Office 2003 مىكروسوفىت ئوتتۇرىغا چىقارغان يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. Microsoft Office 2003 Service Pack 3 نىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئىقتىدارى قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولغان.
Microsoft Office2003 دېتالى Microsoft Windows سىستېمىسى ۋە Apple Macintosh قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن ياسالغان بولۇپ، باشقا ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتاللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭغا مۇلازىمېتىر ۋە ئىنتېرنېت ئاساسىدىكى مۇلازىمەت ئىقتىدارى قوشۇلغان. Office دېتالى ئەڭ دەسلەپ 90-يىللىرى ئوتتتۇرىغا چىقىرىلغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىسىم پەقەت تەشۋىقات ئۈچۈنلا قوللىنىلغان بولۇپ، ئىلگىرى ئايرىم-ئايرىم ئېلان قىلىنغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ توپلىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى تەشۋىق قىلىشتىكى مەقسەت، يۇمشاق دېتاللارنى ئايرىم سېتىۋالغاندىن توپلام ھالەتتىكىنى سېتىۋالسا ئەرزان توختايتتى. دەسلەپكى نەشىردىكى Office قا Word、Excel ۋە Powerpoin قاتارلىق ئۈچلا دېتال كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ كەسپى نۇسخىسىغا بولسا Microsoft Access دېتالى كىرگۈزۈلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، دېتالى بارا-بارا زورىيىپ، ئىقتىدارى كۈچىيىپ ماڭدى، مۇكەممەللىككە قاراپ تەرققىي قىلدى، پىنيىن ۋە گىرامماتىكا تەكشۈرۈپ توغرىلاش، OLE سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، مىكروسوفىتMicrosoft VBA تىلىنى قوللاش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلارغا ئىگە بولدى.
ئۇندىن باشقا، Office2003 دېتالى ئىنتايىن قولايلىق بولغان خاس ھالەتتە تەڭشەش، ئابونتلار ئىھتىياجى بويىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئىجرا بولۇش سۈرئىتى تېز، مەشغۇلات قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.
بەزى ۋاقىتلاردا ئادەم كونا نەرسىلەرنى سېغىنىپ قالىدۇ، ئارىمىزدا كونا نۇسخىدىكى Office2003 نى سېغىنىپ قالغانلار بولسا، تۆۋەندىكى نادىرلانغان نۇسخىسىنى چۈشۈرۈۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! سىغىمى 148 مىگابايىت!
http://share.weiyun.com/363a6c6dbc582ae7cee857c3bb58df42