنە بىر ۋەقەلىك ئىچىدە تۈگىتىش،  ۋەقەلىك ئىچىدىن باشقا ۋەقەلىككە ئۇلاش بۇ روماننىڭ خاس ئالاھىدىلىكىدۇر. شۇڭا روماننىڭ ئومۇمىي ۋەقەلىك جەريانىنى ھېس قىلىشتا كىتابخاندا ئىنچىكە كۈزۈتۈش ئىقتىدارى بولىشى، ئوقۇغاندا باش-ئاخىرىدىكى ۋەقەلىكلەرنى ئۇلاشقا دىققەت قىلىشى ۋە مۇئەييەن بەددىي دىت بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاپتۇر « 13 قەدەم» دېگەن ماۋزۇغا ماسلاشتۈرۈپ رومان ۋەقەلىكىنىمۇ 13 بابقا بۆلگەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا مەن بۇ روماننى ئوقۇش جەريانىدا بىر قىسىم تەرەپلەرگە نەزەر ئاغدۇرۇپ باقتىم. يەنە قانداق ئالاھىيدىلىكلەر بار كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى ۋە  شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر رومانچىلىقىمىزدىكى بەزى كەم تەرەپلەرنى تولۇقلاشقا نەزىرىيىۋى ئاساس بىلەن  ئەمىلىي مىساللارنى كۆرسىتىپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
غۇلجا ناھىيە چۇلۇقاي ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
چۈشۈرۈش

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-6-18 19:41:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ، قەلىمىڭز ھارمىغاي !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-29 17:52 , Processed in 0.443550 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش