ياۋ ما جىدەلنى تىخى تۈگىمەپتۇ...ھەممە ئادەم قايناپ كىتىپتۇ مەن بۇ تور بىكىتىنىڭ پىشقەدەم ئوقۇرمىنى بولغاندىكىن ئۇنى بۇنى دەپ باقايما باللا...
2001-يىلى يالقۇن روزىنىڭ تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما دىگەن كىتاۋىدىن بۇ ئۈلىۋىلىش سەنىتى توغۇرلۇق ماقالىنى ئوقۇپ ئاندىن بۇنداق كىتاپ بارلىقىنى بىلىپ سىتىۋىلىپ ئوقۇپ باققان .راس گەپنى قىلغاندا تۇزۇك ئوقىمايلا زىرىكىپ ئوبزۇردا دىيىلگەن 1420 دىگەن سانغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىنى ئوقۇپلا قويغان.مەن مۇشۇ تور بىكەتتە ئەدەبىيات دىگەن نىمىنى چۇشەنمەيدىغان خەققە ئەگىشىپ پىكىر قىلىغان قار قوساق كىشىلەر توپى ئىچىدىكى بىر تور قۇرتى،لىكىن مىنىڭ ئۇلاردىن پەرىقىم مەن دىن دىگەن نىمىگە ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيمەن ،شۇڭا دىنغا ھاقارەت قىلىدىغان نەرسىلەر ماڭا ئانچە تەسىر كۇرسىتەلمەيدۇ،بەلكىم يالقۇن روزى ئەپەندى دىگەندەك بۇ سان ئويىنى راس بولغان بولسا بۇ ئۇلىۋىلىش سەنئىتى مەن ئۇچۇن سەل قىممىتى بولغان بولاتتى ،بىكاردىن بىرسىنىڭ راس يالغىنى ئىنىق بولمىغان گەپلىرى ئۇچۇن بىر توپ تەلۋىلەر بىرسىنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ سالسا ،مۇشۇ مۇنبەردىمۇ دىنغا ئالاقىدا مەزمۇنلاردا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئاق ئىت قارا ئىت بولۇپ تالىشىپ تاس قىلىشسا ئۆلۇم جىدىلى چىقارغىلى ،مەنسىنى چۇشەنگىلى بولمايدىغان بىر نىمىنى مۇڭلۇق ئوقۇپ بەرسە ھەممسى قويدەك ئەگەشسە،بىرسى دەبدەبىلىك سۈزلەر بىلەن دىننىڭ قوغدۇغۇچىسى سىياقىدا گەپ قىلسا قار قويۇق ئەگەشسە.. ،بۇ دىننىڭ پاجىئەسى بولماي نىمە؟
مەن يالقۇن ئەپەندىمنىڭ ئوبزۇرىنى ئوقۇشتىن بۇرۇن پەرھات تۇرسۇن دىگەن بۇ يازغۇچىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،لىكىن مۇنبەردىكى ئۇ يازغان ئۇزىنى ئاقلاش ماقالسى ۋە تالاش تاتىشلار نى ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ئادەم خىلى سەمىمى بىلىملىك ئادەم ئىكەن دىگەن تونۇشقا كەلدىم ،گەرچە يازغان ئۆزىنى ئاقلاش ماقالىستىكى بەزى يپچى خوتۇنلارنىڭ غەيۋىتىگە ئوخشاپ كىتىدىغان گەپلىرنى ياقتۇرمىساممۇ...يىقىندا بۇ ئادەم توغۇرلۇق يىزىلغان IP ئادرىس توغۇرسىدىكى گەپلەر ئۇسەك سۇزدىن باشقا نەرسە ئەمەس...بۇنى يازغان موللام دايىرلىك توردىكى نۇرغۇن ماشىنلار 1 مۇقۇم IP ئادرىس بىلەن تورغا چىقىدىغانلىقىنى بىلمىسە كىرەك ..
ئەمدى يالقۇن روزى ئەپەندىگە كەلسەك مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغدا ئابدۇشۇكىر مۇھەممەت ئىمىننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان ماقالىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ئادەمنى بىلگەن ،كۇڭلۇمدە خىلى ھۇرمەت قىلىدىغان يازغۇچى ،داشۇدە ئوقىۋاتقان چىغىمدا بۇ ئادەمنىڭ گىپى چىقىپ قىلىپ قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىغان ئاسىپجان دىگەن بالىنىڭ يالقۇن دىگەن بۇ نىمە تاغامنىڭ كىتاۋىنى ئوغۇرلاپ نەشىر قىلىپ ئىناۋىتى تۈكۈلۇپ ئۇيدىن تالاغا چىقالماي ئولتۇرىدۇ دىگەن گىپىنى ئۈز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ،لىكىن شۇ چاغدا تاغاڭ يازغان بولسىمۇ بۇنچىىلىك ئىسىل كىتاپ بولۇپ چىقىشى ناتايىنتى دەپ ئويلىغان ئىدىم .ھازىرمۇ ھەم شۇ قاراشتا . يالقۇن روزى ئەپەندىم بۇ كىتاپ ئۈچۈن ئوغۇرلىدى دىسىمۇ خىلى كۈپ ئەجىر سىڭدۇرۇپ ئىسىل ئەسەر قىلىپ چىققان .مۇشۇ ئەجرى ئۇچۇنمۇ ھۇرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ ،مەندەك نام نىشانسىز ياشىغان بولسا بۇنداق تىل ئاھانەتكە قالمسا ئىدى .
گەپنى يىغقاندا ھەر بىر ئادەم جەمىيەتتە ئۇزىگە لايىق ياشايدۇ ھەم رول ئوينايدۇ ،بەلكىم يالقۇن روزى مەمتىمىن ھوشۇردەك ھىكايىلەرنى يىزىش قولىدىن كەلمىگەن بىلەن بىلىمى ھەم ئۆتكۇر كۇزى بىلەن جەمىيەتنى كۇزىتىپ بىزگە يىڭى ئويلىنىشلارنى ئاتا قىلالايدۇ،پەرھات تۇرسۇنمۇ كەڭ نەزەر دايىرسى مول بىلىمى ۋە تالانتىغا تايىنىپ مەن چۇشەنمەيدىغان بەدىلىكى يۇقىرى ئەسەرلىرى بىلەن جەمىيەتنى ئوپراسسىيە قىلىپ ،ئۇنى ھەزىم قىلالايدىغان ئوقۇرمەنلەرگە سۇنالايدۇ، ئۇلار بىر-بىرسىنى مەيلى ئاقچى كۇكچى دەپ تىللىشىپ كەتسۇن ياكى بىر بىرسىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئىبلىس .چىشى ياكسا ئالۋاستى كۇرسەتسۇن ئۈزلىرنىڭ ئىشى ،مەن بولسام ھە لام دەپ قوياپ يولۇمغا ماڭىرۋىرمەن .ئەمما سىز نىڭ قەلبىڭىزگە شۇ ئالۋاستى كىرىۋالغان بولسا ھەرگىز ئارلاشماي تۇرالمايسىز ،باشقىچە ئىدىيەنى ھەرگىز كۇڭلىڭىزگە سىغدۇرالمايسىز،شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق تۈگىمەس دە تالاش بولىدۇ ،ئەگەر قولىدا ھاكىميەت بولسا قارشى پىكىردىكىلەرنى ياكى ياكى شۇنداق دەپ قارىغان كىشىلەرنى قار قويۇق چالما كىسەك قىلىپ ئۇلتۇرىدۇ .بۇئىختىلاپنىڭ مەنبەسى بىرلام يەنە شۇ دىن ...
ئىسلام دىن زادى ئادەمنىڭ ئەركىن ئويلىنىپ بىقىشنى يەكلەمدۇ ؟
... بىچارە پەرھات تۇرسۇن مەندەك داڭلىق بولمىغان بولسىڭىز مەندەك قالايمىقان گەپ قىلىپمۇ خاتىرجەم ياشايتىڭىز
[ بۇ يازما newguest تەرپىدىن 2008-03-27 21:26 دە قاي ]