چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 0

ئەسسالام، ئەي قەشقىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-24 01:26:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
abdurehim otkur.jpg


ئەسسالام، ئەي قەشقىرىم

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دىلرەبا بولستان دىيار،
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان تىللاردا كۆپ داستان دىيار.
تا قەدىم رۇم ئەھلىنى رەشىك ئوتىدا كۆيدۈرۈپ،
شەرق ئېلىنىڭ ئىپتىخارى، شۆھرىتى بولغان دىيار.
سۆيگىلى كەلدىم سېنىڭ ئالتۇن بوسۇغاڭنى بۈگۈن،
ئاچ ماڭا قوينۇڭنى، ئەي قەلبىمگە ئوت سالغان دىيار!
ۋەسلىڭە مۇشتاق كۆڭۈل ھەم كۆزلىرىم تاپقاي ئارام
بىر كۆرۈپ ھۆسنۈڭنى، ئەي دەردىمە دەرمان دىيار.
ئاق سۈتۈڭدەك ئاپئاق ئايدىڭ كېچە يا ئاخشاملىرى
بىر كېزەي تۈمەن بويىنى، جانغا جان قوشقان دىيار.
كۆكتە يۇلتۇز، سۇدا قۇندۇز جىلۋىلەر قىلغان چېغى
ئاڭلايىن نەيدىن خۇشال، ئازاد سادالار، جان دىيار.
ئاڭلايىن مەن يېڭى كۈي، يېڭى مۇقاملار ئەۋجىنى
تاڭ باھار مەۋسۇمىدا، ئەي گۈل-چېچەك ئاتقان دىيار.
كۈيلىمەس بەلكى راۋابىڭ ئەمدى ھەسرەت-قايغۇنى،
چۈن ياراتتىڭ ئۆز قولۇڭدا يېڭى بىر دەۋران، دىيار.
بىر زامان تەڭ يىغلىدۇق زۇلمەت كېچەڭدە ئىككىمىز،
ئەمدى تاڭ سۈبھىڭ بىلەن كۈلسەم نېمە ئارمان، دىيار.
ئەسسالام ۋە ئەلەيكۇم، جانىجانىم قەشقىرىم،
بەر يەنە ئىلھام، يازاي شەنىڭگە بىر داستان، دىيار!



1984-يىل 15-ئاۋغۇست، قەشقەر
شائىرنىڭ《ئۆمۈر مەنزىللىرى》ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

b812c8fcc3cec3fd08844529d688d43f87942730.jpg



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:35 , Processed in 0.217703 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش