تۈن كەشتىلىرى
ئالىمجان تۆمۈر تۇران
ماقالىگە كىرىش: شېئىر نېمىدۇر؟ شېئىر-تالاي ئىزاھلاپ ئۆتۈلگەن، بىراق ھازىرغىچە ئىزاھ كۈتۈۋاتقان، شائىرنىڭ چۈش، خىيال...لارغا تۇتقۇن بولۇش ئارقىلىق ئۆز ئازابخانىسىنى ئۆرە قىلىش جەريانىدۇر . شائىر نېمىدۇر؟ شائىر شېئىر يازىدىغان ئادەم. شائىر غېرىبلىق ئىچىدە ئۆزىنى تونۇيدۇ. شائىرنىڭ غېرىبلىقى ئازاب بىلەن روبىرو قارىشىپ تۇرغان لەھزىدە، شېئىر ئۆتمۈشتىن شائىر تەرەپكە قىيسىيىشقا باشلايدۇ. شائىر دەل شۇ چاغدا قايتىدىن ئەسلىنىپ، ئۆلۈمنى بىر قېتىم باشتىن كەچۈرىدۇ. شېئىر يېزىش مۇھەببەت ۋەجىدىندۇر. مۇھەببەت ئازابقا ئەڭ يېقىن جايدا ئۆز چېدىرىنى تىكىپ ئولتۇراقلاشقان...
ئۇيغۇرلاردا شېئىر يېزىش نېمىدۇر؟ بۇ ھەقتە بىردەكلىككە ئىگە بولمىغان تالاي قاراشلارنى ئاڭلىدۇق. قايسىلىرىغا چىن پۈتۈش، قايسىلىرىنى ئىنكار قىلىش ھەركىمنىڭ ئۆز ئىلكىدە. يېقىندا يۇنۇس زۇننۇننىڭ، ئۇيغۇرلاردا شېئىر يېزىشنىڭ قانداق نەتىجە بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ماقالىسى پېقىرنى بىرقاتار سورالمىلارغا دۇچار قىلدى. ئۇ يازمىدا قەيت قىلىنغان مۇنداق بىرقانچە جۈملە مەن ئۆز يۇرتۇمدا تۇرغاندا تالاي كۆرگەن، بىراق قەدرىنى قىلمىغان، تۇغۇلغان يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ، يىراق يۇرتتا بولغىنىمدا كۆزلىرىمگە سۈرتكىدەك بولغان، ئۈستىدىن توپا-چاڭ ئۆرلەپ تۇرىدىغان يۇرتداشلىرىمدەك بىلىندى. ئو يازمىنىڭ تۈگەللىمە قىسىمغا ئاپتۇر : «بىزدە شېئىر تاۋارغا ئايلىنىپ، شائىرلىق كەسىپكە بىمالال ئايلىنىپ كەتكەن. شېئىرلار ھەرگىز ئىقتىساد ئۈچۈن، ياكى باشقا مەقسەتلەر ئۈچۈن يېزىلماسلىقى زۆرۈر. ناۋادا ئۇنداق بولسا ئىنساننىڭ تەبىئەتكە، ئۆزىگە بولغان خائىنلىقى باشلىنىدۇ...» دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. شائىر غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەد «شائىر قانداق ئادەم؟» ناملىق سۆھبەت خاتىرىسىدە: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شائىردىن ئۆزگە ھېچنەرسە كەم ئەمەس» دېگەن كەلىمىسىگە نۇرغۇنلىغان ئىزتىراپلىرىنى قېتىۋەتكەن.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نوقۇل شېئىرلا ئەمەس، باشقا ژانىرلارمۇ تاۋارغا ئايلىنىپ قالدى. بىراق كەسىپكە ئايلانغىنى يوق. سەۋەبى، بىزدە «ئەدەبىيات ھېچقاچان كەسىپ ئەمەس، ھەۋەستۇر» دەيدىغان گەپلەر ئورتاق شۇئارغا ئايلىنىپ بولغان. ئەڭ يامان بولغىنى، تالاي كىشىلەر ئەدەبىيات ئارقىلىق ئىقتىساد جۇغلىغىلى بولمىسىمۇ، شائىر، يازغۇچى ئاتىلىپ، كوچىلاردىن غادايغانچە ئۆتكىلى بولىدىغانلىقىنى نادانلارچە تونۇپ يەتتى. بۇنداق تونۇش نۇرغۇنلىغان ئۆزمەپتۇنلارغا بىر كېچىدىلا شائىر، يازغۇچى بولۇپ كېتىش غايىسىنى يۈكلىدى–دە ، ئۇلار شۇ كۈندىن باشلاپ ھەرقايسى ژۇرناللاردىكى مۇھەررىرلەر ئەسەرلىرىنىڭ «قاتلاملىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ»، مۇھەررىرلەرنىڭ ئۇسلۇبىغا يېقىنلىشىدىغان، ئۇلار ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان، ژۇرنالغا بېسىلىش ئىمكانىيىتى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان ئەسەرلەرنى، ھېسسىياتنى ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرۇپ يېزىپ چىقىشتى. دەرۋەقە ئۇ ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچى شۇنىڭ بىلەن ئۆلدى. ئەسەرلىرى بېسىلغان ئاپتور ئەمدى ئەسەرلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ۋەجىدىن ئۆزىنى مەشھۇر قەلەمكەش ھېسابىغا ئۆتكۈزىدۇ. ھەتتا بەزىلەر خىجالەت بولماستىن، ژۇرناللارغا ئەۋەتكەن ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاستىغا «ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنىڭ قانچىلىك ئۆزگەرتىلىشى مۇھىم ئەمەس، قەلەم ھەققىمۇ سىزگە قالسۇن، پەقەت ئىسمىم ژۇرنالغا چىقسىلا بولدى» دەپ يېزىپ قويۇشىدىكەن. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خېلى سالماقنى ئىگەللەيدىغان ھازىرقى كارتىنىسىدىن ئىبارەت.
بىراق، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئۇلىدىن پۇختا بولغان بۇ ياشقا چوڭ ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئەدەبىيات تارىخى، ھەم شۇنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئاق قالماسلىقى ئۈچۈن ئىز بېسىپ، مەنزىل تامان ماڭالايدىغان تەۋەككۈلچىلىرى ھېلىھەم ئاز ئەمەس...شۇ بىر توپ تەۋەككۈلچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يەنىلا ئۆزىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇدىغانلىقىنى بىشارەتلەپ كەلمەكتە. ئۆتمۈشتە تۇرۇپ بۈگۈنگە ئەسلەنسەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭىچە شېئىرىيەت ھادىسىسى كۆتۈرۈلگەن چاغلاردا بىر توپ ئادەم بۇ زېمىنغا ئەمدىلا ئاپىرىدە بولغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار ئەنئەنىۋىي مەتبۇئات ۋە ئەدەبىي تور-مۇنبەر بەتلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن ئۆزىنى ئاشكارلىدى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئازدۇر-كۆپتۇر پەرۋىش قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. بۇ تەۋەككۈلچىلەر ئارىسىدىن ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، ئابدۇۋەلى ئەرشىدىن بوزلان، ئايىمنىسا سۇلايمان، مۇھەممەد ئىلياس ئەلپىدا، سەنۇبەر ئابدۇراخمان، ئابلەت زەپەرى، سەيدۇللا فىردەۋىس، ئابدۇراخمان ئابدۇكېرىم زۇلتاپ، ھەزرەتئەلى ئەلى، ئەراپات ئابدۇرۇسۇل، مەھمۇد ھېيت مەھدى، ئۆمەر مەھمۇد، روشەنگۈل ئابدۇسالام ناۋال، پەرىدە ياقۇپ، ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار، مۇھەممەد مەسئۇد، مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار، ئاينۇر مۇھەممەد كۆكتولۇن، ئاينۇر دولقۇن، مۇھەممەتئىمىن ئابلىز، ئابدۇكېرىم داۋۇت سەمەندەر، دىلخۇمار ئىمىن، مۇھەممەد ئۆمەر...(ئەسكەرتىش: بىر قىسىم ئاپتورلار مۇھەررىر تەرىپىدىن قوشۇلدى) لەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بۈگۈن بۇلار ئارىسىدا ئىلگىرىكى سۇمۇرغ، ئەنقا، بەرقى تورلىرىدا...ھازىرقى يازغۇچىلار تورىدا «كونسۇل كوچىسى»، «گۇگۇمنىڭ كەچلىك تامىقى»، «ناۋالنىڭ كەشتىلىرى»، «كەشتە تىكىش»...ماۋزۇ ئاستىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەردە تالايلىغان لەززەتلىك ئەستىلىكلەرنى قالدۇرغان. كۆپلىگەن مەشھۇر بولۇش نۆۋەتلىرىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن رەت قىلىپ، قەلەمكەشلەر ئارىسىدا پەزىلىتى ھەم شېئىرلىرى بىلەن تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان بىر شائىرە نەزەرىمىزنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۇ ــ روشەنگۈل ئابدۇسالام ناۋال.
ئەنئەنە بىر قەۋمنىڭ ھاياتى ۋە ئېتىقاد چۈشەنچىلىرى ئاساسىدا توپلىنىدىغان مەڭگۈلۈك ئارخىپ ھېسابلىنىدۇ...
ئۆزىگە خاس بولغان ناۋال شېئىرلىرى ئوقۇرمەننىڭ تۇنجى ئوقۇش تەجرىبىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، قالدۇرىدىغان باشلانغۇچ ئەستىلىكى دەل ئاياللىق قەلبىنىڭ يېزىق ھالىتىگە ئۆتۈشىدىن ئىبارەت.
كېچە
ئاۋۋال ئاسماننى قارا ئۈزۈم رەڭدە بويىدى،
ئاندىن ئۇنىڭغا يۇلتۇزلارنى كەشتىلىدى.
ئاندىن ئاي مېنى چاقىردى.
ئاندىن مەن بىر تۈن قۇشىغا ئايلىنىپ چۈشلىرىمدە سايراشقا باشلىدىم...
خەيرلىك كەچ كەشتىلەر
خەيرلىك كەچ يىڭنە
تېكىست ھەققىدە تەھلىل: كېچە–كۈندۈزنىڭ قارشى تېمىدۇر. ئاۋۋال ئاسماننى قارا ئۈزۈم رەڭگىدە بويىدى–بۇ جۈملە كېچىنىڭ «كېچە» ئىكەنلىكىنى روشەنلەشتۈرىدۇ. كېچىنى روشەنلەشتۈرىدىغان ئېيتىلما-كېچىنىڭ قارا ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلدۇرغۇچى سۆز «قارا ئۈزۈم» بىرىكمە ئىسىمدۇر. «قارا» كېچىنىڭ ئۆزى. «ئۈزۈم» بولسا بايانچىنىڭ شېئىرلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ھېسسي ئوبرازدۇر. بىراق ئۇنى ئىماگ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن دەپ كېسىپ ئېيتىشقا ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
ناۋال شېئىرلىرىدا پىكىر ئاساس قىلىنىدۇ. شېئىردا پىكىرنى ئاساس قىلىش ئەسەرنىڭ مەقسەتچانلىقىنى تەكىتلەپ، بۆسۈش خاراكتېرلىك تەۋەككۈلچىلىكلەرنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ بىر تۈركۈم ئەنئەنىچىلەرنىڭ تاللىۋالغان يولىدۇر. بىراق ناۋالنى پۈتۈنلەي ئو تائىپىگە مەنسۇپ قىلىۋېتىشمۇ ئۇنىڭغا قىلىنغان ئۇۋالچىلىق ھېسابلىنىشى ئېھتىمال. ئەمما بۇ ئۇۋالچىلىقنى چېكىدىن ئاشتى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئارا يول تۇتقۇچى شائىرە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر نەچچە پارچە شېئىر يازغانلىقى، ياش قۇرامى...قاتارلىقلاردىن خەۋىرىم يوق. بىراق ئۇنىڭ شېئىرنى سۆيۈدىغان ناتىۋان قىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ھازىرغىچە ئوقۇپ كېلىۋاتقانلار ئارىسىدىكى بىرى ئىكەنلىكىنىلا بىلىمەن. بۇ دەل ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتۈشىمنىڭ سەۋەبىدۇر...
ناۋال شېئىرلىرى شەكىلنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇنچە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. بىراق بايانچى تاللىۋالغان شەكىل بەئەينى بىر ئادەم ئۇچىسىغا كىيىۋالغان كىيىمدۇر. كىيىم قانچىلىك يارىشىملىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىيىم ئىچىدىكىسى بەرىبىر كىيىم كىيىپ يۈرگۈچى ئادەم. ئۇنىڭ ماھىيىتى يېپىنچا بىلەن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭدىن مۇنداق ھۆكۈمگە ئېرىشىش مۇمكىن: تالايلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى سۆيۈشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى: ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى شەكىل تەۋەككۈلچىلىكى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئەگىشىپ ماڭالىغانلىقى. يەنە بىر سەۋەب: ئۇنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ كۆپ سانلىقلىرى بولغان ئەنئەنىچىلەردىن ئاز-تولا پەرقلىنىپ، ئىپادىلەشكە ئېلىپ كىرگەن بىر قىسىم ئەگەشمە يېڭىلىقلىرى...
شېئىر،سېنى سۆيىمەن
ئۈمىد ھېس قىلدۇرۇلىدۇ ماڭا
شېئىر بىلەن
بارچىنى ۋە ئۆزۈمنى سۆيدۈم
شېئىر بىلەن
شېئىر بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر
كۆز ياشقا لىق چىلاشقان،
تەنھالىقنى قانغۇچە سۈمۈرگەن،
بەزىدە ئىسيانلىرىنى كۆتۈرۈپ ئېگىز
كىملەرگىدۇر زەھەرلىك نەشتەرلىرىنى تەڭلىگەن
ۋە بەزىدە كىمگىدۇر
خۇشپۇراتقان تىلنىڭ سېھرىنى.
لېكىن مەن سۆزلەر ئىچىدە مۇھەببەتنى سېزىمەن
يۈرىكىم شېرىن ھېسلار ئىچىدە قەغەزگە كۈلۈمسىرەيدۇ.
پېئىل بازارلىرى شاۋقۇن سالىدۇ
ھەرپلىرىنى قۇشقاچلاردەك ۋىچىرلاپ
بۇ شېئىرغا يېزىلغان بىر پارچە شېئىر. شېئىرغا بېغىشلانغان بىر پارچە قەسىدە، شېئىرنىڭ ئول شائىرەنىڭ غەم-قايغۇلىرىغا ئوقۇغان مەرسىيە تېكىستى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شېئىرنى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئوقۇغىنىمىزدا، ئۆزىمىزدە بىرئاز جىددىيلىكتىن باشقا ئۆزگىرىش بايقىمايمىز، شۇنداقلا ئوقۇش جەريانىدا قىيىنلىق ھېس قىلمايمىز. چۈنكى شېئىردىكى ھەربىر جۈملە ئادەت بويىچە تەرتىپلىك سۆزلەردىن تەركىپ تاپقان. شۇنداقلا تېكىستنى تەشكىل قىلغۇچى سۆزلەر ئەسلى لوغەت مەنىسىدىن قوزغالمىغان. سۆزلەرنىڭ ئورۇنلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ ھېچقانداق مورفولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر ياسالمىغان. پىكىر بىۋاستىلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە بولغان. ھەر بىر مىسرانى تەشكىل قىلغۇچى فونېمىلار، سۆزلەرنى كىيىم ئىچىدىكى بىر ئايالغا تەققاسلىساق، ئۇ ئايال سىقىلغان، كەڭلىككە ئىنتىلگەن، بىراق نائىلاج قالغان. بۇ شېئىرنى ئوقۇرمەنلەر شەكىلگە ئاساسەن يېڭىچە يېزىلغان شېئىر دەپ قارىشى ئېھتىمال. بىراق بۇ شېئىردا پولات ھېۋزۇللانىڭ «بىر شېئىرغا مۇھەببەت» ناملىق شېئىرىدەك ئۈنۈم يارىتالمىغان. گەرچە چاپان يىڭى بولسىمۇ، چاپان ئىچىدىكىسى يەنىلا «ئاتام ئېيتقان بايىقى» دۇر.
«شېئىر سېنى سۆيىمەن» ناملىق شېئىرنى مۇھەببەت لىرىكىسىغا تەۋە قىلىش مۇمكىن. ئۇ مەرسىيەلىك ئاھاڭى كۈچلۈك بولغان مۇھەببەت لىرىكىسى. باشتا ئېيتقىنىمدەك بۇ شېئىر باشقىچە بىر كۆزىتىش نوقتىسىدا تۇرۇپ، ئۆزگىچە ئۈنۈم يارىتالمىغان شېئىردۇر. بىراق ئۇ مەلۇم مەنىدە ئاپتورنىڭ پىشىپ-يېتىلىش جەريانىدىكى يېزىقچىلىق خاھىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ شېئىر قوش پىكىر يۆنىلىشىنى بەرپا قىلغان. بىرىنچى يۆنىلىش: بايانچىنىڭ شېئىرغا «مەن سېنى سۆيىمەن» دېگەن خىتابىنى يەتكۈزۈش يولىدۇر. ئىككىنچى يۆنىلىش: «شېئىرنىڭ، ئەي بايانچى مەن سېنىڭ ئازابلىرىڭ بىلەن قوشۇپ سېنى سۆيىمەن» دېگەن خىتابىنى يەتكۈزۈش يولىدۇر. بىرىنچى خىتاب بىلەن ئىككىنچى خىتابنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان مۇساپە ئۈستىدە تۇرغىنى يەنىلا پىكىر زوراۋانلىقى. ئىنچىكىلەپ ئېيتقاندا، شېئىر بىلەن شائىر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كونا شەرھ بىلەن قايتا تەكرارلىنىشىدىن ئىبارەت.
شېئىرنىڭ باشلىنىشى مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بىراق بۇ ئۈچىلىسىنى بىراقلا باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق باشلىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. بىرىنچى: ھېسسىيات لەھزىسى. ئىككىنچى: تەپەككۇر لەھزىسى. ئۈچىنچى: تۇيغۇ لەھزىسى. تۇيغۇ لەھزىسى بولسا، ھېسسىيات لەھزىسى بىلەن تەپەككۇر لەھزىسىنى ئورنىدىن قوزغاپ، مەلۇم تۇتۇقلىققا سۆرەپ كىرىدىغان جەريان. بىراق باشتىكى ئىككى لەھزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلمايدۇ. ھەرقايسىسى ئۆز ئالدىغا ھەم مۇستەقىل، ھەم بىر-بىرى بىلەن باغلىنىشچانلىققا ئىگە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نۇرغۇن شائىرلارغا ئوخشاشلا ناۋال شېئىرلىرىمۇ دەسلەپ ھېسسىيات لەھزىسىدىن باشلىنىدۇ. ئاندىن تەپەككۇر لەھزىسىگە كۆتۈرۈلۈش خام خىيالىدىن ۋاز كېچىپ، ھېسسىيات ھالىتىدە بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ شېئىرلارنىڭ ئۇزۇن ياشىيالىشى ناتايىن. ھېسسىيات لەھزىسىدىن باشلىنىپ، ياكى تەپەككۇر لەھزىسىدىن باشلىنىپ، ھېسسىيات لەھزىسى ياكى تەپەككۇر لەھزىسىدە بىرىكىپ، تۇيغۇ لەھزىسىگە ئاپىرىپ شېئىر يازالايدىغانلاردىن بىزدە تاھىر ھامۇت، پەرھات تۇرسۇن، ئادىل تۇنىياز، قەيسەر تۇرسۇن ... قاتارلىق بىر تۈركۈم شائىرلارنى ساناپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. تەپەككۇر لەھزىسىدىن باشلايدىغانلاردىن پاسئان، بوزلان ... قاتارلىق بىر تۈركۈم شائىرلارنى ساناپ ئۆتۈش مۇمكىن. چىمەنگۈل ئاۋۇت شېئىرلىرى ھېسسىيات لەھزىسىدىن باشلانغان شېئىرلارنىڭ ئۈلگىسى دېيىش ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتكەن ئاياللىق قەلىپ، پەۋقۇلئاددە ئازار يېگەن دەردلىك ئايالنىڭ نالە-زارى، يەنىلا ھاياتنى زورلاپ سۆيۈشتەك پاجىئە... يوقىرىقىلار ھەممىسى بىرىكىپ ئۇنىڭ بەرداشلىق بەرگۈسىز ئەسەبىيلىكىنى ئاپىرىدە قىلغان. بۇ يولدىن پەرىدە ياقۇپ، پاتىگۈل نىياز ئىپارە، مېھرىگۈل مەھمۇد...لار ئىز بېسىپ كەلمەكتە. بىراق ئۇلارنىڭ ئىزنى كېلىشتۈرۈپ باسالايدىغان-باسالمايدىغانلىقىغا ھازىرچە بىر نېمە دېيىش مۈشكۈل. روشەنگۈل ئابدۇسالام ناۋال شېئىرىيەتتە رىسالەت مەردان، ئامانگۈل ئەزىز، ئايسىمە ئىدرىس، روقىيە ئابدۇللا، سەنۇبەر ئابدۇراخمان...لار بىلەن بىر سەپتە شېئىرنى ھېسسىيات لەھزىسىدىن باشلاپ، تەپەككۇر لەھزىسىگىچە قىستاپ بارغۇچىلاردۇر. بىراق ئۇلار بۇ ئۇلانما مۇساپىنى ئاداق-پايانىغا يەتكۈزەلىگىنى يوق. بۇ سەپتىكىلەر شېئىرغا، جۈملىدىن ئەدەبىياتقا ناھايىتى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەمەلىي مۇئامىلە قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە چېكىگە يەتكەن ئەسەبىيلىكنى، ئېچىنىشلىق غەم-قايغۇنى، سېغىنىش ۋە ئىزتىراپلارنىڭ تەنلەرنى تىترىتىپ ئۆتكۈچى لەھزىلىرىنى ئاساسەن ئىلغا قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار تۇرمۇشنىڭ نورمال نوقتىسىدا تۇرۇپ ئەدەبىياتقا، ئەدەبىياتنىڭ نورمال نوقتىسىدا تۇرۇپ ئەدەبىياتقا، تۇرمۇشقا، ئەدەبىياتنىڭ ھەرقايسى ئېقىملىرىغا مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەسلىمەمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماقتا بىر كىچىك پاختەك
ئەسلىمەمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماقتا بىر كىچىك پاختەك
ئۇ ھويلامدا ياشايتتى.
ئۇ كۆكتاتلىقىمدىن ئوزۇق ئىزدەيتتى.
ئۇ ئۆگزەمدە سايرايتتى.
بىراق بىر كۈنى
ئۇ ھويلامنى تاشلاپ كەتتى.
ئۇ كۆكتاتلىقىمنى تاشلاپ كەتتى.
ئۇ ئۆگزەمنى تاشلاپ كەتتى.
ئۇ مېنى تاشلاپ كەتتى.
ئەلۋىدا، بارچە كۈلكىلەر! ئېھ، ئۆلۈم ئۇنىڭ كۈلرەڭ روھىنى يىراق-يىراققا سۆرەپ
كۆزلىرىنى ئەتمەكتە،
ئەسلىمەمنىڭ ئۈستىدە.
بۇ شېئىرغا نەزەر ئاغدۇرساق، كەچۈرمىشكە ئايلانغان بىر ھېكايىنى ئاپتورنىڭ ياندا تۇرۇپ بايان قىلىۋاتقانلىقىنى، بەزىدە ئۇشتۇمتۇت شېئىر ئىچىدە زاھىر بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلغا قىلالايمىز. بۇ بىر جەھەتتىن پىروزىنىڭ بايان قىلىش ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ پارچە شېئىردا بىزدە تەسىر قالدۇرالايدىغىنى بايانچىنىڭ بايان ھالىتىدىكى كەيپىياتىدىن ئىبارەت. بۇ كەيپىياتنى ئانالىز قىلىشتىن بۇرۇن تېكىستنى يېشىشكە توغرا كېلىدۇ . «ئەسلىمەمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرماقتا بىر كىچىك پاختەك» ــ بۇ ماۋزۇ بايانچىنىڭ ئەسكە ئەسلىنىش جەريانى. بۇ يەردە تېكىستنىڭ تارىخىيلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇمكىن. تېكىستنىڭ ماكانى ئۆتمۈش. بايان ھازىرنىڭ داۋام قىلىشىدۇر...«ئۇ ھويلامدا ياشايتتى \ ئۇ كۆكتاتلىقىمدىن ئۇزۇق ئىزدەيتتى \ ئۇ ئۆگزەمدە سايرايتتى \ ئۇ ھويلامنى تاشلاپ كەتتى \ ئۇ كۆكتاتلىقىمنى تاشلاپ كەتتى \ ئۇ ئۆگزەمنى تاشلاپ كەتتى \ ئۇ مېنى تاشلاپ كەتتى \ »ــ بۇ مىسرالارنىڭ بىرەر پارچە ھېكايە تىلىدىن ھېچقانداق پەرقى يوق. ئۇ شېئىرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھېكايە. بىزنىڭ بۇ تېكىستتىن ئەستە تۇتۇۋالىدىغىنىمز دەل مۇشۇ بايان. ئاندىن بىز ئۇنى سۆزلىگۈچىنىڭ شۇ لەھزىدىكى كەيپىيات ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىمىز. ئۇنداقتا ئاپتور كەيپىياتىدىكى ئۆزگىرىشنى قەيەردە ئاڭلىغۇچىغا چاندۇرۇپ قويىدۇ؟ «ئەلۋىدا، بارچە كۈلكىلەر! ئېھ، ئۆلۈم ئۇنىڭ كۈلرەڭ روھىنى يىراق – يىراققا سۆرەپ كۆزلىرىمنى ئەتمەكتە \ ئەسلىمەمنىڭ ئۈستىدە» ــ دەل مۇشۇ جايدا بايانچىنىڭ كەيپىيات ئۆزگىرىشلىرى ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ئۆلۈم ئېچىنارلىق ئەمەس، بايانچى ئۆلۈپ كەتكۈچى پاختەكنى ئەسلەيدۇ، ھەتتا خىيالىي يايرىغا تەققاسلايدۇ. بىراق ئېچىنىش، ئاھ ئۇرۇش ھېسسىياتىدا بولمايدۇ. بۇ شېئىر ئۇنىڭ تۇرمۇشنىڭ نورمال نوقتىسىدا تۇرۇپ ئەدەبىياتقا، ئەدەبىياتنىڭ بىرقەدەر نورمال نوقتىسىدا تۇرۇپ تۇرمۇشقا سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئائىلە قىلىشىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ يەردە ۋەقە زامانىنىڭ تۇيغۇ زامانىغا ئۆزگىرىشى بىرقەدەر ئېرەنسىز بولغان.
چۈش
شىلدىر، شىلدىر، شىلدىر
شامال ئۇۋىسىغا قايتتى.
نەدە؟ نەدە؟ نەدە؟
بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا.
تېزرەك! تېزرەك! تېزرەك!
قۇياش كۈلۈمسىرەپ
تاماق يەڭلار، دېدى
چىڭقى چۈشنى تەڭلەپ.
خوپ ئەپەندىم، خوپ ئەپەندىم
بالىلىرىم كەلسۇن.
ياق! ياق! ياق!
دادىسىدىن كەلسۇن
تەكرارلىق شېئىردىكى مۇزىكىدارلىقنى روياپقا چىقارغۇچى يەنە بىر ئاساسلىق ئامىلدۇر. ئەنئەنىۋىي شېئىرلاردا تۇراقنىڭ تەكرارلىنىشى ئارقىلىق رېتىم يارىتىلغان بولسا، يېڭىچە شېئىرلاردا بۇنداق رېتىم مۇئەييەن سۆز، ئىبارە، جۈملىلەرنى تەكرارلاش...مەنىگە ئىشارە قىلىشىنى تەكرارلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. باشتىكىسى تاشقى رېتىم، كېيىنكىسى ئىچكى رېتىمغا تەۋەدۇر.
ناۋال شېئىرلىرىدا تاشقى رېتىمغا تەۋە مۇزىكىدارلىق ئىككى خىل رەۋىشتە نىگاھىمىزغا تاشلىنىدۇ. بىرى، ئەنئەنىۋىي شېئىرلاردىكى تۇراقنىڭ تەكرارلىقى ئارقىلىق مۇزىكىدارلىق ھاسىل قىلىش. يەنە بىرى يېڭىچە شېئىرلارنىڭ سۆز، ئىبارە، جۈملىلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق مۇزىكىدارلىق ھاسىل قىلىش...دىن ئىبارەت. بىراق ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا مەنىگە ئىشارە قىلىشنى تەكرارلاش ئارقىلىق مۇزىكىدارلىق ھاسىل قىلىش ئاساسەن ئاز كۆرىلىدۇ . «چۈش» ناملىق شېئىرىدا مۇزىكىدارلىق سۆز، جۈملىلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق مۇزىكىدارلىق ھاسىل قىلىنغان . شىلدىر، شىلدىر، شىلدىر \ نەدە، نەدە، نەدە \ تېزرەك، تېزرەك، تېزرەك \ ياق، ياق، ياق \ ــ بۇ سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقىدىن شەكىللەنگەن مۇزىكىدارلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر. خوپ ئەپەندىم، خوپ ئەپەندىم \ ــ بۇ جۈملىلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان مۇزىكىدارلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئەمما بۇ ئىچكى رېتىمغا ئەمەس تاشقى رېتىمغا تەۋە. ئىچكى رېتىم يۇقىرىدا مەن مىسال ئۈچۈن كۆرسەتمىگەن باشقا جۈملىلەردە قارار تاپىدۇ.
تۈگەللىمە ئورنىدا: ھەر قانداق بىر تېكىست ئوقۇرمەندە مۇنداق بىرقانچە تۈرلۈك ئوقۇش تەجرىبىسىنى تەجرىبىلەپ چىقىدۇ. بۇ خىل تەجرىبىلەرنى ئۆز-ئارا كېسىشىش، ئۆز-ئارا روبىرو تۇرۇش، ئۆز-ئارا دەستىلىنىش قاتارلىقلارنى قەيت قىلىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە ئاپتورنىڭ كىتابخانغا بەرگەن ئىمكانىيىتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. ئەسەرگە ئەنە شۇنداق بىرقانچە خىل ھالەتتە يۈزلىنىدىغان ئوقۇرمەنلەرنى يەنە بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى خىل ئوقۇرمەن: بىرلا خىلدىكى مەنىۋىي ئوزۇققا ئېھتىياجلىق بولغان، ئىدىيەسى تېيىزلاشقان، مەنىۋىي تەلەپ ئاددىيلاشقان ۋە بىرخىللاشقان ئوقۇرمەندۇر. ئىككىنچى خىل ئوقۇرمەن: دەل بۇنىڭ قارشىسىدا تۇرغان بولۇپ، ئۇ كۆپ ياقلىما مەنىۋىي ئوزۇققا ئېھتىياجلىق بولغان، مەنىۋىي تەلەپ مۇرەككەپ ۋە ھەر تەرەپلىمە بولغان، پىكىر-ئىدىيە چۇڭقۇرلۇققا ئىگە ئوقۇرمەنلەردۇر.
ناۋال شېئىرلىرى ھەر ئىككىلا خىلدىكى ئوقۇرمەندە ئىجابىي ئوقۇش تەجرىبىسىنى تەجرىبىلەپ چىقالايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىرىنچى خىلدىكى ئوقۇرمەنلەرنى ھاياجانلاندۇرىدۇ، ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەمما ئىككىنچى خىلدىكى ئوقۇرمەندە بىرىنچى خىلدىكى ئوقۇرمەنگە ھاياجانلىق ھېسسىيات جەھەتتىن ئاز-تولا يېقىنلىق پەيدا بولسىمۇ، كۆپىنچە بىر-بىرىگە روبىرو تۇرۇش ھالىتىدە بولىدۇ. كېسىشىش ھالەتلىرىمۇ مەۋجۈت، بىراق بۇ ھالەت تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ. مەن ئۆزۈمنى قايسى قاتلامدىكى ئوقۇرمەنگە تەۋە قىلىشنى ئۇنچە بىلىپ كەتمەيمەن. بىراق مېنىڭ بۇ يازمام نەچچە ئون قېتىملاپ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇش تەجرىبەمدىن كەلگەن خۇلاسە-كالاملاردۇر. مەندە پىكىر زوراۋانلىقى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ ماقالىدىكى قاراشلار مۇقىملاشتۇرۇۋېتىلمەيدۇ. بۇنىڭ ۋەجى ماقالىنى ئاممىۋىي خاراكتېرگە ئېگە قىلىپ، ناۋال شېئىرلىرىنى قېزىپ باقماقچى بولغانلارغا پىكىر بوشلۇقى قالدۇرۇش ئۈچۈندۈر.
(ئاپتور: ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى)
مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 1-سان
چۈشۈرۈش |