چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 878|ئىنكاس: 5

قولۇمنى قويۇۋەتمەڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئېرىم قولۇمنى قويۇۋەتمەڭ
نەسىر
زۇلپىيە
سەن ئۆلگەن ئىدىڭ ،ئاشۇ سەھەردىن باشلاپ سەنمۇ مېنى ئۆلتۈرگەن ئىدىڭ .
قانداقمۇ ئېسىمدىن چىقسۇن .شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم سېنى يوقاتقان ئىدىم ،تۇنجى قېتىم سەندىن ئايرىلغان ئىدىم .پايانسىز بىر دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدىم .توغرىسى سەن مېنى ئىتتىرىپ چۈشۈرىۋەتكەن ئىدىڭ .دېڭىز شۇ قەدەر چوڭ ئىدىكى ،سۈيى شۇنچىلىك تۇزلۇق ،گويا كۆز ياشلىرىمغا ئوخشايتتى.دېڭىزدا دەم چۆكۈپ ،دەم لەيلەپ كېتىۋاتاتتىم .شۇ تاپ سېنىڭ قولۇڭنى ئۇزۇتۇشىڭنى ،مېنى سوقۇق دېڭىزدىن تارتىپ چىقىرىۋېلىشىڭنى ئۈمۈت قىلاتتىم .دېڭىزدا باش -پاناھسىز ئۈزۈپ كېتىۋاتاتتىم .ئۆلۈپ كېتىۋېتىپ ،ھايات قېلىشىمنى ،ھەم بۇ ھاياتنى بارغانچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ھىس قىللاتىم .
ئاسمان ئاستا -ئاستا قاراڭغۇ چاچلىرىنى ئۈستۈمگە يېپىشقا باشلىدى .ئاسماندا نە ئاي ،نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى .شۇ تاپ يىراقتىن ،تولىمۇ يىراقتىن غۇۋا بىر يورۇقلۇق كۆرۈندى .ئۇ  بارا-بارا ماڭايېقىنلاپ  كېلىۋاتاتتى .كىچىككىنە قوللىرىنى ماڭا سۇندى .
كۆزۈمنى يوغان ئاچتىم ،مەن ھايات ئىدىم .باغرىمدا ئۈمۈت تۇراتتى .ئۇ مېنى قوئۇتقۇزۇۋالغان ئىدى .دىمەك ياشاپ قېلىشىم ئۈچۈن بىر باھانە تېپىلغان ئىدى .ئۇ كۆزۈمگە تەلمۈرۈپ "بىز ساڭا مۇھتاج سېنى ياخشى كۆرىمىز " دەۋاتاتتى .
سېنى قەلبىمدە تىرىلدۈرۈشكە باشلىدىم .دىمەك مەن ھايات قالماقچى ،ياشىماقچى بولدۇم .مېنى خالايدىغانلار ،مېنى سۆيۈۋاتقانلار ئۈچۈن ،لەۋلىرىمنى مەھكەم چىشلىدىم .لېۋىمدىن ئېقىپ چىققان تامچە -تامچە قانلار دىن قىزىل گۈللەر ئۈنۈپ چىقىشقا باشلىدى .ئۇنى يۈرۈگۈمگە كۆچۈردۈم .ئۇنى پەرۋىش قىلىپ ،مۇھەببەت گۈللىرىگە ئايلاندۇرماقچى بولدۇم .ھەم گۈللىرىمنى سېنىڭ يۈرۈگۈڭگىمۇ تېرىپ قويماقچى بولدۇم .بىلەمسەن جېنىم ،بۇ شۇ قەدەر ئازاپلىق بىر جەريان ئىدىكى ،سەن بۇ گۈللەرنى پەقەتلا پەرۋىش قىلمىدىڭ ھەم خالىمىدىڭ .ئەمما سەن قىلچە ئايانماستىن قەلبىمگە نەپرەت گۈللىرىنى سانچىپ  قويدۇڭ
.يۈرۈگۈمدىن قان ئاقاتتى ،،سەن تېرىغان نەپرەت گۈللىرى يۈرۈگۈمنى قانىتىشقا باشلىدى . ئۇ يەرنى ساقايتىشقا تىرىشساممۇ ئامالسىز ئىدىم .ھەر كۈنى باغرىڭدا ئۆلەتتىم ،ھەم تىرىلەتتىم .بۇنداق قايتا -قايتا ئۆلۈش ۋە تىرىلىش ،يۈرەكتىكى يارىنىڭ دەپ پۈتۈپ ،دەم قانىشى مېنى ئاغرىقنى سەزمەس قىلىپ قويغان ئىدى .
مەن يىغلىماقچى ،ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىماقچى بولاتتىم .ئەمما يېشىممۇ قۇرۇپ كەتكەن ئىدى .پايانسىز ،سۈيى قۇرۇپ كەتكەن بىر دېڭىز يۈرۈگۈمگە چۆكۈپ كەتكەن ئىدى .ئەمدى دېڭىز يۈرۈگمدە ئىدى .ئەمما ئىلگىركىدىن پەرقى شۇ ئىدىكى ،بۇ دېڭىز پايانسىز ،سۇسسىز  ،قاغىجىراپ كەتكەن بىر دېڭىزئىدى .شۇ تاپ قاتتىق ۋاقىرغۇم كەلدى ."جېنىم ،قولۇڭنى ماڭا بەرگىن ،مەن بارلىقىم بىلەن سېنىڭ ئىدىم ،سەن قىسمەنلىگىڭ بىلەن مېنىڭ ئىدىڭ .ئەمدى بۇ يېرىملىقمۇ ئاياقلاشماقچى بۇلىۋاتىدۇ .قولۇمنى مەھكەم تۇت ھاياتىم ،مېنى قۇتقۇزىۋالغىن .
2015-يىلى 4-4 كۈنى ئۆكسەندە يېزىلدى

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-4-5 14:54:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىردىن ئۈمىد، مۇھەببەت، ۋاپا -ساداقەت چىقىپ تۇرۇپتۇ.
لېكىن يەنە شۇنداق ئويلاپ قالدىم،  ھاياتتا ھەم مۇھەببەتتە  نۇرغۇن ئادەملەر بىر تەرەپنىڭ قۇربان بېرىش بەدىلىگە ئاندىن ئۇنى ساقلاپ قىلىش كېرەكمىدۇ،  نېمىشقا باراۋەر بولمىغان، ئىشەنچ بولمىغان مۇھەببەت ھەم تۇرمۇشنى يەنە ساقلاشقا ئۇرىنىدىغاندىمىز.
بىگانە بولساممۇ يىگانە بولماي دىگەن شۇمىكىنە.

ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن زۇلپىيە، سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-6 20:34:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرۈپ چىقىنىڭىز ئۈچۈن خۇرسەن بولدۇم .ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن ئىدى .تەھرىرلەش سىتونىدا تەھرىرلىسەم يەنىلا شۇ پېتى تۇرىدۇ .كومپىيوتۇرۇمدىكى مەسىلىمىكىن بىلەلمىدىم .ئەزىزلەرنىڭ يۈزۈتۈپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ۋاقتى: 2015-4-6 23:39:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە راستىنلا مېھىرلىك قوللۇرۇمنى بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن كىشىلەر قارشى تەرەپ ئۈچۈن بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان قۇربانلارنى بېرىدۇ. بۇنى ئائىلەم ئۈچۈن، پەرزەنتىم ئۈچۈن قىلدىم دەپ ئۆزىمىزنى بەزلەيمىز.
مېنىڭچە ئىنسان ئەڭ ئاۋال ئۆز خوشاللىقى ئۈچۈن ياشىشى كېرەك. چۈنكى، ئۆزىگە خوشاللىق ئاتا قىلىشنى بىلگەن ئىنسان ئاندىن باشقىلارغا خوشاللىق ئاتا قىلالايدۇ.
ۋاقتى: 2015-4-7 18:53:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yultuz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-7 18:56  

ياخشى  نەسىر بوپتۇ  . بەرىكەت تىلەيمەن .

  سىزگە  راستىنلا  مېھىرلىك قوللۇرۇمنى............


  توغرا  ئىنسان  ئەڭ  ئاۋۋال ئۆزى كۈلەلىشى  كىرەك. ئۆزى كۈلەلىگەنلەر  ئاندىن  باشقىلارنى  ھەقىقى  كۈلدۈرەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟! ھۆكۈمران  ئەپەندىمنىڭ  ئىنكاسىنىمۇ  بەك ياقتۇردۇم......
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-7 22:12:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت . ياخشى پىكىر تەكلىپلەر بولسا بېرىڭلار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-8 21:52 , Processed in 0.203829 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش