تۇرمۇشىڭىزغا كۈلكە، خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى كېچىكتۈرمەڭ

تەرمىلەر alma 207℃ 0

5103d70d54635 - 副本

تۇرمۇشىڭىزغا كۈلكە، خوشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى كېچىكتۈرمەڭ

مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى

格式工厂 (5)

بىز بۈگۈن ئېگىز بىنالار، كەڭ يوللارغا ئىگە بولغان بىلەن، مىجەزىمىز بارغانچە چۇسلىشىپ، نەزەر دائىرىمىز تارىيىپ كەتتى. نۇرغۇن جاپا تارتقان بىلەن ئېرىشكەنلىرىمىز ئاز بولدى. ئۆيىمىز چوڭايغان بىلەن، ئائىلىمىز كىچىكلەپ كەتتى. ۋەدىلەشكەن ۋاقىتلىرىمىز كۆپ بولغان بىلەن ۋاقتىمىز ئازىيىپ كەتتى. نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغان بىلەن، پەملەش ئىقتىدارىمىز چېكىنىپ كەتتى. نۇرغۇن دورىلارغا ئېرىشكەن بىلەن، كۆڭۈلدىكىدەك ساغلام بولالمىدۇق. بايلىقىمىز ھەسسىلەپ ئاشقان بىلەن، ئۇنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتتى. گەپنى تولا قىلغانچە مۇھەببىتىمىز ئازلاپ، نەپرىتىمىز كۈچىيىپ كەتتى. ئاي شارىغا بېرىپ كېلەلىگەن بىلەن، بىر قەدەم نېرىدىكى قوشنىمىزنى يوقلىيالمايدىغان بولدۇق. تاشقى دۇنيانى بويسۇندۇرالىغان بىلەن، ئىچكى دۇنيايىمىزنى بويسۇندۇرالمىدۇق.كىرىمىمىز ئاشقان بىلەن، ئەخلاقىمىز چېكىنىپ كەتتى. دەۋرىمىز بۇرۇنقىدىن ئەركىن بولغان بىلەن، خۇشاللىقلىرىمىز ئازلاپ كەتتى. يېمەكلىكلىرىمىز بۇرۇنقىدىن مول بولغان بىلەن، ئالغان ئوزۇقلۇقلىرىمىز ئازىيىپ كەتتى. ئائىلىلەر قوش كىرىملىك بولغان بىلەن، ئاجرىشىش كۆپىيىپ كەتتى. ئۆيلەر نەپس بېزەلگەن بىلەن، ئائىلىلەر يەنىلا كۆپلەپ ۋەيران بولىۋەردى. مانا بۇلار، بىز ئىشنى بۈگۈندىن باشلىشىمىز كېرەك دېيىشىمنىڭ سەۋەبى.

格式工厂 (4)

سىز بىر ئىشنى مەلۇم بىر ۋاقىتقا ئاتاپ قويماڭ، چۈنكى ھەر بىر كۈنىڭىز ئالاھىدە كۈندۇر.كۆپرەك بىلىم ئىگىلەڭ، كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭ، ھويلىڭىزدا، ئۆيىڭىزنىڭ بالكونىدا كۆز ئالدىڭىزدىكى تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىڭ، بۇنىڭغا ھېچقانداق خىيالنى ئارىلاشتۇرماڭ.

格式工厂 (3)

دوستلىرىڭىز، ئۆيدىكىلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇڭ، ئۆزىڭىز ئامراق نەرسىلەرنى يەڭ، بارىمەن دېگەن جايغا بېرىڭ. تۇرمۇش دەستە-دەستە خۇشاللىق گۈللىرىدۇر، بىز پەقەت ياشاش ئۈچۈنلا ياشىماسلىقىمىز كېرەك.

格式工厂 (2)

يېگەن تاماقلىرىڭىز، كىيگەن كىيىملىرىڭىز، چاچقان ئەتىرلىرىڭىزگە چىدىماسلىق قىلماڭ، ھۇزۇرلىنىدىغان چاغداھۇزۇرلىنىش كېرەك.

لۇغىتىڭىزدىن «ھامان بىر كۈنى» دېگەن گەپنى چىقىرىۋېتىڭ، ئىشنى بۈگۈندىن، ھازىردىن باشلاڭ.ئۆيدىكىلىرىڭىزگە، دوستلىرىڭىزغا ئۇلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

格式工厂 (1)

تۇرمۇشىڭىزغا كۈلكە، خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق ئىشنى كېچىكتۈرمەڭ.

ھەر كۈن، ھەر سائەت، ھەر مىنۇتىڭىز ئالاھىدە ۋاقىتلاردۇر. يەنە كېلىپ، سىز بۈگۈن ياكى ئەتىنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىڭىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيسىز.

格式工厂 (10)

ئەڭ  قالتىس ئادەملەر بىر يەرگە كەلسە مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىشى ناتايىن. لېكىن ماسلىشالايدىغان ئادەملەر بىر يەرگە كەلسە چوقۇم مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ. بىرگە ئىش قىلىشتا قالتىس ئادەمنى ئەمەس، سىزگە ماسلىشىدىغان ئادەمنى تاللاڭ.

دىل قازان بولسا تىل چۆمۈچتۇر، بىراۋنىڭ دىلىدىكىنى بىلەي دېسەڭ، تىلىدىن نېمىلەر چىققانلىرىغا قارا.

格式工厂 (9)

يالغۇزلۇق يامان دېيىشىدىكەن. ئەمما يالغۇزلۇق — ساختا مېھىرلەردىن، يالغان كۆيۈشلەردىن، توختىماي ئازار يېيىشلەردىن مىڭ ياخشى.

بىلسەڭ، بىرىنچى قېتىملىقى ھۆرمەت، ئىككىنچى قېتىملىقى ئىززەت، ئۈچىنچى قېتىملىقى پۇرسەت ئىدى. مېنىڭ لۇغىتىمدە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت دەيدىغان جۈملە يوق.

格式工厂 (8)

چارىسىزلىق دېگەن نېمە؟ يۈرىكى قاناتلىنىپ كەتكەن يەرلەرگە تېنى كېتەلـمەسلىكتۇر.

باشقىلارغا قانداق ياشاشنى ئۆگەتمە، بەلكىم سەن ئوقۇغان كىتابنى ئۇ يازغان بولۇشى مۇمكىن.

格式工厂 (6) 格式工厂 (7)

 

مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى

تىلىمىز تورىدا رەتلەندى

维吾尔语频道_430

تارتۇق
(2)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى

Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

  • تەخەللۇس (*)
  • ئىلخەت (*)
  • تور بەت
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ