ناتونۇش يۈرەك
شېرىنگۈل مەتسالى
ئازابلىرىمنى كۆرمەيسەن،
ئاڭلارغا مادارىڭ يوق.
مېنى ئۇنۇتتۇڭ كىملەر ئۈچۈن،
سۆيۈشىڭدىن ئەسەر يوق.
ئازابلىرىمنى كۆرمەيسەن،
ئاڭلارغا مادارىڭ يوق.
مېنى ئۇنۇتتۇڭ كىملەر ئۈچۈن،
ۋەدەلىرىڭدىن ئەسەر يوق.
ئاشقان بېقىشلىرىڭنى كۆرمىدىم.
كۆزلىرىمدىن ئاقار ياش، سېغىنغىنىمدا.
رەھىمسىز ھەقىقەت، ئاچچىق خىياللار.
ماڭا كۈلۈشلىرىڭ ئەمدى شۇنچىلىك ساختا.
تونۇش چىراي، ناتونۇش يۈرەك.
كۆزلىرىمدىن ئاقار ياش، سېغىنغىنىمدا.
رەھىمسىز ھەقىقەت، ئاچچىق خىياللار.
يوقالدى سۆيگۈ، يوقالدى ۋەدىلەر
تونۇش چىراي، ناتونۇش يۈرەك.
ئازابلىرىڭنى كۆرمەيمەن،
ئاڭلارغا ھەم ئىلاجىم يوق.
يوقالدى سۆيگۈ يىراقلارغا،
قايتىشىدىن خەۋەر يوق.
بولغاچ يالغان، ئۆكسۈپ يىغلار، ۋەدىلەر.
كۆزلىرىڭدىن ئاقار ياش، سېغىنغىنىڭدا.
ئۆرتەيدۇ پۇشايمان، ئاچچىق خىياللار.
ساڭا كۈلۈشلىرىم شېرىن ئەمەس قايتا.
تونۇش چىراي، ناتونۇش يۈرەك.
كۆزلىرىڭدىن ئاقار ياش، سېغىنغىنىڭدا.
رەھىمسىز ھەقىقەت، ئاچچىق خىياللار.
يوقالدى سۆيگۈ،يوقالدى ۋەدىلەر.
تونۇش چىراي، ناتونۇش يۈرەك.
گۈلجاھان مېدىيەسىدە ئىشلەندى