قىزچاق ئىككى ئوت ئۆچۈرگۈچىنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتتى، نەتىجە ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ياخشى
تۆت پەسىل مېدىيەسى خەۋىرى: لىز ۋۇدۋورد يېڭى جېرسى شىتاتىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ مۇلازىمى بولۇپ، بۇ يىل 24 ياشتا. (كۈلسە شۇنچىلىك چىرايلىق ھە)
بىر كۈنى سەھەر سائەت بەش يېرىمدا ھېرىپ جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ئىككى ئوت ئۆچۈرگۈچى ئۇ تۇرۇۋاتقان ئاشخانىغا كىرىپ ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئالدى. ئۇلا بايىلا يېقىن ئەتراپتىكى ئوت كەتكەن نەق مەيداندا ئوت ئۆچۈرۈپ قايتىپ كەلگەن ئىدى، شۇڭا بەكلا ھېرىپ كەتكەن.

ئىككى ئوت ئۆچۈرگۈچىنىڭ جاپاسىنى كۆرۈپ، بۇ ئاقكۆڭۈل قىز ئۇلارنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىشنى قارار قىلدى ھەمدە بىر پارچە خەت قالدۇردى.

خەتتە مۇنداق دېيىلدى: سىلەرنىڭ ئەتتىگەنلىك تاماق پۇلۇڭلارنى مەن تۆلەيمەن، سىلەرنىڭ كۆپچىلىك ئۈچۈن قىلغان ھەممە ئىشىڭلارغا بەكمۇ رەھمەت! باشقىلار ئوت كەتكەن جايدىن قېچىپ چىقىشنى ئويلايدۇ، سىلەر بولساڭلار قىلچە ئىككىلەنمەي ئوت ئىچىگە بۆسۈپ كىرىسىلەر. سىلەرنىڭ قانداق كىشىلەر بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر سىلەر ئەڭ جەسۇر، قەھرىمان كىشىلەر! سىلەرگە رەھمەت، سىلەر بىزنىڭ ئۈلگىمىز! ياخشى ئارال ئالغايسىلەر!
ئىككى ئوت ئۆچۈرگۈچىمۇ چوڭقۇر تەسىرلەندى ھەمدە خەتنى ۋە ئاخشانىنىڭ سۆرىتىنى فەيسبۇكتا ئېلان قىلدى.







微信扫一扫,打赏作者吧~