-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/54926793.html
2. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىكى نىشانسىزلىق مائارىپىمىزغا نېسبەتەن ئازاتلىقتىن بۇيان ئېلىپ بارغان ھەركەتلەرنىڭ سانىغا قارايدىغان بولساق ئىزچىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.مەيلى يېزىق ئۆزگەرتىش ياكى روسچە ئەندىزىدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، يېقىنقى نىشانلىق ئوقۇتۇش،ساپا مائارىپى، ،قوش تىللىق....قاتارلىق ناملاردىكى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتلىرى مائارىپىمىزنىڭ ئىزچىللىق ئىچىدە مۇقىم تەرەقى قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى.بىر مىللەتنىڭ مائارىپىدا بۇنداق زور نېسبەتتىكى ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا تەكلىپ بەرگۈچى بىر بولسا مائارىپ تارىخى بولمىغان مائارىپنى يېڭىدىن ئۈگىنىشكە باشلىغۇچى. ،ئەگەر ھەقىقى مۇتەخەسسىس سانالسا چوقۇم ئەسلىدە قاسساپ بولۇشقا لايىق پوكانچى.چۈنكى قايسىلا مىللەت بولمىسۇن يارالغاندىن بۇيان باشلانغان مائارىپ تارىخى بولىدۇ. دىمەك مائارىپنىڭ تارىخى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ تارىخى بىلەن ماس قەدەمدە بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەن .شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىمۇ ئۆزىنىڭ تارىخىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن.
ئۇ تارىخىمىزدا ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتلەرنىڭ پىلانلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلەر جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئىجابى تەربىيە ئۇسۇلىنى يەنىلا ساقلاپ قالالىغان. تارىخىمىزنىڭ مەيلى قەدىمقى زامان قىسمىغا ياكى يېقىنقى زامان قىسىملىرىغا قارىساق ،تېگىدىن ئەقىللىق بۇ مىللەتتىن يېتىشىپ چىققان ئىلىم ئىگىلىرى مەملىكىتىمىزدىلا ئەمەس بەلكى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىمۇ قايىل قىلغۇدەك مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قالدۇرۇپ قويغان. بۇنىڭغا بۈگۈنكى ئىلىم دۇنياسىدىكى مەزكۇر مىللەتنىڭ ئالىملىرى توغرىسىدا بېرىلىۋاتقان ئۈگىنىش-تەتقىقاتلار يېتەرلىك دەلىل بولالايدۇ.
ئۆز تارىخىدا ھېساپسىز ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرۇپمۇ بۈگۈنكى كۈنگىچە مۇكەممەل داستا-مۇقاملىرى ،ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆرۈپ-ئادىتى ،ھاياتىي كۈچكە باي ئائىلىۋى مائارىپ شەكلى،تۈركى تىللار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى تىل-يېزىقى.....قاتارلىق بايلىقلىرىنى ساقلاپ قالالىغان مىللەتلەر ئاز بولمىسا كېرەك. دۇنيادىكى چولپان مىللەت يەھۇدىلارمۇ مىللى تىل-يېزىقىنى يوقۇتۇپ قويغان .ئۇلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت-سەنئىتىنىغۇ بىز بىلەن سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ. مانا بۇ بىزدىكى ئەنئەنىۋى مائارىپنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىپادىسى.
دىمەك مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ئاساسەن مۇقىملىشىپ بولغان مۇشۇنداق دەۋردىمۇ يەنە بۇ توغرىلىق ئۇنداق مۇنداق شەكىللەرنى سىناپ بېقىش ئارتۇقچە ئاتىكاچىلىق .بۇ پەقەت بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسلىككە سېلىش ياكى بىلمىسىمۇ ئالىم مەن دەپ ھەيۋە قىلىش. بۈگۈنمۇ مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكىدەك قەدىمقىنىڭ ھەممە نەرسىسى خاتا دەيدىغان ئىنقىلاۋىلاشقان رادىكاللىق بىلەن ئەنئەنىۋى مائارىپ ئۇسۇللىرىغا مۇئامىلە قىلىش ھەرگىزمۇ ئىلمى تەرەقىياتقا ماس كۆز قاراش ئەمەس.
مانا بۈگۈن قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى يېتىپ كەلدى. بۇ ئىسلاھات يېڭىدىن يولغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ھېس قىلىشقا چوقۇم بىر قانچە ئەۋلات تەجرىبىدىن ئۆتىشى كېرەك. بۇ ئىسلاھاتقا گوۋىيەن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئىقتىسادى ۋە سىياسى جەھەتلەردىن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمەكتە .بۇنداق يۇقۇرىدىن –تۆۋەنگە قەدەر ھەممىنىڭ دىققىتىنى بۇرىغان كەڭ-كۆلەملىك ئىسلاھات ئىلگىركىلەردىن زور پەرىقلىنىدۇ.شۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى مەركەز بۇ قېتىم ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش قەدىمىنى يېقىندىن قوللىدى.ئەمدى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز لىنىيە ئۆزگەرتىدىغان تارىخى ئاخىرلىشامدۇ - بۇنىسى مائارىپ ئىسلاھاتى ئۈچۈن ئايپاڭباش بولۇپ كەتكەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىنساۋىغا باغلىق.
مۈمكىن بولسا ئەمدى قوش تىللىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىدىنمۇ زېرىكىپ باشقىچە يەنە بىر خىل سىناق لاھىيەنى چىقىرىشتىن مۇتەخەسسىسلەرنى ئامان قىلسۇن.چۈنكى بىزنىڭ سەبى بالىلىرىمىز بىلەن جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلىرىمىز يېڭى-يېڭى ئويۇنلارغا مەجبۇرلايدىغان ھەرەمدىكى ئاغۋات ئەمەس.
مەسىلەن بىر بالىنى ئۆزگەرتمەستىن ئىزچىل كۈتكىچىلىكتە تەربىيلىسە ھەر قانچە دۆت بولسىمۇ، ئۇ ياراملىق كۈتكىچى بولىدۇ.ئەمما قانچىلا ئىقتىدارلىق بالا بولسىمۇ ھەر يىلى باشقا-باشقا ھۈنەرگە سالسا ئاخىرىدا بىر گادا پوق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى بىكار بولۇپ قالسا ئىچى پۇشۇدىغان"مۇتەخەسسەس"لەرنىڭ يەنە ئىسلاھات دەپ ۋاقىراپ سالماسلىقىنى تەۋسىيە قىلايلى. ۋە ئەمدىكى نىشاندا تۈمەن يىللار ئۆزگەرمەستىن ماڭايلى..
3.ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدىكى مائارىپنىڭ ئورنى .چوقۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇش كېرەكمۇ ؟
ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مائارىپقا بولغان كۆز قارىشى ئاساسى جەھەتتىن "پەقەت مۇشۇنىڭ بىلەنلا ئىستىقباللىق بولالايمەن،باشقا چىقىش يولۇم يوق." دەپ قاراش. ناچارلارنىڭ بولسا "چوقۇم چىداپ ئوقۇشۇم كېرەك، بولمىسا نىمە قىلىمەن" دەيدىغان پاسسىپ كۆز قاراش .
ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىلا جەمىيىتىمىزدىكى ئالى مائارىپ كۆز قارىشىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قاتلىمىدۇر. . ئاخىرقى ھېساپتا ياخشىراق ئوقۇغانلىرى ئۆزىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىگە ۋە ئىقتىدارىغا ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا يەنىلا ئادەم قوبۇل قىلماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئىلتىپاتىغا تەلمۈرىدۇ.چۈنكى ئۆزىنىڭ ياخشى ئوقۇش تارىخىغا كۆزى چۈشۈپ تالاشتا قالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدۇ .
ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاخىرقى پۇللىرىنى خەجلەپمۇ جەمىيەتتە چىقىش يولى تاپالماسلىق ئۇلارنىڭمۇ يىگىرمە يىللىق مۇساپىسىدىكى ئىشەنچىنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.
ناچارلىرى بولسا تاللاش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىكى ئىقتىدارنى بايقاشقا ئەمەس بەلكى چىداپ ياشاشقا كۆندۈرگەن بۇ بالىلارمۇ كېيىنكى ئىستىقبالىنى زاماننىڭ ئېقىنىغا تاشلاپ بېرىدۇ.
نىمىشقا دەمسىز ؟! چۈنكى بىزدە پەقەت ئالى مەكتەپ بىلەنلا ياراملىق ئادەم بولۇپ،خىزمەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ دەيدىغان سەپسەتە ۋە ئەنئەنە بار ئەمەسمۇ .
تەرەقى قىلغان ئەللەرنىڭ مائارىپىمۇ شەخىسنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا بىزدەك پو ئېتىپ لاۋزىلاشمايدۇ. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئاقسۆڭەكلەر مەكتەپلىرىدىن تارتىپ تۆۋەندىكى يېزا مەكتەپلىرىگە قەدەر خۇددى غەرپكە ساياھەتتىكى بېسىپ ئۆتسىلا ئەۋلىياغا ئايلىنىدىغان بوسۇغىغا ئوخشاش "ئالى مەكتەپ ئۈچۈن" ئۇقۇمى مەۋجۇت بولۇپ ، بۇ ئۇقۇم ئۇلارنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ نېسبەتلەشتۈرۈلگەن.
ئاخىرىدا جوڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە پەقەت جەمىيەتكە ئوڭۇشلۇق چىقىشنىڭ بىردىن-بىر دەرۋازىسى سانىلىدىغان مائارىپ ئورۇنلىرى ئۆزىدە ئەسلىدىنلا بولمايدىغان بۇنداق ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىيەتتىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى، دېپلوم تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن ئىپادىلەپ قويىدۇ .
بالىلىرىمىزنىڭ ئوقۇش باسقۇچى ئىنسان ئۆمۈرىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان قىممەتلىك ئۈگىنىش دەۋرى.ئىنساننىڭ جەمىيەتكە قەدەم قويىشىدىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بۇ تاكامۇلىشىش ۋاقتى باشقا دەۋرىدەك بەھىرلىنىشنى ئاساس قىلمايدۇ،بەلكى تونۇشۇش ۋە ئىگەللەشنى مەقسەت قىلىدۇ.بۇ دەۋرنىڭ قىممىتىنى ھېساپلاشمۇ مۈمكىن ئەمەس. ئەمما دەل مۇشۇ بىباھا دەۋر ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئۆزى مەنسۇپ بولمىغان قىممەتنى ئاتا قىلىۋاتىدۇ. ۋە ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىتىدىكى ئىقتىدارىنىمۇ نابۇت قىلىۋاتىدۇ.
بۈگۈنگى دەۋر ئوقۇغۇچىلىرىدا ھاياتىي كۈچ بىلەن قىزغىن مۇھەببەت بارغانچە سۇسلاپ كەتتى. ئاتا-ئانىلار بىلەن جەمىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىلا ئەمەس،بەلكى ئۆز ئارا مۇئامىلىمۇ ئىلگىركى ئەۋلاتقا نېسبەتەن سەمىمىلىكتىن يىراقلاپ كېتىۋاتىدۇ. سەۋەپ ئۇلار سەمىمى بولمىغان مۇئامىلە ئاستىدا چوڭ بولىۋاتىدۇ. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ياخشى ئوقۇساڭ ياخشى ئورۇنغا ئېرىشىسەن مائارىپ ھەممىنىڭ ئاساسى دىگەن رىغبەتلەندۈرىشىنى جەمىيەتكە ئالدىن چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمتىرەپ يۈرگەن تەغدىرىگە سېلىشتۇرۇپ بونداق يالغان رىغبەتتىن كېكىرىپ تويىۋاتىدۇ.تەربىيلىنىش دەۋرىدە جەمىيەتنىڭ كۆپ قىرلىق تەسىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلغانلىق سەۋەبىدىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىراقلا بۇ قاينامغا كىرىپ قالغانلىقتىن كاللىسى قېيىپ كېتىۋاتىدۇ.
ئۈزلۈكسىز يۇقۇرىلاپ ئوقۇش ئۇلارنى ئەسلىدىكى كۆڭۈللۈك ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى بۇ يىراقلىشىشنى بالىسىنىڭ جەمىيەتكە قەدەم قويۇش ئىقتىدارى يۇقۇرلاۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يىراقلىشىشى كېيىنكى مائارىپ بىلەن دەسلەپكى ئائىلە مائارىپىنىڭ يېپىشمايۋاتقانلىقىنى،شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى جەمىيەت مائارىپى بىلەنمۇ ئوڭۇشلۇق باغلىنالمايدىغانلىقىنى پۇرىتىپ قويىدۇ..چۈنكى مەكتەپ مائارىپى چوقۇمكى ئائىلە ۋە تەبىئەتتىن ئىبارەت مائارىپنىڭ راۋاجى خالاس.جەمىيەت مائارىپىمۇ مەكتەپ مائارىپىنىڭ داۋامى ، بۇنداق رىشتىنى باغلايدىغان ئوتتۇرىدىكى مەكتەپ مائارىپى مۇھىم ھالقا بولۇپ ئۇ چوقۇمكى ئائىلە مائارىپى ئاساسىدا ۋە جەمىيەت مائارىپى بىلەن ماسلاشقان شەكىلدە بولىشى كېرەك.شۇندىلا ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئورۇنلىيالايدۇ.ئەگەر ئورۇنلىيالمىسا بۈگۈنكىدەك ئائىلىسىنى ياراتمايدىغان،جەمىيەتكە ئۈمۈتسىز قارايدىغان توپنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.
ئۇلارنىڭ پاجىئەسىگە جاۋاپكار بولىدۇ؟! ئەلۋەتتە مائارىپ جاۋاپكار بولىدۇ.
مائارىپىمىزدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى پەقەت ئەڭ يۇقۇرى نومۇر ئالغان بىر نەچچە يادلاش مۇتەخەسىسىدىن باشقا نۆمۇرى تۆۋەن زور سانلىق بىگۇنا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىشتۇر،ئەسلىدىكى ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئىجاتچانلىقىنى ئۆلتۈرۈشتۇر. ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىن ۋە ئۆزىدىن ئۈمۈتسىزلىنىش كەيپىياتىغا دۇچار بولىشىغا يېشىل چىراق يېقىشتۇر.
ئىلگىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش جەھەتتە ئىمكانىيەت خېلى كەڭرىتتى. چۈنكى شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورۇنلىرى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سانى بىلەن ماس قەدەملىك ئىدى. يېڭى پۈتتۈرگەنلەر ئىززىتى بىلەن شۇ ۋاقىتتىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايتتى.شۇ سەۋەپتىن مائارىپىمىزنىڭ ئاجىزلىقى بايقىلىپ قالمىغان. بىراق كېيىنچە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ دۆلەت مىقياسىدا ئالمىشىش بوشلۇقى كېڭەيتىلدى.ئىچكىرىدىكى مائارىپ ئورۇنلىرىدا تەربىيلەنگەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى شىنجاڭ بازىرىدىكى رىقابەتتە ئېنىقلا ئۈتۈپ چىقتى.يېڭىدىن ئېچىلغان تېخنىكىلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئەشۇلار ئىگەللىۋالدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرقانداق ئائىلىدە، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن ئاز دىگەندە بىرى ياكى ئىككىسى بار. بۇ جەمىيەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىدىن،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆتۈرۈش كۈچىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. بۇ يالغۇز دەرۋازا جەمىيەتكە زور تۈركۈمدىكى بېسىمنى پەيدا قىلدى.شۇنداقلا دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ ئالى مائارىپقا سالغان نۇرغۇن مەبلىغىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى.
مانا بۇ رىئاللىق مائارىپىمىزدىكى كوپۈكنى سۈ يۈزىگە چىقىرىپ قويدى.
بىر نۇقتا ئېنىق بولسۇنكى، جوڭگودىكى ئالى مائارىپ ئورۇنلىرى ماھىيەتتە ئىقتىسادى قىممەت يارىتىدىغان كارخانىسىمان گەۋدىلەردۇر. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ" بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن" دەپ توۋلىغىنى جوڭگولۇقلارنىڭ ساغلاملىقىغا ھەسسە قوشتۇق دەۋالغان ناۋبەيجىن ئېلانىغا ئوخشاشتۇر. جەمىيەتتىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى دېپلوم ئۆلچىمى ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئىقتىسادى قىممەت يارىتىشىغا يۆلەك بولىۋاتقان ئاساسلىق ئامىلدۇر.
مەسىلەن ،مەلۇم ئاتا-ئانا بىر بالىسىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئاز دىگەندە ئوتتۇزمىڭ كويدىن قىرىق مىڭ كويغا قەدەر پۇل خەجلىشى كېرەك.ھېساپلاپ بېقىڭ،ھەر يىلى نەچچە مىڭلىغان يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى قانچىلىك دەرىجىدە بولىدۇ؟!
ئەمەلىيەتتە ئوتتۇز-قىرىق مىڭ كوي بىلەن بىر ئادەمنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا جەمىيەتتە بىر كىشىلىك ئورۇن بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تامامەن كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ئالى مەكتەپتە ئوقۇتسىچۇ ؟! ئۇ ئاتا-ئانا يەنە ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ كەلگەن بالىسىنى قايسى ئىقتىسادى بىلەن جەمىيەتكە چىقىرىدۇ ؟! ئۇنتۇپ قالمايلى بىز سوتسىيالىزىمنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدىكى خەلىقلەرمىز. بۇنداق ئىقتىسادى بېسىم بىلەن بالىلىرىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا تىرىشىدىغان مىللەتلەر دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە بولماسلىقى مۈمكىن. ئۇلار ھەرقانچە بولسىمۇ ئالى مائارىپ ئۈچۈن ئېغىلدىكى ئاخىرقى ئېشىكىنى ياكى قويىنى سېتىۋەتمەس.
دىمەك ئالى مائارىپتا تەربىيە ئېلىش قانداقتۇ خىزمەتكە ئېرىشىش دىگەن مەخسەتتە ئەمەس. بەلكى ئۆزى قىززىققان بىلىم توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئېرىشىپ يېڭى بايقاشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. بۇ خىل ئىزدىنىشنى ئالى مائارىپسىزمۇ رىئاللىقتا ئورۇنلىغىلىمۇ بولىدۇ.سىزنىڭ بۇ خىل يۇقۇرىلاپ بايقاشقا قىزىقماي جەمىيەتكە بۇرۇنراق چىقىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشىڭىز پەقەتلا نورمال تاللاشتۇر.
بىراق بىزدە بۇ خىل تاللاش پەقەتلا ئىمكانىيەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىلا ئېلىپ بېرىلىدۇ. چۈنكى ئومومى خەلق ،ئالى مائارىپنى بىردىن-بىر مۇكەممەل ئۆتكەل دەپ ھېساپلايدۇ.جەمىيەتتىكى ئىش ئورۇنلىرىمۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇ.
历史上的今天:
قان تىپى ۋە مۇناسىۋەتلىك بېلىملەر 2009-12-24مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟! ( 1- بۆلەك ) 2009-12-24مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!( 3- بۆلەك ) 2009-12-24随机文章:
مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟! ( 1- بۆلەك ) 2009-12-24مائارىپنىڭ ھوقوقى قانچىلىك ؟!( 3- بۆلەك ) 2009-12-24ئۇيغۇر قىزى لىرىكىسى 2010-05-16ئۆزلۈك ئالىمىمىزدىكى تۇمانلار (1) 2009-12-23ئۆزلۈك ئالىمىمىزدىكى تۇمانلار (2) 2009-12-23
收藏到:Del.icio.us