چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 4129|ئىنكاس: 20

ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ...(تەبەسسۇم)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]



ئامرىقىم باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ...

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
كۆزۈڭدىن ئىمكانغا چىغىر يول ئىزدەپ،
تۇيغۇڭغا سۆيگۈمدىن مارجان ئاسايمۇ؟
قەلەمگە ئىلتىجا قىلدىم سىنى دەپ،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
تاڭلاردىن يوللىغان سالامىم بىلەن،
ساڭا قول بەرگۈسى قارارىم بىلەن،
قەلبىمدە بىخلانغان ۋاپايىم بىلەن،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
ھىسلىرىم تەكتىدە سىرلىرىم تولا،
بىر ساڭا ئەرزىمنى ئېيتقۇم بار، شۇڭا،
گەر بەخت ئىزلىسەڭ رۇخسەت قىل ماڭا،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
ساداقەت كۆكلىگەن تېلىكىم بىلەن،
بىغۇبار سېغىنىش ئىسكىتىم بىلەن،
ئىشقىڭغا مۇپتىلا يۈرىكىم بىلەن،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
تۈنلەرگە سۆزلەيمەن ھىكايىتىمنى،
چۈشۈڭدىن قوغلىما شىكايىتىمنى،
سىڭدۈرۈپ مەشۇقلۇق رىۋايىتىمنى،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
ۋەسلىڭگە ئىنتىزار، يىغلىىدم زار - زار،
ئاھ ... ساڭا ئېيتمىغان ئارمانلىرىم بار،
كۆڭلۈڭنى ئۇتماقنى قىلىپ ئىختىيار،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
ئاشىقلىق پۈتۈلگەن مىسكىن پىشانەم،
تاغلارغا قوشۇلسۇن سۆيگۈم، ئىرادەم،
سەن مېنىڭ ئەزىزىم، ئوماق بىر دانەم،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
تېلەيمەن، ھىجرانىڭ داغدا قويمىسا،
ئىنتىزار كۆزلىرىم ياشقا تولمىسا؛
خانەڭدە ئۆزگە بىر مىھمان بولمىسا،
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەبەسسۇم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 10:17  


چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-7-2 10:36:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامرىقىم، باغرىڭغا شېئىر يازايمۇ؟
مۇھەببەت كانىدىن«گەۋھەر»قازايمۇ؟
سۆيمىسەڭ،ئىشقىڭدا«يول»دىن ئازايمۇ؟...
نە باغرىم،يۈرەككە يازغىن سۆزۈڭنى!!!
ۋاقتى: 2012-7-2 10:43:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نە باغرىم،يۈرەككە يازغىن سۆزۈڭنى!
كۆز كۆڭۈل ئىشىكى ياپما كۆزۈڭنى،
ئىشىكتىن ھەر بارە كۆرەي ئۆزۈڭنى،
زۇغۇيلار ھەيرەتتە قالسۇن لەۋ چىشلەپ.
ۋاقتى: 2012-7-2 15:09:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      شېئىر -تۇيغۇنىڭ ھىسسىياتنى بەدىنىگە تېڭىپ تۇرپ  پارتىلىغاندىكى زىلزىلىسى.بۇنىڭدىن ھىچقانداق پۇرۇخ ھىدى كەلمەيدۇ.كۆزلەرنى بىئارام قىلىدىغان نۇ ر چاقنىمايدۇ،قۇلاقنى قاقشىتىدىغان دەھشەتلىك ئاۋازمۇ ئاڭلانمايدۇ.ئەمما ئوقۇغۇچىنىڭ يۈرىكىگە بىر ئاتەش سىزىم باشلاپ كېلىدۇ. قەلب بىر لەھزە رېتىمىدىن ئادىشىدۇ.بۇ شېئىردىن راستىنلا شۇنداق ھاسىلاتلارغا ئېرىشتىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-3 00:13  

ۋاقتى: 2012-7-2 17:16:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلىپتۇ مۇشۇنداق رىتىملىق شېئىرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-2 19:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ شۇنداقلا قەلەمداشلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ باھا بەرگىنىگە رەھمەت! ياناشمىلارمۇ يېقىشلىق چىقىپتۇ. شۇغىنىسى بۇ يەردە ياندىشىپ يېزىشسام بولارمۇ-تاڭ بىلمىدىم. ئەڭ ياخشىسى چوڭلارنىڭ ساقىلىغا ياماشماي. ھەممەيلەنگە رەھمەت!
ۋاقتى: 2012-7-3 00:46:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلگە ياققىدەك،تەمى تىلىدا قالغىدەك لېرىكا يوللاپتىغۇ تەبەسسۇم! شائىرلارنىڭ يۈرىكىدە ئوت يوقمىدۇ دەپ قويۇپ ئۆزىڭىزلا گۈلخان يېقىۋېتىپسىز-دە! بۇ ئوتتىن جاننى نەدە ساقلىغۇلۇق ئەمدى؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HOJAKABIZ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 20:57  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-3 10:20:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەمنى خىجىل قىلمىڭە ئۇنداق، سىلەرگە يىتىشكىلى خېلى بار. شۇ كەپسىز تۇيغۇلارنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ ھەجىلەپ باقىمەن سىلەردەك يازىدىغان بولاي دەپ...

بەك بولمىسا جاننىڭ جاڭگىلىدا ساقلارمىز....
ۋاقتى: 2012-7-3 12:08:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ،جاننىڭ جاڭگىلى نەدىدۇ-ھە! بىلسەك بولاتتى
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-3 15:50:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىشىمچە ئاشىقلار بىلەرمىش...
ۋاقتى: 2012-7-3 17:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا قەلبىمدىن سوراي جۇما
ۋاقتى: 2012-7-23 18:48:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاقشاللىق بولمىسا جېنىڭ جاڭگىلى،
كەل باغرىم سېنىڭكى شېئىر يازغىلى،
ۋاقتى: 2012-7-26 16:52:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باغرىمغا يازماي قەلبىم گىلا يازسىڭىز بولماسمىدى بۇ شېرنى جاننىڭ جاڭگىلىنى ئىزدەپ ئاشىق بولايمۇ ئەمدى ؟قىرىغا نىمە تارىت قۇلۇق بۇ؟   
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-7-26 19:20:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغرا يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 16:52
باغرىمغا يازماي قەلبىم گىلا يازسىڭىز بولماسمىدى بۇ شې ...

شۇنى دەيمەن، قېرىمىغۇلۇق ئۇنداق ئەدەم...
ۋاقتى: 2012-7-26 20:37:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرىماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي، ئامالقانچە ھامان قىرىيسىز سىزمۇ بىركۈنى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:38 , Processed in 0.441864 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش