-
2012-08-12
ھەر قانداق تور بەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە نورمال كۆرسىتىش - [تور بىلىملىرى]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ھەر قانداق تور بەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەپ قويغان خەت نۇسخىسىغا تەڭشەپ ئىشلىتەلەيسىز.
Google, Outlook قاتارلىق دۇنياۋى تور بىكەتلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلىتەلەيسىز. ئەمما، ئۇلار بىزلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردەك EOT تونۇتمىغان (خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچە تونۇتمىغان). ئۇلارنىڭ تور بېكىتى كۆپ تىللىق بولغاچقا ئېھتىياجىڭىز بويىچە تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. بۇ دەرسلىكتە مۇشۇنداق تور بىكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىلىرىنىمۇ نورمال تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
1- جەريان: ھۆججەت تەييارلاش
IE6, IE7, IE8 لەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز بۇنىڭدا تور بەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى مۇنداق تەڭشەپ بەرسىڭىز بولىدۇ:مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش- *{Font-Family: UKIJ Tuz Tom;}
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشمۇشۇ كودنى كۆچۈرۈۋالىسىز. ئاندىن بۇنى خاتىرە دەپتەر 记事本 غا چاپلاپ كېڭەيتىلگەن نامىنى css قىلىپ (Shahdiyar.css) دېگەندەك قىلىپ كومپيۇتېرنىڭ مۇقىمراق تۇرىدىغان بىر يېرىگە ساقلايمىز.
2- جەريان: تەييارلىۋالغان قېلىپ ھۆججىتىنى ئىشلىتىش
ئەمدى بىز IE نىڭ خاسلىقى 属性 نى ياكى Internet 选项 نى ئېچىپ 辅助功能 دېگەن كونۇپكىنى باسساق يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
بۇ كۆزنەكتىن 忽略网页上指定的字体样式 دېگەن تۈرگە ۋە ئاستىدىكى 使用样式表编排文档格式 نىڭ ئالدىغا بەلگە ئۇرۇپ 浏览 دېگەن كونۇپكىدىن بىز ساقلىۋالغان css شەكىلدىكى ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىپ مۇقىملاشتۇرۇۋەتسەكلا بولىدۇ.
ئاۋۇ كودتىكى UKIJ Tuz Tom نىڭ ئورنىغا كومپيۇتېرىمىزدا بار بولغان ھەر قانداق خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا تور بەت كۆرگەندە خەت نۇسخىسىنى تونۇمايدىغان تور بىكەتلەرنىمۇ نورمال كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەگەر IE9 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز IE نىڭ Internet 选项 دېگەن ئورنىنى تېپىپ شۇ يەردىن 字体 دېگەننى خالىغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىغا تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
تاپشۇرۇق:
www.google.com/ug ۋە www.Outlook.com قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق تور بىكەتلەرنى يۇقارقى دەرس بويىچە كومپيۇتېر ئېكرانىڭىزدا نورمال ئۇيغۇرچە كۆرسىتىپ سىناپ بېقىڭ.
چۈشەنچە:
Google.com بولسا دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك تور بىكەت ھەم بىرىنچى دەرىجىلىك ئىزدەش ماتورى.
Outlook.com بولسا مىكروسوفت يېقىندا رەسمىي يولغا قويغان، دۇنيادىكى 114 خىل تىلنى بىراقلا قوللايدىغان ئىقتىدارلىق ئېلخەت سىستېمىسى. بۇنىڭدا بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمۇ بار. ئۇيغۇر تىلىغا تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز ئېلخەتنى %100 ئۇيغۇرچە ئىشلىتەلەيسىز.
Outlook.com ئېلخەت ساندۇقى ھەققىدە بۇ تېمىنى كۆرۈڭ:
http://bbs.xjcfan.com/thread-2978-1-1.html
تـــــامـــــام