ياخشىلىق
( مۇخەممەس )
ئادىمىيلىك زىننىتى شانۇ - شەۋكەت ياخشىلىق ،
چىن ھاياتلىق بەلگىسى ئۇلۇغ ھىممەت ياخشىلىق ،
گۈل ئۆمۈرنىڭ لەززىتى چەكسىز بەركەت ياخشىلىق ،
ھەق يولىدا مەزمۇت تۇغ ئۈمىد - مەدەت ياخىشلىق ،
تارىخ ئىزى ، شاھىدى بۈيۈك شۆھرەت ياخشىلىق .
كۈللى جانلار كۆز ئېچىپ بەخىت ئىزلەپ يول ئاچقان ،
خەتەر قىسمەت ، مەنزىلدە ياۋنى يېڭىپ قۇت تاپقان ،
مېھرى -ۋاپا ياغدۇرۇپ دىلى كۈندەك نۇر چاچقان ،
رىشتىسىنى زاماننىڭ - زامانلارغا چىڭ چاتقان ،
مەۋجۈتلىقنىڭ يىلتىزى قەدىر - قىممەت ياخشىلىق .
ھەر بىر گىياھ تاش - قۇمدا مۇھەببەتنىڭ ئىزى بار ،
ھەر بىر جاندا ئوخشىغان ھەقىقەتنىڭ قېنى بار ،
ھەر كۆڭۈلنى يورۇتقان ئەدەب -ئەخلاق ئېڭى بار ،
قالۇر ھەممە ، زەر ساراي ... كەتكېنىدە نېمە بار ،
ئىنسانىيلىق تاجىدۇر زور سەلتەنەت ياخشىلىق .
جاھان ۋەسلى تۆت كۈنلۈك شۇم ئەجەلنىڭ كۆزى يوق ،
قۇرۇق كەلگەن ھەممىمىز كېتىشىمىز قۇپقۇرۇق ،
تىرىكچىلىك مەنزىلى ئارمان بىلەن يوپيۇرۇق ،
نام - ئەمەللەر قوينىدا شېرىن چۈشنىڭ تېڭى يوق ،
پاك كۆڭۈللەر تۆرىدە قۇت ، ھىدايەت ياخشىلىق .
ھالال مىھنەت ئىزىدىن چېچەكلەيدۇ تاغۇ - تاش ،
پاك نىيەتتىن ، ساپ دىلدىن نۇر چاچىدۇ ئۇز قۇياش ،
ئىلىم - ھېكمەت رىشتىدىن يۈرەكلەردە شاتلىق ياش ،
چىن سۆيگۈنىڭ مېھرىدىن ھەممىگە يار شات ياشاش ،
سەيناسىدا ھاياتنىڭ ئېسىل خىسلەت ياخشىلىق .
ياخشىلىقتىن كۈلگەي ئەل كۈلگەي جىمى مەۋجۈدات ،
ئاسايىشلىق ، ئىناقلىق قۇت كۆكىدە جۈپ قانات ،
ھالاۋەتنىڭ پەيزىگە چۈمگەي ھامان گۈل ھايات ،
پاكلىق ، بەخىت
كۈيىگە جۈر بولىدۇ كائىنات ،
زور كامالەت ، دىيانەت ، ساپ پەزىلەت ياخشىلىق .
‹
گۇما دىيارى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر › سەھىپىسىگە سۇنۇلغان ئەسەر .