چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 959|ئىنكاس: 6

ئىمانگۈل ئابدۇراخمان: يىگىت چانماس ئۆزىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
يىگىت چانماس ئۆزىدىن

ئىمانگۈل ئابدۇراخمان

دوپپا كەيسەم ئانام ئۇز قولىدىن ،
ۋايسىماي ماڭسام دادام يولىدىن .
ئالتۇن قازسام ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ،
ھەرگىز چانماس يىگىتمۇ  ئۆزىدىن .

خەلقىمنى باشلاپ ئالدىدا ماڭسام ،
چىكىنمەي مەڭگۈگە زەپەر قۇچسام .
ۋەتەن ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانسام ،
ھەرگىز چانماس يىگىتمۇ ئۆزىدىن .

يانچۇقتا بولماي بېشىمدا  بولسا ،
توپتىن ئايرىلماي ئىتتىپاق بولسا  ،
ئىلىم -ئېرپانغا ئىشتىياق بولسا ،
ھەرگىز چانماس يىگىتمۇ ئۆزىدىن .



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-9 11:35:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلە ئىناق بولسا ،
بالىلار ئوماق بولسا ،
شەيتانلار تالاق بولسا ،
ھەركىم چانماس جۈپتىدىن .



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-14 12:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولساڭ ياخشىلارنىڭ ئۇلگىسى

گەر بولساڭ ياخشىلارنىڭ ئۈلگىسى ،
كېلىدۇ چىدىماسنىڭ كۈلگىسى .
سەپەرلەردە بولساق ئىجىل ئىناق ،
بولۇرمىز ئەركىلەرنىڭ ئەركىسى .

ئىشەنگىن ئىشەن ئۆز-ئۆزۈڭگە ،
قايغۇرما ئۆتكەن بىر كۆنۈڭگە .
ئۆتسە ھاياتىڭ ئىجات بىلەن ،
خەلقىڭ قەلبىدە سەن مەڭگۈگە .

ئۆتسە  ھايات ئىجات  مېھنەتتە ،
نامىڭ قالۇر ئىكەن ئەبەتكە .
مەنىلىك ئۆتسۇن بۇ ھاياتىڭ ،
بىر قېتىم پۇرسەتكەن ئادەمگە .


ۋاقتى: 2014-5-22 13:17:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىم پۇرسەتكەن ئادەمگە ،دېگەن مىسرا ياخشى چىقىپتۇ،بىللە تىرىشايلى جۇمۇ.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-23 16:38:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mamutomar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-22 13:17
بىر قېتىم پۇرسەتكەن ئادەمگە ،دېگەن مىسرا ياخشى چىقىپت ...

  بىر قېتىم پۇرسەت ئىكەن ئادەمگە ،
ھەر قېتىم مۇھتاج ئىكەن ياردەمگە ،
مىنۇت سېكونت قەدىرلە ھاياتىى
ئادەم بولماق تەس ئىكەن ئالەمدە .     ماقۇل ئۇستاز بىرلىكتە تىرىشايلى !


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 00:59:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئادەم ئۆزى  تۇغىدۇ ،
ئازادە يۈرۈش مۇمكىن ئەمەس .
تولا سۆزلىسەڭ ساقچى تۇتىدۇ ،
دەيدۇ ئېلىشىپتۇ ، ساق ئەمەس .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 11:50:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بولماق بەك تەس ،
ھايۋان بولماق بەك پەس .
ئادەم بولالىساڭ ،
ئاۋام قىلۇر ھەۋەس .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-7 21:07 , Processed in 0.198011 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش