چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 0

غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد : ئەرنىڭ ئىپپىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ghujimuhammad muhammad.png



ئەرنىڭ ئىپپىتى


غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد



مەن شۇنداق ئويلايمەن، ئەرنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدۇ، ئۇ- ۋەتەن. يەنە شۇنداق ئويلايمەن،ۋەتەنسىزلەرنى ئاللاھ كەچۈرمەيدۇ، ئۇلار جەننەتتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن. جىنايەت-روھتىكى يېڭىلمەس كۈچتۇر، ھەققانىيەتنى ئاشۇ كۈچ يارىتىدۇ. يەنە شۇنداق ئويلايمەن،ۋەتەنسىز ئەرلەر ئىپپەتسىز ئەرلەردۇر، ئۇلارنى دۇنيا كەچۈرمەيدۇ، شۇڭا ئۇلارباراۋەرلىكتىن ئۈمىد كۈتمىسۇن.
بالىلىقىمدا ۋەتىنىم مەھەللەم ئىدى، چوڭ بولغاندا ئۇنى شەرقتىن تاپتىم.بالىلىقتىكى ۋەتىنىمنى قىزىل بايراق ئاستىغا كۆمۈپ قويدۇم. يەنە شۇنداق ئويلايمەن،ئىتىقاد ئوق ئۆتمەيدىغان قالغان. مەككىگە بارساڭمۇ ئىمان تېپىلمايدۇ، پەرۋانە شام ئالدىدا ئۆلدى. ھەييام بىر ئۆمۈر شاراب ئىچمەي جام ئالدىدا ئۆلدى. دىۋانە نان ئالدىدا ئۆلدى. يىڭنە قۇلىقىدىن كارۋان تارتقانلار ئاپئاق ئۇستىخانلاردىن نۇرلۇق ئايۋانلارنى قۇرۇپ، داپ ھالقىسىدىن ئەسەبىي زامانلارنى ئۆتكۈزۈپ، ساپايىسىدا باش سوڭەكلىرىنى شاراقلىتىپ جەز قىلىپ ئاخىر ۋەتىنىنى قۇملار ئاستىغا كۆمۈپ قويدى- دە،ئۆز يېرىدە سەرسانە ئۆلدى.
يەنە شۇنداق ئويلايمەن، ساقال- بۇرۇت قويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن، بۇغداي تېرىپ زاغرا نانغا تويغانلار مەن ئەر دېمىسۇن، ئاھ خەلقىم دەپ دەرد يۇتۇپ مەيخانىداقونغانلار مەن ئەر دېمىسۇن، .ئۇلارنىڭ جەينامازدا ئىمانى نېسى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى نېسى.
سۆيگۈ ئۈچۈن جان بېرىمەن دەپ مەست بۆرىدەك ھۆركىرەپ، ئەرلىك غۇرۇر ئۈچۈن مۇشتلاشقانلار مەن ئەر دېمىسۇن، ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە پىغانى نېسى، مەشرەپ كەبى زارۇ-زار چۆللەردىكى ھىجرانى نېسى.
ئىتىقاد ۋە "توغرا يول"نى سۆزلەپ، قۇياشنى تاپ دەپ، شەرققە قاراپ ماڭ دەپ،ۋەزخانلىقتا شان- شەرەپ كۆزلەپ ئىچ- ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەر مەن ئەر دېمىسۇن،ئۇلارنىڭ سەپ ئالدىدا مەيدانى نېسى، تىغ ئالدىدا تەن- جانى نېسى.
ناخشا- ناۋالاردا ئازابنى ھەيدەپ، غىلجىڭ- نازلاردا يىلىكىنى قۇرۇتۇپ، ئەركىنلىكتە پۇت- قولىنى چىرماپ، «قىلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئېگىپ»، كاستۇم ئىچىدە تىترەپ يۈرگەنلەرمەن ئەر دېمىسۇن، ئۇلارنىڭ تومۇرىدا دولقۇنلىغان قان نېسى، ھاياتىغا ئۆلۈم ھەمدە شان نېسى.
يەنە شۇنداق ئويلايمەن، چۆلدە كارۋان ناخشىسى ئەمدى قايتا ياڭرىماس، ئەمدى يول باشلاپ ساڭا جەڭلەردە بۆرە ئۇچرىماس. قەدىمىي جەسەت، باش سۆڭەكلىرى شاھىد، لىكىن مىڭ توۋلىساڭمۇ بىر لەبزە زۇۋان چىقماس. سەن ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەي ئەر .
قاغا مىڭ يىل ياشىسىمۇ رەڭگى قارا، بەختى قارا. قۇش ئالتۇن قەپەزدە تۇرۇپمۇئاسمانغا ئىنتىلەر. سەن ئۆزۈڭنىڭ قۇلى ھەم زىندانىسەن. سەن ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەي ئەر. خوتۇنىڭغا تۆلەپ تۈگەىتكۈسىز قەرزدارسەن، بالىلىرىڭنىڭ پىشانىسىدا مۇشتلىرى تۈگۈلگەن قىسمەت سايىسىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئەر ئەر... مەن شۇنداق ئويلايمەن .


چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:11 , Processed in 0.272953 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش