سەنسىز __ شېرىنگۈل مەتسالى
سۆزى، مۇزىكىسى: مۇھەببەت مەمتىمىن
كېتىپ ئۇدۇل يىراققا،
تاشلاپ مېنى پىراققا،
مەنسىز ئۆتكەن كۈنۈڭدە،
بولسۇن سۆيگۈم ھەمراھ ساڭا.
ئايرىلىشقا چىدالماي،
ئۆرتىنىدۇ يۇرەگىم،
جۇدالىق ئىچىدە ئۆتەرمۇ كۈنلەرىم.
يۈرەرمەنمۇ يىگانە سەنسىز جېنىم،
بىرگە قوللار تۇتۇشۇپ ئۆتكەن كوچىلاردا.
ئىزدەپ تاپالماي قايتا ھىدلىرىڭنى،
ئۆتەرمەنمۇ ئازاپتا، نىدالىرىم جاۋابسىز،
تۆكۈپ كۆز ياش
ساڭا.
-
* * * * * * *
كەتسەڭمۇ گەر يىراققا،
ئۆرتەمسەممۇ پىراقتا،
سەنسىز ئۆتكەن كۈنۈمدە،
ھەمراھ سۆيگۈڭ ھەردەم ماڭا.
كۆزلەرىمدىن قىيالماي ئاقسىمۇ گەر ياشلىرىم،
ئىشەنچ بىلەن سوقىدۇ ئۈمىدلىك يۈرۈگۈم.
كەتسەممۇ گەر يىگانە سەنسىز جېنىم،
ئەسلىمىلەر قوينىدا چېكىپ پىراق ھەسرەت.
كۈتىمەن سېنى تائەبەت سۆيگۈم بىلەن،
ئەقىدە ۋاپا بىلەن تەلپۈنىدۇ يۈرۈگۈم،
ئەبەت بىلەن ساڭا.