چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 1181|ئىنكاس: 0

سەككىز خىل ئۆگىنىش ئادېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بالىلارغا بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغان 8 خىل ئۆگنىش ئادېتى


1. ئالدىن ئۆگنىش

     ئالدىن ئۈگنىش بالىلارنىڭ بۇرۇن ئىگەللىگەن بىلىملىرنى باغلاش ھەمدە يىڭى سوئاللارنى دەرسخانىغا ئىلىپ كىرش ،بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مۇئەللىمنىڭ چۇشەندۇرشىنى ئەستايىدىل ئاڭلاش . بالىلارنىڭ ئالدىن ئۈگنىش ئقتىدارنى يىتلدۇرۇش ھەم بالىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش قىزغىنلىقىنى يوقىرى كۆتۇرۇشكە ئۇنۇمى بولىدۇ .

2. دەرستىن كىيىن تەكرارلاش

   ئۆتۈپ بولغان مەزمۇننى تەكرارقىلىش بولسا تەكرارلاشنىڭ مەقسىتى . گېرمانيىلىك پسخولۇگ ئىبىن خۇس (H.Ebbinghaus) ئىجاد قىلغان « ئىبىن خۇس ئۇنتۇلۇش سۈرئىتىنىڭ ئەگرى سىزىقى» دا ئۇنتۇلۇشنىڭ قانۇنيىتىنى ئىپادىلىگەن  باشتا تىز كىيىن ئاستا . يىڭدىن ئەستە قالدۇرغان نەرسىلەرنىڭ دەسلەپكى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئۇنتۇلۇشى ئەڭ تىز ، ئىككى كۈندىن كىيىن ئاستا بولىدۇ . تەكرارلاش ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنتۇش بىلەن  كۈرەش قىلش ، ئۈگەنگەنلىرنى بىلملىرنى مۇستەھكەملەش .

3. مۇستەقىل مەسىلىلەرنى ھەل قىلش

بالىلار ئۈگنىش داۋامىدا قېيىنچىلىققا يولۇقۇپ ياردەم تەلەپ قىلغان ۋاقتتا ،ئاتا–ئانىلار  ھەرگىزمۇ بىپەرۋا قارماسلىق ياكى قولىنىڭ ئۇچىدا ئىشلەپ قويماسلىق ، ئەكسىچە قىزغنىلىق بىلەن بالىنىڭ قايتا سىناپ بىقىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش . ئەگەر بالا ھەقىقەتەن مۇستەقىل ھەل قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ھەممىنى ئۆز قۇلىغا ئىلۋالماسلىق ،بىر قەەم بىر قەدەم سەۋرچانلىق بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش ،بالىلارغا ئاتا-ئانىلار ئىزىنى ئاشكارلىمغان ھالدا يىتەكلەپ بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىگە  تايىنپ ھەل قىلش . پەقەت غەلبە مىۋىسىنىڭ خوشاللقىنى تېتىش ،شۇندىلا بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئاشىدۇ ،باتۇرلۇق بىلەن يىڭى بىر جەڭگە ئاتلىنالايدۇ .

4. ئەستايدىل يېزىش

  يېزىش پەقەتلا شەكىل ئەمەس ، ئۇنىڭ ياخشى يامان بولۇشى بىۋاستە خەلقنىىڭ يىزىپ ئۈگەنگۈچىلەرگە بولغان پوزىتسىيىسىگە تەسىر قىلىدۇ ،ئۈگنىش سۇپىتى ھەتتا شەخسنىڭ ساپاسىنى باھالايدۇ .ئىمتىھان قەغىزى بولسا ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇتقۇچى ئالدىدىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ ،ئوقۇتقۇچى دائىم بىلىپ بىلمەي مۇشۇلارغا ئاساسلىنىپ باھالايدۇ . يەنە بىر نوقتىدىن قارىغاندا بىر ئەستايىدىل يازىدىغان بالا ،دائىم ئۈگنىشكە ۋە باشقا كۆپ ئشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلالايدۇ . ئەكسچە بىر خەتنىمۇ چىرايلىق يىزشنى خالىمايدىغان بالا ،باشقا ئشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ ،شۇ سەۋەبتىن بالىلارنىڭ خەت يېزىش تەرەپلىرىگە بالدۇر ئەھمىيەت بېرىش ، خەت يېزىش سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۇپلا قالماي،نۇرغۇن ياخشى باھالارغا مۇيەسسەر بولىدۇ ،بەلىكم ھەرقانداق ئىشقا ئىنچىكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەتنى يېتىلدۇرۇشكە تۇرۇتكە بولۇپ ، ئونۋىرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ .

5. خاتىرە قالدۇرۇش ھەمدە رەتلەش

   دەرسلىك مەزمۇننىڭ كۆپىيېشىگە ۋە مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ ،خاتىرە قالدۇرۇش موھىم نوقتىنى ئەستە قالدۇرشقا ياردىمى بولىدۇ .ئەگەر ۋاقىت چەكلىمىسى تۇپەيلىدىن دەرسخانىدا خاتىرە قالدۇردىغان مەزمۇن پارچە پۇرەت قالايمىقان شۇنىڭ ئۈچۈن دەرستىن كېيىن يەنە رەتلەش ئىلىپ بېرىپ ئەتراپلىق تەرتىپلىك قىلش .رەتلەش جەريانى بولسا ئەڭ ئۇنۇملۈك بىر جەريان ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۆزىنى چىنىقتۇرۇپ تەھلىلىل قىلشقا ،ئىقتىدارنى يېغىنچاقلاشقا،بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرشكىلى بولىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن خاتىرە رەتلەش  ئادىتىنى يېتلدۈرشكە لازىم .

6. ئاكتىپ ئۈگنىش

     بالا ئۈچۈن بىر قىزىل رەڭلىك قەلەم تەييارلاپ خالىغان ۋاقىتتا مەشىق دەپتىرى ۋە ئىمتىھان قەغىزدىكى خاتالىققا ،رۇشەن ئىنىق بەلگە قويۇش كىرەك ،قىزىل رەڭنىىڭ قالدۇردىغان تەسىرى ئىنىق بولىدۇ .ئاندىن يەنە بىر دەپتەر  تەييارلاش كىرەك ، بايامچە خاتالىقلارنى توپلاپ ، تۇرگە ئايرىپ ،ئۆزىنى ئەسكەرتىپ تۇرسا ،ئوخشاش بىر خىل خاتالىقلارنى سادىر قىلش نىسپىتى تۆۋەن قىلىدۇ .

7. پائال كىتاب ئوقۇش ماقالە يېزىش

كىتاب ئوقۇش بولسا بالىلارنىڭ يېڭى بىلمىلەرنى ئىگەللەشنىڭ يولى ،ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ تېكىس ئاساسىي مەزمۇنلىرنى قايتا-قايتا ئوقۇتۇش ،پائال كىتاب ئوقۇش دەرسلىكتىن سىرىت كۆپ بىلملەرنى توپلاشقا پايدىلىق .ئاتا-ئانىلار مۇناسۋەتلىك كىتاب ژۇرناللارنى ستىۋىلىپ بالىلار ئۈچۈن كىتاب ئوقۇش پۇرسەتلىرنى يارتىش .بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ، كۆزىتىش ، پىكىر قىلش ،كىتاب ئوقۇش ئادەتلىرنى يېتلىدۇرش بىلەن بىرگە يېزىقچىلىق ،كىتاب ئوقۇشتىن كېيىن خاتىرە قالدۇرۇش ، تەسىرات يىېزىش قاتارلىق خاتىرلەرنى قالدۇرۇش . بۇ جەرياندا سۆزلەرنى ئشلىتىش ماھارەتنى يتىلىدۇرۇپالا قالماستىن  ،ھەم بىر خىل تەلەپچان  كۈزىتش ،تەپەككۇر بىلەن تەسەۋۋۇر قاتارلىق ئىقتدارلارنىڭ ھازىرلىنش مەشىقىدۇر .

8. تەرتىپلىك بولۇش

ھەر قايسى پەنلەر  تاپشۇرۇقلىرنى ئشلىگەندە  ۋاقىتنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇش ، ئۆگىنىش قۇراللىرنى تەرتپىلىك رەتلەش ، كىتاب دەپتەرلەرنى سومكىغا سالغاندا ياكى ئۇستەلگە قويغاندا چوقۇم قائىدلىك بولۇش . نەرسە كىرەكلەرنى رەتلىك قويمىغان چاغدا ئىزدىگەندە تاپالمايدىغان ئىش چىقىپ ،ئاسانلا ئۆگىنىش كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . بىردەك تەرتىپلىك بولمىغاندا ، ئەگەر تاپشۇرۇق ئشلىگەن ۋاقىتتا تەرتىپكە ئەھمىيەت بەرمەي قالايمىقان ئىشلىسە ، ئۆگىنىش ئۇنۇمىنى چوقۇم يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمايدۇ
ئادەت بىلەن تەربىيەلەش بىردەملىكلا ئىش ئەمەس .ئاتا-ئانىلار بالىلارنى تەربىيەلەشتە سەۋرچان بولۇش ،تەلەپ بويىچە پىلان تۈزۈش ،تەكشۈرۈپ ھەيدەكچىلىك قىلش ئارقىلىق ئاستا-ئاستا بالىلاردا ياخشى ئادەتلەرنى يىتلدۈرۈش .
تەرجىمە قىلغۇچى : باغۋەن
سىنا تورى مائارىپ قانىلىدىن تەرجىمە قىلىندى
چۈشۈرۈش

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 01:33 , Processed in 0.288455 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش