ئۈندىدار ھەققىدە مۇخەممەس
زۇليار ئابدۇخىلىل
تالايلارنى ئەخمەق قىپ گاراڭ قىلدىڭ ئۈندىدار،
ئىشەندۈرۈپ يالغانغا گالۋاڭ قىلدىڭ ئۈندىدار.
بىزدىن ۋاپا سۆيگۈنى شالاڭ قىلدىڭ ئۈندىدار،
تالايلارنىڭ ئەپتىنى داۋراڭ قىلدىڭ ئۈندىدار،
يەتمىگەندەك بەزىنى ساراڭ قىلدىڭ ئۈندىدار.
يەتتە ياشتىن يەتمىش ياش،سىنى ئويناپ كەتتى شاش،
قولدىن چۈشمەي تېلىفون مودا بولدى بۇ ئويناش.
ئەللىك ياشلىق بۇۋايلار ئىزدەپ يۈرەر قەلەمقاش،
ئاڭا قاراپ راستىنلا بىرەلمىدىم مەن بەرداش،
«قاپاق تولا ئۈزۈم ئاز باراڭ»بولدۇڭ ئۈندىدار.
خاتا يالغان ئۇچۇرلار سەندە يامراپ كەتتى بەك،
شۇڭا يىڭى ئىللەتلەر بىزنى باغاش ئەتتى بەك.
بولۇپ كەلدۇق بىپەرۋا بىلەلمىدۇق نىمە كېرەك!
داۋام ئەتسە مۇشۇنداق قانداق بولۇر كىلەچەك،
نادانلارنى ئۆزۈڭدە «مالاڭ»قىلدىڭ ئۈندىدار.
ئەسلى توغرا نەرسىتىڭ سەندە بار ئىدى ئەھمىيەت،
كۆڭۈل خوشى ھىساپلاپ ئويناپ كەلدۇق بىز پەقەت.
شۇڭا بىزدە ساختىلىشىپ كەتتى سۆيگۈ مۇھەببەت،
ئىشەنچ ۋاپا ئازلىدى غايىپ بولدى ساداقەت،
بىزنى غورۇر ۋىجداندىن يالاڭ قىلدىڭ ئۈندىدار.
يىڭى دەۋىر تىخنىكا بىزگە سۇنماس بىر قانات،
لىكىن توغرا قوبۇل بوپ ئۆتسۈن يىڭى كەشپىيات.
تەرەققىيات ئىچىدە ئىللىپ كەتسۇن كائىنات،
شۇنىڭ بىلەن بىزلەردە گۈزەل بولسۇن بۇ ھايات،
مەندەمانا
شېئىرىي پاراڭ بولدۇڭ ئۈندىدار.
2013-يىلى 29-سىىنتەبىر
مەنبە:
شىنجاڭ يازغۇچىلىرى