چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 1

ئىستونىت قىزىمغا خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىستونىت قىزىمغا خەت

ئامىنە ئابدۇۋايىت

جېنىم قىزىم ، سەن مېنىڭ بارلىغىم ، سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم ، سەن مېنىڭ ھاياتىم ، شۈنداقلا ھاياتىمنىڭ داۋامى . مېنىڭ بارلىق ئارزۇ ، ئۇمۇتلېرىم ساڭا باغلانغان ، چۈنكى سەندە مۇستەھكەم ئىرادە ، تاغدەك جاسارەت ، ئۈلۇغۋار غايە ۋە يېتەرلىك قابىليەت ، يېڭى دەۋىرگە ماس كەلگۈدەك بىلىم ، ئىقتىدار بار ، ساڭا بەختىيار ھاياتنىڭ بەخت دەرۋازىسى كەڭ تاشا ئېچىلىغلىق ،سەن بۇ دەرۋازىدىن بىمالال كىرىپ ئۆز بەختىڭنى ئۆز تىرىشچانلىقىڭ بىلەن يارىتالايسەن . تولىمۇ تەستە قولغا كەلگەن ئالى مەكتەپ ھاياتىڭنى قەدىرلەپ مىنۇت ، سىكۇنۈتنى قولدىن بەرمەي تىرىشىپ ئۈگېنىپ ، سېنى ئۆستۈرگەن يۈرتۇڭغا ، تەربىيىلىگەن ئۈستازلېرىڭغا ، پەپىلەپ باققان ئاتا – ئاناڭغا ، سەندىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن ئۈرۇق – تۇققانلېرىڭغا يۈز كېلەلگۇدەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە بار كۈچۈڭ بىلەن تىرىشقىن .
جېنىم قىزىم ، مەكتەپدىكى رەڭگارەڭ ھايات ، خىلمۇ – خىل ساۋاقداشلېرىڭ ئارېسىدىن ئۆزەڭگە خاس ، مۈستەقىل بىر يولنى تاللا . باشقىلارغا ئەگىشىپ ، باشقىلارنى دوراپ خاتا يولغا مېڭىپ قالما ، چۈنكى ئالى مەكتەپ ھاياتى مۇستەقىل ئۈگىنىدىغان ، مۈستەقىل پىكىر قىلىدىغان ، مۈستەقىل ياشاشنى بىلىدىغان ، ئەستايدىل ئىزدېنېدىغان دەۋىر سەن بۇ دەۋرىڭنى بەك – بەكمۇ قەدىرلە .
جېنىم قىزىم ، سەن دۈنياغا قانداق كەيپىياتتا قارېساڭ ، دۇنيامۇ ساڭا شۇنداق قارايدۇ . سەندە دۈنياغا نەزەر سالغۇدەك ئىقتىدار ، دۈنيانىڭ گۈزەللىگىدىن ھوزۇرلېنىشنى بىلىپ يەتكۇدەك ئىلغار ئاڭ بار ، شۇنداقتىمۇ سەن يەنىلا بالا ، شۇنى ئەسكەرتكۇم كېلىدۇ ، ئېسىڭدە بولسۇن : ھايات ئىنسانغا بىرلا قېتىم كېلېدىغان قىممەتلىك پۇرسەت ، سەن بۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىل . ھايات ئىنسانغا ئۆز قابىليېتىنى نامايەن قىلدۇرېدىغان بىر سەھنە خالاس ، سەن بۇ سەھنىدە قانداق رول ئېلىشنى بىل . دەۋىرگە ماسلېشىپ ياشاشنىمۇ ئۈگەن ، دەۋىرگە ماسلېشىپ ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر قابىليەت ، سەن بۇ قابىليېتىڭنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ھايات سەھنىسىدە ئەڭ مۇكەممەل ، ئەڭ ياخشى رولنى ئال . يادىڭدا بولسۈن ، ھايات سەھنېسىدە رول ئېلىش دارامما سەھنىسىدە رول ئېلىشتىن نەچچە ھەسسە قىيىن ، چۈنكى دارامما سەھنىسىدە رول ئېلىشتا قايتا – قايتا رىپىدىس قىلىش پۈرسېتى بار ، ھايات سەھنىسىدا بىرلا قېتىم رول ئالغېلى بولىدۇ ، قايتا رىپىدىس قىلىش پۇرسېتى يوق . بۇ بىر قېتىملىق رولنى مۇكەممەل ، ياخشى ئېلىش ئارقېلىق ئۆزەڭنىڭ ئۆمۇرلۈك تەغدىرىڭنى يارىتالايسەن . ناۋادا ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر قەدەمنى خاتا بېسىپ قالساڭ مەڭگۇ پۇشايماندا قالىسەن .
جېنىم قىزىم ، سەن ئالى مەكتەپ ھاياتىڭنى قەدىرلەپ ياخشى ئۈگەن ، چۈنكى يىزا ،قىشلاقلاردا سەن بىلەن تەڭتۇش دېمەتلىك قىزلارنىڭ مىڭدىن بىرى ساڭا نېھسىپ بولغان بۇ پۇرسەتكە مىڭ تەستە ئېرىشەلەيدۇ ، يا ئېرىشەلمەيدۇ، سەن بۇ پۇرسسەتنى مەڭگۇ قەدىرلە ! كوچا – كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن ‹‹ بىڭسىڭ بولسا پۇل تاپ ، بىكاغا مۇشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ ›› دېگەندەك سەپسەتىلەرگە ئىشېنىپ قايمۇقۇپ قالما . 21 –ئەسىر بىلىم دەۋرى ، رىقابەت دەۋرى . بىلىم بولمېسا رىقابەتتە ئۈتۈپ چىقىش مۈمكۈن ئەمەس .
جېنىم قىزىم ، سەن شاللېنىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن تاللاشنى ئۈگەن . ھەرقانداق قىسمەتلەرگە دۈچ كەلگەندە ئۈنىڭغا تاقابىل تۈرالايدىغان ، ساغلام كەيپىيات ، قەيسەر روھ ، جەمىئەم تەرەققىياتىغا  ماسلىشالايدىغان يۈقېرى ساپانى ھازىرلېشىڭ كېرەك .
ئىلىم سەھنېسى ئەزەلدىن مىللەت ، ئىرىق ، دىن .جىنىس ، يۈرت ئارىمايدۇ بۇ سەھنە جاپاغا چىداپ ئىزدەنگۈچىلەرگە بەرىكەتلىك داستىرخېنىنى كەڭ يېيىپ كەلمەكتە . سەن بۇ سەھنېنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزىز مىھمانى بولوشقا بار كۈچۈڭ بىلەن تىرىش . جېنىم قىزىم ، سەن ھەر ۋاقىت ئۆزەڭگە ئىشىنىپ ،ئۆزەڭنى قەدىرلە .ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكىڭغا  ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، ئۆزەڭنى كەلگۈسىدېكى ئۈلۈغۋار ئانىلار قارارىدا كۆر . مەن ساڭا ئىشىنىمەن ، ئىشىنىپ تۈرۈپ تۇۋەندىكى بىرقانچە نوختىلارغا ئاھمىيەت بېرىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن:
(1)        سەمىمى بول . سەمىمىيەت ئاياللارنىڭ ئاياللىق ئوبرازىنى تېخىمۇ نۇرانە قىلىدۇ .
(2)        ئۆزەڭگە ئىشەن . سەن ئۆزەڭگە ئىشەنسەڭ ،ئاندىن باشقىلارمۇ ساڭا ئىشىنىدۇ .
(3)        ئۆزەڭدىن پەخىرلەن . ئۆزەڭنىڭ ئايال زاتى بولۇپ تۇرەلگەنلىڭنىڭ ئۆزى بىر بەخت ، چۇنكى سەن كەلگۈسۈدېكى ئەڭ بۈيۈك ، ئەڭ مۈقەددەس ‹‹ ئانا ›› دېگەن ئۈلۈق نامنىڭ ئېگېسى .
(4)        ئۈمۈتۋار بول . ھەرقانداق مۈشكىلات ، ھەرقانداق خېيىم – خېتەرگە دۈچ كەلگەن تەقدىردېمۇ بۆگۈن كەچ بولسا ئەتە چوقۇم تاڭ يورۈيدۇ ، دېگەننى ئويلا .
(5)        نىشانىڭ ئېنىق بولسۈن . نىشان ئېنىق بولغاندېلا ، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىدەك پىلان بولىدۇ . پىلانى يوقنىڭ راۋاجى يوق .
(6)        تەۋەككۈلچىلىق روھىنى يېتىلدۇر . تەۋەككۈلچى كىشىلەر غەلبېگە يېقىن بولىدۇ . كۆمسەم پىشارمۇ ؟ ياپسام پىشارمۇ ؟ دەپ ئىككىلىنىپ ئولتۈرما ، پۇرسەت كېتىپ قالىدۇ
(7)        ۋەدىېگە ئەمەل قىل . چامىڭ يەتمېگەن ئىشقا ۋەدە بەرمە ، يالغان سۆزلېمە ، يالغانچىنىڭ قۈيرۈقى بىر تۈتام . پادىچى بالىنىڭ ھىكايىسىنى يادىڭدىن چىقارما .
(8)        كەسپىڭنى قەدىرلە . كەسىپنىڭ يۈقېرى تۆۋەنلىگى يوق ، داڭدار شەخسىلەرمۇ كەسىپ ، ھۈنەر بىلەن ئۆز قەدىر - قىممىتىنى تىكلىيەلگەن .
(9)        زېرەك بول . بۇ دەۋىر رىقابەت دەۋرى ، ئۈچۈر ، ئىنتىرنىت دەۋرى ، پۇرسەتنى چىڭ تۈتۈپ ئۈچۈر ئېگەللەشكە ماھىر بولۇپ ، پايدىلىق ئۈچۈرلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلان . باشقىلار ئويلاپ بولغىچە سەن باشلاپ بول .
(10)        جۈرئەتلىك بول . جۈرئەت بولغاندىلا غەلبە قىلغېلى بولىدۇ ، بۇ ھەقتە يۈگۇڭنىڭ تاغنى يۆتكېشىنى ئۆزەڭگە ئۆرنەك قىل .
(11)        تەشەببۈسكار بول . باشقىلار خالىمىغان ئىشنىمۇ دادىللىق بىلەن قىلىپ كۆر ، پەقەت قانۈن ، تۈزۈمگە ئۈيغۈن بولسىلا .
(12)        ئىززېتىڭنى ھاياتىڭدىنمۇ قىممەتلىك بىل . ئىززېتىڭنى ساقلىيالساڭ ئەتىۋارلىق بولىسەن . بۇ دۈنيادىكى ئەڭ قورقۈنۈشلۈق ئىش ، تاغ ئۈستىدىن غولاپ كېتىش بولماستىن ، بەلكى باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىش .
(13)        كۆڭلى كۆكسۈڭنى كەڭ تۈت . كۆڭلۈڭنى كەڭ تۈتالساڭ بۇتۈن ئالەمنى سىغدۈرالايسەن ، باشقىلارغا ياردەم قولۇڭنى سۈنالايسەن ، قول قولنى يۈسا ، قول قوپۇپ يۈزنى يۈيدۇ .
(14)        دەرھال ھەرىكەتكە كەل . بۆگۈن ماڭمىساڭ ،ئەتە چوقۈم يۈگۈرۈشكە مەجبۈر بولىسەن .
(15)        ئىقتىسادىڭنى چىڭ تۈت . ئىقتىسادى جەھەتتىن بىخەتەرلىك تۈيغۈسى بولمىسا ، ئۈلۈغۋار ئارزۈلارنى ئەمەلگە ئاشۈرۈش تولىمۇ مۈشكۈل . ئاقىل ئەجداتلېىرىمىزمۇ ‹‹ گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن ›› دېگەن ئىكەن .
(16)        دەۋىرگە ماسلاش . دەۋىرگە ماسلېشىپ ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىقتىدار ، دەۋىر بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگەرلەپ ، مىللى خاسلىقنى ساقلىغان ئاساستا ، ئىلغار مەدىنيەتنى ئۆرنەك قىلىپ ساغلام بولغان روھى ھالەتنى يېتىلدۇر .
(17)        ئۈگېنىشنى توختاتما . ئۈگېنىش ئارقىلىق ئۆزەڭنى تولۇقلىيالايسەن ، بىلىمىڭنى يېڭىلىيالايسەن . بۈرۈن بىلىمنىڭ دەۋرى 30 يىل بولسا ھازىر ئۈچ يىلغىمۇ يەتمەيمىش ، ئېسىڭدا بولسۈن بىلىم يېڭىلىنىپ تۈرېدۇ .
(18)        گۈزەللىككە سەل قارىما . بىلىم ، ئەخلاق بىلەن ئىچكى گۈزەللىكىڭنى مۈكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە سىرتقى قىياپېتىڭغىمۇ قاتتىق ئەھمىيەت بەر ، باشقىلارغا تۈنجى بولۇپ بېرېدىغان تەسىرىڭ سىرتقى گۈزەللىك . ئىچكى ، سىرتقى گۈزەللىك بىرىككەندېلا ئاندىن ھەقىقى گۈزەل بولغىلى بولىدۇ .
(19)        نەرمال ياشا . ئاق كۆڭۇل بولدۇم دەپ باشقىلارغا بەك يول قويۇپ كەتمە ، تۆرنى باشقىلارغا ئۆتۆنۇپ بېرىپ  ئۆزەڭ پەگادا قالما . ئۆزەڭنى بەك مۈكەممەل بىلىپ گېدىيىۋالما . بورانمۇ ئەڭ ئاۋال ئېگىز شاخقا تېگېدۇ .
(20)        ئۆزەڭنىڭ كىملىگىنى ، تۈغۈلۇپ ئۆسكەن يۈرتۈڭنى ھەرگىز ئېسىڭدىن چىقارما . كۆك قەھرىدە پەرۋاز قىلغان بۈرگۈتمۇ ھامان ئوۋېسىغا قايتىپ كېلىدۇ .

ئاقتۇ ناھيىلىك ئۈيغۇر تىبابەت دۈختۇرخانېسى ئامىنە ئابدۇۋايىت

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-1-21 17:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامىنە خانىمنىڭ سىتۇدىنت قىزىغا يازغان خېتى ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن. باشقالارمۇ ئۆزىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىغا ئەشۇنداق تەلەپ قويسا ئارزۇ دەرىخى چوقۇم بۇلۇق مېۋە بېرىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:19 , Processed in 0.596576 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش