يالقۇن ئۇ ئىككىسىنى ئاپتور دەپ ئېتراپ قىلدى . مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك . سىز ۋە بىزنىڭ ئۇنى يالقۇن ئوغۇرلىغان ، شۇڭا ئۇ ئاپتور بولماي نامى يوق ئاۋۇ ئىككىسى ئاپتور بولىدۇ دېيىشكە ھېچقانداق ھەققىمىز يوق .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
يۈزىڭىزدە دۇمباق كەرسە بولغۇدەك.
بىر ئوغرى كېلىپ بىرسىنىڭ موتوسىكىلىتىنى ئوغرىلاپ ئاندىن ئىگىسىنىڭ تونۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن سىرىتقى قېپىنى ئۆزگەرتىپ ، سۈرتۈپ پاقىرىتىپ قويسا موتو ئوغرىنىڭ بولۇپ كېتەمدۇ؟
ئابلىكم زوردۇن رەھمەتلىك مەمتىلى ئەپەندىگە مۇناسىۋەتلىك بىرىنچى قول ماتىرىياللارنى يىغىمەن دەپ پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ كەلگەندە يالقۇن رۇزى ئابلىكم زوردۇننىڭ ئالدىغا بىر قاچا دوغ ئىتىپ چىقىپتىكەنمۇ؟ ئابلىكىم زوردۇننىڭ سىرىتلاردا يۈرگەن يول كىراسىغا ، چەككەن جاپالىرىنىڭ ھەققىگە يالقۇن ئوغرى سىڭلىسىنى تۇتۇپ بەرمىگەن بولغىيتى؟بىر ئادەمنىڭ تارىخىنى يازىمەن دەپ نەچچە يىل تېرىكچىلىكىنى،خۇتۇن بالىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ تالادا يۈرمەك ئاسانمۇ؟
چىرايلىق ،ئەدەپ بېلەن يېزىلغان خەتلەرنى كۆرمەي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدىكەنسىز.چاپاق بېسىپ كەتكەن كۆزلىرىڭىزنى ئۇۋىلىۋىتىپ تۆۋەندىكى قۇرلارغا ئوبدان قاراڭ
يالقۇن روزى پەرھات تۇرسۇنغا نېمىشقا ئۆچ؟
يالقۇن روزى مائارىپ گېزىتىدە ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئابلىكىم زوردۇن مەمتىلى ئەپەندى ھەققىدىكى ئون يىللىق ئىزدىنىش ئەمگەك مېھنىتىنى خەلىق نەشرىياتىدىكى كۈرەشچان ئۆمەرگە تاپشۇرىدۇ. كۈرەشچان ئۆمەر ئۇ چاغدا يالقۇن بىلەن بەك يېقىىن ئىدى. بۇ يىقىنچىلىقتىن پايدىلىنىپ يالقۇن مەمتىلى ئەپەندى كىتابىنىڭ ئارگىنىلانى كۆرۈپ باقاي دەپ ئېلىۋالىدۇ ھەم پۇيىن قىلۋالىدۇ. بۇنى كۈرەشجان ئۇقماي قالىدۇ.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
يالقۇننىڭ <<ئەسىرى >> نېمىشقا بۇنداق ئۇسۇلدا يېزىلىدۇ؟ ھە دىسە ئىسلام، مىللەت، مەدىنىيەت، خەلق دەپ شوئار توۋلاپ كىشىلەرنى ھەقىقەتكە باشلاۋاتقان ،ئۇيغۇرلارنى نىجاتلىق يولىغا باشلاۋاتقان يالقۇن مەھدى مۇشۇنداق پەسكەش ئىشنى قىلسا نۇمۇس قىلماي يەنە چاپانچىلىق قىلىۋاتامسىز؟ يالقۇن تۈزىتىپ بەرگەن بولسا نېمىشقا ھېلىقى ئېشەكنىڭ قوڭىغا ئېسىپ قويغان كولدۇرمىسىدا مەن تۈزىتىپ نەشىرىياتقا يوللىدىم دىمەي مەن يازدىم دەيدۇ؟ سىزنىڭ ھەقىقەتنى كۆرەلەيدىغان قىسماق كۆزلىرىڭىز ئاشۇنداق يەرلەرنى نېمىشقا كۆرمەس بولۇپ قالىدىغاندۇ؟
بۇ يەردىكى مەسىلا مەمتىلى ئەپەندى ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەققىدىكى مەسىلە بولماستىن ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىدىلوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە .
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
خوش، ئوخشىمىغان ئىدولوگىيىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.ئۇ ئىككىسىنىڭ ئودولووووووووووووووووووووووگىيىسىدىكى مەسىلىنى ئايرىپ باقايلى.
يالقۇن روزى پەرھات تۇرسۇننى 1420 نى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ خىرىستىيانغا چىقارغان. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلدى دەپ پەتىۋا بەرگەن.
سىز پەرھات تۇرسۇننىڭ چىركاۋغا كىرىپ ئىبادەت قىلىۋاتقىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟ بوينىغا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنى مىخلاپ ئۆلتۈرگەن كىرسىتنى ئېسىۋالغىنىنى كۆردىڭىزمۇ؟ باشقىلارغا خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ ،ئىسلام يولىدىن قايتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟
پەرھات تۇرسۇن بەش يىل بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ رومانىدىكى ئازغۇنلۇققا ماڭغان تاھىرنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكى، ئۆزنىڭ ئاللانىڭ پەرھىزلىرىنى ئامالىنىڭ بېرىچە ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ بولدى. مەن مۇسۇلمان دەپ مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمنى كاپىر دىيىشكە ھېلىغۇ يالقۇن رۇزى ئىكەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ ھەققى يوق.
كاپىر قانداق بولىدۇ؟
بىر ئادەمنىڭ ئىش ھەركىتىدىن ئىسلام دىنىغا قارشى بىرەر ئەھۋالنى ئۆز كۆزىڭىز بېلەن كۆرۈپ قالسىڭىز ئالدىغا بېرىپ چىرايلىقچە ئۇنىڭغا ئازغان يولىنى كۆرسىتىپ بېرىسىز، ئەگەر ئۇ ئازغۇن سىزنىڭ گىپىڭىزنى رەت قىلىپ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلسا ئاندىن شۇ كىشىنىڭ ئىمانىغا باھا بەرسىڭىز بولىدۇ. يالقۇن رۇزى شۇنداق قىلىپ باققانمۇ؟ سىز شۇنداق قىلىپ باققانمۇ؟ تورغا چىقىۋېلىپ پارھات تۇرسۇننى كاپىر دەپ تىللاۋاتقان قايسى تورداش شۇنداق قىلىپ باقتى؟ قىلىپ باقمىغان بولساڭلار نېمىشقا ئاللاھقا شىرىك بولىۋېلىپ بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىغا شەك كەلتۈرىسىلەر؟
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
1420 قانداق گەپ ؟
ئەمدىلا خەتنىسىنى قىلغان بىر كىچىك بالا مەكتەپكە كىرىپ 1- يىللىقنى تۈگەتكەندە تۆت خانىلىق ساننى ئېلىپ قوشالايدىغان بولىدۇ. ئەڭ دۆت بالىمۇ 3- يىللىقىقا چىققاندا گەپ يوق بىلەلەيدۇ. يالقۇن رۇزىنىڭ پەرھاتنى كاپىرغا چىقارغان 1420 سىنى كۆلتىكىن ئەپەندى مۇنداق شەرھىيلىدى.
مۇھەمەد پەيغەمبىرىم ياشاپ ئوتكەن ۋاقىت(570--632).
پارھات تۇرسۇننىڭ رومانى«ئۈلىۋېلىش سەنئىتى» دە تىلغا ئېلىنغان 1420 دىگەن ساننى ئازراق تەھلىل قىلىپ باقايلى.
پەرھات تۇرسۇننى روماندىكى تاھىر دىسەك:تاھىر 1969-يىلى تۇغۇلغان بولسا.1420-1969=549
دېمەك تاھىر 549يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ.
ناۋادا پەرھات تۇرسۇن «ئۈلىۋېلىش سەنئىتى»نى1996يىلى يازدى،شۇنىڭدىن باشلاپ ھېساپلايمىز دەپ تۇرۋالسا:1420-1996=576
دېمەك تاھىر 576يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ.
ناۋادا پەرھات تۇرسۇن «ئۈلىۋېلىش سەنئىتى»نى1999-يىلى نەشىردىن چىقتى دىسەك،1420-1999=579
دېمەك تاھىر 579يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز 570-يىلى تۇغۇلغان.قانداقلا ھېساپلىساڭلار ئۇتۇر كەلمەيدۇ.
پەيغەمبىرىمىزگە اللادىن ۋەھى كەلگەن ۋاقتى،610يىلار ئەتىراپىغا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭ ئالدىدا،يەرشارىدا تېخى ئىسلام دېنى ئافرىدە بولمىغان ۋاقىتلار ئىدى.1989-يىلى دەپ ۋاقىتنى بېكىتكەن بولسا،1420 بىلەن ھېساپلىساق569 دىگەن سان كەپ چىقىدۇ.يەنىلا ۋاقىت ئۇتۇر كەلمەيدۇ.
تاھىرنى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۈزى شۇ دىگەن يەكۈننى ياقلىساق،تاھىر 576-يىلى تۇغۇلغان بولىدۇ.تاھىر دىگەن بۇ پېرسۇناز چۈشكۈنلەشكەن،ئۈلىۋېلىش نىيىتىدە ياشىغان ئادەم.ئىسلام دېنىغا ئېتقاد قىلغۇچىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ ئۈلىۋېلىش نىيىتىدە يۈرگىنى مەن كۈرۈپ باقمىدىم.ناھايىتى روھلۇق،ئۈلۈمدىن قۇرۇقماس روھىيىتى بارلىقىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتارپ قىلىدۇ.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان بولغىنىمىز بىلەن توقسەن توققۇز پىرسەنتىمىز پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى، ئەلىف سۈرىسىنىڭ چۈشكەن ۋاقتىنى ،دۇنيادا بىرىنچى قېتىم ئەرزان توۋلانغان ۋاقىتنى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت قىلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتىنى بىلمەيمىز. بۇنىڭدىن بەكرەك خۇتۇنلىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، توي قىلغان چىسىلا، قىز دوستىمىز سۆيۈپ قويغان ۋاقىت دىگەندەك ۋاقىتلار ئىسىمىزدە چىڭ تۇرىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقىنىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇشۇنداق ئىماننىڭ سۇسلىشىشى نەتىجىسىدە كىشىگە تۆھمەت چاپلاشتىن ھېيقمايدىغان، كىشىنىڭ ھەققىدىن قورقمايدىغان بولۇپ كېتىمىز.
بەزى كۈنلەردە تۇرۇپ- تۇرۇپلا قىيامەت كۈنىنىڭ بالدۇرراق كېلىشىنى ئاللاھتىن تىلەپ قالىمەن.
پەرھات تۇرسۇن ئۆزى يازغان رومانىدىكى تاھىر شۇمۇ؟
مەن پەرھات تۇرسۇننى ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان،بەلكىم بۇرۇن كۆرگەن بولساممۇ تونىمىغاچقا قارىماي ئۆتۈپ كەتكەندىمەن.ئۆزىنى كۆرمىگەن بولساممۇ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن.ئۆلىۋېلىش سەنئىتىدىكى <<سورۇندىكى ئەرلەر مۇزىكا باشلىنىشى بىلەنلا قوتاندىن قويۇۋەتكەن بۇقىدەك ئاياللار تەرەپكە يۈگۈرىشەتتى >> <<كىشىلەر تانسا ئوينىدۇق دەپ ئەخمەقلەرچە ھەرىكەتلەرنى قىلىپ يۈرىشەتتى >>دىگەن مۇشۇ ئىككى جۈملە مېنى ئىزاغا قويۇپ تانسا ئويناشتىن ئۆزەمنى تارتقان.
باشقىلادىن ئاڭلىسام پەرھات تۇرسۇن دائىم رەتلىك كىيىنىپ ،پاكىز يۈرىدىغان، كىشىنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئىگىز پەس ئىشلاردىن يىراق.كىشىللەرگە قولىدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان،ئەمما يامانلىق قىلمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ھاراق ئىچىدىغان، ۋە ئاچچىقى تۇتۇپ قالغاندا ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان ئوسال مىجەزىمۇ بار ئىكەن. لېكىن سەمىمى، تۈز ئادەم ئىكەن. بەلكىم پەرھات تۇرسۇننىڭ ئاشۇ ھارام نەرسىنى ئىچىپ مەست بولغان قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئىگەم مۇشۇ كۈنلەرنى سالغاندۇ. پەرھات تۇرسۇن بۇرۇن ئىچكەن ھاراقلىرى ۋە قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن تۆۋە قىلىشى كېرەك. لېكىن تۆۋىنى ئاللاھقا قىلىدۇ. سىزگە ياكى بىزگە قىلمايدۇ. سىز پەرھات تۇرسۇننىڭ كاللىسىدىن ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك مەينەت يۈرگىنىنى، يالىڭاچ قىزلارنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئولتۇرغانلىقىنى، خەخ بىلەن زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ، كوچىدىكى قىزلارنى زورلۇق بىلەن بېسىۋېلىپ ئىشتىنىنى سالدۇرىۋاتقانلىقىنى ،،،،،،كۆردىڭىزمۇ؟كۆرمىگەن بولسىڭىز نېمىشقا كىتاپتىكى بىر پىرسۇناجنى ئاپتۇرغا ئوخشىتىسىز؟
يەنە ئىدولوگىيە بارمۇ؟
بار. پەرھات تۇرسۇن يالقۇننى ئوغرى دەپ تىللايدۇ
ئۇنداق قىلسا بولمامدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
يەنە بارمۇ؟
[ بۇ يازما keqkvz تەرپىدىن 2008-03-20 18:31 دە قايتا ]