-
2012-01-29
IIS6.0 گە PHP توپلاشتۇرۇلغان مۇھىتىنى 1 كونۇپكىدا قاچىلاش دېتالى - [تور بىلىملىرى]
مۇلازىمېتىر بىلەن كۆپرەك ھەپىلەشكەچكە دائىم دىگۈدەك مۇشۇ IIS قا PHP ئىجىرا مۇھىتى قۇرىدىغان ئىش كۆپ ئۇچىرايدىكەن، ئىلگىرى قولدا بىرمۇ-بىر PHP , Mysql, PHPMyAdmin,Zend دىگەنلەرنى قولدا قاچىلاش ئېلىپ باراتتىم. لېكىن بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت ئىسراپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ بەزى چاغلاردا تولا قاچىلىغان مۇھىتىڭىز ئىجىرا بولماي خاتالىق كۆرىۋىلىپ ئادەمنى زرىكتۈرۈپ قوياتتى. شۇ جەرىياندا مۇنداق بىر دېتالغا يولۇقۇپ قالدىم . شۇنىڭدىن بېرى PHP مۇھىتى ھازىرلاشقا كېتىدىغان ۋاقتىم نەچچە ھەسسە قىسقاردى . مەركۇز دېتال ئارقىلىق بىر قېتىمدىلا PHP5 ,MySql,PHPMyAdmin,Zend قاتارلىقلارنى قاچىلاش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنسىز، گەرچە ئىلگىرى PHPNow دىگەندەك دىتاللارنى سىناپ باققان بولساممۇ ھېس قىلىشىمچە IIS دا باشقۇرغاندەك قۇلايلىق بولمايدىكەن ، بەكلىم مۇلازىمېتر ۋە تور بىكەت سىستېمىللىرى بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغانلارغا پايدىسى تىگىپ قالار.
مەركۇز دېتال ئارقىلىق بىر قېتىمدىلا php5.25+mysql 5.045+zend 3.3.a+phpmyadmin 3.3 قاتارلىقلارنى قاچىلاش مەقسىتىگە يىتەلەيدىكەنسىز!
قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن IIs نى ئېچىپ قارىسىڭىز تور بىكەت تېزىملىكىگە PHPMyAdmin قوشۇلغانلىقىنى بايقايسىز! 应用程序池 نى بەلگىلەپ تور بىكەتنى قوزغاتقاندىن كېيىن Index.php نى ئىجرا قىلسىڭىز PHPMyAdmin نورمال ئىجرا بولسىلا مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. مەن تا ھازىرغىچە مۇشۇ دېتالدا قاچىلاپ مەغلۇپ بولۇپ باقمىدىم !
مەركۇز دېتال پەقەت IIS6.0 گىلا ماس كېلىدۇ. باشقا نەشىردىكىللىرىنى سىناپ باقمىدىم . (ھازىرچە تېخى Win2003 نىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتىمىز!
دەسلەپ قاچىلىغاندا MySql نىڭ باشقۇرغۇچى ئىسمى Root پارولى 123456 قىلىپ بىكىتىپ بېرىدۇ!
چۈشۈرۈش ئادىرىسى: بېسىپ چۈشۈرۈڭ
ناۋادا نورمال چۈشمىسە ئەسلى مەنبەسىدىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ!
http://duote.com/soft/32949.htmlمەنبە : نۇرقۇت تورى