چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 797|ئىنكاس: 0

تەۋسىيە :شۇ چاغلاردا بىز (ئاۋازلىق ئەسەر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

untitled.png

ياشلارغا ، سىتۇدېنت ئوقۇغۇچىلارغا تەۋسىيىلىك ئاۋازلىق ئەسەر

شۇ چاغلاردا بىز

بۇ ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلاپ ئۆزىڭىز ھەققىدە ئوبدان ئويلىنىپ بىقىڭ


ھايات تولىمۇ گۈزەل ھەم تولىمۇ قىسقا ، شۇنداقلا بەكلا پۇرسەتپەرەس ، ئۇ ھەر بىر ئىنساننى تالاي ئەلەم-كەچمىشلەرگە ، تالاي ئازاپ-ئوقۇبەتلەرگە،تالاي قايغۇ-ئازاپلارغا دۇچار قىلىپ ئۆزىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى، ئۆزىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك بولغان سىناق،پۇرسەت،ۋاقىت ئۆتكىلى ئىكەنلىكىنى بىزگە تۇنىتىدۇ،ھېس قىلدۇرىدۇ .
ياشلىق ئىنساننىڭ ناھايىتى گۈزەل پەسلى ، ئۇ ھەر كىشىگە ئۆز ئۆمرىدىكى ئەڭ گۈزەل ،ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى يادىكار قىلىدۇ .
ياشلىق ئۈگۈنۈش،تىرىشىش،ئىزدىنىش،ئارزۇ-ئارمان ئۆتكىلى،ئۇ ھەر كىشىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى،ئۆز كېلەچىكىنى قۇرۇپ چىقىشىدا كەلگۈسى يولىنى تاللايدىغان ھەل قىلغۇچ دەۋىر.
سىز ھازىر ئەنە شۇ قىممەتلىك،تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغان ،ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ياشلىق دەۋرىدە تۇرىۋاتىسىز ، سىزدىمۇ بەلكىم كەلگۈسى توغرىسىدا نۇرغۇن گۈزەل ئارزۇلار بولۇشى مۇمكىن .
سىزنىڭ قەدىردان ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن نۇرغۇن ئۈمىد-ئارزۇلارنى كۈتۈپ ،سىزنى نۇرغۇن تەڭلىك-تەڭسىزلىك،قىيىنچىلىق ئاستىدا ئالىي مەكتەپكە يولغا سالدى،ئۇلار سىزنى بالام ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتىدۇ،بىلىملىك ،ساپالىق ئادەم بولۇپ قايتىپ كىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى،ئىشەنچىسىنى،نۇرغۇن جەۋرى -جاپادا قولغا كەلگەن،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قان-تەرى ئارلاشقان ھالال پۇلنى ئىلىپ ئۆزىڭىزگە ناتۇنۇش بولغان ئالىي بىلىم يۇرتىغا قەدەم قويدىڭىز ، ۋاقىت ئۆتمەكتە، كۈن-ئايلار ئۆتمەكتە،سىزنىڭمۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدىكى ئوقۇشىڭىز بىر تەرىزدە ئۆتمەكتە ......
ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى،ئىشەنچىسىنى قانچىلىك ئاقلىغىنىڭىزنى،قانچىلىك ئەمەلگە ئاشۇرغىنىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟!
ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىڭىزدە قانچىلىك بىلىم-ساپا يىتىلدۈرگىنىڭىزنى،ئۆزىڭىزدە قانچىلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغىنىڭىزنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟! بىر ئاي ياكى بىر يىل بۇرۇنقى ھالىتىڭىز بىلەن ھازىرقى ھالىتىڭىزنى سىلىشتۇرۇپ بىقىپ ئۆزىڭىزدە قانچىلىك ئىلگىرلەش ،قانچىلىك ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلغانلىقىڭىزنى بىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟!
ئاتا-ئانىڭىزنىڭ سىزدىن قانداق ئۈمىد-ئارزۇلارنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
ئۇلارنىڭ ھەر ئايدا سىز ئۈچۈن ئەۋەتىپ بىرىۋاتقان پۇللارنى قانچىلىك جاپا-مۇشاققەتتە، قانچىلىك تەڭسىزلىك ئاستىدا ئۆزلىرى يىمەي -ئىچمەي تۈجۈپىلەپ يىغىپ سىزگە بىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقامسىز ؟ ئەشۇ پۇللارنى سىز قانداق ئورۇنغا، نىمە ئىشلارغا ئىشلىتىۋاتىسىز؟
ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىز توغرىسىدا ئاتا-ئانىڭىز خۇشال بولغۇدەك ،ئۇلارغا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ دىيەلىگۈدەك گىپىڭىز بارمۇ؟ ئۇلارغا قانچىلىك راسىت سۆزلەپ باقتىڭىز ؟
سىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىلىشىڭىزدىكى ئەسلى مەخسەت-نىشانىڭىز نىمە؟ بۇنى قانچىلىك ئىشقا ئاشۇردىڭىز؟ بۇ ھەقتە قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىزدىنىپ باقتىڭىز ؟ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىكى ۋاقتىڭىزنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىسىز ؟ قانچىلىكى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن؟.......
ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ بىقىشى كىرەك، مەن نىمە قىلىۋاتىمەن ؟ماڭغان يولۇم ، قىلغان ئىشىم توغرىمۇ يوق؟......
يۇقارقى سۆزلىرىم ئۈستىدە تازا ئوبدان بىر ئويلىنىپ بىقىڭ ، ئوڭ قولىڭىزنى يۈرۈكىڭىزگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلىنىپ بىقىڭ ، ئاتا-ئانىڭىزغا يۈز كىلەلەمسىز؟ سىز ھەقىقى غۇرۇر-ۋىجدانىڭىز بىلەن مەن ئاتا-ئانامغا يۈز كىلەلەيمەن دەپ ئىيتالامسىز ؟......
ئويلىنىپ بىقىڭ ، سىز نىمە كويدا، ئاتا -ئانىڭىز نىمە كويدا .....
                                                                               - ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ.(تاگۇر)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:49 , Processed in 0.188476 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش