-
2009-11-22
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى - [مەشھۇر شەخىسلەر]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/51927400.html
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى (اﷲ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!)
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى
ئىسمى: ئابدۇللاھ ئىبنى ئوسمان ئىبنى ئامىر ئىبنى ئامر ئىبنى كەئاب ئىبنى ساد ئىبنى تەييىم.
لەقىمى: ئەتىيق؛ تەخەللۇسى: ئەبۇبەكرى. كىشىلەر ئۇنى سىددىق (راستچىل) نامى بىلەن تونۇيدۇ.
دادىسنىڭ ئىسمى ئوسمان ئەبۇقۇھافە. ئانىسىنىڭ ئىسمى ئۇممۇل خەير سەلما بىنتى سەخر.
ئانىسىمۇ بەنى تەييىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، دادىسىنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى ئىدى. بەنى تەييىم قۇرەيشنىڭ ئون ئىككى ئايمىقىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئابدۇمەنناف ۋە بەنى مەخزۇم ئايماقلىرىدەك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھىجرەتتىن ئەللىك بىر يىل بۇرۇن دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ياشتا پەيغەمبىرىمىزدىن ئىككى يىل، بىر نەچچە ئاي كىچىك ئىدى. ئەبۇبەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەنىدى. ئۇلاردىن بىرى، قۇتەيلە بىنتى ئابدۇل ئۇززا بولۇپ، بۇ ئايالىدىن ئابدۇللا ۋە ئەسما تۇغۇلدى. يەنە بىرى، بەنى قىنانەدىن ئۇممۇ رۇمان بىنتى ئامىر بولۇپ، بۇ ئايالىدىن ئابدۇرراھمان ۋە ئائىشە دۇنياغا كەلدى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قۇرەيش چوڭلىرىدىن بىرى ئىدى. ئىسلامدىن بۇرۇن قۇرەيشنىڭ ئورۇن ۋە مەنسەپلىرى ئون ئايماقتىن ئون كىشىنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، بەنى ھاشىم ئايمىقىدىن (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى) ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتەللىب بولۇپ، بۇ زات جاھىلىيەت دەۋرىدە ھاجىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى باشقۇراتتى. بۇ ۋەزىپە ئىسلام دەۋرىدىمۇ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى.
ئىككىنچى، بەنى ئۈمەييەدىن ئەبۇ سۇفيان ئىبنى ھارب بولۇپ، قۇرەيشنىڭ ”ئۇقاب“ دەپ ئاتىلىدىغان تۇغى ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. قۇرەيشلەر مۇھىم بىر ئىشقا بىرىنى باش قىلىپ سايلىماقچى بولۇپ، پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىسە، ھەممىسى ئۇنى سايلاپ قوياتتى.
ئۈچىنچى، بەنى نەۋفەلدىن ھارس ئىبنى ئامىر. ئۇ ”رىفادە“ دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىجتىمائىي خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدن چىقاتتى. بۇ، قۇرەيش رەئىسلىرىنىڭ قىسىلچىلىقتا قېلىپ، پەرىشان بولغان ھاجىلار ئۈچۈن بەرگەن مەلۇم مىقداردىكى ياردىمىنى توپلاپ، بېرىلىشى كېرەكلىك بولغان كىشىلەرگە تارقىتىپ بېرىدىغان خىزمەت ئىدى.
تۆتىنچى، بەنى ئابدۇدداردىن ئوسمان ئىبنى تەلھە. ئۇ، كەئبىنى قوغداش ۋە بىخەتەرلىكىنى ساقلاش خىزمەتلىرىنى قىلاتتى.
بەشىنچى، بەنى ئەسئەدتىن يەزىد ئىبنى زەمئە ئىبنى ئەل ئەسۋەد. ئۇ، قۇرەيشنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، قۇرەيشلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالماي تۇرۇپ، ھېچقانداق بىر ئىشقا قارار بەرمەيتتى. ئۇ، بىر ئىشقا تەستىق سالغاندىن كېيىن ئۇنى ئىجرا قىلاتتى ياكى ئۇ ئىككىلىنىپ قالسا، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىشاتتى.
ئالتىنچى، بەنى تەييىمدىن ئەبۇبەكرى. ئۇ ئىقتىسادىي جازالارنى قۇرەيشنىڭ نامىدا ئۆتكۈزىۋالاتتى. بىر ئىشنى ئىجرا قىلىشتىن بۇرۇن، قۇرەيشلەردىن دەلىل تەلەپ قىلىنغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ گېپى بەكمۇ كۈچلۈك ھېسابلىناتتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىماقچى بولغان كىشىگىمۇ ھوقۇق بېرەتتى. ئەمما ئۇنىڭ سىرتىدا بىر كىشى بۇ ھوقۇقتىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدىغان بولسا، ئۇنى رەزىل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى.
يەتتىنچى، بەنى مەھزۇم ئايمىقىدىن خالىد ئىبنى ۋەلىد بولۇپ، چېدىر ۋە قوماندانلىق ئۇنىڭ قولىدا ئىدى. چېدىر لازىم بولغاندا بىر يەرگە قۇرۇلاتتى ۋە قۇرەيش چوڭلىرى كېلىپ قوشۇننىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە مەسلىھەتلىشەتتى. قوماندانلىق خالىد ئىبنى ۋەلىدنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولۇپ، ئۇرۇشلاردا ئاتلىق قوشۇننىڭ يۈرۈش قىلىشىغا ۋە قوماندانلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولاتتى.
سەككىزىنچى، بەنى ئادىيدىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب. ئۇ جاھىلىيەت دەۋرىدە قۇرەيشلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ھازىرقى دۆلەت ئەلچىسى ياكى تاشقى ئىشلار مېنىستىرىغا ئوخشاش ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل ئىدى.
توققۇزىنچى، بەنى جىمھ ئايمىقىدىن سەفۋان ئىبنى ئۇمەييە. ئۇ پال ئوقلىرىنىڭ ئامانەتچىسى ئىدى.
ئونىنچى، بەنى سەھىمدىن ھارىس ئىبنى قەيس. ئۇ بۇتلارغا ئاتا قىلىنغان ماللارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرخىل ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
ئۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى قۇرەيشنىڭ نەسەبشۇناسى ئىدى. تارىخچى ئىبنى ھىشام «پەيغەمبەرنىڭ تەرجىمىھالى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:
”ئەبۇبەكرى قۇرەيشنىڭ نەسەبىنى ئەڭ ياخشى بىلەتتى. بۇ نەسەبتىكى ياخشىلىق ياكى باشقا نېمە بولسا، ھەممىدىن خەۋەردار ئىدى. يامانلىقلارنى كۆرمەسلىككە سالىدىغان، خۇشپېئىل، ئەخلاقلىق ۋە باشقىلارغا خەيرىخاھلىق قىلىدىغان بىرى ئىدى. قۇرەيش چوڭلىرى ئۇنى يوقلاپ، ئۇنىڭ تىرەن بىلىملىرى، سودا ـ سېتىق تەجرىبىسى ۋە ئاغىنىدارچىلىقى سەۋەبىدىن ھەرخىل تېمىلار ھەققىدە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورايتتى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى تىجارەتچى بولغاچقا، كۆپلىگەن مەملىكەتلەرگە بېرىپ ئايلىناتتى. ئۇ مۇشۇ مەقسەتتە ئەبۇتالىبنىڭ كارۋىنىغا قېتىلىپ شامنى زىيارەت قىلدى. خېلى كۆپ مىقداردا مەبلىغى بار ئىدى ھەم ناھايىتى سېخى ئىدى. ھەردائىم ئۆز مېلىدىن سەرپ قىلىپ، ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلاتتى. شۇڭا قۇرەيشلەر ئۇنى بەكمۇ سۆيەتتى ۋە ھەر ئىشىنى ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە قىلاتتى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ئۆزىگە ئىچىملىكنى چەكلىگەنىدى. شۇڭا مەيلى جاھىلىيەتتە ياكى ئىسلامىيەتتە بولسۇن، ئىچىملىكنى پەقەتلا ئىچمىگەنىدى. جاھىلىيەت دەۋرىدە، ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بىر مەستكە يولۇقۇپ قالدى. ئۇ مەست قولىنى ئادەمنىڭ چوڭ تەرىتىگە تىقىپ، ئاندىن ئاىزىغا يېقىن ئاپىراتتى ۋە پۇرىقىدىن سەسكىنىپ قولىنى تارتىۋالاتتى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى بۇ يىرگىنىچلىك مەنزىرىنى كۆرۈپ، ئۆزى ھېچ تېتىپ باقمىغان ئىچىملىكنى ھاياتى بويىچە ئاغزىغا ئالماسلىق ھەققىدە ئۆز ـ ئۆزىگە قەسەم ئىچتى.“
ئەبۇنازىم ئىشەنچلىك بىر رىۋايەت ئارقىلىق ھەزرىتى ئائىشەدىن شۇنى نەقىل قىلىدۇ: ”(دادام) ئەبۇبەكرى جاھىلىيەت دەۋرىدىمۇ ئىچىملىكنى ئۆزىگە ھارام دەپ ھېسابلايتتى.“
ئىبنى ئامىر يەنە بىر ئىشەنچلىك رىۋايەت ئارقىلىق ئائىشەنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ: ”اﷲ قا قەسەم قىلىمەنكى، (دادام) ئەبۇبەكرى مەيلى جاھىلىيەت دۋرى ياكى ئىسلام دەۋرىدە بولسۇن، قەتئىي شېئىر ئوقۇمايتتى. ئوسمان بىلەن ئىككىسى جاھىلىيەت دەۋرىدىلا ئىچىملىككە يېقىنلاشمايتتى.“
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىدىن پەقەت ئۇچ بېيىتلا شېئىر رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى مۇنداق ئىدى:
ئەي تەلھە ئىبنى ئابدۇللاھ!
ساڭا خۇشخەۋەر، ساڭا خۇشاللىق،
مۇبارەك جەننەتلەر بىر ساڭا لايىق.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ھاياتى بويىچە بۇتقىمۇ چوقۇنمىغانىدى. ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ مۇنداق دېگەنىدى: ”مەن بۇ ھاياتىمدا بۇتقا چوقۇنۇپ باقمىدىم. يىگىتلىك ۋاقىتلىرىمدا، بىر كۈنى دادام مېنى بۇتلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بىر بۇتخانىغا باشلاپ باردى ۋە ماڭا:
ـ ئوغلۇم! مانا بۇلار سېنىڭ ئۇلۇغ ئىلاھلىرىڭ، ـ دېدى ۋە مېنى ئۇ يەرگە قويۇپ، ئۆزى كېتىپ قالدى. مەن بىر بۇتنىڭ يېنىغا كېلىپ:
ـ مېنىڭ قورسىقىم ئاچ، ماڭا يېگۈدەك بىر نەرسە بەر! ـ دېدىم. ئەمما بۇت جاۋاب بەرمىدى. مەن يەنە:
ـ مەن يالىڭاچ، ماڭا كىيگۈدەك بىر نەرسە بەر! ـ دېدىم. بۇت يەنە جاۋاب بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاچچىقىمدا بىر پارچە تاشنى ئېلىپ، بۇتقا قارىتىپ ئاتتىم. بۇت يەرگە دۈم چۈشتى.“
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى مەخپى ـ ئاشكارا ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدى. ۋەھيى چۈشۈشتىن بۇرۇنمۇ ئۇنىڭغا بەك سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئەبۇتالىب بىلەن بىرلىكتە بارغان ۋە مەشھۇر پوپ بۇھەيرا بىلەن ئۇچراشقان شام زىيارىتىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھيى چۈشكەن دەسلەپكى چاغلاردا، ئادەم يوق يەرلەرگە بېرىۋالغىنىدا قۇلىقىغا: ”ھەي مۇھەممەد!“ دەپ چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلىناتتى.
بۇنى بىر سىر سۈپىتىدە پەقەت ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگىلا ئېيتتى. چۈنكى جاھىلىيەت دەۋرىدە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن دوستى ۋە بىردىنبىر سىردىشى ئىدى. ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ئىسلام دەۋرىدە كۆپ شۆھرەت قازانغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھاياتى ھەققىدە بەك ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ئۇ دەۋر ھەققىدىكى مەلۇماتلار پەقەت ئۇنىڭ تىجارەت بىلەن ھەپىلىشىدىغانلىقى، نەسەبشۇناس ئىكەنلىكى، قۇرەيشلەرنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىسى ئىكەنلىكى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇ دەۋردىمۇ دوست ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بولۇپ، مانا بۇ جەھەتلەردىن ئۇ، جاھىلىيەت دەۋرىدە تونۇلغان باشقا كىشىلەر بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئىسلامغا كىرىشى، يەنى ئۇنىڭ بۇرۇندىنلا ئىسلامغا مايىل بولۇشى ئۇنى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.
ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن قالسىلا ئەڭ مۆتىۋەر كىشى ئىدى.
ئىسلام دىنى ئۆزىگە كۆڭۈل بەرگەن ھەركىشىنى ئۇلۇغلايدۇ ـ ئەلۋەتتە! ئەمما ئۇنى تېخىمۇ بۇرۇن قوبۇل قىلىش، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، قويۇلغان چەك ـ چېگرالارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ۋە بۇ جەھەتتىكى پەرقلەرگە ئاساسەن ئىسلام دىنى ئۆز مەنسۇپلىرىنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن تۇتىدۇ. مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى ئەبۇبەكرىگە مۇجەسسەملەنگەنىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى ۋەھيى چۈشكەندىن كېيىن دەرھال ھەزرىتى خەدىچەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:
”مەن يالغۇز قالغان ۋاقتىمدا قۇلىقىمغا بىر نىدا ئاڭلاندى. اﷲ نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم“ دېدى. ھەزرىتى خەدىچە ئۇنىڭغا: ”اﷲ تائالا سېنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ. چۈنكى سەن ئامانەتكە خىيانەت قىلمايسەن، خىش ـ ئەقرىبالىرىڭغا كۆڭۈل بۆلىسەن، يالغان سۆزلىمەيسەن“ دەپ تەسەللى بەردى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يوقلاپ كەلگىنىدە، ئۇ ئۆيدە يوق ئىدى. ھەزرىتى خەدىچە ئەبۇبەكرىگە: "ئى ئەتىيق! مۇھەممەدنى ۋەرەقەنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ باققان بولساڭ" دەپ ئۆتۈندى.
ھەزرىتى ئەبۇبەكرىنىڭ بەدەن قۇرۇلۇشىغا كەلسەك، ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دەپ تەرىپلەيدۇ: "ئۆڭى ئاق، ئورۇق ۋە ساقىلى شالاڭ ئىدى. ئالدىغا سەل ئېگىلىپ تۇراتتى، يۈز تومۇرلىرى ئوچۇق كۆرۈنەتتى. پىشانىسى كەڭ، قوللىرى تۈكسىز ئىدى."
"ئىزباسار تۆت خەلىپە" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى历史上的今天:
يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (4) 2009-11-22يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل(3) 2009-11-22يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل(2) 2009-11-22يەرلىك مىللەت مائارىپى ۋە ئانا تىل (1) 2009-11-22تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار 2009-11-22
收藏到:Del.icio.us
评论