ئىزچىلار بلوگى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەممە كىشنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا، بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى يازمىنى ئۆچۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يۇقارقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى بىردەك قارشى تۇرىدۇ ۋە توسىدۇ،

  • 2012-02-08

    WIFI نىڭ مەنىسى نېمە، قانداق ئىشلىتىمىز؟ - [تور بىلىملىرى]

    WIFI نىڭ مەنىسى نېمە، قانداق ئىشلىتىمىز؟

    WLAN دېگىنىمىز Wireless Local Area Network نىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى بولۇپ، سىمسىز ئۇچۇر-ئالاقە تېخنىكىسى ئارقىلىق كومپيۇتېر، PAD، يانفۇن ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى سىمسىز تورلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ئۇچۇر-ئالاقە قىلىش ۋە مەنبەلەردىن ئورتاق ھەمبەھىرلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشكىل قىلغان تور سېستىمىنى كۆرسىتىدۇ.4 X) `6 d, y4 P4 v. b
         WI-FI نى ئىشلىتىش ئۈچۈن، چوقۇم ئۈسكۈنىڭىز WI-FI نى قوللايدىغان بولىشى كېرەك. WI-FI نى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەر سىمسىز يول ئارقىلىق تورغا چىقالايدۇ، يەنە سۈرئىتى 3G دىن تېز بولىدۇ. WI-FI تورىغا چىقىش مەلۇم مەيدانغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. بىر سىمسىز يول تەمىنلەنگەن WI-FI تورى قاپلانغان جاي-رايون بىر مەيدان دېيىلىدۇ. بۇنداق مەيداننىڭ ئۈچ خىل تۈرى بولىدۇ.
    0 s9 K( B; K3 _! f/ S     بىرى، ئاممىۋىي مەيدان(ھەقسىز شەكىلدىكىسى)، بۇنداق مەيدانلار ئادەتتە تېز تاماقخانىلار، سودا-سېتىق بازارلىرى، چوڭ تىپتىكى ئايرودروم قاتارلىق تىجارەت خاراكتىرىدىكى ئورۇن-جايلار. ئۇلار تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە خېرىدارلارنى ھەقسىز WI-FI تورغا چىقىش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، سودا، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بەزى كىشىلەر WIFI مۇلازىمىتىنى ھەقسىزلا دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، WIFI بولسا ۋاقىت بويىچە ھەق ھېسابلايدۇ، سودىگەر تەرەپ قۇرغان سىمسىز تارقىتىش كەڭ بەلۋاغ خىراجىتىدىن تۇتۇلىدۇ. مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە بىر تال يانفۇندا تورغا چىقىش ھەققى بىلەن 50 تال يانفۇندا تورغا چىقىش ھەققى ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا بۇ WIFI تورغا چىقىش ھەققىنى سودىگەر تۆلىۋەتكەن بولىدۇ، خېرىدارلار ئۈچۈن تەمىنلەپ بەرگەن بۇ WIFI تورغا چىقىش مۇلازىمىتى يەنە چىقىمدار قىلمايدۇ.
    % f2 f& x; r! |2 m' G, ?9 p     ئىككىنچى خىل مەيدان، شەخسىي مەيدان، ئۆيىدە كەڭ بەلۋاغ تورى بارلار ئۆزى ئۆيىدە روتېر ئورنىتىپ، ئۆيىدە سىگنال تارقىتىپ، بارلىق WIFI ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆيىنىڭ ھەممە يېرىدە ئىشلىتىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇ كەڭ بەلباغ تورى ھەققى تۆلەيدۇ.4 I9 t" w% m* D2 D9 t" S  ~
         ئۈچىنچى خىلى، جامائەت ئورتاق پايدىلىنىدىغان مەيدان(ھەقلىق شەكىلدىكىسى)، سودىگەرلەرلا بولۇپلا قالماستىن يەنە تور تىجارەتخانىلىرى (كۆچمە خەۋەرلىشىش، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش، پوچتا-تېلىگراف) لارمۇ تور مەيدانى قۇرغان، (مەسىلەن، چوڭراق تىپتىكى تىجارەت زال ئىچىدە دېگەندەك). بىراق، بۇ تىجارەتچى تەرەپ قۇرغان تور مەيدانى بولسا ھەقلىق. جۇڭگودا ئەڭ بالدۇر WIFIمۇلازىمىتى تىجارىتىنى يولغا قويغانلار پوچتا-تېلىگراف، ئۇنىڭ تور ھەققى تيەنيى تور كارتىسىنىڭ تور ھەققى بىلەن ئوخشاش. يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت قىسىمىدىن ئىشىپ كەتسە، ھەر مىنۇتى ئۈچۈ 0.1 يۈەندىن ھەق ھېسابلايدۇ. كۆچمە خەۋەرلىشىشمۇ كېيىن پوچتا-تېلىگراف بىلەن بەسلىشەلەيدىغان WLAN مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، بۇمۇ WIFI تېخنىكىسى ئاساسىدىكى سىمسىز ئۇچۇر-ئالاقە مۇلازىمىتىدۇر.

    مەنبە : بىلىمكانى تورى





ئىزچىلار بلوگى سىزنى تولۇق ۋە تولۇقسىزنىڭ تەبىئىي پەن دەرس تەييارلىقى ، دەرسلىك دېتالى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىريالى بىلەن ھەقسىز تۈردە ئۈزلۈكسىز تەمنلەيدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق