-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/60455330.html
6) كۆك قالپاق
كۆك قالپاق بىزگە كۆك ئاسماننى ئەسلىتىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر ئىش ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك ئويلۇنۇشقا، بىر ئىش ئۈستىدە توغرا تەپەككۇر قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
كۆك قالپاق ئوركېسترنىڭ بىر دىرىژورىغا، ياكى بىر كوماندىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇنى كېيگەن كىشى قىلماقچى بولغان بىر ئىشنى قايسى ۋاقىتتا قىلسا توغرا ۋاقىتتا قىلغان بولىدىغانلىغى ئۈستىدە توغرا قارار چىقىرىپ، قىلماقچى بولغان ئاشۇ ئىشتىن ئەڭ ياخشى نەتىجە چىقىرىشقا تىرىشىدۇ. يەنى كۆك قالپاق ئويلاش جەريانىنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش، ئۈنۈملۇك تەشكىللەش ۋە ياخشى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆك قالپاقنى ئاشۇ يىغىننىڭ باشلىغى، رەئىسى ياكى باشقۇرغۇچىسى كىيىدىغان بولۇپ، ئۇنى بىر مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئىشلەتكەندە، يىغىن باشقۇرغۇچى بۇ يىغىن نىمە ئۈچۈن ئېچىلغانلىغى، ئۇنىڭدا نىمە مەسىلە ھەل قىلىنىدىغانلىغى، بۇ قېتىمقى ئويلاش جەريانىنىڭ مەقسىدى نىمە ئىكەنلىگى، بۇ ئويلاش جەريانى ئارقىلىق قانداق مەقسەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقىنى قايسى تەرتىپ بويىچە كىيىدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى كۆك قالپاق بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئويلاش ئىستراتىگىيىسىنى بەلگۈلەيدۇ. يىغىن جەريانىدا بولسا كۆك قالپاق يىغىننىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ساقلاش، كىشىلەرنىڭ پەقەت شۇ ۋاقىت ئۈچۈن بەلگۈلەنگەن قالپاقنىلا كىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارغىمۇ مەسئۇل بولىدۇ. ئويلاش قالپىقىنى يېڭى بىر قالپاققا ئۆزگەرتىشنىمۇ يىغىندىكىلەرگە كۆك قالپاقنى كىيگەن كىشى ئۇقتۇرىدۇ.
گەرچە كۆك قالپاقنى پەقەت يىغىن باشقۇرغۇچىسىلا كىيىدىغان بولۇپ، بىر يىغىن جەرياندا بۇ كىشى باشقا بىر كىشىگە ئالماشتۇرۇلمايدىغان بولسىمۇ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ يىغىننى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە يېڭى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىۋېرىدۇ.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا كۆك قالپاقلىق كىشى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن بۇ يىغىندىن قانداق نەتىجە چىقىرىش كېرەكلىگىنى سورايدۇ. بۇ يەردىكى نەتىجە بىر خۇلاسە، يەكۈن، قارار، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ئۇسۇلى، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا بىر نەرسە بولىشى مۇمكىن. كۆك قالپاقلىق كىشى يىغىن ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى يىغىندا ئانچە چوڭ ئىلگىرىلەش بولمىغانلىغىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، ھەمدە كېيىنكى قېتىم ئېلىپ بارىدىغان ئىشلار، ئۇلارنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى، ياكى يەنە بىر قېتىملىق ئويلاش يىغىنىنى ئوتتۇرىغا قويسىمۇ بولىۋېرىدۇ.
قىسقىسى، كۆك قالپاقنى كىيگەندە تۆۋەندىكى ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ:
* بۇ قېتىمقى ئويلاش يىغىنى ئۈستىدە ئويلىنىش.
* بۇ قېتىمقى ئويلاش يىغىنىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى چۈشەندۈرۈش.
* بۇ قېتىمقى ئويلاش جەريانىنى تەشكىللەش.
* باشقا قالپاقلارنى ئىشلىتىش جەريانىنى كونترول قىلىش.
2. ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىقىنى ئىشلىتىش مىساللىرى
تۆۋەندە ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنى قانداق ئىشلىتىش ئۈستىدە بىر قانچە قىسقا مىساللارنى كۆرسۈتۈپ ئۆتىمەن. شىركەت، ئىدارە، مەكتەپ، تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى داۋاملىق تۈردە بىر ياكى بىر قانچە ئىشلار ئۈستىدە مەمۇرىي ۋە تېخنىكىلىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدە قارار چىقىرىشقا مەجبۇرى بولۇپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىر شىركەتنى مىسالغا ئالساق، ئۇلار دۇچ كېلىدىغان بىر چوڭ مەسىلە قايسى يېڭى مەھسۇلاتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياساپ چىقىش ئۈستىدە قارار ئېلىش. تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاسان قىلىش ئۈچۈن، بىز بىر شىركەت يېڭى مەھسۇلاتتىن بىرنى ئىشلەپ چىقارماقچى بولغاندا، بۇ بىر مەھسۇلاتنى قانداق تاللاپ بېكىتىشى كېرەك، دېگەن مىسال ئۈستىدە توختىلايلى. شىركەت باشلىغى ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىچىدە بۇ ئىشنى تۆۋەندىكىدەك قەدەم باسقۇچلار بويىچە ئېلىپ بارسا بولىدۇ.
(1) دەسلەپكى يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ كۆك قالپاقتىن كېيىنكى يېشىل قالپاق باسقۇچىدۇر. بۇ باسقۇچتا پەقەت يېڭى ئىددىيىلەرلا ئوتتۇرىغا قويىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئىدىيەلەر ھەرگىزمۇ مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ. كېيىنكى قەدەم-باسقۇچلارنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر كىشى ئوتتۇرىغا چۈشكەن يېڭى ئىدىيەلەرنى ئۆزلىگىدىن تامغا چاپلىنىدىغان، ئولچىمى cm50 x cm58 ئەتىراپىدا كېلىدىغان، كۆپ ۋاراقلىق قەغەز تاختايغا يېزىپ ماڭسا ئەڭ ياخشى. بۇ قەغەز تاختاي ئىنگلىزچە «Self Stick Table Top Pad» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ «3M» شىركىتىمۇ ئىشلەپ چىقىرىدۇ.
(2) ھەممە يېڭى ئىدىيىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەت ئۈچ يېڭى مەھسۇلاتقىلا بىلەت تاشلايدۇ. بۇ بىلەت تاشلاش مۇنداق ئېلىپ بېرىلسا ئەڭ ئۈنۈملۇك بولىدۇ: يوقۇرىقى بىرىنچى قەدەمدە تەييار بولغان قەغەز تاختا يىغىن ئىشخانىسىنىڭ بىر تېمىغا رەتلىك چاپلىنىدۇ. ئاندىن ھەر بىر ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ، ئۆزى ئەڭ مۇۋاپىق كۆرگەن ئۈچ مەھسۇلاتنىڭ ئىسمىنىڭ قېشىغا دىيامېتىرى 1cm دىن كىچىك بولغان رەڭلىك شىلىملىك قەغەزدىن بىرنى چاپلايدۇ (بۇنداق قەغەزنى ئىنگلىزچە « color stickers» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، كۆپۇنچە كىچىك بالىلار ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ).
(3) بىر ئادەم ھەر بىر مەھسۇلات ئېرىشكەن بىلەتنى ساناپ، ئۇ ساننى ئاشۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىسمىنىڭ قېشىغا يازىدۇ. ھەممە بىلەت سانىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن، ئەڭ كۆپ بىلەتكە ئېرىشكەن ئۈچ مەھسۇلات تاللىنىلىدۇ.
(4) ئۇنىڭدىن كېيىن، تاللانغان ھەر بىر مەھسۇلات ئۈستىدە كۆك قالپاقتىن باشقا بەش قالپاق بويىچە سىستېمىلىق ھالدا مۇھاكىمە-مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ مۇزاكىرىنى ھەر بىر مەھسۇلات ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئېلىپ بېرىپ، ئوتتۇرىغا چۈشكەن بارلىق پىكىر ۋە ئۇچۇرلارنى ئەڭ ياخشىسى يوقۇرىقىدەك قەغەز تاختايغا يېزىپ، تاختاي توشقاندا ئۇنى تامغا چاپلاپ ماڭغان ياخشى.
(5) ئۈچ مەھسۇلات ئۈستىدە بەش قالپاق بويىچە ئويلۇنۇش تولۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بۇ ئۈچ مەھسۇلات ئىچىدىن پەقەت بىرنىلا تاللايدۇ.
بۇنداق بىر جەريان ئۈچۈن ئاز دېگەندە بىر قانچە سائەت، كۆپ بولغاندا بىر قانچە كۈن كېتىشى مۇمكىن. بۇ ئويلاش جەريانىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ ياخشىسى ئون كىشىدىن ئېشىپ كەتمەسلىگى كېرەك. ئەگەر ئادەم سانى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسا، ئۇلارنى بىر قانچە كىچىك گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، بۇ ئويلاش جەريانىنى ئاشۇ گۇرۇپپىلار بويىچە پاراللېل ئېلىپ بېرىش كېرەك.
ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنى ئىشلىتىش تەرتىۋى مەلۇم بىر ئويلاش جەريانى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتنىڭ ئوخشىماسلىغىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە مەن ئۆزەم قاتناشقان ئىككى كۈنلۇك لېكسىيىدە ئۈگەنگەن، ئوخشىمىغان ئەھۋالغا قاراپ ئالتە قالپاقنى قايسى تەرتىپتە ئىشلىتىشكە ئاىت بىر قانچە مىساللارنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
- ئىستراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈش: كۆك، سېرىق، قارا، ئاق، كۆك، يېشىل، كۆك.
- مەلۇم بىر ھەركەت ياكى پلاننىڭ نەتىجىلىرىنى باھالاش: كۆك، قىزىل، ئاق، سېرىق، قارا، يېشىل، قىزىل، كۆك.
- مەلۇم بىر جەرياننى ياخشىلاش: كۆك، ئاق، سېرىق، قارا، يېشىل، قىزىل، كۆك.
- يولۇققان بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش: كۆك، ئاق، يېشىل، قىزىل، سېرىق، قارا، يېشىل، كۆك.
- يېڭى ئىددىيە بەرپا قىلىش: كۆك، ئاق، يېشىل، قىزىل، كۆك، سېرىق، قارا، يېشىل، كۆك، قىزىل، كۆك.
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ مۇشۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپلا ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىدىن ئۈنۈملۇك پايدىلىنىشنى ئۈگىنىپ كېتەلىشى ناتايىن. لېكىن ھەر بىر شىركەت ياكى تەشكىلات بىر ئادەمنى مەخسۇس تەربىيىلەش (مەسىلەن، ئىنگلىزچىنى پۇختا بىلىدىغان بىر ئادەمگە دە بونونىڭ ئەسلىدىكى كىتاۋىنى ئوقۇپ تولۇق ئۆزلەشلەشتۈرۈشنى تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ كىشىنى ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش جەريانىغا مەسئۇل قىلىش)، ياكى بىر گۇرۇپپا ئادەم بۇ ئۇسۇلنى ھەر قېتىم ئىشلىتىپ، ئۈزۈلدۇرمەي پراكتىكا قىلىش ئارقىلىق، ئىلمىيلىگى ۋە ئۈنۈمى ھازىرغىچە تولۇق ئىسپاتلانغان بۇ ئۇسۇلدىن تولۇق پايدىلىنىدىغان دەرىجىگە يېتەلىشى پۈتۈنلەي مۇمكىن.
3. ئاخىرقى سۆز
ئەگەر بىر گۇرۇپپا ئادەم مەلۇم بىر مەنزىلگە ماشىنا ھەيدەپ بارماقچى بولۇپ، ماشىنىدىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى پەقەت ئازراقلا بىلسە، ئۇ مەنزىلگە بارىدىغان يولنى تاللاشتا نۇرغۇن تالاش-تارتىشلار يۇز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما، ئەگەر ئۇلاردا بىر يول خەرىتىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەممە يوللار، ئۇ يوللاردىكى قاتناش قىستاڭچىلىقى ئەھۋالى، ۋە يول يۇزىنىڭ سۈپىتى قاتارلىق ئۇچۇرلار بولسا، ئۇلار ئەڭ ياخشى يولنى تالاش تارتىشسىز ناھايىتى ئاسانلا تاللىۋالالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا بۇ بىر گۇرۇپپا ئادەملەر ئۈچۈن قايسى يولنى تاللاش ناھايىتى تېزلا ئايدىڭلىشىپ كېتىدۇ. ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىمۇ دەل ئاشۇنداق رولنى ئوينايدۇ. بىر ئويلاش جەريانىنى ئالتە قالپاق بويىچە ئېلىپ بارغاندا، ئەڭ ئاخىرىدا قانداق قارار چىقىرىش يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنتايىن ئاسانلا ئايدىڭلىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر توغرا قارار ئۆزلىكىن ۋۇجۇتقا كېلىدۇ. بىز ئادەتتە بىر ئىش توغرىسىدا ئۆز ئالدىمىزغا قارار چىقارغاندا، بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرىپى، يامان تەرىپى، بىر ئىشقا بولغان كۆڭۈل تۇيغۇسى ۋە پاكىتلار قاتارلىق ئوخشاش بىر جەرياننى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بېسىپ ئۆتىمىز. لېكىن ئەگەر ئاشۇ جەرياننى ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى بويىچە ئېلىپ بارساق، ئويلاش جەريانىمىز ناھايىتى مۇكەممەل، ناھايىتى سىستېمىلىق، ناھايىتى ئوچۇق-ئاشكارە ۋە ھەممە ئادەملەر ئۈچۈن چۈشىنىشلىك بولىدۇ.
خۇددىي باشقا قارار چىقىرىش جەريانىغا ئوخشاش، بەزىدە ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش جەريانى ئارقىلىق بىر ئاخىرقى قارارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ناھايىتى قىيىن بولىشى، بەزىدە ھەتتا مۇمكىن بولماسلىغى مۇمكىن. ئۇ بەزىدە ئىككى خىل قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بەزىدە كەلگۈسى توغرىسىدىكى بىر پەرەزگە تايىنىشقا مەجبۇرى بولىشى، ھەمدە كەلگۈسى توغرىسىدىكى بەزى ئېنىقسىزلىقتىن قۇتۇلۇش مۇمكىن بولماي قېلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئىككى خىل ئېھتىماللىقنىڭ ھەر ئىككىسىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىسىدا بىر پىلاننى تۈزۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلىشمۇ مۇمكىن بولماي قالسا، ئۇ چاغدا بىر قىزىل قالپاق قارارىنى چىقىرىش كېرەك. دىمىسىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە قارارلار «قىزىل قالپاق» قارارلىرى بولىدۇ. بىز ھەممە ئامىللارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى قارار ھېسسىيات ئاساسىدا ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
گېرمانىيە ئىددىيالىزىمنى ئىجات قىلغان پەيلاسۇپ ھېگىل (Georg Wilhelm Friedrich Hegel ، 1770-1831) مۇنداق دەيدۇ: ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىغى ئۇنىڭ كاللىسىنى، يەنى، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنى مەركەز قىلغان بولىدۇ. ئاشۇ تەپەككۇرنىڭ ئىلھامى ۋە تۇرتكىسى بىلەن ئادەملەر رىياللىق دۇنياسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرىدۇ. تەپەككۇر روھىي رىياللىق (ئىنگلىزچە « spiritual reality») نى ئىدارە قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ بىر پارلاق روھىي باشلىنىش (ئىنگلىزچە « glorious mental dawn ») بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مېنىڭچە بىز ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنى قابىلىيەتلىك رەھبەر ياكى داھىلارنىڭ بىر ئىنتايىن مۇھىم قورالى، دىسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشمايمىز. دۇنيادا ھازىرغىچە ۋۇجۇتقا كەلگەن رەھبەرلەر توغرىسىدىكى نەزىرىيىلەر مەشھۇر رەھبەرلەر ۋە داھىلارنىڭ ئوسۇپ يىتىلىش جەريانىنى نۇرغۇن تۈرلەرگە ئايرىيدىغان بولۇپ، مەن ئۆزەمنىڭ كېيىنكى يازمىسىدا شۇلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى ئويلاۋاىتمەن. ئاشۇ تۈرلەرنىڭ بىرسى «ئىنسانىي رەھبەرلىك نەزىريىسى» بولۇپ، مۇشۇ نەزىرىيە بويىچە بولغاندا رەھبەرلەر ناھايىتى ئۈنۈملۇك ۋە ناھايىتى ئۇيۇشقان بىر تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ھالدا ئۆز-ئۆزىنى مەلۇم بىر مەقسەت ئۈچۈن قۆزغاتقان بولۇپ، تەشكىلاتلار بولسا تەبىئىي ھالدا مەلۇم تۈزۈلمە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە كونترول قىلىنغان بولىدۇ. رەھبەرلەرنىڭ رولى تەشكىلات ئىچىدىكى ھەر خىل چەكلىمىلەرنى ئۆزگەرتىپ، تەشكىلاتتىكى ھەر بىر ئادەمنى ئەركىنلىككە ئىگە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تەشكىلاتىغا تېگىشلىك تۆھپە قۇشۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئۇسۇلى يالغۇز بىر ئويلاش جەريانىنى تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ ئاشۇ ئويلاش جەريانىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىش جەھەتتىكى بارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش جەريانىدۇر. شۇڭلاشقا بۇ ئۇسۇلنى تېگىشلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان رەھبەر چوقۇم يوقۇرىقىدەك رەھبەرلىك سۈپىتى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە بولىشى شەرت.
مەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئويلاش ياكى تەپەككۇر قىلىشتەك مۇھىم بىر ساھەدە «ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش» تىن ئىبارەت ھازىرغىچە تولۇق ئىسپاتلانغان بىر ئىلمىي قورالدىن تولۇق پايدىلىنالايدىغان بولىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇ ساھەدە مەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمغا قولۇمدىن كېلىشىچە مەسلىھەت ۋە ياردەمدە بولۇشنى خالايمەن. ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەن ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى خۇلاسىلاپ، بىر ۋاراقلىق jpg شەكلىدىكى رەسىم قىلىپ، مۇشۇ يازمامنىڭ ئاخىرسىغا قويۇپ قويدۇم. ئەگەر سىز بۇ بىر ۋاراق رەسىمنى بېسىپ چىقىرىپ، ئالتە قالپاق بويىچە ئويلاش ئېلىپ بېرىلىدىغان يىغىنغا ئېلىپ كىرىپ، بارلىق يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا بىردىن تارقىتىپ بەرسىڭىز، يىغىنىڭىزنى ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالايسىز. مەن سىزگە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن.
بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تور بەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.
تەھرىرلىگۈچى: مەرىپەت تورى meripet.org
بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تور ئادىرىسى:
«ئوڭ مېڭە بىلەن سول مېڭە»
http://www.meripet.com/Sohbet1/Erkinc4_Menge.htm
历史上的今天:
رۇيلىدا كېڭىيىۋاتقان ئۇيغۇر قەبرىستانلىغى 2010-03-13ھەر بىرىمىزگە قاتتىق سىگىنال ! 2010-03-13ئويلاشنىڭ ئالتە قالپىغى(1) 2010-03-13
收藏到:Del.icio.us