چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 0

سۇ ۋە ساغلاملىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سۇ ۋە ساغلاملىق

مەمەت ئىمىن تەييارلىغان


سۇ - دۈنيادىكى ھەر قانداق بىر ھاياتلىق ئۈچۇن ئەڭ مۇھىم بولغان ماددا بولۇپ، ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۇدۇر. سۇ بولمىغان يەردە ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەستۇر.

ئادەم بەدەن ئىغىرلىغىنىڭ 60% سۇدىن تەركىپ تاپقان. ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ئورگانلار ئىچىدە يۈرەك بىلەن مىڭەنىڭ 73%، ئۆپكىنىڭ 83%، تىرەنىڭ 64%، مۇسكۇل ۋە بۆرەكنىڭ 79%، سوڭەكنىڭ 31% سۇدىن تەركىپ تاپقان.

تەبىيەت دۇنياسىدىكى سۇ ئۈزلۇكسىز ئايلىنىپ تۇرغانغا ئوخشاش ئادەم بەدىنىدىكى سۇمۇ ئۈزلۇكسىز ئايلىنىپ تۇرۇش ئارقىلىق بەدەندىكى قالدۇق ماددىلارنى تازلاپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ ھەر خىل فونكىسىيەسىنى نورمال ساقلاش رولىنى ئۆتەيدۇ.

سۇنىڭ بەدەندە ئوتەيدىغان خىزمەتلىرى
1. بەدەندىكى بارلىق ھۇجەيرىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىش مۇھىتىنىڭ ئاساسى.
2. قاننىڭ ئاساسلىق تەركىۋى ۋە ئۇنىڭ راۋان ئايلىنىشىنىڭ كاپالىتى.
3. بەدەندىكى بارلىق قالدۇق ماددىلارنى تازلاپ بەدەن سىرتىغا چىقارغۇچى.
4. بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى نورمال داھىردە تەڭشەشتە ناھايتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
5. ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقى ۋە ھورمۇنلارنىڭ تەركىۋى.
6. بەدەندىكى بارلىق تىرە ۋە شىلىمشىق پەردىلەرنىڭ نەملىكىنى ۋە سىلىقلىقنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇنداقتا ئادەم بەدىنى كۈنىگە قانچىلىك سۇغا ئىھتىياجلىق؟ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ كۈنىگە قانچىلىك مىقداردا سۇ يوقىتىدىغانلىقىغا  قاراپ چىقىشىمىز كىرەك.

بەدەن ئىغىرلىقى 70 كىلوگىرام كىلىدىغان ساغلام  بىر ئادەم، نورمال (يەنى ئىسسىقمۇ بولمىغان، سوغۇقمۇ بولمىغان) ھاۋادا، ئالاھىدە ھەركەت قىلمىغان ۋە تەرلىمىگەن ئەھۋال ئاستىدا كۈنىگە كەم دىگەندە 2200 مىللىلىتىر سۇ يوقىتىدۇ. بەدىنىمىز كۈنىگە سۈدۇك (كۈنىگە 3، 4 قىتىم سىيىش) ئارقىلىق 1500مىللىلىتىر، بىر قىتىلىملىق نورمال چوڭ تەرەت ئارقىلىق 100 مىللىلىتىر، جىنسى سۇيۇقلۇق، كۆز يىشى، شۆلگەي تۈكۈرۈكلەر ئاقىلىق 100 مىللىلىتىر سۇ يوقاتقاندىن باشقا تەخمىنەن  500 - 650 مىللىلىتىر كۆزگە كۆرۇنمىگەن سۇنى تىرە ۋە نەپەس يوللىرى ئارقىلىق يوقىتىدۇ.

ئەگەر كۈندۇلۇك سۇدۇك مىقدارى 1500 مىللىلىتىردىن ئاز بولسا، بەدەندە سۇ يىتىشمەسلىك بار دەپ قاراشقا بولىدۇ. بىز ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يىتەرلىك ئۇسۇزلۇق ئىستىمال قىلـمىساق بەدىنىمىز ئالدى بىلەن كۈندۇلۇك سۈدۈك ۋە تەر مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق بەدەندە مۇھىم بولغان ئورگان ۋە ئەزالارنىڭ سۇغا بولغان ئىھتىياجىنى كاپالەت قىلىدۇ. بىرلا  ۋاقىتتا ئۇساش ، ئىغىزى قۇرۇش تۇيغىلىرىمىز  ئارقىلىق بىزنى دەرھال  ئۇسۇزلۇق ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بەدەندە كەم بولغان سۇ مىقدارىنى تولۇقلاشقا ئۈندەيدۇ. ئەگەر بىز ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن  ئۇزۇن مۇددەت ئۇسۇزلۇقنى ئاز ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنسەك، بەدىنىمىزگە كىرگەن سۇ بەدىنىمىزنىڭ ئىھتىياجىغا ئاساسەن قايتىدىن تەخسىم قىلىنىدۇ، بەەدىنىمىز سۇ كەملىككە بارا بارا ماسلىشىدۇ، نەتىجىدە بىزدە ئىغىزىمىز قۇرۇش، ئۇساش تۇيغۇسى بولـمايدۇ، بىراق ئاستا خاراكتىرلىق سۇ كەملىك مەۋجۇت بولاپ تۇرىۋىرىدۇ. بۇ بەدەنگە تۆۋەندىكىدەك ھەر خىل  يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
1.  بۆرەك ۋە سۇدۇك يولىدا تاش پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرلايدۇ
2.  يۇرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بولىدۇ.
3.  تىرە سىلىقلىقى يوقاپ، تىرە قۇرۇقلۇق ۋە تىرە يىرىلىش كىلىپ چىقىدۇ.
4.  خەلپىك قويۇقلۇشۇپ، تۇكۇرۇپ چىقىرىش قىيىنلىشىدۇ، نەپەس راۋانلىقى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.
5.  سۇدۇك مىقدارى ئازلاپ، بەدەندىكى ھەر خىل قالدۇق ماددىلار ۋە زەھەرلەرنىڭ بەدەن سىرتىغا ئاجىرتىپ چىقىرلىشى تەسىرگە ئۇچۇرايدۇ.

ئۇنداق ئىكەن ئادەم بەدىنى كۈنىگە ئەڭ كەم دىگەندە شۇكۈندۈلۈك يوقالغان 2200 مىللىلىتىر سۇنى تولۇقلاشقا ئىھتىياجلىق. ئەگەر ئىسسىق ھاۋا ۋە ياكى جىسمانى ئەمگەك، بەدەن چىنۇقتۇرۇش  سەۋەبىدىن تەرلىگەندە،نەپەس تىزلەشكەندە، چوڭ تەرەت مىقدارى ۋە ياكى چوڭ تەرەت قىتىم سانى كۆپەيگەندە، بەدەندىن يوقالغان سۇ مىقدارى كۆپەيگىنى ئۇچۇن، ئىستىمال قىلىدىغان سۇمۇ نىسبى ھالدا كۆپىيىشى كىرەك.

تىببى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا بالاغەتكە يەتكەن ئەرلەر كۈنىگە 3.7 لىتىر (3700 مىللىلىتىر)، ئايالار 2.7 لىتىر (2700مىللىلىتىر) ئۇسۇزلۇققا ئىھتىياجلىق. بىز  كۈندۈلۈك يىمەكلىك ئارقىلىق بەدىنىمىز كىرەكلىك بولغان ئۇسۇزلۇقنىڭ 25% تىگە ئىگە بولالايمىز، قالغان قىسمىنى ئۇسۇزلۇق (سۇ) ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئىگە بولىمىز. شۇنداق بولغاندا ئاياللار كۈنىگە تەخمىنەن 2.2 لىتىر،  ئەرلەر كۈنىگە 3.0 لىتىر ئۇسۇزلۇق (سۇ) ئىچىشى كىرەك.

ئۇسۇزلۇق دىگەندە ھاراق ۋە پىۋەدىن باشقا ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاراق بىلەن پىۋە ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقدارىنى تولۇقلاش رولىنى ئۆتىمەيدۇ، ئەكسىنچە سۇ مىقدارىنىڭ يوقۇلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەپتىن بەدەندە سۇ كەم بولغاندا ھاراق ۋە پىۋا ئىچىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ.  ئەڭ ساغلام بولغان ئىچىملىك سۇ بولۇپ، سۇدىن باشقا ئىچىملىكلەر گەرچە بەدەندىكى سۇ ماددىسىنى تولۇقلاش رولىنى ئوتىسىمۇ، بىراق باشقا ئىچىملىكلەرنى بولۇپمۇ مىۋە سۇيى، شىكەرلىك چاي، قەھۋە قاتارلىق ئىنىرگىي تەركىۋ بولغا ئىچىملىكلەرن كوپ ئىستىمال قىلغاندا گەرچە سۇدۇك مىقدارىنى كوپەيتىپ بەدەندىكى قالدۇق ماددىلارنى تازىلاش رولىنى ئوتىسىمۇ  بىراق بەدەن ئىغىرلىقىنىڭ ئىشىپ كىتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئادەم بەدىنى يىتەرلىك ئۇسۇزلۇققا (سۇغا) ئىرىشكەندە
1.  بەدەندىكى بارلىق زەھەرلىك ماددىلارنى، قالدۇق ماددىلارنى، باكتىرىيە، ۋىرۇس ئاجىرتىپ چىقارغان زەھەرلەرنى بەدەن سىرتىغا ئاجىرتىپ چىقىرىپ، بەدەن ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى ۋە ساغلاملىقنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
2.  بۆرەك ۋە سۇدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
3.  يۈرەك كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقىنى توۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
4.  تىرە ۋە شىلىمشىق پەردىلەرنى سىلىق ۋە ساغلام ساقلىغىلى بولىدۇ.
5.  خەلپىكنى بوشاتقىلى، نەپەسنى راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبە: باغداش مۇنبىرى
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:33 , Processed in 0.177722 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش