ئۈچ خىل ئادەت باركى، ئۇلارنىڭ زىيىنى تاماكا چەككەندىنمۇ چوڭ بولۇپ، ئاسانلا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تەرمىلەر alma 554℃ 0

تاماكا چېكىشنىڭ تېرىنىڭ قېرىپ كېتىشىنى تېزلىتىپ، ئۇنى بوشاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ بۇلارلا ئەمەس، تاماكا چېكىش يەنە تېخى يۇقىرى قان بېسىم ۋە راك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشنىڭمۇ مۇھىم بىر سەۋەبى، دېمەك، تاماكا چېكىشنىڭ بىر تالاي زىيىنى باركى، ھىچقانداق پايدىسى يوق. بىراق، تاماكا چەكمەيدىغان بەزى كىشىلەرنىڭمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا بەلكىم تاماكا چەككەن بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ناچار ئاقىۋىتى كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم يامان ئادەتلىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئادەتلەرنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى بەلكىم نىكوتىندىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە بۇ يامان ئادەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

بىرىنچى، گۆشنى ھەمىشە ئىستىمال قىلىش

گۆشنى ھەمىشە كۆپ ئىستىمال قىلىدىغانلار دىققەت قىلىشى كېرەك، ھەمىشە ھايۋاناتلار ئاقسىلى يەيدىغانلارنىڭ ئۆمرى نىسبەتەن قىسقا بولىدىكەن، بۇنداقلارنىڭ راك سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىمۇ تۆت ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. بۇ نىسبەت چېكەرمەنلەرنىڭ راك بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بىلەن ئاساسەن تەڭ ئىكەن. شۇڭا، ھايۋاناتلار ئاقسىلىنىلا ئىستىمال قىلىۋەرمەي، مۇۋاپىق ھالدا ئۆسۈملۈك ئاقسىلىنىمۇ ئىستىمال قىلىش لازىم ئىكەن.

ئىككىنچى، ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈش

نۇرغۇن كىشىلەر «تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنى ئوخشاش بولامدىكەن؟» دەپ سوئال قويۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە تېلېۋىزورنىڭ ئۆزىدە مەسىلە يوق، بىراق مەسىلە ئۇزۇن ۋاقىت تېلېۋىزور كۆرۈشتە. تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بىر تال تاماكا چەككەندە 11 مىنۇتلۇق ئۆمۈر قىسقىرايدىكەن. بىراق تاماكا چەكمەيدىغان ئادەممۇ 25 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەربىر سائەت تېلېۋىزور كۆرگەندە ئۆمرى 21.8 مىنۇت قىسقىرايدىكەن. چۈنكى ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇشمۇ راك ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبى ئىكەن.

ئۈچىنچى، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى دائىم ئىچىش
2-%e5%89%af%e6%9c%ac
بىر كۈندە تەخمىنەن بىر ئىستاكان (237 مىللىلېتىر) كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك ئىچكەندە ئىممۇنىتىت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن ئىككى يىل قىسقىرايدىكەن. ئەگەر كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ھەر كۈنى ئىككى يېرىم ئىستاكان (592 مىللىلېتىر) ئىچكەندە، تېلومېرنىڭ ئۆمرى (خروموسومانىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى قايتىلانما تەرتىپى) تەخمىنەن بەش يىل قىسقىرايدىكەن، دېمەك، بۇنىڭ ئۈنۈمى تاماكا چەككەنگە ئوخشاش بولىدىكەن.

يۇقىرىدا تونۇشتۇرغاندەك، گەرچە بۇلارنىڭ ھەممىسى كىچىك ئادەتلەر بولسىمۇ، بىراق، ئۇ خىل ئادەتلەرنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدىكەن، يەنى، ھەممەيەن دىققەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەن. ھەممەيلەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساغلام ئادەتنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك، يېمەك-ئىچمەك تۈرىنى دائىم مۇۋاپىق تەڭشەپ تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ بېرىشى كېرىك، ئەگەر يۇقارقىدەك يامان ئادەتلىرى بار بولسا، چوقۇم ئۆزگەرتىشى لازىم.

مەنبە: خەلق تورى

 
تارتۇق
(0)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!

چىراي ئىپادىسى
(1) بۇرادەر باھالاپ بوپتۇ...
  1. بەك ياخشىكەن قوللايمىز
    نامسىز2016-11-27 11:32 جاۋاب
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ