ئىزچىلار بلوگى سىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ: مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى قوغداش ھەممە كىشنىڭ مەسئۇلىيىتى. دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا، بىخەتەرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا، جەمئىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا زىيان يەتكۇزىدىغان ھەرقانداق مەزمۇندىكى يازمىنى ئۆچۇرۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يۇقارقىدەك قانۇنسىز قىلمىشلارنى بىردەك قارشى تۇرىدۇ ۋە توسىدۇ،

  • 2012-01-28

    بۇزۇلغان بارماق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسى - [كومپيۇتېر تېخنىكىسى]

    بۇزۇلغان بارماق دېسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەرسى

    نۇرغۇن دوستلار بارماق دىسكا سېتىۋېلىش جەريانىدا ئالدىنىپ قالىدۇ . سىغىمىغا قارىسىڭىز 8G ، ئەمەلىيەتتە 2G سىغىمدىكى ھۆججەتنى كۆچۈرسىڭىز سىغىمى يېتىشمەيدۇ . بەزىدە بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى 0 بولۇپ قالىدۇ ياكى 8MB بولۇپ كۆرۈنىدۇ . يەنە بەزىدە ئىچىدىكى ھۆججەتنى ئۆچۈرگىلى ياكى فورماتلىغىلى بولماسلىق ئەھۋالىغا يولۇقىمىز .
    تۆۋەندە بارماق دىسكىنىڭ راست ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈش ، سىغىمىنى ساختىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەن بۇزۇلغان بارماق دىسكىنى ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. دوستلارنىڭ بۇزۇلغان بارماق دېسكىلىرىنى ئوڭشاش جەريانىدا ھەممىسى ئۇتۇقلۇق بولۇشى ناتايىن ، ئەمما سىناپ بېقىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
    1.
    MyDiskTest يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق بارماق دىسكىنىڭ سىغىمىنىڭ ھەقىقى ياكى ساختىلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ . ھەقىقى بولسا سىغىمى كېڭەيتىلمىگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ . ساختا بولسا سىغىمى كېڭەيتىلگەن ھالەتتە كۆرۈنىدۇ- دە ، سىغىمى چوڭايتىلغان ساختىلىقى نامايەن بولىدۇ .


    2. ئاۋال (
    ChipGenius(UMP3主控芯片识别工具 يۇمشاق دېتالىنى تەييارلىۋالىمىز . (مەن ئادەتتە Chip Genius v3.01 نى ئىشلىتىمەن) بۇ دېتال ئارقىلىق ئۆزەك پىلاستىنكىنىڭ تىپىنى ئېنىقلايمىز . بۇيەردە شۇنى تەكىتلەپ قوياي : بارماق دېسكىنىڭ ماركىسى ، ئىشلىگەن زاۋۇت قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بارماق دېسكىڭىزنىڭ ھەقىقى ياكى ساختا ماللىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ .

     


    3.ئىزدەش تور بېكەتلىرىدن ئۆزەك پىلاستىنكا تىپىغا دائىر قورالنى ئىزدەپ چۈشۈرىۋالىمىز . مۇشۇ دېتالنى چۈشۈرۈش بىر قەدەر قىيىن ھەم نەشرىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئادەمنى سەل ئاۋارە قىلىدۇ . ئەگەر زۆرۈر بولغاندا دەرسلىكىنىمۇ بىللە چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ .

     


    4. ئەمدى گەپ چۈشۈرگەن
    量产工具 نى پىرىستىن يېشىپ ئىجرا قىلىمىز .

     

     

    قىزىل رەڭدە بويالغان كۆزنەكتىن Flash تۈرىنى ئېنىقلىۋالىمىز .

    5. بەلگىلەش تۈرىنى ئىجرا قىلىمىز . ئەلۋەتتە مەخپىي نومۇرى بىلەن كارىمىز بولماستىن جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسساق بولىدۇ .

     

     

    6. بۇزۇلغان رايۇننى بەلگىلەش تۈرىنى مۇنداق تەڭشەيمىز .

     

     

     

    7. ساقلىغۇچنى بەلگىلەش تۈرىدىن بايا ئېنىقلىغان Flash تۈرىنى تاللايمىز .

     

     8. باشلاش تۈرىنى ئىجرا قىلىمىز .

     9. سىغىمىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرىمىز .

     

     

     

    مەنبە : روھلان تورى

     

     





ئىزچىلار بلوگى سىزنى تولۇق ۋە تولۇقسىزنىڭ تەبىئىي پەن دەرس تەييارلىقى ، دەرسلىك دېتالى ۋە باشقا دەرسلىك ماتىريالى بىلەن ھەقسىز تۈردە ئۈزلۈكسىز تەمنلەيدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق