-
2012-08-12
AppServ ئارقىلىق PHP مۇھىتى قۇرۇش - [تور بىلىملىرى]
php نى يېڭىدىن ئۆگەنگەن ھەۋەسكارلار ئۈچۈن، php مۇھىتى ھازىرلاش بىرقەدەر قېيىن بولغان ئۆتكەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈن مەن مۇشۇ ھەۋەسكارلارغا php مۇھىتىنى AppServ ئارقىلىق تىز سۈرئەتتە، قولايلىق ھالدا قۇرۇپ چىقىشنى ئۆگىتىش مەقسىتىدە مەزكۇز يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن (AppServ ئارقىلىق php ئىجرا مۇھىتىنى ھازىرلىغىلى بولۇپمۇ قالماي يەنە Apache مۇلازىمېتىرى،MySQL ساندان،phpMyAdmin قاتارلىقلارنىمۇ قۇرغىلى بولىدۇ)
ئاۋۋال، بۇ يەرنى چېكىپ AppServ يۇمتالىنى چۈشۈرىمىز. ئوخشىمايدىغان نەشىردىكى بۇ يۇمتالنىڭ پەرقى پەقەت شۇ Apache مۇلازىمىتىرى،MySQl ساندانى نەشىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئېبارەت. بۇ يەردە بىز 2.5.10 نەشىرىدىكى AppServ يۇمتالىنى چۈشەندۈرىمىز.
قاچىلاش پروگراممىسىنى قوزغاتتۇق.
قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن يۇمتالنى ئادەتتە بىز يۇمشاق دېتال قاچىلايدىغان رايونغا قاچىلايلى.
بۇ يەردىن بىزگە لازىملىق بولغان قىسمىنى تاللايمىز.
Apache مۇلازىمىتىرىنىڭ تەڭشىكى (ئەگەر كومپيۇتېرىڭىزدا ئاللىقاچان IIS قاچىلانغان بولسا ئاۋۇ 80 نى 8080 گە ئۆزگەرتىڭ):
MySQL ساندان تەڭشىكى(root ئابونىتى پارولىنى كىرگۈزىمىز):
قاچىلاش تامام بولغاندىن كىيىن Apache مۇلازىمىتېرى بىلەن MySQL ساندانىنى قوزغىتىمىز.
زىيارەتچى ئادرىس ئىستونىغا http://localhost (ناۋادا ئەينى چاغ 8080 دەپ تولدۇرغان بولساق http://localhost:8080 )دەپ كىرگۈزگەندىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدەك كۆرۈنۈش چىقسا Apache مۇلازىمىتىرىنىڭ قوزغالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا AppServ قاچىلانغان رايوندا رەسىمدىكىدەك مۇندەرىجە پەيدا بولىدۇ:
شۇنداق قىلىپ php مۇھىتى ھازىرلاش تامام بولدى.
ئەسكەرتىش: مۇندەرىجىدىكى www ھۆججەت قىسقۇچى سىز ئىجرا قىلىدىغان پروگراممىلارنى ساقلايدىغان جاي.مەنبە: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى
مەنزىل: http://uyghurbeg.net
تەھرىردىن: بېكىتىمىز يېقىندا DedeCMS V5.5 ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تارقاتقان. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بۇ سىستېمىنى كومپيۇتېرىدا سىناش ئۈچۈن، PHP , MYSQL مۇھىتى قۇرۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇربەگ تەييارلىغان بۇ تېما تولۇقلاندى ۋە DedeCMS سەھىپىسىگە يۆتكىلىپ، ھوزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى.