چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dohturbiz 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى 3 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 184|ئىنكاس: 0

ئازغان كۆڭۈل بىچارە بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئازغان كۆڭۈل بىچارە بولىدۇ


   ئاق كۆڭۈل، ئالا كۆڭۈل، قارا كۆڭۈل دەپ ئايرىلىدىغان كۆڭۈلگە  ئەمدى ئازغان كۆڭۈل قۇشۇلۇپتۇ. ئاق كۆڭۈل ياخشى كۆڭۈلدۇر، ئالا    كۆڭۈل ساختىپەز كۆڭۈلدۇر، قارا كۆڭۈل نىيىتى يامان كۆڭۈلدۇر، بۇ  كۆڭۈللەر باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا قارىتىلغان بولسا، ئازغان كۆڭۈل ئۆزىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشقا قارىتىلغان بولۇپ، كۆڭلىگە ئىگە بۇلالمايدىغان، كۆڭلىنى باشقۇرالمايدىغان، كۆڭلىنى باشقىلارنىڭ  ئەخمەق قىلىشىغا، زىيانكەشلىك قىلىشىغا، نابۇت قىلىشىغا تاشلاپ بىرىپ ھازىردىن قاچىدىغان بىچارە كۆڭۈلدۇر. ئازغان كۆڭۈل تىنەپ يۈرۈپ ئېزىپ كەتكەن، ئازماسلىقنى بىلمەيدىغان، ئازدۇرۇلۇشقا قارشى تۇرالمايدىغان، پىسخىك  ئاجىزلىققا  گىرىپتار  بولغان، توغرا-خاتانى ئايرىيالمايدىغان، ئىلغارلىققا  تەربىيىلەنمىگەن قىممەت  ئېڭى ئۆزىنى يىتەكلىيەلمەيدىغان، ھايات بولسىمۇ ھاياتلىقنىڭ مەقسىدى ئېنىق بولمىغان ھالەتتىكى ئادەمنىڭ كۆڭلى.
  تۇرپاننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، دەۋرىمىزدىكى بەزى  كىشىلەرنىڭ  يامان سۈپەتلىك ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانغان خۇمار قىلىدىغان  خىروئىن چىكىشى، خىروئىننى خۇددى كېسەل داۋالايدىغاندەك ھەم  دوختۇر تاپالمىغاندەك ئۆزىنىڭ تۇمۇرىغا ئۆزى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشى، «تاكىراڭخانا» دەپ نام بىرىلگەن يۇقۇملۇق كېسەل تارقىتىش ئورۇنلىرى بولغان ھەر خىل شەكىلدىكى پائىشخانىلارغا دۈم چۈشكەن كىشىلەرنىڭ  داۋاسى يوق ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇشى، ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ياشلارنىڭ جەمىيەتتە چىقىش يولى تېپىش ئالدىدىكى گاڭگىراش ئىچىدە جان بېقىشقا  ئاتلىنىشى،  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى قىز-ئوغۇللارنىڭ ھىسسىياتچانلىق ھەم  مەسئۇلىيەتسىزلىك  ئىچىدىكى مۇھەببەتلىشىش ئەھۋالى،   دادا  تەربىيىسىگە ئىگە بۇلالمىغان ئوغۇلنىڭ تاللاش ئالدىدا دۈچ كەلگەن  كەسكىن مەيدان-خاراكتېر ئاجىزلىغى، گۇناھسىز ھالدا  ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئانىنىڭ بوۋىقىنى دوختۇرلارنىڭ ئەيدېزدىن خالى قىلىش  نىيەت-خىزمەتلىرى،   ئاخىرىدا  ئازغان  كۆڭۈل ئىگىسىنىڭ    ھاجەتخانىدا نىجاسەتكە   مىلىنىپ خارلىق ئىچىدە ئۆلۈشى  قاتارلىق مەزمۇن-ۋەقەلىكلەر   ئارقىلىق  سەۋەب-نەتىجىلىك جەرياندا ماسلاشقان ئىلگىر-كىيىنلىك ئەدىبىي  قۇرۇلما ئىچىدە ‹ئازغان كۆڭۈل› رومانى  ناھايىتى ئۇتۇقلۇق  يېزىلغان بولۇپ، يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن  ئۆزىنى بېغىشلىغان بۇ ئەمگىگىگە ئاپىرىن ئېيىتماي تۇرالمايمىز.
    كۆڭۈل ئېزىپ كەتتى. ئەسلىدە بۇ كۆڭۈل ئازماسلىغى كېرەك ئىدى. ئەمىسە ئېزىشقا تېگىشلىك بولمىغان كۆڭۈل نىمىشقا ئېزىپ كىتىدۇ! كۆڭۈلنىڭ ئېزىپ كىتىشى كۆڭۈلنىڭ خاتالىشىشى. خاتالاشقان كۆڭۈل ئىگىسى خاتالىغىنى تۇغۇپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئانىسىدىن، سۆيگۈ- مۇھەببەتلىك كۆڭلىنى بىرىپ بەختلىك قىلغان ئايالىدىن، يۇرت-مەھەللىسىدىكى جامائەتتىن يۇشۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، خاتالىغىنىڭ ئاشكارىلىنىپ ئەيىپلىنىشىدىن، ئىزا-ئاھانەتكە قېلىشىدىن قورقىدۇ. خاتالاشقان كۆڭۈل توغرا-خاتاغا يۈزلىنەلمەيدۇ. خاتالاشقان كۆڭۈل ئۆزىنىڭ قەدرىنى قىلالمايدۇ. ئازغان كۆڭۈل كۆڭۈلنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ كۆڭلىدە  بولىدۇ. ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى  يىتەكلەپ        ماڭىدۇ. ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭى يۇقىرى بولمىسا كۆڭلىنى قانداق  خۇشال قىلىشنى  بىلمەيدۇ.  قانداق خۇشال بۇلۇشنى بىلمەيدىغان كۆڭۈل ئېزىپ كىتىدۇ. ئېزىپ كەتكەن كۆڭۈل ئاجىزلاپ كىتىدۇ.  ئاجىزلاپ كەتكەن كۆڭۈل بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. بىچارە كۆڭۈل ئۆزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، ئۆزىدىن  ئايرىلىپ قالغان كۆڭۈل باشقىلارغا  ياكى باشقا نەرسىلەرگە بېقىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بېقىندى  كۆڭۈل ياشاش   مەقسىدىنى بىلمەس ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
Iئادەمنىڭ قىممەت ئېڭى ئۆز كۆڭلىنى باشلاپ ماڭىدۇ. دىمەك، قىممەت ئېڭى تۆۋەن ئادەملەر ئۆز كۆڭلىگە توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ بىرەلمەيدۇ، كۆڭلىنى خاتا يولدىن توسۇشتا ئاجىز ھالغا چۈشۈپ  قالىدۇ. ئۇنداقتا نىمىشقا قىممەت ئېڭى تۆۋەن ئادەملەر بولىدۇ!؟ ئادەمنى جەمئىيەت ئوراپ تۇرۇدۇ. ئادەم جەمىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك تەشكىلى بىرلىگى بولغان ئائىلىدە بارلىققا كېلىدۇ، تەربىيىلىنىدۇ، ئۆسۈپ-يىتىلىدۇ. ئادەم بۇ جاھانغا قوساق بېقىش، ئۇخلاش، ئىش-ئەمگەك قىلىش ئۈچۈنلا كەلگەن ئەمەس. ئادەم ئىلغار ھاياتلىق  ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىنىشى كېرەك. ئىلغار ئىدىيە ئادەمنى يۇقىرى قىممەت ئېڭىغا ئىگە قىلىپ جەمىيەتكە يۈزلەندۈرۈشى كېرەك
ئۇنداقتا ئادەم ئىلغار ئىدىيەگە، يۇقىرى قىممەت ئېڭىغا  قانداق ئىرىشەلەيدۇ؟ ئاتا-ئانىسىدىنمۇ، ئەگەر ئاتا-ئانىسى ئۇنداق ھالغا كەلمىگەن بولسىچۇ؟ ئەمىسە ئۇنداق ھالغا كېلىپ بۇلالمىغانلار ئاتا-ئانا بولماسلىغى كېرەكمۇ؟ ئاتا-ئانىلارنى مۇھىت-جەمئىيەت ئوراپ تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، مۇھىت تەرىپىدىن يىتەكلىنىدۇ. مۇھىت قانداق بولسا شۇ مۇھىتتىكى ئادەملەر ئاساسەن شۇنداق بولىدۇ. ئادەمنىڭ مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتىشى ئاستا ھەم ئاز ھالەتتە، مۇھىتنىڭ ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىشى تېز ھەم كۆپ ھالەتتە بولىدۇ. پىسخىكىسى ئاجىز، ساپاسى تۆۋەن ئادەملەر مۇھىتتىكى يامان تەسىرلەرگە ئاسان ئۇچرايدۇ. مۇھىتتىكى يامان تەسىرلەر قىممەت ئېڭى ناچار ئادەملەر تەرىپىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئادەملەر ئاتا-ئانىسى بىلەن جەمئىيەت تەرىپىدىن مۇھىم ھالەتتە يۇقىرى قىممەت ئېڭى تەربىيىسىگە ئىگە بۇلىشى كېرەك. ھەر بىر يۇرت كىشىلىرىنىڭ تارىختىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ھاياتلىق ئىدىيەسى، ھاياتلىقنىڭ مەقسەت-جەريانى بولغان ئادىمى قىممەت ئېڭى خاسلىغى بولىدۇ. مۇشۇنداق خاسلىق بويىچە ھەر بىر يۇرت كىشىلىرىنىڭ جاھاندارچىلىقنى تاللاش پەرقى كېلىپ چىقىدۇ. جاھاندارچىلىق ئادەمنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ياشاش ئىقتىدارى، ياشاش مەقسىدىگە بېقىپ پەرىقلىق بولىدۇ. خەلقىمىزدە «يامانغا يولۇقساڭ يالىسى، قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقۇدۇ» دېگەن ماقال بولغىنىدەك، ئادەم ئۆز مۇھىتى-جەمىيىتىنىڭ مەھسۇلىغا ئايلانغان بولىدۇ. يەنى، ئادەم ئۆز مۇھىتى-جەمىيىتىدە ياخشى مۇھىت-ئادەمنىڭ تەسىرى-يىتەكلىشىگە ئۇچرىسا، ياخشى يول تېپىپ ماڭالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا يولدىن چىقىپ كىتىدۇ. ئادەمنى يولدىن چىقىرىۋېتىدىغان مۇھىت-كىشىلەرمۇ يەنە شۇ ئادەملەر تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بولىدۇ. دىمەك، مۇھىت-جەمىيەتتە ئادەملەرنى ئىلغارلىققا يىتەكلەيدىغان قىممەت ئېڭى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بۇلىشى كېرەك.   
     مەزكۇر روماندىكى ئەڭ ئاخىرى نىجاسەتكە مىلىنىپ ئېچىنىشلىق ھالدا خارلىق ئىچىدە ئۆلگەن باش پىرسۇناژ ئەرگە تەگمەي تۇرۇپ تۇل قالغان بىچارە ئانىنىڭ ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان بالىسى. ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان بالىغا تەلەپ قاتتىق قۇيۇلمايدۇ. كۈتمىگەن يەردىن نىكاھلانماي تۇرۇپ بالا تۇغقان بىچارە ئانىنىڭ بالىسىغا قاتتىق تەلەپ قۇيۇشنىڭ نىشان-پىلانلىرىنىڭ سەۋەپلىرىمۇ ھازىرلانمىغان بولىدۇ. ئەتراپىدىكى  ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئاغرىنىش ھەم توختىماي ئۆزىنى ئەيىپلەش شۇ كىشىنى تار مۇھىت ئىچىگە ئادەتلەندۈرۈپ قۇيۇدۇ. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈلمىگەن بالا باشقىلارغا ئوڭاي ئىشىنىپ كىتىدىغان ئادەم بولۇپ چوڭ بولماي قالمايدۇ. جۈملىدىن، ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىلىرىغا مۇھەببەت-نەپرەتنى، توغرا-خاتانى، ياخشىلىق-يامانلىقنى، قەدىر-قىممەت بىلەن خارلىقنى ئايرىشتا چىڭ تۇرۇشنى ناھايىتى مۇھىم بىلىشنى  ئۆگۈتۈپ، ھاياتلىقنىڭ قانداق قىممەتكە ئىگە بۇلىدىغانلىغىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشى كېرەك. ئادەمنىڭ بۇ دۇنياغا بىكارغا تۇغۇلمايدىغانلىغى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئېسىدە تۇرۇشى كېرەك. مانا مۇشۇنداق قىممەت بىلەن مەقسەت ئاتا-ئانىدىن بالىغا يەتكۈزۈلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانا بۇنداق ئىدىيە-قىممەتكە ئىگە بولۇپ بولالمىغان بولسا، ئۆز مۇھىتى-جەمىيىتى تەرىپىدىن مۇھىم خىزمەت ھالىتىدە بىر خىل كەسىپ-مۇلازىمەت مەجبۇرىيىتى بىلەن تەربىيىلىنىشى كېرەك. بولمىسا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپ بىلەن جەمىيەتكە ئىتتىرىپ قۇيۇپ، ئۆزلىرى سەۋەپلىك چالا تەربىيىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، چالا تەربىيىلەنگەن بالىلار ئېزىپ كەتمەسلىكنى بىلەلمەي قالىدۇ، كۆڭلىنى نەگە باشلاشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ، كۆڭلىگە ئىگە بۇلالماي ئازغاشتۇرۇپ كىتىلىدۇ. ئاقىۋەت، ئازغان كۆڭۈللەر كېلىپ چىقىدۇ. ئازغان كۆڭۈل ئىگىسى ئادەم ھاياتىدا نىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلەلمىگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھىم ئەمەس ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەن بۇنداق ئادەملەر  چۈشكۈنلۈشۈپ كىتىدۇ. چۈشكۈنلۈك ئادەمنى جىسمانى-روھى جەھەتتىن كاردىن چىقىشقا باشلايدۇ. چۈشكۈنلەشكەن ئادەم ھاياتلىقنى، ساغلاملىقنى، قەدىر-قىممەتنى، ئەخلاقى-پەزىلەتنى، توغرا-خاتانى مۇھىم بىلىپ كەتمەيدۇ. ھازىردىكى راھەتپەرەسلىكنى پۇرسەتپەرەسلىككە ئايلاندۇرىۋالىدۇ. راھەتپەرەس ئادەم تەييارتاپلىقنى، پۇرسەتپەرەس ئادەم ئالدامچىلىقنى ئەلا بىلىپ، مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ.
   كۆڭۈلنى ئازدۇرۇش چۈشكۈنلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. باشقىلارنىڭ مەقسىدىنى بىلمەسلىك ساددىلىقتىن بولىدۇ. ساددىلىق بىلەن باشقىلارغا بىكاردىن-بىكار ئىشىنىدىغان ئەخمەقلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئەخمەقلىق بىلەن باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان چۈشكۈنلۈك ئەۋج ئالىدۇ. كۆڭلىنى باشقىلارنىڭ ئازدۇرىشىغا تاشلاپ بىرىش ئۆز كۆڭلىنىڭ مۇھىم قىممىتىنى بىلمىگەنلىك تۈپەيلىدىن بولىدۇ. ئۆز كۆڭلىنىڭ قىممىتىنىڭ مۇھىملىغىنى بىلمەسلىك ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىگىدىن بولىدۇ. قىممەت ئېڭى تۆۋەن ئادەملەر ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن ئەگەشتۈرۈلۈپ ئازغاشتۇرۇلۇپ كىتىلىدۇ. قىممەت ئېڭى ئادەمنىڭ ھاياتلىقتا قانداق قىممەتكە ئىگە بۇلۇشنى بەلگىلەيدۇ. يەنى، بەزى ئادەملەر قەدىرلىنىدۇ، بەزى ئادەملەر خارلىنىدۇ. بەزى ئادەملەر قايىللىق پەيدا قىلىدۇ، بەزى ئادەملەر ئەيىپلىنىدۇ. بەزى ئادەملەر پەخىرلەندۈرىدۇ، بەزى ئادەملەر نەپرەتلەندۈرىدۇ. بەزى ئادەملەر ياراملىق بولسا، بەزى يارامسىز بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ئەخلاقلىق بولسا، بەزى ئادەملەر ئەخلاقسىز بولىدۇ. بەزى ئادەملەر نامدار بولسا، بەزى ئادەملەر نادان بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ساپالىق بولسا، بەزى ئادەملەر ساپاسىز بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ئالىجاناپ بولسا، بەزى ئادەملەر رەزىل بولىدۇ. بەزى ئادەملەر پەزىلەتلىك بولسا، بەزى ئادەملەر پەزىلەتسىز بولىدۇ. بەزى ئادەملەر سەمىمى بولسا، بەزى ئادەملەر ساختىپەز بولىدۇ. بەزى ئادەملەر ئادىل بولسا، بەزى ئادەملەر ئادالەتسىز بولىدۇ. بەزى ئادەملەر كەڭ قوساق بولسا، بەزى ئادەملەر ئىچى تار بولىدۇ. بەزى ئادەملەر باشقىلارنى خۇشال قىلالىسا، بەزى ئادەملەر ئۆزىنىمۇ خۇشال قىلالمايدۇ. بەزى ئادەملەر باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلسە، بەزى ئادەملەر ئۆزىنىمۇ ھۆرمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. بەزى ئادەملەر خاتالىغىنى تۈزۈتۈشنى بىلسە، بەزى ئادەملەر خاتالىغىنى ئېتىراپ قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ. بەزى ئادەملەر ساغلاملىقنى قوغداشنى بىلسە، بەزى ئادەملەر سالامەتلىكنى ئاسراشنىمۇ بىلمەيدۇ. بەزى ئادەملەر باشقىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرەلىسە، بەزى ئادەملەر ئۆزىنىمۇ بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى بىلمەيدۇ.
قىسقىسى، قىممەت ئېڭى ئادەمنى ئىككى خىل ھالغا كەلتۈرۈپ قۇيۇدۇ. نىمىنى ھەم قانداق قىلىشنى مۇھىم بىلىشنى تاللاش ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭىغا-ئۆزىنى قانداق قىممەتكە ئىگە ئادەمگە ئايلاندۇرۇشقا باغلىق بولىدۇ. ئادەمگە باشقىلار باھا بىرىدۇ، ئادەمگە باشقىلار ئەينەك بولىدۇ، ئادەم ئۆزىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ئادەم باشقىلاردىن دورايدۇ، ئەگىشىدۇ. ئادەم باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ھەم باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن يىتەكلىنىدۇ ھەم باشقىلارنى يىتەكلەيدۇ.  ئادەم ئۆز قىممەت ئېڭىنىڭ تاللىشىغا ئۇچرايدۇ، ئىرىشىدۇ.
  مەزكۇر « ئازغان كۆڭۈل » رومانى تۇرپاننى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر يۇرتىدىكى خىروئىن چىكىش، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئەھۋالىنىڭ سەۋەب-نەتىجىلىك جەريانلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، جامائەت پىكرىنىڭ توسقۇنلىغىغا ئۇچرىمايدىغان جىنسى ئەخلاقسىزلىق، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى يارامسىزلىقلىرى، كىشىلەرنىڭ مىللى خاسلىققا ئىگە بولغان پىسخىك ئاجىزلىقلىرى قاتارلىق گەۋدىلىك بولغان ئىجتىمائىي  مەسىلىلەر ئارقىلىق تۇرپاندىكى تىراگىدىيەنى ئېچىپ تاشلىغان. تراگېدىيە ئۆلۈشكە تېگىشلىك بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەيدىز كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار قېرىپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يېقىنلاشماي تۇرۇپ  خېلى بۇرۇنلا ئۆلىدۇ.  ئەمما، تۇرپاندىكى تراگېدىيە- ئۇلارنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گېرىپتار بۇلۇشىنى خالىمايدۇ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىشكە يۈرەك چىدىمايدۇ. ئۇلار بۇنداق قىممەتسىزلىك بىلەن ئۆلۈپ كىتىشكە تۇغۇلمىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ مەقسىدى، قىممىتى بار ئىدى.  
ئەمما، ئازغان كۆڭۈل بىلەن بۇنداق مەقسەت-قىممەتلەر كۈپۈككە ئايلاندى. ئەسلىدە ئادەم بالىسى ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا تۇغۇلۇپ، ئاتمىش-يەتمىش كىلوگىراملىق چوڭ ئادەمگە ئايلانغۇچە ئاتا-ئانىسىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئەجرى سىڭدۈرىلەتتى. ھازىردىن قېچىپ رىئاللىقتىن بىردەملىك قۇتۇلىدىغان  خىروئىن چىكىپ ھەم  پائىشە-پائىشىۋازلىق قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ ئالدىراپ ئۆلۈمگە ئاتلىنىش ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىدىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. ئەجىبا، ئاتا-ئانىلارنىڭ مىڭ جاپالاردا چوڭ قىلغان بالىلىرى ئەيدىز بىلەن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەجرى، ئەۋلادىغا تاپشۇرغان ئەجداد ئىزى بىكارغا كەتكەنلىك بولمامدۇ-ھە!  
   ئەيدىز دۇنياۋى مەسىلە. يۇرتىمىز دۇنيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرۇسىغا، دۇنيانىڭ ئۆگزىسى تېبەت ئىگىزلىگىنىڭ شىمالى خوشنىسى تارىم ۋادىسى-تەڭرىتاغ باغرىغا  جايلاشقان. تۇرپان دۇنيانىڭ ئۆگزىسى يېنىدىكى دۇنيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدىكى  ئەڭ پەس، ئەڭ ئىسسىق ماكان. يۇرتىمىز تارىختا يىپەك يۇلىغا ئايلانغان بولسا، دەۋرىمىزدە سودا-بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت ئۆتۈشمە يۇلىغا ئايلانماقتا. تۇرپان تارىختىكى يىپەك يۇلىنىڭ، بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئۆتۈشمە يۇلىنىڭ تۈگۈنىدە تۇرماقتا. يۇرتىمىزدا مەدەنىيەت ئارىلاشمىسى يۈز بىرىۋاتقان بىلەن، ئەمما بۇنداق مەدەنىيەت ئارىلاشمىسىغا نىسبەتەن تەرەققىياتقا يۈزلەنگەن  ئۆزىنى كۈچەيتىدىغان مەدەنىيەت رىقابىتى ئاجىز ھالەتتە تۇرماقتا. بۇنداق مەدەنىيەت تەرەققىياتى ھەم  پىسخىكىسىدىكى ئاجىزلىق  مەدەنىيەت ئۆتۈشمە دەۋرىدە چۈشكۈنلۈككە پۇتلاشماي قالمايدۇ. جۇڭگودىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ رايۇنلار ئارا سېلىشتۇرمىسىدا يۇرتىمىزنىڭ  نوپۇس نىسبىتى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىغىدىن ئىبارەت ئەمىلىيەتنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ئويلانساق، بۈگۈنكىدەك مەدەنىيەت ئۆتۈشمە دەۋرىدە خەلقىمىزنىڭ  مەدەنىيەت ئىدىيەسىدىكى يىتەرسىزلىكلىرىنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرالمايمىز. بۇ مەدەنىيەت ئىدىيەسى كىشىلەرنىڭ قىممەت ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ قىممەت ئېڭىدا ئىپادىلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ قىممەت ئېڭىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭى   ھاياتلىقنىڭ مەقسىدى بولغان ئۇتۇقلۇق ياشاش بىلەن  ھاياتلىقنىڭ نىشانى بولغان ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قايسىنىڭ تاللاش كۈچى بېسىپ چۈشۈپ، مۇھىم ھالەتكە ئۆتۈۋېلىشى بىلەن   كۈچلۈك تەسىرگە ئۇچرايدۇ. يەنى، بەرىبىر ئۆلۈپ كىتىدىغان جاھاندا ھورۇنلۇق قىلماي  ياخشى ياشاشنى تاللاش  ياكى بەرىبىر ئۆلۈپ كىتىدىغان جاھاندا جان باقىمەن دەپ جاپا تارتىشنى خالىماسلىقنى تاللاش. مەدەنىيەت ئىدىيەسى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە ئۆلۈمنى سېلىپ تۇرسا، كىشىلەرنىڭ مىجەز-خارەكتىرىدە جاسارەت، سەۋىرچانلىق، پىداكارلىق ياكى غۇرۇسىزلىق، ھورۇنلۇق، چۈشكۈنلۈك قاتارلىق پەرىقلەر كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈمنىڭ قىممىتى ھاياتلىقنىڭ قىممىتى بىلەن باغلىنىشى كېرەك. ھاياتلىقنىڭ قىممىتى بولمىسا ئۆلۈمنىڭ قىممىتى بولمايدىغانلىغى مەدەنىيەت ئىدىيەسىگە سىڭدۈرىۋېتىلىشى كېرەك. مەدەنىيەت ئىدىيەسى كىشىلەرنى ئۆلۈم ئارقىلىق قورقۇتماي، ھاياتلىقنىڭ قىممىتى ئارقىلىق يىتەكلىشى كېرەك. ھاياتلىقنىڭ قىممىتى تەكىتلىنىۋەرسە ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭى يۇقىرى كۆتىرىلمەي قالمايدۇ. نەتىجىدە چۈشكۈنلۈك ئادەمدىن يىراقلاشماي قالمايدۇ. چۈشكۈنلەشمىگەنلەر ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالايدۇ، ئىرادىسىنى باشقۇرالايدۇ، نېمە بولسام بۇلارمەن دەپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتمەيدۇ.
ئافرىقىدا پەيدا بولغان ئەيدىز تۇرپانغا كەلدى، ئەمما تۇرپانلىقلار ئافرىقىغا بېرىپ باقمىغان ئىدى. ئەيدىز يۇقۇملۇق كېسىلى  دۆلەت چىگرىسىدىن قورقۇپ قالمىدى. ئادەملەر ئارىسىدا ئەڭ پاسكىنا، ئەڭ نەپرەتلىك ئۇسۇل بىلەن يۇقۇش يۇلىنى تاپتى. «ئازغان كۆڭۈل» ئۆز كۆڭلىگە ئىگە بولمىغان ئادەمنىڭ ھاجەتخانىدا نىجاسەتكە مىلىنىپ ئۆلۈشى بىلەن تۈگەللىنىپ، ئېچىنىشلىق كومىدىيە بىلەن ئاخىرلاشقان تراگېدىيە. ئازغان كۆڭۈللەرنىڭ خار-زارلىغى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇلارغا نەپرەت ياغدۇرۇپ، كۆڭۈللەرنىڭ ئازماسلىغى ئۈچۈن سىگنال چېلىنغان، چوقان كۆتەرگەن   تۇرپان، تارىم، تەڭرىتاغ ۋادىسىدىكى ئەيدىز تىراگىدىيەسى.

«ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-31 07:47 , Processed in 0.204386 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش