گۈل ھىدى بولسا سەندە كىپىنەك ئۆزى كېلۇر
گەر بولساڭ بەتبۇي يېنىڭدىن قاچقۇسى كېلۇر
بىلىملىك قىز ئىزدىمە ياكى يىگىتنى كۈتمىگىن ،
ئۆزۈڭ بولساڭ بىلىملىك كۈتكىنىڭ كۈلۈپ كېلۇر .
ــــ كىتابىيە
ئۈندىدار: murabbba
كىتابلارنى سۆيۈپ قويىمەن
كىتابلارنى سۆيۈپ قويىمەن ، شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىنتىزار بولغان قاقشال لەۋلىرىم بىلەن ، بىلىم قۇرلىرىغا تەشنا بولغان ئوتلۇق يۈرىكىم بىلەن ، مېھىر بۇلىقىغا مۇنتەزىر بولغان يىغلاڭغۇ كۆزلىرىم بىلەن ، ئەجداد ۋە ئەۋلاد ئىزلىرىغا سېغىنغان پۈتكۈل جىسمىم بىلەن .
ئۇنى سۆيۈپ قويىمەن ، ۋاپاسىـزلار دەردىدە ئاققىنىمدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ باغرىغا ئېنتىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن پۇشايماندا ئۇنى سۆيىمەن . ئۇنىڭ ماڭا ساداقەتتە قىل سىغماس مەڭگۈلۈك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەن كۆڭلۈم ئۇنىڭدىن ئۇيۇلۇپ ناگاندا بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالىدۇ ، گاھىدا ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قالسام تېلېفۇن مېھرى ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالسا كۆڭلۈمگە ۋاقىت ئىسراپ قىلماسلىقىنى يەنىلا كىتاب ئەسكەرتىدۇ . ئۇنىڭدىن دۇنيانى كۆرىمەن ، دۇنيانى بىلىمەن ، ئۆزۈمنىڭ بىلىم دۇنياسىدا زەررىچە ئۇچقۇنچىلىك يانالمايۋاتقانلىقىمنى كۆرىمەن ،كىبىر دەستىسىگە مېنىۋالغىنىمنى ھېس قىلالماى سەكرەپ ـ تاقلاپ يۈرسەم كىبىرنىڭ ماڭا ئورەك كولاۋاتقانلىقىنى يەنىلا كىتاب ئەسكەرتىدۇ . دېمەك ئۇ ماڭا پەزىلەتتىن ئۇستاز بولىدۇ . ئىلىمنىڭ يولباشچىسى بولىدۇ . پەقەتلا بىرقېتىم كېلىدىغان بىباھا ھاياتنى قەدىرلەشنى ئۆگىتىدۇ ئۇنى سۆيۈپ قويىمەن ، مۇقاۋىلىرىغا يېنىشلاپ سۆيىمەن كۈتۈشلىرىمگە ئىلىم بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى ئاتا قىلىدۇ .

كىتابىيە يازمىسى ئۈندىدار : murabbba
يازما ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرمەڭ
يازما ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرمەڭ