قىزىل راۋاقتىكى چۈش
ئۇيغۇرچە (ئەسلى تەرجىمە)
ئۆز ۋاقتىدا بەگ – غوجاملار تولغان ساراي،
غۇربەت بېسىپ، قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى
بىر چاغلاردا بەزمە،
مەشرەپ قاينىغان جاي،
گۈللەر توزۇپ، دەل - دەرەخلەر خازان بولدى.
زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،
گۈل پەنجىرلەر ئوت - گىياغا ئاشيان بولدى.
ئۇپا – ئەڭلىك، خۇشپۇراقنىڭ نە ھاجىتى؟
قىراۋ قوندى، چاچقا قېرىلىق ئايان بولدى.
كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن __
ئاشىق – مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.
ساندۇق – ساندۇق ئالتۇن – كۈمۈش ساقلىغانلار،
كۆز ئاچقىچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.
ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،
كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.
ئاتىسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،
ئېھتىمالىم قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.
بايۋەتچىدىن ئۆزىگە جور ئىزدىگەنلەر،
تاپقان جايى خۈنۈك چالا مەيدان بولدى.
تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كەيمىگەنلەر،
كىيىپ قوۋۇق ياتقان يېرى زىندان بولدى.
ئاخشام تېخى جۇل – جۇل توندىن غىڭشىغانغا،
بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.
بىرى تەختتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،
ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.
قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى __
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.
ئۇيغۇرچە (ئۇيغۇران)
بەگلەر كېتىپ، شۇ ئىمارەت، شۇ سارايدىن،
چاشقانلارغا قەسىر، ماكان__كامار قالدى.
ئىچىپ شەربەت، قىزىپ ئىشرەت، قۇرۇپ بەزمە،
سېسىپ شەھۋەت، خازان بولغان باغلار قالدى.
نېلۇپەرنىڭ يېشى قانچە سورىما بەس،
پىشايۋاندا مۇڭلار تۆكۈپ چىلتار قالدى.
خېرىدارسىز زىبالىقنىڭ نە كېرىكى؟
زۇلمەت بېسىپ، كۈلۈپ ئاتقان تاڭلار قالدى.
جۈپ ئۆردەكلەر كەتتى قايان، سوراي كىمدىن؟
مەشۇق كەتتى، ئەمدى كىمگە نىگار قالدى؟
ئالتۇن-كۈمۈش باقى ئەمەس، يۈتتى ئۈنسىز،
ئىڭىل مەينەت، ئۆيدە ئەخلەت چاۋار قالدى.
ئۆتەر يىللار، ئاتار تاڭلار، ئۆمۈر سۇدەك،
كېتىپ ھەممە، نام نىشانسىز مازار قالدى.
ئەي خالايىق، تۇردى كىملەر ئىبادەتتە،
جاھان تەتۈر، ئۆلدى مۆمىن، گۆركار قالدى.
ۋادەرىخا، گۈلگە قازدىڭ نىچۈن لەھەت؟
گۈللەر توزۇپ، بۇلبۇل يىغلاپ زار-زار قالدى.
ئەمەل ساتقان ئەمەل ئالدى، تويمىدى ھېچ،
ماكان باققان زامان باقماي، خار – زار قالدى.
زىمىستانغا قىلىپ غەۋغا، تىترەر جانلار،
يىرتىلدى تون، مۇزلىدى تەن، باھار قالدى.
تاجى دۆلەت كىمدە تۇرماس، بۇھەقىقەت،
ئۆچتى شۆھرەت، ئەمدى لەنەت دىشۋار قالدى.
قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەممىسىدىن __
باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق تاۋار قالدى.