-
2009-11-11
ساۋاقداشلار ئالبۇمى - [يازمىلىرىم]
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/50993368.html
ساۋاقداشلار ئالبۇمىتارقايمىز ھەممىمىز يىراق - يىراققا ،
كەتسەكمۇ رىشتىمىز ئۈزۈلمەس پەقەت .
سېىغىنپ سىلەرنى ، پىنھان يۈرەكتىن
يازدىم ئۆز-ئۆزەمگە يازدىم سالامخەت .
* * *قەيەردە يۈرگەنسەن گىتارچى يۈسۈپ ،
چىكىپ سەن يۈرەكنىڭ نازۇك تارىنى .
نەلەرگە كەتكەندۇر خىيالچان ياسىن .
تاپتىمۇ بىلمىدىم سۆيگەن يارىنى .بارمىدۇ ياتاقتا مىھمان دوست سادىق ،
سالغاندۇ كۆڭلىدىن داستخان ياتاققا .
ئىچىشكە ئۈلپەت يوق بۇلۇپ ھەمنەپەس ،
كەتتىمۇ دەلدەڭشىپ ياكى قاۋاققا .نەچچە تۈن ئۇخلىماي "باۋيې "چى مۇسا ،
چۈش كۈرۈپ قالغاندۇ ۋاڭبادا يېتىپ .
ھەسرەتتە قالدىمۇ سۆيگەن يايرىدىن
بىراقلا ئايرىلىپ ،يىراققا كىتىپ .تېلىفۇنى سايرىسا ئۇيۇنچى كىرىم ،
ھىجىيىپ كىتەتتى بەزى ، قاقاھلاپ .
يادىغا يەتكەندە دىلكەش دوستلىرى
يۈرىكى ئېزىلىپ كەتكەندۇ يىغلاپ .
قىزلارغا ئامراقتى قەدىىرلىك دوستۇم ،
ۋە لىكىن كۆڭلى تۈز ،بەكمۇ كۆڭۈلچەك .
دوستۇم ،ئۇ بەك سادىق مۇھەببىتىگە ،
كەڭ قۇچاق ئاچقۇسى ئاڭا كىلەچەك .ئويغىنىپ بىر ۋاقىتتا ،تاماكا چۈشەپ ،
بولدىڭمۇ سەن خۇمار يەنە ھاراققا ؟
زىرىكىپ تۈرمىدەك سوغوق ياتاقتىن ،
پەرھاتجان "قىزلار !..."دەپ ماڭدىڭ قاياققا ؟"تۇردىڭمۇ ؟دەرسكە كىچىكىپ قالما .
تىزراق بول قېپقالدى ئاران ئون مىنۇت "
دەيتىڭ سەن ھەركۈنى "خەيرلىك سەھەر".
تاھىرجان تاپتىڭمۇ چىرايلىق قىزدوست .
قىيىندۇر يىگانە ، يالغۇز ياشىماق ،
كۈنلىرىڭ مەڭگۈگە شاد -خۇرام ئۆتسۇن ،
چىن دىلدىن خۇشاللىق تىلەيمەن ساڭا .
"مۇقەددەس " بويتاقللىق مەن بىلەن كەتسۇن .
مەن سۆيگەن شۇ جانان مۇرادقا يەتسۇن ،
ئازاپنى ئۆزىگە بىرگە ئېپ كەتسۇن .بىلىمەن ئەلەملىك ،ئاچچىق كۈلكىلەر
دەرت ،ھىجران قەلبىگە بولدى بەگ ،غۇلام .
ھەممىگە چىداملق ،كەمتەر ،سەمىمىي
ئۇ، كىمدۇر دىسەڭلار ئىسمىدۇر ئىلام ."ھەي ...ۋاقىت تۇشۇپتۇ ئەمەسمۇ يەنە
چاي ئىچمەي چاققانراق چىقاي سىنىپقا "
دەپ شۇنداق جۆيلۈپلا تۇرۇپ ئورنۇڭدىن ،
يۈگۈرۈپ چىقتىڭمۇ ئۆمەر سىنىپقا .ئېيتىدۇ "بىر گۈزەل " نەدە ،قەيەردە ؟
دەپ مۇڭلۇق ناخشىنى غەمكىن بىر بالا .
گارمۇننى كىم چالار ئەمدى سەھەردە ،
چالمامسەن ئىلىيار ،ئۇيقۇسى چالا .كۈندۈزلۈك تۇرالغۇم بىرىنچى كامىر ،
سېغىنىپ قالغاندۇ قىرغىزچە ناخشا .
پەقەتلا بىر جىرلاپ بەر مەمەت جۈمە ،
بولدى قىل ئىلىيار !! سەن ئازراق قاخشا ."پاس بىرە ... ئالدىغا !...چىقمامسەن يانغا
پۇتبولنى ئوينايمىز مانا مۇشۇنداق ".
كارۋاتتىن سەكرەيتتى بەزىدە جۆيلۈپ ،
پۇتبولنى سۈيەتتى شىر ئەلى شۇنداق .ناخشىنى ئوقۇسا مۇسابىقىدە ،
ياغاتتى ئالقىشلار ھەمدە كۆپ رەھمەت .
ئىسمىڭىز نىمىدۇر ، يۇرتىڭىز قەيەر ؟
چولپىنى گەنجىياڭنىڭ ،ئىسمى غۇجەخمەت .سېغىنىپ دوسلارنى ،ساۋاقداشلارنى،
يازدىم بۇ ئەشئارنى ، قىلدىم مەن ئىجات .
'ئۇنتۇپلا كەتتىڭمۇ مىنى كالامپاي ؟"
دەپ تىللاپ كەتمىگىن "تەدبىركار " نىجات .بولدىلا سكزلىمەي ئۈزۈم ھەققىدە ،
خۇلقىم ھەم مىجەزىم سىلەرگە ئايان .
ئامان بول دوستلىرىم ئامان بول ،مەنمۇ
مەنزىلىم قەيەردۇر ، ماڭىمەن قايان .
2005 .5 .گەنجىياڭ_ جىياڭشى گەنجىياڭ ئىنىستىتوتى.
收藏到:Del.icio.us
评论
خالىسىڭىز مىنىڭ بىلوگىمغىمۇ كەپ قويۇڭ .سىزگە بەلكىم بەك ياراپ كەتمەسلىكى مۇمكىن .يېڭى ئۆگەنچى ئەمەسمۇ !
مەنزىل :http://rita1028.blogbus.com/
مەن سىنى تۇنىيالمىدىمغۇ ؟
ئىلقۇت لوگوسى: http://ilqut.blogbus.com/files/200911091224131.gif
دوستۇم بلوگىڭىز ئىلقۇت بلوگىغا ئۇلىنىش قىلىدىن. داۋاملىق يېڭى يېڭى مەزمۇنلاردا بلوگىڭىزنى بىزەپ تۇرغايسىز، قەلىمىڭىز ھېرىپ قالمىغاي.
ئاخىرىدا سىزگە بىر تىما تەۋسىيە قىلاي بەلكىم سىزنىڭ بلوگ يېزىشىڭىزغا ياردىمى بۇلۇپ قالار!
http://ilqut.blogbus.com/logs/47296626.html
خۇلقىم ھەم مىجەزىم سىلەرگە ئايان .
ئامان بول دوستلىرىم ئامان بول ،مەنمۇ
مەنزىلىم قەيەردۇر ، ماڭىمەن قايان .
مېنىڭچە:
بولدىلا سۆزلىمەي ئۈزۈم ھەققىدە ،
خۇلقىم ھەم مىجەزىم سىلەرگە ئايان .
ئامان بول دوستلىرىم ئۆزۈممۇ شۇنداق،
ئىزدەيمەن مەنزىلىم، بولدۇمغۇ سەرسان.
"مۇقەددەس " بويتاقللىق مەن بىلەن كەتسۇن .
مەن سۆيگەن شۇ جانان مۇرادقا يەتسۇن ،
ئازاپنى ئۆزىگە بىرگە ئېپ كەتسۇن .
مېنىڭچە :
چىن دىلدىن خۇشاللىق تىلەيمەن ساڭا .
"مۇقەددەس " بويتاقللىق مەن بىلەن كەتسۇن .
مەن سۆيگەن شۇ جانان مۇرادقا يەتسۇن ،
ئازاپنى ماڭىلا قۇيۇپ كەتسۇن .
ھې ھې
كەتسەكمۇ رىشتىمىز ئۈزۈلمەس پەقەت .
سېىغىنپ سىلەرنى ، پىنھان يۈرەكتىن
يازدىم ئۆز-ئۆزەمگە يازدىم سالامخەت "
مېنىڭچە بۇنداق بولسا ياخشىراق بۇلارمىكىن دەيمەن:
تارقايمىز ھەممىمىز يىراق يىراققا،
كەتسەكمۇ رىستىمىز ئۈزۈلمەس پەقەت،
سېغىنىپ سىلەرنى، پىنھان يۈرەكتىن،
يازدىم مەن ئۆزۈمگە ئۇشبۇ سالامخەت.
ئاتىكارچىلىق قىلىپ قويدۇم ھە!!!.
دوستۇم پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ، بۇ خېلى بۇرۇن يازغان نەرسىلىرىم ئىدى ،بىراق ئۆزگەرتىشىنى خالىمىدىم