8 ياشلىق ئىدراكسىز قىز داڭلىق مودىلغا ئايلاندى
ئوماققىنە بىر قىزچاق 8ياشتىلا داڭلىق مودىلغا ئايلىنىپ، 150تىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە ئېلانى ۋە تەشۋىقات فىلىمى ئىشلىدى. 8 ياشلىق جېسسىكا فەي ئېنگىلاندنىڭ لەنكاشىر ۋىلايىتىدىن بولۇپ،15 ئايلىق بولغاندا مېڭە پوستلاق ياللۇغى دەپ دېئاگنوز قويۇلغان. شۇ چاغدا دوختۇرئۇنى ئاران نەچچە سائەتلىك ئۆمرى قالدى، دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، بۇ قىزچاق قەيسەرلىك بىلەن ھايات قالغان. بىراق بۇ كېسەللىك بىلەن ئۇنىڭ ئەقىل-ئىدراكى ئېغىردەرىجىدە يوقالغان. 29 ياشلىق ئانىسى لاۋرا بېللى ھەرخىل ئاماللارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ھىچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. جېسسىكا 2 ياشقا كىرگەندە، ئۇنى كۈلدۈرىدىغان بىردىن بىر ئامال ئۇنى سۆرەتكە تارتىپ قويۇش بولغان. كۈتۈلمىگەندە، ھازىر ئۇ سۆرەتكە چۈشۈشكە تايىنىپ بىر كىشىلىك ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشكەن.
تەھرىردىن: قابىلىيەتسىز بالا يوق، تەربىيەلەشنى ئۇقمايدىغان ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى بار.
توماس ئېدىسون بىر كۈنى ئۆيگە بىر خەت ئېلىپ كەلدى ۋە ئاپىسىغا“بۇ خەتنى ئوقۇتقۇچۇم بەردى، سېنى ئوقۇسۇن دەيدۇ“دېدى. ئاپىسى خەتنى كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئوغلىغا ئۈنلۇك قىلىپ ئوقۇپ بەردى ــــ .“ئوغلىڭىز بىر داھى،بۇ مەكتەپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بەك كىچىك ۋە مەكتەپتە ئۇنى ئوقۇتقۇدەك قابىليەتلىك مۇئەللىم يوق، ئوغلىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوقۇتۇڭ “.
ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئېدىسوننىڭ ئاپىسى ۋاپات بولغاندا ئۇ شۇ ئەسىرنىڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن بىرسى ئىدى. بىر كۈنى ئېدىسون ئۆيدىكى كونا نەرسىلەرنى رەتلەۋىتىپ تارتمىدا قاتلاغلىق بىر خەتنى ئۇچرىتىپ قالدى، خەتتە“ ئوغلىڭىز روھىي كېسەل بالىدۇر، بۇندىن كىيىن ئوغلىڭىزنىڭ مەكتىۋىمىزدە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشىغا يول قويمايمىز “دېيىلگەن ئىدى.
ئېدىسون سائەتلەرچە يېغلىدى ۋە كۈندىلىك خاتىرىسىگە“توماس ئالۋا ئېدىسون ، قەھرىمان بىر ئانا تەرىپىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ داھىيسىغا ئايلانغان“روھىي كېسەل“بالىدۇر دەپ يازدى.
”فوررېست گامپ“ ناملىق فىلىمدىن كۆرۈنۈشلەر