چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 1093|ئىنكاس: 1

ياخشىلارغا ناخشىلار تولا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
       
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا

مۇھەممەتجان راشىدىن

دەريا بولساڭ شارقىراپ ئاققىن،
شاۋقۇنۇڭنى تاغلار ئاڭلىسۇن.
ياشالىساق ياشناپ ياشايلى،
يۈرەكلەردە ئارمان قالمىسۇن.

تاغ بولساڭمۇ تەكەببۇر بولما،
سېنىڭدىنمۇ ئېگىز تاغلار بار.
بۈگۈننىمۇ سۆيەيلى ئەمما،
بۈگۈندىنمۇ گۈزەل چاغلار بار.

ئۆستەڭ بولساڭ سۈپسۈزۈك ئاققىن،
تەكتىڭدىكى تاشلار كۆرۈنسۇن.
ياخشىلارنى ئىزدەپ يۈرگەنلەر،
سېنى سۆيسۇن، ساڭا سۆيۈنسۇن.

بۇ دۇنيادا ياخشىلار تولا،
ياخشىلارغا ناخشىلار تولا.
كۆكتە قۇياش بولالمىساقمۇ،
يۇلتۇز بولۇپ چاچايلى شولا.

مەنبە: مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ شۇ ناملىق شېئىرلار توپلىمى



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-9-4 20:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  دۇنيادا  ياخشىلار  تولا  ،
قىلغان ئىشى  خۇشال قىلىدى .
بۇ  دۇنيادا  يامانلارمۇ  بار  ،
قىلغان  ئىشنى  دەرھال بۇزىدۇ .

مەھەممەتجان  راشىدىن شېئىرلىرى  تولىمۇ ئاممىباب .


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-7 19:23 , Processed in 0.189309 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش