چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى تۈنۈگۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy 17 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 0

تاشقى پېلانت ئادىمىنىڭ سوۋغىسى( تەرجىمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاشقى پېلانت ئادىمىنىڭ سوۋغىسى

شۇيجياڭ

نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى يەرشارىغا ساياھەتكە كەلگەن تاشقى پىلانىت ئادىمى يەرشارىىدىن كىتىش ۋاقتىدا تىخىچىلا قالاق ھەم ئۇرۇش ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان يەرشارى كىشىلىرىگە تاشقى پىلانىتنىڭ ناھايىتى تەرەققى تاپقان ئىلىم –پەن تېخنىكىسىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بىر دانە مەڭگۈلۈك سىر بۇلۇپ كىلىۋاتقان سوۋغىنى يەنى مىسىر پىرامىداسىنى  ئالايتەن قالدۇرۇپ كىتىپتۇ.   
نەچچەيىلدىن كىيىن تاشقى پىلانىت ئادىمى ھازىرقى زامان ئادىمى قىياپىتىگە كىرىپ مەخپى ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپتۇ، ۋە زىيارەت قىلىپتۇ. بۇچاغدا يەرشارى ئاللىقاچان 2068 – يىلغا كىرگەن بۇلۇپ ئىنسانلار جەمىيىتى يۇكسەك دەرىجىدىكى ماددى مەدىنىيەت دەۋرىگەكىرىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق يەرشارى كىشىلىرنىڭ ياشاش مۇھىتى بارغانسىرى بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. يەرشارىنىڭ ھاۋاسى ۋەسۈيى ئوموميۈزلۈك  ھالدا ئېغىر دەرىجىدە بولغانغان بۇلۇپ پاكىز، ساپ سۇ ۋە ساپ ھاۋا ناھايىتى ئەتىۋار بۇلۇپ قالغان ئىدى. يەرشارىدا راك كىسىلىدىنمۇ  قورقۇنچلۇق بولغان خلمۇ-خىل غەلىتە كىسەللەر ئارقا – ئارقىدىن پەيدا بوپتۇ. يەرشارىدىكى تۈرلۈك-تۈمەن جانلىقلارنىڭ ياشاش شارائىتىمۇ مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشششى سەۋەبىدىن ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەپتۇ.
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىرنەچچە يىلدىن كىيىن قا يتايەرشارىغاكەلگەن ۋاقىتتا يەرشارى كىشىلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يەرشارىدىن ئايرىلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتە بىر قىتىملا ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان ئىككى دانە سوۋغىنى يەرشارى بويىچە ئەڭ ئەقىللىق ئىككى كىشىگە بىرىشنى قارار قىپتۇ.
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىرىنچى سوۋغىنى چيەنداۋ شاڭشەنگە بىرىپتۇ ئۇئىمپىرىيە سۇ ساپلاشتۇرۇش گوروھىنىڭ باش لىدىرى بولۇپ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ۋە سودىسى ئەڭ راۋاج تاپقان ساپ سۇ ياساش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
يېرىم كىچىدە تاشقى پىلانىت ئادىمى سوۋغىنى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ،ئۆزتىلى بىلەن  ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:‹‹ چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىم ،ياخشىمۇ سىز ؟ مەن تاشقى پىلانت ئادىمى.مەن سىزگە بەرمەكچى بولغان بۇنەرسە سىلەردىكى كومپاسقا ئوخشاپ كىتىدۇ.بۇ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ يۇقىرى پەن- تېخنىكىلىق مەھسۇلاتى،ئۇنىڭ ئىسمى ‹‹ مەنبەلىك سۇ دەۋرى نۇر كومپاس››. ئۇنىڭ كارامەت رولى بار.ھازىر يەرشارىنىڭ سۇمەنبەسى ئىغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتتى.سىز دۇنيا بويىچە ساپ،پاكىز سۇغا بولغان تونۇشىڭىز ئەڭ يۇقىرى ھەم يەرشارىدىكى بارلىق جانلىقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ئادەم.شۇڭا سىز بۇ كومپاستىكى رەقەملەرنى يەنى دەۋرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بەلگىلەرنى ئەستە چىڭ ساقلىشىڭىز كېرەك.بۇنىڭدىكى ھەربىر كىچىك كاتەكچە يەرشارىدىكى 500يىللىق ۋاقىتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.كومپاس ئۈستىدىكى مىتال كۆرسەتكۈچ بولسا دەۋرى نۇر ئىستىرىلىكسى بولىدۇ.سىز پەقەت ئۇنىڭدىكى ئىستىرىلكىنى سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىنىڭ تەتۈرىسى بويىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىڭىزلا يەرشارىدىكى بارلىق سۇمەنبەسى دەرھال 500يىل ئىلگىرىكى ھالەتكە قايتىدۇ.بۇچاغدا 2068-يىلدا ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ كۆرىدىغىنى بولسا 1568-يىلدىكى  تىخى سانائەت ئىنقىلابى پارتىلىمىغان ۋاقىتتىكى تاغ،دەريا،دېڭىز سۇلىرى بولۇپ،ئۇيەرلەردە ئېقىۋاتقىنى ئۆركەشلەۋاتقىنى ،ھەممىسى سۈپسۈزۈك،تەبىئىي ساپ سۇلاردۇر.››
تاشقى پىلانت ئادىمى گىپىنى تۈگىتىپلا تۇمانغا ئايلىنىپ غايىپ بوپتۇ. ئۇتاڭ ئىتىشتىن ئىگىرى ئىككىنچى سوۋغىنى بىرىپ بولىشى كېرەك ئىدى.
بۇ سوۋغىمۇ ئوخشاشلا كومپاس شەكىللىك بولۇپ،ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا دەۋرنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بەلگىلەر ۋە دەۋرى نور ئىستىرىلكىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى‹‹ مەنبەلىك ھاۋا دەۋرى نور كومپاس››ئىدى.ئۇنىڭمۇ ئوخشاشلا كارامەت رولى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئىستىرىلكىسىنىمۇ سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ تەتۈرىسىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىلا يەرشارىدىكى ھاۋا دەرھال 500يىل ئىلگىرىكى ساپ ھاۋا دەۋرىگە قايتاتتى.تاشقى پىلانت ئادىمى ‹‹مەنبەلىك ھاۋا دەۋرى نور كومپاس›› نى ئۇخلاۋاتقان روجقا بېرىپ، ئۆزتىلى بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ‹‹ روج ئەپەندىم،سىز بولسىڭىز دۇنيا بويىچە ساپ ھاۋا ئىشلەپچىقىرىش مۇتەخەسسىسى،سىز ساپ ھاۋانىڭ يەرشارى ئۈچۈن قانچىلىك موھىملىقىنى ناھايتى ئىنىق بىلىسىز. سىز ئويغانغان ھامان كومپاستىكى دەۋرى نور ئىستىرىلكىسىنى سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشى بويىچە بوشقىنە بىر كاتەك سۈرۈپ قويسىڭىزلا يەرشارىدىكى بارلىق كىشىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار دەرھال 500يىل ئىلگىرىكى يۇپۇرماق ۋە ئوت-چۆپ پۇراقلىق ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالالايدۇ.››
تاڭ ئاتقان ۋاقىتتا چىيەنداۋ شاڭشەن ئەپەندىم بىلەن روج ئەپەندىم ئويغىنىپ تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ سوۋغىتىنى كۆرۈپتۇ ھەم ئۇنىڭ تاپىلىغانلىرنى ئىسىدە چىڭ ساقلىۋاپتۇ.بىراق تاشقى پىلانت ئادىمى تاشقى پىلانتقا قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەلۇم بىركۈنى تاشقى پىلانىتتا تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ‹‹ كائىنات ھەققىدە قىسسە›› ناملىق بىر گېزىتنى كۆرۈۋىتىپ تاسادىپىيلا  ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان، يەرشارىغا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قاپتۇ ‹‹ ئالەم جىسىملىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، يىراق تاشقى پىلانت-يەرشارىنىڭ ھاۋا ۋە سۇ مەنبەسىنىڭ كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە ناچارلىشىپ كىتىشى نەتىجىسىدە  يەرشارى ئادەملىرى بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مىليۇن يىللار ئىلگىرىكى دىنوزاۋرلارغا ئوخشاشلا يەرشارىدىن ئىز-دىرەكسىز يوقالدى!››
‹‹ يەر شارىدىكى ئىنسانلار مىليۇن يىللار ئىلگىرىكى دىنوزاۋرلارغا ئوخشاشلا يەرشارىدىن ئىز-دىرەكسىز يوقالدى؟! ›› تاشقى پىلانىت ئادىمى ھەيرانلىقىنى باسالماي قاپتۇ ھەم ئۆز-ئۆزىگە ‹‹مەن ‹ مەنبەلىك سۇ دەۋرى نور كومپاس› ۋە ‹مەنبەلىك ھاۋا دەۋرى نور كومپاس › نى يەرشارى بويىچە ئەڭ ئەقىللىق ئىككى ئادەمگە بەرگەن ئەمەسمىدىم ؟ئەجىبا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ......››
تاشقى پىلانىت ئادىمى بىر نەرسىنى ئويلىغاندەك قىپتۇ،ئۇ بەكلا پۇشايمان قىلغان ئىدى .

قوشۇمچە: ( شۇاڭلىننىڭ باھاسى)
بۇدۇنيانى راستىنلا چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ.بەزى خىياللار ئالدىن ئىيتىلغان بولىدۇ، ئالدىن ئىيتىلغان بەزى سۆزلەر رىئاللىققا ئايلىنىپ قالىدۇ.مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىشى،يەرشارىنىڭ بۇلغىنىش ...قاتارلىقلار.بۇئىلمىي فانتازىيلىك ھىكايىنىڭ رىئال ئەھمىيتى شۇ يەردىكى ،ئۇ بىزگە ئاتمۇسفىرا ، سۇمەنبەسى،تۇپراق قاتارلىقلارنىڭ كۈندىن –كۈنگە بۇلغىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئىچىنىشلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئىيتىپ بەردى.شۇڭا بىز مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ تايانچىسى،گۈزەل ئەمما بىچارە يەرشارى ئائىلىمىزنى قوغدىشىمىز،ھەربىر تامچە سۇ، ھەربىر سۇڭ تۇپراقنىمۇ قەدىرلىشىمىز كېرەك.ئەگەر راستىنلا بىركۈنى ‹‹ ئىنسانىيەت كۆرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ ئۆزىنىڭ كۆز يېشى ››  بولۇپ قالسا بۇ بەكمۇ ئىچىنىشلىق ئىش بولمامدۇ؟!

بۇئەسەر‹‹ تاللانغان قىسقا ھىكايىلەر›› (小小说选刊)  ژۇرنىلىنڭ 2007-يىللىق 24- سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابباس ئۆمەر ئەلقۇت

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-29 17:45 , Processed in 0.250881 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش