-
2012-08-12
Android سىستېمىلىق تېلېفوننى USB ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ئۇلاش - [تور بىلىملىرى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بىر قىسىم Android سىستېمىلىق يانفۇن ئىشلەتكۈچى قېرىنداشلىرىمىز يانفۇنىنى كومپيۇتېرغا سىم ئارقىلىق ئۇلىيالماي، بىرەر نەرسە قاچىلاش ئۈچۈن ئاتايىتەن ساقلاش كارتىسىنى كارتا ئوقۇغۇچقا سېلىپ ئاندىن كۆچۈرۈپ يانفۇنىغا سېلىپ مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئۇچىرىتىپ تۇرىمىز. Android سىستېمىلىق يانفۇننى يېڭىدىن ئالغانلار ياكى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ باقمىغانلار تۇنجى كومپيۇتېرغا ئۇلىغان ۋاقىتتا كومپيۇتېر بىۋاستە تونىمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز، خەنزۇچە سىستېمىغا مىسال كەلتۈرەي:
1- باسقۇچ: يانفۇنىڭىزنىڭ 设置 تەڭشەك تۈرىگە كىرىپ 应用程序 قوللىنىشچان پروگرامما دېگەننىڭ ئىچىگە كىرىمىز، ئاندىن ئەڭ ئاستىدىكى 开发 ئىجادىيەت دېگەننىڭ ئىچىگە يەنە كىرسىڭىز ئەڭ ئۈستىدىكى USB 测试 دەپ، يەنى USB سازلاش دەپ بىر تاللاش تۈرى بار، مۇشۇنىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرىۋەتسىڭىز ئاندىن كومپيۇتېرغا تونۇتالايسىز. بۇنىڭ ئاستىدىكى USB 调试通知 دەپ، يەنى USB سازلاشنى ئۇقتۇرۇش دېگەنگىمۇ بەلگە ئۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز سىم ئارقىلىق كومپيۇتېرغا ئۇلىغان ۋاقىتتا ئۇقتۇرىدۇ.
2- باسقۇچ: يۇقارقى تەڭشەك تۈرىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن سىم ئارقىلىق يانفۇننى كومپيۇتېرغا چاتقاندىن كېيىن يانفۇن ئېكرانىڭىزنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى سائەت بار قارا بىر قۇر يەر ۋەزىپە سىتونى بولىدۇ، مۇشۇ يەردىن تۇتۇپ ئاستىغا سىيرىپ قارىسىڭىز USB ئۇلاش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ، شۇ يەردىن USB 连接 دېگەننى باسسىڭىز سېرىق تەڭلىك بىر كونۇپكا كۆرۈنىدۇ، ئاشۇ سېرىق رەڭلىك كونۇپكىنى باسسىڭىزلا كومپيۇتېرىڭىزنىڭ 我的电脑 ياكى 计算机 گە كىرسىڭىز ساقلاش كارتىڭىز بىلەن يانفۇن سىغىمىنى كۆرەلەيسىز.
يەنە چۈشىنەلمىسىڭىز سورىسىڭىز بولىدۇ.