ئاياللىق سەنئىتى ‏‏ (‏مۇئامىلە)

تەرمىلەر alma 157℃ 0

9345d688d43f87943f9d491dd31b0ef41bd53aa6 - 副本 - 副本

ئاياللىق سەنئىتى ‏‏

(‏مۇئامىلە)

‏مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى

ئادەملەر ئارىسىدىكى كىشلىك مۇناسىۋەتنى بەلگىلەيدىغان مۇئامىلە ئىنسان يۈرىكىنى ئەينەكتە ئەكىس ئەتكەندەك نامايان قىلىدۇ. كىشىنىڭ سۆزىدىن، مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلۋېلىش تەس ئەمەس. ئىنسان كامالىتىدە، ھايات راۋاجىدا، ئىش يۈرۈشتە، ئادەملەر ساق-سالامەتلكنى  مۇھاپىزەت قىلىشتا، مۇئامىلە ئاساسىي ئامىلدۇر.‏ كونىلاردا «بۇغداي ئېشىڭ بولمىسىمۇ، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن»، «سۆيۈندۈرگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل» دېگەن گەپ بار. شىرىن تىل، مۇلاھىزە، مۇنازىرە بىلەن سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇشقا ئادەتلىنىش، ھەر بىر ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئىنسان ھاياتىنىڭ گۈلى بولغان خانىم-قىزلارنىڭ، ئانىلارنىڭ ئاساسىي پەزىلىتى ھەم بۇرچىدۇر.

‏‏ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ-زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ، مۇئامىلىسى قوپال، ئۇياتسىز بولسا، كىچىككىنە سۆز بىلەن باشقىلارنىڭ دىلىنى رەنجىتسە، ئىشىنىڭكى كۆڭلى قېلىپ، ئۇنداق قىزنى ھىچكىم، ھىچقاچان گۈزەللەر سېپىغا قوشمايدۇ. كىشىلەرنىڭ كىيىم-كىچەككە ئەمەس، بەلكى ئەقلىگە قاراپ باھا بېرىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئەسلەڭ، ھىچقانداق نەرسە كىشى ئەقلىنى مۇئامىلىچىلىك نامايان قىلالمايدۇ. شۇڭا قىزلار ئۆزىگە قانچە پەرداز قىلسىمۇ مۇئامىلە مەدەنيىتىنى، مۇئامىلە سەنئىتىنى بىلمىسە باشقىلارنىڭ ئېتىبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ. يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ ئالدى بىلەن قىزلاردا مۇئامىلە مەدەنىيىتى يۈكسەك بولۇشى لازىم .

كىچىككىنە بولسىمۇ ئورۇنسىز، قوپال، نۇمۇسسىز سۆزلەرنى تىلغا ئالماسلىققا ئادەتلىنىشى كېرەك. چىرايلىق، مەنىلىك، كىشى روھىنى كۆتۈردىغان سۆزلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، ھەممەيلەنگە ياققۇدەك مۇلايىملىققا ئەھمىيەت بەرسىڭىز ھايات مېھنىتىدە ئۆز- ئورنىڭىزنى تېپۋالالايسىز . مۇئامىلىسى شىرىن ئايالنى كىشىلەر «دىلبەر ئايال» دىيىشىدۇ. ئىشىنىڭكى شۇنداق نامغا ئىرىشكەن ئايال ئەلۋەتتە بەختلىك بولىدۇ. مۇئامىلىنى بىلمەسلىك، تىلنى تىزگىنلىمەي ئويلىماي پىكىر قىلىش ئاقىۋەتتە پاجىئەلەرگە ئېلىپ بېرىشىمۇ مۇمكىن. ‏مۇئامىلە مەدەنىيىتى ۋە ئۇنى ئىگىلەش زۆرۈرىيتى ھەققىدە ياشقا چوڭ ئاياللار كۆپرەك پاراڭلىشىدىغان بولۇپ، مۇئامىلە ئىناقلىق، بىردەكلىك، دوستلۇق مەنبەسىدۇر. ياخشى مۇئامىلە بىلەن نى-نى دىللارنى مايىل قىلىش ئارقىلىق دىل قۇلۇپلىرىغا ئاچقۇچ تېپىلىپ، نى-نى ئارزۇلارغا يول ئېچىلىدۇ. ياخشى مۇئامىلە __ بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

 

مەنبە: ئۈندىدار چەمبىرىكى

维吾尔语频道_430

تارتۇق
(0)or(0)
باھا يېزىش
بولدى قىلاي!
چىراي ئىپادىسى

Hi,ئىلخەتنى چوقۇم يازىسىز جۇمۇ!

  • تەخەللۇس (*)
  • ئىلخەت (*)
  • تور بەت
تىزىملىتىڭ

كىرىڭ

شىفىرنى ئۇنتۇپسىزمۇ؟

كىرىڭ

تىزىملىتىڭ