سەككىز بەت _ شېئىر
(پەرىزات تۇردى)
يۈرەك ۋە دىلدا كىتابنى ئەستە تۇت
قىممىتى بىباھا مەڭگۈ سەپداش تۇت
سەككىزيۈزئەمەس پەقەتلا سەككىزبەت
بىرىنچى بېتىدىن تۆكۈلەر بەخت قۇت
ئىككىنچى بەت ئەدەب-ئەخلاق ماكانى
كىرگىن ، كەلگۈسى يولۇڭنى يورۇت
ئۈچىنچى بەت ئۈمىد-ئارزۇ ئوكيانى
ئېچىپ تامچە،ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇت
تۆتىنچى ، بەشىنچى بەتلەر ساداقەت
يارقىلساڭ سۆيىنىدۇ سەندىن ئەل يۇرت
كۆكلەيسەن ئالتىنچى بېتى ئارقىلىق
پەرۋاز قىلدۇرماققا تەيياردۇر بۇلۇت
يەتتىنچى بەت سەۋىردە ئۈنگەن مايسا
ئالدىرىما باراقسان بولۇشىنى كۈت
بېشىڭغا كۈن چۈشسە تاشلايدۇ سايە
ئالدىراڭغۇ يېنىدىن دەرھاللا يۈت
پاكلىق ئەلچىسىدۇر سەككىزىنچى بەت
ئەزىزلەپ سۈرمە كەبى قەلبىڭگە سۈرت
تۇغۇلىسەن يېڭىدىن كىتاب سۆزىدىن
ئانىدەك ئۇنىمۇ ئۇلۇغ بىلىپ كۈت