
نۇرغۇنلىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشلەر يوشۇرۇن مەزگىلىدە ھېچقانداق ئۆزى سەزگۈدەك كېسەللىك ئەھۋالى بولمايدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن دەسلەپكى مەزگىلدە، قىززىش، بېشى قېيىش، ھالسىزلىنىش، گېلى ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش، ئەسۋە چىقىپ قېلىش، پۈتۈن بەدىنىدە قاپارتمىلىق ئىششىق پەيدا بولۇش قاتارلىق زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ، يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ.
بۇ خىل كېسەللىك ئەھۋالى ئادەتتە 1-2 ھەپتىگىچىلا داۋاملىشىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىنلا بىمار كېسەللىك ئالامىتى يوق بولغان يوشۇرۇن مەزگىلگە كېرىپ كېتىدۇ. يوۇشۇرۇن مەزگىلدىكى بىمارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ، قان زەردابىدا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغاندا مۇسبەت بولۇپ چىقىدۇ، بۇنداق كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارى دەپ ئاتىلىدۇ، ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى بار بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان يۇقۇملاندۇرۇش مەنبەسى. شۇنچىلىك ئۇزاق مۇددەتلىك بولغان يوشۇرۇن مەزگىلدە، يۇقۇملانغۇچى گەرچە ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى سېزەلمىسىمۇ، تاشقى جەھەتتىن ئىنتايىن نورمال كۆرۈلسىمۇ، لېكىن پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئىمىنوت سېستىمىسى يەنىلا داۋاملىق ئەيدىز ۋىرۇسنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئەيدىز ۋىرۇسى قانداق كۆپىيىدۇ؟
- كېيىنكىسى : بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ئىشلىتىش ساۋاتلىرى
«مىكرو دورا قۇتىسى»-ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ دورا ئىچىشتىكى نىجاتكارى نۇر تورى تەرجىمىسى. يۇتقىلى بولىدىغان، ئاشقازاندا تۇرۇپ ئۇدا نەچچە كۈن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى بىرىكمە دورا قويۇپ بېرەلەيدىغان بىر خىل مىكرو دورا قۇتىسى كەشىپ قىلىند
ئەيدىز كېسىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ جېڭى باشلاندى (红丝带网) قىزىل لېنتا ئۈندىدار سالونى خەۋىرى: نۇر تورى تەرجىمىسى: نېمە ئۈچۈن مەن ئىشلەتكەن HIV ۋىرۇسىنى تېز تەكشۈرۈش سىناق قەغىزىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق؟ تۆت يىل بۇرۇ
ھەمجىنىسلار ۋە ئەيدىز تەييارلىغۇچى: مەقسەت ئەيدىز قانداق قىلمىشلار ئارقىلىق يۇقۇپ تارقىلىۋاتىدۇ دېگەننى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئالدى بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ دەسلەپتە ئەيدىزدىن يۇق
زەھەر ياشلىق ئەيدىز سۇلتان مەقسەت ئېغىزى خۇددى چۆللۈكتە ئۇسسۇز قالغان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى تۇيۇقسىز سۇغا ئېرىشىپ يايراپ كەتكەندەك ئاجايىپ شىرنىلىك سېزىمغا ئىگە بولۇپ، قەلبى مەست بولۇپ كەت
يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2017-يىللىق قىزىل لېنتا ياشلىق باھارى مەكتەپ پائ تېڭشۈن تورى 4-دېكابىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 12-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 6:25دە گۈزەل ياشلىق باھارىغا ئۆزۈم ئىگىدارچ
