ئانا تىلىم (پەرىزات تۇردى) بايرىمىڭ كەپتۇ تىلىم يايرىغىن ئالەم سېنىڭ، سايرىغىن قۇش بولۇپ سامايۇ كۆك سەنەم سېنىڭ. تاشلىغىن ئەلەمنى قايغۇرغان دەملەرنى چەتكە، قۇت بەختكە ماڭغان بارچە ئۈمىدلىك قەدەم سېنىڭ. جاھان ئەركىسى تايچاقسەن ھەركىم ھەيران ساڭا، سەكرە تاقلا دىل يايلىقىم چەكسىز ماكان ساڭا. زەپەرقۇش بويلاپ نىشاننى ئۆرلىگىن كۆتۈرۈل! قەدىرلىسەڭ ئۆزۈڭنى گۈل سۇنار زامان ساڭا. ئەللەيلىنەر سانسىز جان ئانا تىلنىڭ باغرىدا، ئوينار زىمىن يۈرىكىمۇ ئۇ چالغان سازلاردا. كەپتۇ بايرام كەيگىن لىباس نۇرلانسۇن جامالىڭ، چانغان ۋە تاشلىغان قالسۇن پۇشايمان ئارماندا. مەنبە: گۈلجاھان مېدىيەسى تارتۇق 微信扫一扫,打赏作者吧~ 赞一个 (0) 收藏 (0) (2)or(0)