-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/53699115.html
قىسقىچە تەرجىمھالى
ئىسمى: شۆھرەت مۇتەللىپ (شوكرات مىتالىپوۋ)
ئىنگلىزچە: Shoukhrat Mitalipov1961-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان.كورىيە ئالىمى خۇاڭ يۈشى(黄禹锡) ئىلگىرى ئىنسانلار تۆرەلمىسى تەتقىقاتىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش، كەسىپداشلىرىنىڭ باھالاش پىكىرىدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى ئاۋىسترالىيە مۇناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى دېۋىد.كىلام ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىدىن گۇرۇپپا تەشكىللەپ، شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى تەكشۈرگەن. ئۇلار ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن تەجرىبە ئىشلەپ تۆرەلمىنى يېتىشتۈرۈپ ئىسپاتلاپ چىققان.
چاشقاندىن پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانات-مايمۇننى كىلونلاپ چىقىش، بۇ ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بۆسۈش بولۇپ، ئامېرىكا ھۈجەيرە يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىم لوبېرت يۇقىرى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ. «پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاش چىقىش، ئىنتايىن چوڭ توسالغۇدىن بۆسۈپ ئۆتكەن بىلەن باراۋەر».
تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسى «ئۇنىۋېرسال ھۈجەيرە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ھەرقانداق تۈزۈلۈشتىكى ھۆجەيرىلەرنى پارچىلىيالايدىغان بولغاچقا، تىببىي ساھەدە ئىنتايىن زور قوللىنىشچانلىققا ئىگە. «تەبىئەت» ژۇرنىلى باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنى كىلونلاپ غول ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىقىشى، داۋالاش تۈرىدىكى كىلونلاش تېخنىكىسىدا يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى.
ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر ئالىم دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر بىناسى 2-قەۋەت زالىدا لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە ئىنگلىز تىلىدا بېرىلگەن بولۇپ، بىئولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن پەزىلەت مۇئەللىم خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى. لېكسىيە ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00 دە باشلىنىپ بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىنگلىزچە سوئال سوراپ تېخىمۇ قىزىتىۋەتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۆھرەت مۇتەللىپكە تەكلىپلىك پروفېسسور (客座教授) ئۇنىۋانىنى بەردى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شەبنەم شىركىتى قاتارلىق ھەر قايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ تولۇق قاتناشتى. 1989-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇپ، ئىرسىيەتشۇناسلىق يۆنىلىشى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. 1993-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە موسكىۋا تىببىي ئىرسىيەت ئىلىمى تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ئامېرىكا ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتى ھايۋانات، مال دوختۇرلۇق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى بۆلۈمىدە دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 1998-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007-يىلىدىن ھازىرغىچە ئامېرىكا ئورىگون شىتاتى ساغلاملىق ۋە ئىلىم-پەن ئۇنىۋېرسىتېتى، ئورىگون شىتاتى دۆلەتلىك پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلار يادرو كۆچۈرۈش ۋە غول ھۈجەيرە تەتقىقات مەركىزىدە مۇئاۋىن مۇدىر، تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئامېرىكىلىق ئالىم، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 10 نەچچە يىلدىن بۇيان تۆرەلمە غول ھۈجەيرە ئىلىمىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتقان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھۆجەيرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مايمۇن تۆرەلمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىلونلاپ چىققان. بۇ ئالىملارنىڭ تۇنجى قېتىم پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋاناتلارنىڭ تۆرەلمىسىنى كىلونلاپ چىقىشىدۇر (ئەنگىلىيە «تەبىئەت ژۇرنىلى» 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى )历史上的今天:
چىگرا ھالقىغان خىياللار 2009-12-13ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىقنىڭ تەرجىمىھالى (2 2009-12-13نەبىجان تۇرسۇن كىم؟ 2009-12-13
收藏到:Del.icio.us