ئايال ئېرىدىن سوراپتۇ: – نېمىشقا ماڭا ھەر قاچان شۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز، خاتالىقىم – كەمچىلىكىم يوقمۇ؟ يولدىشى شۇنداق دەپتۇ:
– تويدىن ئىلگىرى ئاتامدىن: «ئانام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغىنىڭلارنى كۆرمىدىم، مەنمۇ شۇنداق ئۆتەلەرمەنمۇ؟» دەپ سورىغانىدىم، ئۇ: «ئايالىڭنىڭ خاتالىقى ۋە كەمچىلىكىنى ئەيىبلەپ يۈرمە،ئۇنى ئۇرۇپ تىللاپ قايىل قىلما، ئۇ ئېغىزىدىلا قايىل بولىدۇ. ئۇنى سۆيۈپ ھـۆرمەتلەپ قايىل قىل ئۇ چىن يۈرىكىدىن قايىل بولىدۇ. چۈنكى شۇنچە گۈزەل قىز قىسمەن كەمچىلىكلىرى بولغاچقىلا، سىنى تاللاپ ساڭا تەگمەكچى، ئاناڭمۇ شۇنداق بولغان.
ئايال توي قىلغانلىقىنىڭ ئون يىللىق خاتىرە كۈنىدە پولو ئېتىپتۇ، ئەمما ئاشقا ئىس ئۆتۈپ قاپتۇ. ئېرى ئۆيگە كىرىپلا نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپتۇ – دە، ئايالىنى باغرىغا چىڭ بېسىۋاپتۇ.
– نېمە قىلىۋاتىسىز؟ ئادەمنىڭ خۇيى تۇتۇپ تۇرغاندا، – دەپتۇ ئايال.
– ھا … ھا … خاتىرە كۈنى دېگەن مۇنداق بولمامدۇ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكىدەك پولو ئېتىپسەن، شۇڭا سېنى كېلىنچەكتەك قۇچاقلىۋالغۇم كەلدى، – دەپتۇ ئەر.
– نېمە قىلىۋاتىسىز؟ ئادەمنىڭ خۇيى تۇتۇپ تۇرغاندا، – دەپتۇ ئايال.
– ھا … ھا … خاتىرە كۈنى دېگەن مۇنداق بولمامدۇ، يېڭى توي قىلغان چاغدىكىدەك پولو ئېتىپسەن، شۇڭا سېنى كېلىنچەكتەك قۇچاقلىۋالغۇم كەلدى، – دەپتۇ ئەر.
ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تاراملاپتۇ.
نان ئىلغىساڭ نانسىز قالۇرسەن،
نام قوغلاشساڭ نامسىز قالۇرسەن .
رىزقىڭ بىلەن ياشا كەپتىرىم ،
دان ئىزدىسەڭ دانسىز قالۇرسەن .
كۆكلەتمەيدۇ ھېچكىمنى كىبىر ،
تاغ بولساڭمۇ دەپ بىلگىن ئېدىر .
ئادەمدۇرسەن ئەمەسسەن خىزىر ،
يار ئىلغىساڭ يارسىز قالۇرسەن .
نام قوغلاشساڭ نامسىز قالۇرسەن .
رىزقىڭ بىلەن ياشا كەپتىرىم ،
دان ئىزدىسەڭ دانسىز قالۇرسەن .
كۆكلەتمەيدۇ ھېچكىمنى كىبىر ،
تاغ بولساڭمۇ دەپ بىلگىن ئېدىر .
ئادەمدۇرسەن ئەمەسسەن خىزىر ،
يار ئىلغىساڭ يارسىز قالۇرسەن .
























