چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 4476|ئىنكاس: 24

بەگتۈرك:ئۈزۈپ چىققانغا سىرداشمەن

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-11-18 17:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۈزۈپ چىققانغا سىرداشمەن  
(شائىر ئابدۇلئەھەت قادىرىيغا جاۋاپ مۇۋەششەھ )

بەگتۈرك


ئەلەم ئوكيانىغا شۇڭغۇپ ئۈزۈپ چىققانغا سىرداشمەن،
تېگىدىن ئۇنچە-مارجاننى سۈزۈپ چىققانغا سىرداشمەن.

ھېجىر سوقماقلىرى قاڭقىپ بېشىنى سوقسىمۇ تۈندە،
قېنىنى رەڭ قىلىپ ئەشئار تۈزۈپ چىققانغا سىرداشمەن.

ئەگەر كىم بولمىسا سەگەك بېغىدا داپ چالار شەيتان،
چۈشىنى جىن-شاياتۇننىڭ بۇزۇپ چىققانغا سىرداشمەن.

داۋاسىز قالسىمۇ كۆيگەن يۈرەكى  ئۇشبۇ ئالەمدە،
يەنە ئەل دەردىنى جەملەپ يۈدۈپ چىققانغا سىرداشمەن.

ئېرىپ ئاقسا يۈرەكلەرنى بېسىپ ياتقان پايانسىز مۇز،
قۇياشقا بىر نىگاھ تاشلاپ كۈلۈپ چىققانغا سىرداشمەن.

2012-يىلى 18-نويابىر،گۇما.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-21 02:04  




چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-11-18 18:45:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر كىم بولمىسا سەگەك بېغىدا داپ چالار شەيتان،
چۈشىنى جىن-شاياتۇننىڭ بۇزۇپ چىققانغا سىرداشمەن››بۇ مىسرالار بەك ياخشى چىقىپتۇ.مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزگە تەشنامەن،ئۇستاز.


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-19 00:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام ئەكرەمجان ،قانداق ئەھۋالىڭىز؟ھازىر قەيەردە ئوقۇۋاتىسىز؟ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.تىلىپۇن نومۇرۇم-13809984135 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   begturk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-19 01:40  



ۋاقتى: 2012-11-19 00:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىملىق چىقىپتۇ ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن


ۋاقتى: 2012-11-19 11:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگتۈرىكنىڭ ئەھەدىگە يازغان جاۋاپ مۇشائىرىسى ئېسىل چىقىپتۇ.بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تىخمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي!


ۋاقتى: 2012-11-19 14:17:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ غەزەلدىن بەك سۆيۈندۈم ! ئىجادىيىتىڭىزگە ئاجراتقان ۋاقتىڭىز تېخىمۇ كۆپ بولغاي!


ۋاقتى: 2012-11-20 00:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭا ئامەت ۋە ئىلھام تىلەيمەن.مەنچە بولسا يارىشىملىك مۇۋەھشەھ بوپتۇ،ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر نېمە دېيەلمەيمەن،سالامەت بولغايسەن دوستۇم.


ۋاقتى: 2012-11-21 19:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگتۈرۈك ئەپەندىمگە كوپ رەخمەت، بۇ مۇشائىرە جاپ بەكمۇ يىقىملىق چىقىپتۇ.


ۋاقتى: 2012-11-22 05:13:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگتۇرۇك ئەپەندىنىڭ غەزەللىرىمۇ  گۇما دىيارىدىكى خۇشپۇراق گۇلدۇر !


ۋاقتى: 2012-11-22 05:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكرەمجان ھلاقلىشىپ تۇرايلىچۇ ،يوقاپ كەتمەڭ !ھدراسىت تۇيغۇن كىمدۇ ،مىنىڭ بۇرۇنقى تەخەللىسۇم ئىدى .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-22 15:59:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مۇھاجىر،تۇيغۇن دېگەن «تۇرپان»ژورنىلىنىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ،شائىر تۇرغۇن جالالىدىندۇر.


ۋاقتى: 2012-12-30 04:09:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئاۋال مۇئەللىمنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى ،خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى يىڭى يىلدا يىڭى ئىجادىيەتلەرنى مۇنبەر ئەھلىگە سۇنۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ،ھەم ناھايتى مىغىزلىق چىققان بۇ شئېرىڭزنى مۇبارەكلەيمەن،سالامەت بولۇڭ .


ۋاقتى: 2013-1-23 23:53:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۇستاز!ئاللا ئارۇز پايانىدا مۇرادلىرىغا يەتكۈزگەي.


ۋاقتى: 2013-2-3 10:34:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹بەگتۈرىك›› ىەپەندى سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، مەنىسى چوڭقۇر مىسرالىرى تولىمۇ يارقىن بايان قىلنىپتۇ.. ېجادىيتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن...نادىر تىمىلىرىڭىز ىۈزۈلمىگەي...
مەن بۇ سالوننىڭ يىىڭى ىەزاسى بولۇش سۈپىتىم  كۆپچىلىكنىىڭ كۆپرەك يول يورۇق كۆرسىتىشىنى  سورايمەن...
سەمىمىي ىەسكەرتىش : مەن كۆپىنچە ھاللاردا ىېنكاسنى تىلفۇندا يازېدىغان بولغاچقا بەزى ھەرىپلەرنى ىامالسىز خاتا يىزىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم، شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ تۈزتىپ توغىرسىنى قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن...‹‹سۇزلىگۈچىدە ەيىپ يوق،اڭلىغۇچىلار ىبرەت السۇن››دەپتىكەن كونىلار...


ۋاقتى: 2013-2-3 23:09:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگتۈرك بۇرادىرىم سۈزۈك سەپىرڭىزدە ئامان بولغايسىز.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:16 , Processed in 0.719261 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش