چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 1600|ئىنكاس: 7

رىزۋانگۈل :پەرزەنت ئىشقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-16 15:05:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
pasan
پەرزەنت ئىشقى

رىزۋانگۈل  تورسۇنباقى

1
ئىشكابىڭدىن  پۇراپ ھىدىڭنى،
ۋاراقلايمەن  سۈرەتلىرىڭنى.
ۋۇجۇدۇمدىن تارار سېغىنىش،
ھەركۈن سەھەر تىلەپ بەختىڭنى.

سۈرىتىڭگە زوقلىنىپ باقتىم ،
كۆزلىرىڭدە ئاتەش كۆرۈندى.
مېھرى-ۋاپا ئۇچقۇنى چاقناپ،
يۈرەكلىرىم شۇنداق سۆيۈندى.
2
كۆزى شەھلا،چېچى سۇمبۇل،قاراقاشلىق،
قىلىقلىرى ئەجەپ ئوماق،سۆزلىرى تاتلىق.
كۆزنۇرۇمسەن،تەڭدىشىڭ يوق بۇجاھاندا،
يۈرەك پارەم،جان-جىگەرىم خۇمار ئاتلىق.

سەن چوڭ بولۇپ ئارزۇلىرىم قاناتلاندى،
يەرجاھانمۇ قارشى ئېلىپ چاۋاك  چالدى.
سېنىڭ بەختىڭ،سېنىڭ تەختىڭ ئارمىنىمدۇر،   
ئاھ ! ئەجەپمۇ سېغىندىم،سېغىندىم سېنى.
                           
كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،سەبىئى سىياقىڭ،
مېھرىم بىلەن  پەپىلەپ  باققاچقا  سېنى .
ئۈمىدىمنى ئاقلىدىڭسەن  چېچەن قىز بولۇپ،
ئاھ ! ئەجەپمۇ سېغىندىم، سېغىندىم سېنى.

يۈرەكلىرىم سېغىنىشتىن سوقۇپ، گۆپ -گۆپ،
سۈرىتىڭگە توختىماستىن سۆيدۈم ،چوك-چوك.
پەرزەنىت ئوتى ئاجايىپكەن بىلسەڭ جېنىم،
ئاھ ! ئەجەپمۇ سېغىندىم، سېغىندىم سېنى......

2014-يىل 16- دىكابىر   .  گۇما  



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-12-17 10:46:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پەرزەنت ئەڭ قەدىرلىك. پەرزەنت ئۈچۈن كۆيگەن يۈرەكلەرگە مەرھابا!


ۋاقتى: 2014-12-17 16:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالام-بالام دەپ سوقۇر ، ئانىدىكى يۈرەك ،
ئۆي ئىشى بىلەن تالۇر، ئانىدىكى بىلەك .
بالىنى بەختلىك قىلۇر، ئانىدىكى تىلەك ،
دۇنيادا يوق مېھىرلىك ، ئانىدىن بۆلەك .

ئىلھاملار بولسۇن .



ۋاقتى: 2014-12-19 20:10:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىزۋانگۈل خانىمنىڭ پەرزەنت ئىشقىدا كۆيگەن يۈرىكى ئامان بولسۇن! بەك ئېسىل يىزىۋىتىپسىز.ئوقۇپ-ئوقۇپ قانمىدىم


ۋاقتى: 2014-12-19 20:21:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئاناممۇ ماڭا شۇنداق ئامراق ئىدى.سىزمۇ پەرزەنتىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەنسىز.سىزدەك ئانىلار ياشىسۇن.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-20 13:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ ياخشى باھا، ئىلھاملىرىغا  رەھمەت...


ۋاقتى: 2014-12-20 13:42:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچىللىق يار بولغاي!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-12-29 16:56:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ھۆ رمەتلىك ئۇستازلىرىم !


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-8 00:35 , Processed in 0.227157 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش