چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 4 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى تۈنۈگۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy 12 سائەت بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 530|ئىنكاس: 0

تولىستوي:ئادەم قانداق ئەھۋالدا ئازىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئادەم قانداق ئەھۋالدا ئازىدۇ؟

لېف تولىستوي (روسىيە)


بىر قېرى شەيتان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:
-بىز ئۇلارنى ئەخمەق قىلايلى ،بولمىسا بىز شەيتانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايمىز،-دەپتۇ كىچىك شەيتانلارغا.
ئۇبىرشەيتاننى دېھقاننى ئەخەق قىلىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ،ئۇ دېھقان ھەر كۈنى ئېتىزدا جاپالىق ئىشلەيدىكەنۇ،ئەمما ئېرىشىدىغىنى ئىنتايىن ئاز ئىكەن.شۇنداق بولسىمۇ بارىغا شۈكرى قىلىپ،ئىنتايىن خۇشال –خۇرام ياشايدىكەن.شەيتان ‹‹قانداق قىلسام بۇ دېھقاننى ئازدۇرالايمەن؟››دېگەننى ئويلاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېھقاننىڭ ئېتىزىنى شورلاشتۇرىۋېتىپ،دېھقاننى قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگدۈرمەكچى بوپتۇ.دېھقان ئېتىزدا يېرىم كۈن ئىشلەپ قاتتىق چارچاپ كېتىپتۇ،شۇنداقتىمۇ بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئىشلەشكە باشلاپتۇ،ئازىراقمۇ ۋايسىماپتۇ.كىچىك شەيتان ھىيلىسىنىڭ كارغا كەلمىگىنىنى كۆرۈپ بۇرنىنى تارتقىنىچە كېتىپ قاپتۇ.قېرى شەيتان يەنە بىر شەيتاننى ئەۋەتىپتۇ.ئۇ شەيتان كۆڭلىدە‹‹ئۇنى ھەرقانچە جاپا –مۇشەققەتمۇ باش ئەگدۈرەلمىگەندىن كېيىن،ئۇنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالسام چوقۇم ئۇنى بويسۇندۇرالايمەن››دەپ ئويلاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ دېھقاننىڭ چۈشلۈك تامىقى بولغان بولكا بىلەن سۇنى ئوغرىلاپ كېتىپتۇ.ئۇ يەنە ‹‹دېھقان شۇنچە جاپالىق ئىشلەۋاتقان تۇرسا ھارىدۇ،ئاچىدۇ،بولكا بىلەن سۇنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى كۆرسە،چوقۇم ئاچچىقتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولىدۇ››دەپ ئويلاپتۇ.
ھېرىپ-چارچاپ قورسىقىمۇ ئاچقان دېھقان دەرەخ سايىسىگە كېلىپ ئارام ئاپتۇ،قارىسا بولكا بىلەن سۇ يوق تۇرغۇدەك،‹‹بەلكىم بولكا بىلەن سۇنى مەندىنمۇ ئېھتىياجلىق بىرەر بىچارە ئېلىپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن،ئەگەر بۇ نەرسىلەر ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغان بولسا مەيلى››دەپ ئويلاپتۇ دېھقان.بۇ شەيتانمۇ مەغلۇپ بولۇپ قايتىپتۇ.
قېرى شەيتان بۇنىڭدىن ئەجەپلىنىپ‹‹دېھقاننى يولدىن چىقىرىدىغان ئامال يوقمىدۇ؟››دەپ ئويلاپتۇ،بۇ ۋاقىتتا ئۈچىنچى شەيتان قېرى شەيتانغا :
-مېنىڭ ئۇنى ئازدۇرۇشقا ئامالىم بار،-دەپتۇ.
ئۈچىنچى شەيتان ئەڭ دەسلەپ ھېلىقى دېھقان بىلەن دوست بوپتۇ،دېھقانمۇ ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغىنىدىن خۇش بوپتۇ.شەيتاننىڭ ئالدىن بىلىش ئىقتىدارى بولغاچقا،دېھقانغا:
-كېلەر يىلى قۇرغاقچىلىق بولىدۇ،شۇڭا شالنى سۈيى ئەلۋەك يەرگە تېرىغىن،-دەپتۇ.دېھقان ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە قىپتۇ،دېگەندەك ئىككىنچى يىلى باشقىلار شالدىن ھوسۇل ئالالماپتۇ،دېھقان بولسا مول –ھوسۇلغا ئېرىشىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا باشلاپتۇ.
شەيتان دېھقانغا نېمە تېرىسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دېھقان ئۈچ يىلغا قالمايلا بېيىپ كېتىپتۇ.شەيتان يەنە دېھقانغا شالدىن ھاراق ياساپ ئېچىتىشنى ئۆگىتىپتۇ.بۇنىڭ بىلەن دېھقان تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىپتۇ.كېيىنچە ئېتىزدا ئىشلىمەي ھاراق سېتىپ پۇل تېپىپ،تېخىمۇ بېيىپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى قېرى شەيتان كەپتۇ.
-مېنىڭ نەتىجىىلرىمنى كۆرگەنسەن،ھازىر دېھقاننىڭ قېنىدا چوشقىنىڭ قېنى بار،-دەپتۇ شەيتانچاق قېرى شەيتانغا.
دېھقان كېچىلىك زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپتۇ،زىياپەتكە بارلىق بايلار قاتناشقان بولۇپ،ئۇلار ھاراقنىڭ ئەڭ ئېسىلىگە ،نازۇ –نېمەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا داخىل بولۇپتۇ.خالىغانچە بۇزۇپ-چېچىپتۇ،يەنە نۇرغۇن خىزمەتكارلار ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە ئىكەن.ئۇلار كىيىملىرى رەتسىز،يەنە كەيپچىلىكتە خۇدىنىمۇ بىلەلمەي قالغان بولۇپ،قارىماققاتولىمۇ دۆت ۋە ھاماقەت كۆرىنەتتىكەن.
-قاراڭ،ئۇنىڭ قېنىدا يەنە بۆرىنىڭ قېنى بار ،-دەپتۇ شەيتانچاق.بىر ۋاقىتتا بىر خىزمەتكار قىزىل ھاراق كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ،نېمىگىدۇر بىرنەرسىگە پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ كېتىپتۇ،بۇنى كۆرگەن دېھقان خىزمەتكارنى بولىشىغا تىللاپتۇ.
-نېمىشقا دىققەت قىلمايسەن؟
-خوجايىن ،بىز تېخىچە  تاماق يېمىدۇق،قورسىقىمىز ئېچىپ ،پۇت –قولىمىزدا ماغدۇر قالمىدى.
-ئىشنى قىلىپ بولالمىغان ئادەم يەنە تېخى تاماق يەمدىكىنە؟
بۇنى كۆرگەن قېرى شەيتاننىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىپتۇ.
-    قالتىس ئىكەنسەن،سەن قانداق قىلىپ دېھقاننى بۇ ھالغا كەلتۈرەلىدىڭ؟
-    -مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئېھتىياجدىنمۇ ئارتۇقراق نەرسىلەرنى بەردىم،شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئادەملەرنىڭ خارەكتىرىدىكى ئاچكۆزلۈكنى تولۇق ئاشكارىلىغىلى بولىدۇ،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۈچىنچى شەيتان مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-29 13:04 , Processed in 0.363757 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش