سەۋدايىلەرچە كىلىشكەن قامەتكە ،مەرتىۋە ھوقۇققا ، شېرىن شېكەر گەپ سۆزگە ، نازىنىننىڭ گۈزەل رۇخسارىغا مەسىتخۇش بولسىڭىز ، پەقەت شۇلارلا نەزىرىڭىزدە بولسا ئۇنى مۇھەببەت دىمەڭ ، ۋاقىت سىز شەيدا بولغان شۇ چىرايغا يىللارنىڭ رەھىمسىز ئىزنالىرىنى چۈشۈرىدۇ ، شۇ قامەتلەرنى مۈكچەيتىدۇ، ھوقۇقنى قولدىن ئېلىپ كېتىدۇ ، شېرىن شېكەر سۆزلەرنى ئىز دېرەكسىز غايىپ قىلىدۇ .
لېكىن سىزگە چىن كۆڭلىدىن مۇئاملە قىلىدىغان ، سىز ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ھېچبىر بەدەلسىز سەرپ قىلىشنى خالايدىغان يۈرەكنى ئۇچراتسىڭىز چوقۇم ئۇنى ياخشى قەدىرلەڭ ، مەيلى ئۇ ئېگىز بولسۇن ياكى پاكار ، سەت بولسۇن ياكى چىرايلىق .
قەدەملەر خاتا بېسىلمىسۇن ، بەخىت دوقمۇشىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتمەڭ ، ھېچبىرى قىسمەتلەر ئاچچىق ياشلار بىلەن يۇيۇلۇپ روشەنلىششى كېرەك دەپ بەلگىلەنمىگەن . بەلكىم بەخىتنىڭ ئىمتىھانىدا بىرقىسىم كېلىشمەسلىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۆزىڭىزنى يۇقىتىپ قويماڭ چۈنكى ئەتىكى قۇياش يەنىلا شۇنداق گۈزەل بىر كۈننى ئاپىرىدە قىلىپ سىز ئويلاپ باقمىغان تەلەيلەرنى سىزگە نېسىپ قىلىشقا كۈتۈپ تۇرىدۇ .
بەخىتنىڭ تىزىملىكىدىن ھېچكىمنىڭ ئىسمى چۈشۈپ قالغان ئەمەس ، بەلكىم تىزىملىكتىكى ئىسمىڭىز سەل كېينگىرەك تىزىلغان بۇلۇشى مۇمكىن ، شۇڭا ئالدىرماي تۇرۇڭ . سىز تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنىڭ شاھىدى بۇلۇشقا ھوقۇقلۇق ، پەقەت سىزلا ھاياتىڭىزنى گۈزەل قىلشقا تىرىشسىڭىز ، تۇرمۇشنىڭ قاباھەتكە ئايلىنىىشقا باھانىسى يوق . دۇنياغا ، ئەتراپىڭىزغا مېھىرلىك نەزەر بىلەن بېقىپ ، سىز دىققەت قىلىپ باقمىغان ھازىرنىڭ ئۆزىدە سىز ئىگە بولغان بارلىق نەرسلەرنى قەدىرلەڭ .
—دىلتارى